گەرچە ئامېرىكىنىڭ تۆۋەنلەپ كەتكەن ئىقتىسادىدا يېقىنقى مەزگىلدە ياخشىلىنىش ئىپادىلىرى كۆرۈلگەن بولسىمۇ، لېكىن سىنگاپور «بىرلەشمە ئەتىگەنلىك گېزىتى» 11-دېكابىردىكى دوكلاتىدا، ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوباما ئەسكەرتىپ مۇنداق دېگەن: ئامېرىكا يەنە بىر نەچچە يىلغا موھتاج، ھەتتا بىر زۇڭتۇڭنىڭ ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتىدىن ئېشىپ كېتىشى مۇمكىن، مۇشۇنداق قىلغاندىلا ئاندىن ئىقتىسادتىكى قۇرۇلما مەسىلىسىنى ھەل قىلالىشى مۇمكىن.ئوباما كولومبىيە رادىئو شىركىتىنىڭ « 60 مىنۇت» پروگراممىسىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ۋاقىتتا: « مەن بۇنى ھەر دائىم بىر ئۇزۇن مۇددەتلىك پىلان دەپ قارايمەن. ھەمدە ئامېرىكا ھۆكۈمىتى نۇرغۇن ۋاقىت سەرپ قىلىپ 20 يىلنى بېشىدىن ئۆتكۈزگەن ئىقتىسادنىڭ قۇرۇلما مەسىلىسىنى ياخشىلاشقا ئېھتىياجلىق» دەپ كۆرسەتكەن.ئوباما؛ «بۇنىڭ ئۈچۈن ئاز دېگەندىمۇ ئىككى يىلدىن ئارتۇقراق ۋاقىت كېتىدۇ، يەنى بىر ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى. ياكى بىر قانچە زۇڭتۇڭدىن كېيىن ئاندىن بىر تەرەپ قىلىنىشى مۇمكىن.» دېگەن.ئۇ يەنە ئۆزىنى ئاقلاپ « مەن ئامېرىكا ئىقتىسادىي مەسىلىسىنىڭ ئېغىرلىقى ۋە جاپالىقىنى ئەزەلدىن ئويلاپ باقمىغان، شۇنداقلا سايلىغۇچىلارغىمۇ زىيادە كۆپ ۋەدە بەرمىگەن.» دېگەن.زىيارەت قىلغۇچى ئامېرىكىنىڭ ئىشسىزلىق نىسبىتىنىڭ كېلەر يىلى 11-ئايدىكى زۇڭتۇڭ سايلىمى بىلەن پارلامېنت سايلىمىدىن بۇرۇن %8 لىك سەۋىيىگە چۈشىدىغان-چۈشمەيدىغانلىقىنى سورىغاندا، ئوباما: « مېنىڭچە بۇ مۇمكىن بولىدۇ. لېكىن….. مەن ئىقتىسادنىڭ كەلگۈسىدىكى يۈزلىنىشىنى مۆلچەرلىگىنىم يوق.» دېگەن.ئىشسىزلىق نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىش ئوبامانىڭ كېيىنكى قېتىملىق ۋەزىپە ئۆتۈش ياكى ئۆتىيەلمەسلىكى مۇھىم ھالقىلىق ئامىل.ئامېرىكا ئامېرىكىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش ئەھۋالىدا يېقىنقى بىر نەچچە ھەپتە ئىچىدە ئانچە-مۇنچە ياخشىلىنىش كۆرۈلگەن، يەنى ئىشسىزلىق نىسبىتى %9 تىن %8.6 غا تۆۋەنلىگەن. ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئېلان قىلغان مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، ئىشسىزلىق تولۇقلىما پۇلىنى ئىلتىماس قىلغان ئادەم سانى ئالدىنقى ھەپتە 9 ئايدىن بۇيانقى ئەڭ تۆۋەن نىسبەتكە چۈشكەن.ئۇنىڭدىن باشقا، كولومبىيە رادىئو شىركىتى جۈمە كۈنى ئېلان قىلغان ئەڭ يېڭى خەلق رايى تەكشۈرۈشىدە كۆرسىتىلىشىچە، تەكشۈرۈشنى قوبۇل قىلغان ئاممىنىڭ ئىچىدە %44 ئامما ئوبامانىڭ ئىپادىسىنى مۇئەييەنلەشتۈرگەن، لېكىن %54 ئامما ئۇنى داۋاملىق ۋەزىپە ئۆتىمەسلىكى كېرەك دەپ كۆرسەتكەن.خەلق رايىنى تەكشۈرۈشتە يەنە پەقەت %33 ئاممىلا ئوبامانىڭ ئىقتىسادنى بىر تەرەپ قىلىشتىكى ئىپادىسىنى قوللايدىغانلىقى، بۇ نىسبەتنىڭ ئوباما زۇڭتۇڭلۇق ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەندىن بۇيانقى ئەڭ تۆۋەن بىر قېتىملىقى ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىلگەن.
شىرىنىم تورى خەۋەر مەركىزى (2010 - 5 - 17) , خەت ساندۇقى : xirinim@sina.cn , ئالاقە QQ نۇمۇرى : 396896928 , ئالاقىلىشىش تىلىفۇنى : 13139663453 , 新ICP备10201682号