يەر شارى بويىچە ئۆي باھاسى ئەڭ ئۆرە بولۇۋاتقان 10 چوڭ شەھەر - Information|news|mp3|mtv|Movies|flash|Pictures|Star|Company|Software|Games...
بۈگۈن : , بالىلار بايرىمىغا يەنە -311 كۈن بار
| تىزىملىتىش | سېستىمىغا كىرىش | ئىزدەش | تەكلىپ - پىكىر | باش بەت قىلىۋېلىڭ

باش بەت خەلىقئارا
مەملىكەت
شىنجاڭ
مەدىنىيەت
ئىقتىساد
تەنتەربىيە
كۆڭۈل ئېچىش
پەن - تېخنىكا
سۈرەتلىك
 
 
 
تېمىسى مەزمۇنى ئىنكاس  
   ئاۋات خەۋەرلەر

 

لوندوندىكى %85 گە ..
جۇڭگونىڭ ھەربىي ..
جۇڭگودا مىليون د..
كورىيىنىڭ 4-ئايلى..
«جۇڭگو -ھوللېۋۇد..
Toyota نىڭ 4-ئايلىق ئ..
1-ماي ئەمگەكچىلەر..
ئاۋسترالىيە ئاۋى..

   تەۋسىيە خەۋەرلەر

 

«جۇڭگو -ھوللېۋۇد..
ئاۋسترالىيە ئاۋى..
تارىم نېفىتلىكىد..
يەر شارى بويىچە ئ..
تىم كۇكنىڭ 2011-يىل..
ئوباما: ئامېرىكا..

   ئاۋات خەۋەرلەر

 

بىر مولۇق قەغەز پۇلنىڭ قىممىتى ئۆستى..
خەلق پۇلىنىڭ 27-ئاپرېلدىكى ئايرىۋاشلىنىش باھاس..
باۋما ئامرىكىدا241مىڭ دانە كاشىلا كۆرۈلگەن ماش..
يەرشارىدىكى كىرىمى ئەڭ يۇقىرى داڭلىق ئەر-خوتۇن..
ئوباما: ئامېرىكا ئىقتىسادىدا قۇرۇلما مەسىلىسى ..
شاڭخەيدە تاۋۇزنىڭ بازىرى كاساتلاشتى..
21-مارت شاڭخەيدە ئالتۇننىڭ نەق مال باھاسى ئۆست..
تارىم نېفىتلىكىدە مىقدارى 100 مىليارد كۇب مېتى..
كورىيىنىڭ 4-ئايلىق تاشقى پېرېۋوت زاپىسى يەنە ي..
شياڭگاڭنىڭ خەلق پۇلى ئامانىتى يانۋاردا ھالقىسى..

 
يەر شارى بويىچە ئۆي باھاسى ئەڭ ئۆرە بولۇۋاتقان 10 چوڭ شەھەر
  • مەنبە: finance.huanqiu.com
  • 2012-01-27 12:07
  •               بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدىغىنى: موناكو كىنەزلىكىدىكى مونتې كارلو شەھىرى

     

    مونتې كارلو ھەشىرىدىكى ئاھالىلەر كۆك رەڭلىك دېڭىز ساھىلىدىن، كىشىنى مەپتۇن قىلىدىغان كېچە تۇرمۇشىدىن ۋە باجسىز جەننەتنىڭ پايدىسىدىن ھوزۇرلىنالايدۇ، ئەمما ئۇلارمۇ بۇنىڭ ئۈچۈن بەدەل تۆلەيدۇ. بۇ ساياھەت مەنزىلى ئۇدا ئىككى يىل يەر شارىدىكى ئۆي باھاسى ئەڭ قىممەت بازار دېگەن نامنى ساقلاپ قالغان بولۇپ، بۇ يەردىكى تۇرالغۇ ئۆيلەرنىڭ ھەر كۋادرات ئىنگلىز گەزىنىڭ باھاسى 4420 ئامېرىكا دوللىرى كېلىدۇ.
    بۇ دوكلاتنى ئېلان قىلغان Globalpropertyguide.com  ناملىق لىنىيەلىك ئۆي- زېمىن تەكشۈرۈش شىركىتىنىڭ قۇرغۇچىسى ماتتېۋ مونتاگو پوللوك (Matthew Montagu-Pollock) مۇنداق بىلدۈردى: مونتى كارلو شەھىرى بىر باي، قىستاڭ ۋە مەركەزلەشكەن شەھەر. بۇ يەردىكى ئۆيلەرنىڭ باھاسىنىڭ شۇنچە يۇقىرى بولۇشىغا ئاساسلىقى يەر كۆلىمىنىڭ قىس بولۇشى ۋە باج تاپشۇرمايدىغان جەننەت بولۇشى سەۋەب بولغان.

                                      ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدىغىنى: رۇسىيەنىڭ موسكىۋا شەھىرى
     


    ئىقتىسادنىڭ كۈچلۈك ئېشىشى ۋە ئالدىنقى ئۈچ پەسىلدە تۇرالغۇ باھاسىنىڭ ئۆرلىشىنىڭ تۈرتكىسىدە، موسكىۋا شەھىرى ئۆي باھاسى قىممەت شەھەرلەر تەرتىپىدە ئىككى ئورۇن ئۆرلەپ، ئالدىنقى ئۈچ قاتارغا كىردى. ئامېرىكا مەركىزىي ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ «World Factbook» (دۇنيانىڭ قىسقىچە ئەھۋالى) ناملىق ماتېرىيالدا كۆرسىتىلىشچە، ئۆتكەن يىلى رۇسىيەنىڭ ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى %6 ئاشقان.

                                ئۈچىنچى ئورۇندا تۇرىدىغىنى: ئەنگلىيەنىڭ لوندون شەھىرى
     


    دۇنيادىكى پۇل مۇئامىلە مەركىزىنىڭ بىرى بولغان لوندون شەھىرىدە ئۆي باھاسى ئەلۋەتتە يۇقىرى بولىدۇ، بۇ يەردىكى تۇرالغۇ ئۆيلەرنىڭ ھەر كۋادرات ئىنگلىز گەزىنىڭ باھاسى 1928 ئامېرىكا دوللىرى كېلىدۇ.

                                 تۆتىنچى ئورۇندا تۇرىدىغىنى: ئامېرىكىنىڭ نيۇيورك شەھىرى
     


    ئاسىيا بازىرىنىڭ تەرەققىياتى شياڭگاڭ ۋە توكيودىكى ئۆي باھاسىنىڭ ئالدىنقى بەش ئورۇنغا ئۆتۈشىگە تۈرتكە بولدى، نيۇيورك بولسا 2- ئورۇندىن 4- ئورۇنغا چۈشۈپ قالدى، بۇ ئەھۋال كىشىلەرنىڭ تازا ئويلىغىنىدەك چىقمىدى. ئۆتكەن يىلدىكى تەكشۈرۈشتە، شياڭگاڭ ۋە توكيو شەھىرىدىكى تۇرالغۇ ئۆيلەرنىڭ ھەر كۋادرات ئىنگلىز گەزىنىڭ باھاسى ئايرىم- ئايرىم ھالدا 1373 ئامېرىكا دوللىرى ۋە 1103 ئامېرىكا دوللىرى بولغان. نيۇيوركتا بولسا تۇرالغۇ ئۆيلەرنىڭ ھەر كۋادرات ئىنگلىز گەزىنىڭ باھاسى 1384.1 ئامېرىكا دوللىرى بولغان.

                                          بەشىنچى ئورۇندا تۇرىدىغىنى: شياڭگاڭ
     


    مال سېتىۋېلىش جەننىتى دەپ تەرىپلىنىدىغان شياڭگاڭ شەھىرىدە ئۆيلەرنىڭ باھاسى تەبئىيلا يۇقىرى بولىدۇ، بۇ جايدا يەر ئاز، دائىملىق نوپۇس كۆپ بولغاچقا، ئۆي تەمىناتى ئىزچىل تۈردە ئېھتىياجنى قامدىيالماي كەلمەكتە.

                                      ئالتىنچى ئورۇندا تۇرىدىغىنى: فرانسىيەنىڭ پارىژ شەھىرى
     


    پارىژ مودا ئاستانىسى بولغاچقا، ئۆي باھاسىمۇ ھەشەمەتلىك بۇيۇملارغا ئوخشاشلا قىممەت.

                                      يەتتىنچى ئورۇندا تۇرىدىغىنى: ياپونىيەنىڭ توكيو شەھىرى
     


    دۇنيادىكى ئەڭ قىستاڭ شەھەرلەرنىڭ بىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن، توكيودىكى ئۆي باھاسىنىڭ يۇقىرى بولۇشى ئەجەبلىنەرلىك ھېسابلانمايدۇ.

                                سەككىزىنچى ئورۇندا تۇرىدىغىنى: سىنگاپور شەھىرى
     


    شىر شەھىرى سىنگاپورنىڭ مۇھىتى گۈزەل بولۇپ، نۇرغۇن دۆلەت ئاھالىلىرىنىڭ بۇ يەردە ئولتۇراقلىشىشىنى جەلپ قىلىدۇ، شۇڭا بۇ يەردىكى ئۆيلەرنىڭ باھاسىمۇ خېلى قىممەت.

                                  توققۇزىنچى ئورۇندا تۇرىدىغىنى: ئىتالىيەنىڭ رىم شەھىرى
     


    ئىتالىيەمۇ سەنئەت ۋە مودا ماكانى، شۇڭا پايتەخت رىمدىكى ئۆيلەرنىڭ باھاسىمۇ خېلى قىممەت.

                                    ئونىنچى ئورۇندا تۇرىدىغىنى: ھىندىستاننىڭ بومباي شەھىرى
     


    كىشىنى ھەيران قالدۇرۇپ بومبايمۇ بۇ تىزىملىككە كىردى، ھىندىستاندا نوپۇس سانى ئۈزلۈكسىز ئېشىۋاتقان بولغاچقا، بۇ يەردىكى ئۆيلەرنىڭ باھاسىنىڭ يۇقىرى بولۇشىمۇ نورمال ئەھۋال.

    [ئاپتورى :   مەنبەسى :   ۋاقتى : 2012-1-27 12:25:00  كۆرۈلۈشى : 1078 قېتىم]

     

    شىرىنىم تورى خەۋەر مەركىزى  (2010 - 5 - 17)  ,  خەت ساندۇقى : xirinim@sina.cn  ,  ئالاقە QQ نۇمۇرى : 396896928  , ئالاقىلىشىش تىلىفۇنى : 13139663453  ,   ICP10201682