كورىيىنىڭ 4-ئايلىق تاشقى پېرېۋوت زاپىسى يەنە يېڭى رېكورت ياراتتى - Information|news|mp3|mtv|Movies|flash|Pictures|Star|Company|Software|Games...
بۈگۈن : , بالىلار بايرىمىغا يەنە -311 كۈن بار
| تىزىملىتىش | سېستىمىغا كىرىش | ئىزدەش | تەكلىپ - پىكىر | باش بەت قىلىۋېلىڭ

باش بەت خەلىقئارا
مەملىكەت
شىنجاڭ
مەدىنىيەت
ئىقتىساد
تەنتەربىيە
كۆڭۈل ئېچىش
پەن - تېخنىكا
سۈرەتلىك
 
 
 
تېمىسى مەزمۇنى ئىنكاس  
   ئاۋات خەۋەرلەر

 

لوندوندىكى %85 گە ..
جۇڭگونىڭ ھەربىي ..
جۇڭگودا مىليون د..
كورىيىنىڭ 4-ئايلى..
«جۇڭگو -ھوللېۋۇد..
Toyota نىڭ 4-ئايلىق ئ..
1-ماي ئەمگەكچىلەر..
ئاۋسترالىيە ئاۋى..

   تەۋسىيە خەۋەرلەر

 

«جۇڭگو -ھوللېۋۇد..
ئاۋسترالىيە ئاۋى..
تارىم نېفىتلىكىد..
يەر شارى بويىچە ئ..
تىم كۇكنىڭ 2011-يىل..
ئوباما: ئامېرىكا..

   ئاۋات خەۋەرلەر

 

بىر مولۇق قەغەز پۇلنىڭ قىممىتى ئۆستى..
خەلق پۇلىنىڭ 27-ئاپرېلدىكى ئايرىۋاشلىنىش باھاس..
باۋما ئامرىكىدا241مىڭ دانە كاشىلا كۆرۈلگەن ماش..
يەرشارىدىكى كىرىمى ئەڭ يۇقىرى داڭلىق ئەر-خوتۇن..
ئوباما: ئامېرىكا ئىقتىسادىدا قۇرۇلما مەسىلىسى ..
شاڭخەيدە تاۋۇزنىڭ بازىرى كاساتلاشتى..
21-مارت شاڭخەيدە ئالتۇننىڭ نەق مال باھاسى ئۆست..
تارىم نېفىتلىكىدە مىقدارى 100 مىليارد كۇب مېتى..
كورىيىنىڭ 4-ئايلىق تاشقى پېرېۋوت زاپىسى يەنە ي..
شياڭگاڭنىڭ خەلق پۇلى ئامانىتى يانۋاردا ھالقىسى..

 
كورىيىنىڭ 4-ئايلىق تاشقى پېرېۋوت زاپىسى يەنە يېڭى رېكورت ياراتتى

كورىيە بانكىسى 3-چېسلا ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، 4-ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، كورىيىنىڭ تاشقى پېرېۋوت زاپىسى 316 مىليارد 840 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا يەتكەن بولۇپ، ئالدىنقى ئايدىكىدىن 890 مىليون ئامېرىكا دوللىرى ئېشىپ، يەنە بىر قېتىم تارىختىن بۇيانقى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيىنى ياراتقان.
كورىيىنىڭ تاشقى پېرېۋوت زاپىسى ئىچىدە، دۆلەت زايومى قاتارلىق باھالىق ئاكسىيىلەر 284 مىليارد 620 مىليون ئامېرىكا دوللىرى بولغان بولۇپ، ئالدىنقى ئايدىكىدىن 30 مىليون ئامېرىكا دوللىرى ئاشقان؛ مەبلەغ سېلىش زاپاس فوندى 23 مىليارد 830 مىليون ئامېرىكا دوللىرى بولغان بولۇپ، ئالدىنقى ئايدىكىدىن 840 مىليون ئامېرىكا دوللىرى ئاشقان؛ خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتىنىڭ ئالاھىدە پۇل ئېلىش ھوقۇقى سوممىسى 3 مىليارد 550 مىليون ئامېرىكا دوللىرى بولغان بولۇپ، ئالدىنقى ئايدىكىدىن 10 مىليون ئامېرىكا دوللىرى ئاشقان؛ خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتىدىكى زاپاس پۇلى 2 مىليارد 670 مىليون ئامېرىكا دوللىرى بولغان بولۇپ، ئالدىنقى ئايدىكىدىن 10 مىليون ئامېرىكا دوللىرى ئاشقان؛ ئالتۇن زاپىسى 2 مىليارد 170 مىليون ئامېرىكا دوللىرى بولغان بولۇپ، ئالدىنقى ئايدىكى بىلەن ئاساسەن تەڭ بولغان.
كورىيە مەركىزى بانكىسى، ياۋرو قاتارلىق پۇللارنىڭ پېرېۋوت نىسبىتى ئېشىشى ۋە تاشقى پېرېۋوت زاپىسى پايدىسىنىڭ كۆپىيىشى كورىيە تاشقى پېرېۋوت زاپىسىنىڭ يەنە بىر قېتىم يۇقىرى سەۋىيە يارىتىشىدىكى ئاساسلىق سەۋەب، دەپ كۆرسەتكەن. كورىيە مەركىزى بانكىسى تاشقى پېرېۋوت زاپىسىنىڭ كۆپ مەنبەلىشىشىنى يەنىمۇ كېڭەيتىش ئۈچۈن، 4-ئايدىن باشلاپ جۇڭگونىڭ دۆلەت زايومىغا مەبلەغ سېلىشنى باشلىغان. 3-ئاينىڭ ئاخىرىغىچە بولغان مەزگىلدىكى كورىيىنىڭ تاشقى پېرېۋوت زاپىسى كۆلىمى جۇڭگو، رۇسىيە، جۇڭگو تەيۋەن، برازىلىيە، شۋېتسارىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىن قالسىلا دۇنيا بويىچە 7-ئورۇنغا تىزىلغان.

[ئاپتورى :   مەنبەسى :   ۋاقتى : 2012-5-5 13:21:30  كۆرۈلۈشى : 1265 قېتىم]

 

شىرىنىم تورى خەۋەر مەركىزى  (2010 - 5 - 17)  ,  خەت ساندۇقى : xirinim@sina.cn  ,  ئالاقە QQ نۇمۇرى : 396896928  , ئالاقىلىشىش تىلىفۇنى : 13139663453  ,   ICP10201682