«جۇڭگو -ھوللېۋۇد فىلىم ھەمكارلىقى »مەدەنىيەت كەسپىي بازىسى جۇڭگودا قۇرىلىدىكەن - Information|news|mp3|mtv|Movies|flash|Pictures|Star|Company|Software|Games...
بۈگۈن : , بالىلار بايرىمىغا يەنە -311 كۈن بار
| تىزىملىتىش | سېستىمىغا كىرىش | ئىزدەش | تەكلىپ - پىكىر | باش بەت قىلىۋېلىڭ

باش بەت خەلىقئارا
مەملىكەت
شىنجاڭ
مەدىنىيەت
ئىقتىساد
تەنتەربىيە
كۆڭۈل ئېچىش
پەن - تېخنىكا
سۈرەتلىك
 
 
 
تېمىسى مەزمۇنى ئىنكاس  
   ئاۋات خەۋەرلەر

 

لوندوندىكى %85 گە ..
جۇڭگونىڭ ھەربىي ..
جۇڭگودا مىليون د..
كورىيىنىڭ 4-ئايلى..
«جۇڭگو -ھوللېۋۇد..
Toyota نىڭ 4-ئايلىق ئ..
1-ماي ئەمگەكچىلەر..
ئاۋسترالىيە ئاۋى..

   تەۋسىيە خەۋەرلەر

 

«جۇڭگو -ھوللېۋۇد..
ئاۋسترالىيە ئاۋى..
تارىم نېفىتلىكىد..
يەر شارى بويىچە ئ..
تىم كۇكنىڭ 2011-يىل..
ئوباما: ئامېرىكا..

   ئاۋات خەۋەرلەر

 

بىر مولۇق قەغەز پۇلنىڭ قىممىتى ئۆستى..
خەلق پۇلىنىڭ 27-ئاپرېلدىكى ئايرىۋاشلىنىش باھاس..
باۋما ئامرىكىدا241مىڭ دانە كاشىلا كۆرۈلگەن ماش..
يەرشارىدىكى كىرىمى ئەڭ يۇقىرى داڭلىق ئەر-خوتۇن..
ئوباما: ئامېرىكا ئىقتىسادىدا قۇرۇلما مەسىلىسى ..
شاڭخەيدە تاۋۇزنىڭ بازىرى كاساتلاشتى..
21-مارت شاڭخەيدە ئالتۇننىڭ نەق مال باھاسى ئۆست..
تارىم نېفىتلىكىدە مىقدارى 100 مىليارد كۇب مېتى..
كورىيىنىڭ 4-ئايلىق تاشقى پېرېۋوت زاپىسى يەنە ي..
شياڭگاڭنىڭ خەلق پۇلى ئامانىتى يانۋاردا ھالقىسى..

 
«جۇڭگو -ھوللېۋۇد فىلىم ھەمكارلىقى »مەدەنىيەت كەسپىي بازىسى جۇڭگودا قۇرىلىدىكەن
بۇ

 

شىنخۇا تورى بېيجىڭ 5-ئاينىڭ 3-كۈنى خەۋىرى ، يەتتە يۇلتۇز تاماشا گوروھى نەچچە كۈن ئاۋۋال دۇنيادىكى تۇنجى «جۇڭگو -ھوللېۋۇد فىلىم ھەمكارلىقى »يەر شارى كىنو -فىلىم مۇلازىمەت بازىسىنىڭ جۇڭگودا قۇرىلىپ ، جۇڭگو ۋە ئامېرىكا كىنو ھەمكارلىقى ئۈچۈن ئەتراپلىق يۇقىرى مۇلازىمەت سۇپىسى ھازىرلايدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى .
 
      يەتتە يۇلتۇز تاماشا گوروھى  تيەنجىن بىڭخەي يېڭى رايون ھۆكىمىتى بىلەن  ھەمكارلىشىپ بىڭخەي رايونىدا «جۇڭگو -ھوللېۋۇد ھەمكارلىقى»مەدەنىيەت كەسپىي بازىسىنى قۇرماقچى .بۇنىڭغا كەتكەن ئومومىي مەبلەغ 80 مىليارد خەلق پۇلى ، ئومومىي يەر كۆلىمى 800 مىڭ كۋادرات مېتىر بولۇپ ، جۇڭگو - ئامېرىكا كىنو ساھەسىنىڭ ھەمكارلىقى ئۈچۈن ئەتراپلىق ،كەڭ كۆلەملىك مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەيدۇ شۇنداقلا ئۇلارنىڭ ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ .
    
    «جۇڭگو -ھوللېۋۇد فىلىم ھەمكارلىقى »ئۈچ چوڭ مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەيدۇ يەنى : كىنو مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش سۇپىسى ، بۇ  8مىليارد ئامېرىكا دوللىرى قىممىتىدىكى ئاخبارات ۋاستىسى مەبلەغ فوندى ۋە مەزمۇن مەبلەغ فوندىنى شەكىللەندۈرۈپ ، جۇڭگو - ھوللېۋۇدنىڭ ھەمكارلىشىپ تېخىمۇ كۆپ كىنو - فىلىملەرنى ئىشلەپ چىقىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ ؛ فىلىم ئىشلەش مۇلازىمەت مەركىزى ، بۇ فىلىم ئىشلەش مۇلازىمىتى ، 2D نۇسخىسىدىكى فىلىمنى 3D قىلىپ ئۆزگەرتىش قاتارلىق مۇلازىمەتلەر بىلەن تەمىنلەيدۇ ؛ يەر شارى مىقياسىدا تارقىتىش ۋە سېتىش مەركىزى ، بۇ كەڭ دائىرىدە كىنو - فىلىم تارقىتىش  ، پروگرامما ، درامما ، تېلۋېزىيە تىياتىرى ، تور قاتارلىق ساھەلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ ، جۇڭگودىكى تىجارەت ئىستىراتېگىيەسىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ .

    يەتتە يۇلتۇز تاماشا گوروھىنىڭ رەئىسى ۋۇجىڭ مۇخبىرغا :«شەرقىي ئاسىيا كىنو بازىرى توختىماستىن تەرەققىي قىلىۋاتىدۇ ، 2015-يىلىغا بارغاندا شىمالىي ئامېرىكا كىنو بازىرىنىڭ 100 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىلىق بازىرىغا يېتىشىۋېلىشى مۇمكىن . »دېدى .

     «جۇڭگو - ھوللېۋۇد فىلىم ھەمكارلىقى » مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش ، ھەمكارلىق ، تىجارەت ۋە ئاساسىي ئەسلىھەلەر بىرلەشكەن كەڭ دائىرىلىك ، ئەتراپلىق مۇلازىمەت سۇپىسى بولۇپ ، ئامېرىكا بىلەن جۇڭگو كىنو -فىلىم ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ .

    جۇڭگو كىنو بازىرى يەرشارى كىنو ساھەسىدىكى ئەڭ چوڭ بازار بولۇپ ، 2012-2013-يىللىق ئەڭ چوڭ بازار بولۇپ قالىدۇ . ھوللېۋۇدنىڭ داڭلىق فىلىمى «ئاۋارتا »،«ئۆزگىرىشچان ۋاجرا »،«گۇگۇمدىكى شەھەر»،«2012-يىلى » شۇنداقلا يېڭىدىن ئىشلەنگەن «تىتانىك ناملىق پاراخوت»نىڭ 3Dنۇسخىسى قاتارلىقلارنىڭ جۇڭگودىكى كۆرۈش نىسبىتى ئىنتايىن يۇقىرى .
  
     جۇڭگو يېقىندا ئامېرىكا ھۆكىمىتى بىلەن كېلىشىم ئىمزالاپ ، ئامېرىكىنىڭ ھەر يىلى جۇڭگوغا ئىلگىركىدىن14 فىلىمنى ئارتۇق  ئەكىرىشىگە رۇخسەت قىلىپ ، ئەسلىدىكى 20 فىلىم ئەكىرىشنى 34 فىلىم ئەكىرىشكە ئۆزگەرتكەن ھەمدە بۇ كۆپەيتىلگەن 14 فىلىملەرنىڭ ھەممىسى چوقۇم 3Dنۇسخىسىدىكى ۋە IMAXفىلىملىرى بولۇش كېرەك .

[ئاپتورى :   مەنبەسى :   ۋاقتى : 2012-5-5 13:12:12  كۆرۈلۈشى : 938 قېتىم]

 

شىرىنىم تورى خەۋەر مەركىزى  (2010 - 5 - 17)  ,  خەت ساندۇقى : xirinim@sina.cn  ,  ئالاقە QQ نۇمۇرى : 396896928  , ئالاقىلىشىش تىلىفۇنى : 13139663453  ,   ICP10201682