مۇھىم مەزمۇنى: سىنگاپور «بىرلەشمە سەھەر گېزىتى» نىڭ 5- ئىيۇندىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئامېرىكا بوستون مەسلىھەت بېرىش ئورگىنى ئېلان قىلغان «يەر شارى بايلىق دوكلاتى» دا ئېيتىلىشچە، جۇڭگودىكى مۈلكى مىليون ئامېرىكا دوللىرىدىن ئاشىدىغان باي ئائىلىلەرنىڭ سانى بىر مىليون 400 مىڭغا يېتىپ، يەر شارى بويىچە 3- ئورۇندا تۇرغان؛ مۈلكى 100 مىليون ئامېرىكا دوللىرىدىن ئاشىدىغان زەردار ئائىلىلەرنىڭ سانى بولسا 648 بولۇپ، يەر شارى بويىچە 5- ئورۇندا تۇرغان بولسىمۇ، ئەمما ئىگىلىگەن نىسبىتى بىر قەدەر تۆۋەن بولغان.يەر شارى تورى مۇخبىرى لى نا خەۋىرى: سىنگاپور «بىرلەشمە سەھەر گېزىتى» نىڭ 5- ئىيۇندىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئامېرىكا بوستون مەسلىھەت بېرىش ئورگىنى ئېلان قىلغان «يەر شارى بايلىق دوكلاتى» دا ئېيتىلىشچە، جۇڭگودىكى مۈلكى مىليون ئامېرىكا دوللىرىدىن ئاشىدىغان باي ئائىلىلەرنىڭ سانى بىر مىليون 400 مىڭغا يېتىپ، يەر شارى بويىچە 3- ئورۇندا تۇرغان؛ مۈلكى 100 مىليون ئامېرىكا دوللىرىدىن ئاشىدىغان زەردار ئائىلىلەرنىڭ سانى بولسا 648 بولۇپ، يەر شارى بويىچە 5- ئورۇندا تۇرغان بولسىمۇ، ئەمما ئىگىلىگەن نىسبىتى بىر قەدەر تۆۋەن بولغان.خەۋەردە مۇنداق دېيىلدى: يەر شارىدىكى مۈلكى مىليون ئامېرىكا دوللىرىدىن ئاشىدىغان باي ئائىلىلەر ئەڭ كۆپ دۆلەت ئامېرىكا بولۇپ، بەش مىليون 130 مىڭ ئائىلە بىلەن بۇ تەرتىپتە 1- ئورۇندا تۇرغان، ياپونىيە بولسا بىر مىليون 580 مىڭ ئائىلە بىلەن 2- ئورۇندا تۇرغان، جۇڭگو بىلەن ئەنگلىيە بۇلارنىڭ كەينىدىلا تۇرغان.ئامېرىكىدىكى مالىيە ژۇرنىلى «فوربېس» نىڭ ئوبزورىدا مۇنداق دېيىلدى: ھازىر بايلىق ئېشىشتىكى ئەڭ چوڭ ماتور جۇڭگودۇر، بۇ نۇقتىغا ئالاھىدە دىققەت قىلىش كېرەك. 2009- يىلى جۇڭگو دەرىجەدىن تاشقىرى زەردارلار رەت تەرتىپىدە تېخى 13- ئورۇندا ئىدى، ھېچقايسى بىر دۆلەت بۇنداق تېز سەكرەشنى ئىشقا ئاشۇرالمىغان.دوكلاتتا يەنە مۇنداق مۆلچەرلەندى: جۇڭگودىكى نۇرغۇن شىركەتلەرنىڭ پېيىنى بازارغا سېلىشى ۋە يېڭى بىر ئەۋلاد كارخانىچىلارنىڭ تۈرتكىسىدە، كەلگۈسى بەش يىل ئىچىدە جۇڭگو يەر شارىدىكى مۈلكى مىليون ئامېرىكا دوللىرىدىن ئاشىدىغان باي ئائىلىلەر دۆلىتى رەت تەرتىپىدە يەنىلا 3- ئورۇندا تۇرىدۇ.
شىرىنىم تورى خەۋەر مەركىزى (2010 - 5 - 17) , خەت ساندۇقى : xirinim@sina.cn , ئالاقە QQ نۇمۇرى : 396896928 , ئالاقىلىشىش تىلىفۇنى : 13139663453 , 新ICP备10201682号