شىنخۇا تورى چېكاكو9-ئاينىڭ 1-كۈنىدىكى تېلىگراممىسىدا دېيىلىشىچە ، ئامرىكا دۆلەت تاشيول قاتناش بىخەتەرلىكى باشقۇرۇش ئىدارىسى 9-ئاينىڭ 1-كۈنى توردا ، ماشىنا ئارقا چىرىقى سۈپەت كاشىلىسى سەۋەبىدىن ،باۋما ماشىنا شىركىتى ئامركىداتەخمىنەن 241 مىڭ دانە 3تىپلىق ماشىنىنى يىغىۋالماقچى ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلغان .باۋما شىركىتى پىلان ئىچىدىكى يىغىۋالماقچى بولغان ماشىنا تىپلىرى : 2002-يىلىدىن2005-يىلىغىچە ئىشلەپ چىقىرىلغان ، يېڭى تىپلىق 325I ، 325XI、330I ۋە 330XI قاتارلىقلار ئىكەن .باۋما شىركىتىنىڭ دېيىشىچە ، بۇ قېتىمقى يىغىۋېلىنىدىغان ماشىنىلارنىڭ بەزىلىرىنىڭ تورمۇز چىرىقى ، بۇرۇلۇش چىرىقى ،ۋە ئارقا چىراقلىرى پەقەتلا ئارلىقتا توختاپ-توختاپ ئىشلەش خۇسۇسىيىتىنى ئۆتەپ ، ئارقىدىكى ماشىنىلارغا قارىتا بەلگە بېرىش خۇسۇسىيىتىنى ھەقىقىي تۈردە ئەمەلگە ئاشۇرالماي ، قاتناش بىخەتەرلىكىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن .باۋما شىركىتى خەۋەر باياناتچىسى ئەندېلىيىسى لەنپۇكانىڭ دېيىشىچە ، بۇ قېتىمقى يىغىۋېلىشى پەقەتلا ئامرىكا بازىرىدا چەكلىنىدىغان بولۇپ ، تا ھازىرغىچە بۇ سۈپەت كاشىلىسى سەۋەبىدىن يۈزبەرگەن قاتناش ھادىسىلىرى كۆرۈلۈپ باقماپتۇ .باۋما شىركىتى مەسىلە كۆرۈلگەن ماشىنىلارنى يىغىۋېلىشتا ئومۇمىي سانىنىڭ 20پىرسەنتى ئەمەلگە ئاشۇرىلىدىغان بولۇپ ، بۇقېتىمقى يىغىۋېلىش 2011-يىلى10-ئايدىن باشلاپ ئىشقا ئاشۇرىلىدىكەن . شۇنداقلا تىجارەتچى تەرەپ ھەقسىز تەكشۈرۈپ ئوڭشاش ئېلىپ بارىدىكەن .
شىرىنىم تورى خەۋەر مەركىزى (2010 - 5 - 17) , خەت ساندۇقى : xirinim@sina.cn , ئالاقە QQ نۇمۇرى : 396896928 , ئالاقىلىشىش تىلىفۇنى : 13139663453 , 新ICP备10201682号