«جۇڭگو -ھوللېۋۇد فىلىم ھەمكارلىقى »مەدەنىيەت كەسپىي بازىسى جۇڭگودا قۇرىلىدىكەن |
شىنخۇا تورى بېيجىڭ 5-ئاينىڭ 3-كۈنى خەۋىرى ، يەتتە يۇلتۇز تاماشا گوروھى نەچچە كۈن ئاۋۋال دۇنيادىكى تۇنجى «جۇڭگو -ھوللېۋۇد فىلىم ھەمكارلىقى »يەر شارى كىنو -فىلىم مۇلازىمەت بازىسىنىڭ جۇڭگودا قۇرىلىپ ، جۇڭگو ۋە ئامېرىكا كىنو ھەمكارلىقى ئۈچۈن ئەتراپلىق يۇقىرى مۇلازىمەت سۇپىسى ھازىرلايدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى . يەتتە يۇلتۇز تاماشا گوروھى تيەنجىن بىڭخەي يېڭى رايون ھۆكىمىتى بىلەن ھەمكارلىشىپ بىڭخەي رايونىدا «جۇڭگو -ھوللېۋۇد ھەمكارلىقى»مەدەنىيەت كەسپىي بازىسىنى قۇرماقچى .بۇنىڭغا كەتكەن ئومومىي مەبلەغ 80 مىليارد خەلق پۇلى ، ئومومىي يەر كۆلىمى 800 مىڭ كۋادرات مېتىر بولۇپ ، جۇڭگو - ئامېرىكا كىنو ساھەسىنىڭ ھەمكارلىقى ئۈچۈن ئەتراپلىق ،كەڭ كۆلەملىك مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەيدۇ شۇنداقلا ئۇلارنىڭ ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ . «جۇڭگو -ھوللېۋۇد فىلىم ھەمكارلىقى »ئۈچ چوڭ مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەيدۇ يەنى : كىنو مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش سۇپىسى ، بۇ 8مىليارد ئامېرىكا دوللىرى قىممىتىدىكى ئاخبارات ۋاستىسى مەبلەغ فوندى ۋە مەزمۇن مەبلەغ فوندىنى شەكىللەندۈرۈپ ، جۇڭگو - ھوللېۋۇدنىڭ ھەمكارلىشىپ تېخىمۇ كۆپ كىنو - فىلىملەرنى ئىشلەپ چىقىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ ؛ فىلىم ئىشلەش مۇلازىمەت مەركىزى ، بۇ فىلىم ئىشلەش مۇلازىمىتى ، 2D نۇسخىسىدىكى فىلىمنى 3D قىلىپ ئۆزگەرتىش قاتارلىق مۇلازىمەتلەر بىلەن تەمىنلەيدۇ ؛ يەر شارى مىقياسىدا تارقىتىش ۋە سېتىش مەركىزى ، بۇ كەڭ دائىرىدە كىنو - فىلىم تارقىتىش ، پروگرامما ، درامما ، تېلۋېزىيە تىياتىرى ، تور قاتارلىق ساھەلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ ، جۇڭگودىكى تىجارەت ئىستىراتېگىيەسىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ .
يەتتە يۇلتۇز تاماشا گوروھىنىڭ رەئىسى ۋۇجىڭ مۇخبىرغا :«شەرقىي ئاسىيا كىنو بازىرى توختىماستىن تەرەققىي قىلىۋاتىدۇ ، 2015-يىلىغا بارغاندا شىمالىي ئامېرىكا كىنو بازىرىنىڭ 100 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىلىق بازىرىغا يېتىشىۋېلىشى مۇمكىن . »دېدى .
«جۇڭگو - ھوللېۋۇد فىلىم ھەمكارلىقى » مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش ، ھەمكارلىق ، تىجارەت ۋە ئاساسىي ئەسلىھەلەر بىرلەشكەن كەڭ دائىرىلىك ، ئەتراپلىق مۇلازىمەت سۇپىسى بولۇپ ، ئامېرىكا بىلەن جۇڭگو كىنو -فىلىم ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ .
جۇڭگو كىنو بازىرى يەرشارى كىنو ساھەسىدىكى ئەڭ چوڭ بازار بولۇپ ، 2012-2013-يىللىق ئەڭ چوڭ بازار بولۇپ قالىدۇ . ھوللېۋۇدنىڭ داڭلىق فىلىمى «ئاۋارتا »،«ئۆزگىرىشچان ۋاجرا »،«گۇگۇمدىكى شەھەر»،«2012-يىلى » شۇنداقلا يېڭىدىن ئىشلەنگەن «تىتانىك ناملىق پاراخوت»نىڭ 3Dنۇسخىسى قاتارلىقلارنىڭ جۇڭگودىكى كۆرۈش نىسبىتى ئىنتايىن يۇقىرى . جۇڭگو يېقىندا ئامېرىكا ھۆكىمىتى بىلەن كېلىشىم ئىمزالاپ ، ئامېرىكىنىڭ ھەر يىلى جۇڭگوغا ئىلگىركىدىن14 فىلىمنى ئارتۇق ئەكىرىشىگە رۇخسەت قىلىپ ، ئەسلىدىكى 20 فىلىم ئەكىرىشنى 34 فىلىم ئەكىرىشكە ئۆزگەرتكەن ھەمدە بۇ كۆپەيتىلگەن 14 فىلىملەرنىڭ ھەممىسى چوقۇم 3Dنۇسخىسىدىكى ۋە IMAXفىلىملىرى بولۇش كېرەك .
[ئاپتورى : مەنبەسى : ۋاقتى : 2012-5-5 13:12:12 كۆرۈلۈشى : 288 قېتىم] |
|