2012-يىللىق «ئەڭ سېھرىي كۈچكە باي» ئەر چولپانلار |
يېقىندا ئەنگلىيە «قۇياش گېزىتى »ئوقۇرمەنلەر بېلەت تاشلاش ئۇسۇلى ئارقىلىق 2012-يىللىق دۇنيادىكى ئەڭ سېھرىي كۈچكە باي كېلىشكەن ئەرلەرنى تاللاپ چىقتى .«شالوكنى قىدىرىپ تەكشۈرۈش»ناملىق فىلىم بىلەن بىراقلا نام قازانغان بۈدۈر چاچ كامبېرباچ 7115 بېلەت بىلەن 3393 بېلەتكە ئېرىشكەن داۋېي. بېكخامنى بېسىپ چۈشۈپ ، دۇنيادىكى ئەڭ كېلىشكەن ئەر بولۇپ قالغان . تۆۋەندە ئەنە شۇ كېلىشكەن ئەرچولپانلار بىلەن تونۇشۇپ باقايلى !

1.بېندىكت.كامبېرباچ
 2.داۋېي.بېكخام . ئەگەر پۇتبول بولمىغان بولسىمۇ ، ئۇ يەنىلا ئەرلەرگە خاس سېھرىي كۈچى بىلەن كېلىشكەن ئەرلەر قاتارىدىن ئورۇن ئالغان بولاتتى . لېكىن ھازىر ئۇنىڭ «پۇتبول چولپىنى» نامى بەستلىك قامىتىگە قوشۇلۇپ تېخىمۇ سېھرىي كۈچكە ئىگە قىلدى . ئۇنىڭ پەقەت پۇتبول ساھەسىدىلا نامى بولۇپ قالماستىن ،ئۇ يەنە مودا ئېقىمىنىڭ سەركىسى ، چولپانلار سەھنىسىنىڭ چاقناپ تۇرغان يۇلتۇزى.

3.جوي .ئېكساس ئەنگلىيىنىڭ داڭلىق كىنو چولپىنى .

4.خاررىي .سىتايلېس ئۇ پۈتۈن دۇنياغا داڭلىق «ئەسىر »گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى . ئۇ 1994-يىلى تۇغۇلغان بولۇپ، بۇ گۇرۇپپىدىكى يېشى ئەڭ كىچىك ، لېكىن بويى ئەڭ ئېگىز ئەزا بولۇپ ھېسابلىنىدۇ .

5.زايىن.مالك زايىن.مالك ئەنگلىيە «ئەسىر»گۇرۇپپىسىنىڭ يەنە بىر ئەزاسى بولۇپ، ئۇ 1993-يىلى تۇغۇلغان، كىچىكىدىن تارتىپ ئەنگلىيىنىڭ برادفوردتا چوڭ بولغان ئارغۇن .

6.نىئال.خوران ئۇمۇ ئەنگلىيە «ئەسىر»گۇرۇپپىسىنىڭ يەنە بىر ئەزاسى .ئۇ 1993-يىلى ئىرېلاندىيىدە تۇغۇلغان .

7.رىيان.گوسلىڭ ئۇ نۇرغۇن قىزلارنىڭ كۆڭلىدىكىدەك كېلىشكەن سالاپەتلىك ئەر بولۇپ، كېلىشكەن قامىتىدىن نۇقسان تاپقىلى بولمايدۇ . ئۇ يەنە «شەخس»ژۇرنىلى تەرىپىدىن ئەڭ كېلىشكەن يىگىت بولۇپ تاللانغان .

8.لويىس.تومىلسون ئۇمۇ «ئەسىر »گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى بولۇپ ، 1993-يىلى ئەنگلىيىدە تۇغۇلغان . ئۇ بۇ گۇرۇپپىدىكى يېشى ئەڭ چوڭ بىر ئەزا .
 9.زاك. ئېفرون زاك .ئېفرون ياشلارغا ماس كېلىدىغان مۇھەببەت فىلىملىرىدە رول ئېلىپ نام چىقارغان بولۇپ ، ئۇنىڭ بىر جۈپ كۆزى ھەقىقەتەن كىشىنى جەلپ قىلىدۇ .ئۇنىڭ رول ئېلىش ماھارىتى ئالاھىدە ئۈستۈن تۇرىدىغان بولۇپ ، كېلىشكەن قامىتى بىلەن ھازىرمۇ تاماشا ساھەسىدىكى ئەر باش قەھرىمان ، ئەڭ سالاپەتلىك ئەر بولۇپ كېلىۋاتماقتا .

10.ئاستون.مېرريگولد ئاستون. مېرريگولد ئەنگلىيە «Jack the Lad Swing»ئەترىتىنىڭ بىر ئەزاسى شۇنداقلا بۇ ئەترەتتىكى تەسىر كۈچى ئەڭ كۈچلۈك ،ئەڭ كېلىشكەن ئەر ھېسابلىنىدۇ .

11.لىيام.پاينى لىيام.پاينى 1993-يىلى تۇغۇلغان بولۇپ، قالتىس دەۋر سۈرۈۋاتقان «ئەسىر »گۇرۇپپىسىنىڭ بىر ئەزاسى .ئۇنىڭ كۈلۈمسىرگەندىكى ھالىتى ناھايىتى چىرايلىق بولۇپ ،نۇرغۇن قىزلارنى مەھلىيا قىلىدۇ . «ئەسىر»گۇرۇپپىسى بۈگۈنكى كۈنلۈكتە تەرەققىي قىلىپ دۇنيا مىقياسىدا نام چىقاردى . بۇ گۇرۇپپا 5ئەزادىن تەركىب تاپقان بولۇپ، ئۇلارنىڭ تەخمىنىي يېشى 19 ياشقىمۇ توشمايدۇ .

12.بۇرادلىي.كوپپېر ھوللىۋود چولپىنى نامىدا ئۇزۇن يىل دەۋر سۈرگەن كوپپېر ،2009-يىلى قىزىقارلىق فىلىم «ھاراق چىشلىۋېلىش»ناملىق فىلىمى بىلەن كىشىلەرگە يەنە بىر قېتىم تونۇلۇپ تېخىمۇ نام چىقاردى . كۆك كۆزى ،يېقىملىق كۈلۈمسىرىشى ،كېلىشكەن قامىتى ھەقىقەتەن كىشىنى جەلپ قىلىدۇ . ئۇ يەنە «شەخس»ژۇرنىلى تەرىپىدىن 2011-يىللىق ئەڭ كېلىشكەن ئەر بولۇپ تاللانغان .

13.خاج.جېيكمان جېيكمان تۇرمۇشتا ياخشى ئەر لاياقەتلىك دادا بولۇپلا قالماستىن ، سەنئەت ساھەسىدىكىتالانت ئىگىسى، كېلىشكەن ئەر بولۇپ ھېسابلىنىدۇ . ئۇ ھەقىقەتەنمۇ «مۇكەممەل ئەر»شەرىپىگە لايىقتۇر.

14.روبېرت.دوۋنىي جۇيىنېر «داڭلىق رازۋېدچىك شېرلوك ھولمېس »،«تۆمۈر پالۋان »قاتارلىق ئىككى داڭلىق فىلىمى بىلەن نام چىقارغان روبېرت ، بۈگۈنكى كۈنلۈكتە ھوللىۋودتا ئەڭ ئالقىشقا ئېرىشكەن ئەر چولپانغا ئايلاندى . ئۇ رول ئالغان «قىساسكارلار ئىتتىپاقى»ناملىق فىلىم يېقىندا دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا قويۇلغان بولۇپ، روبېرت فىلىمدىكى قەھرىمانلىق ئوبرازى بىلەن ھەممەيلەنگە تونۇلۇپ داڭلىق چولپانغا ئايلاندى .

15.ۋېل.سىمىس ھوللىۋودتىكى ئەڭ كۈچلۈك ، ئەڭ ئالقىشقا ئېرىشكەن «قارا شاھزادە »ۋېل.سىمىس ھەقىقەتەنمۇ نۇقسانسىز «مۇكەممەل »ئەر . ئۇ فىلىملەردە رول ئېلىپلا قالماي ناخشا ساھەسىدىمۇ نام چىقارغان داڭلىق چولپان.

16.جاستېن.بېيبېر كانادا مودا ناخشا ساھەسىنىڭ شاھزادىسى 18 ياشلىق جاستېن ئەڭ ياش ،ئەڭ قابىلىيەتلىك ، ئۆزگىچە ئاۋاز تۈسىگە ئىگە ،ھوللىۋودنىڭ داڭلىق چولپىنى بولۇپ ، ئۇنى «ئادەتتىن تاشقىرى پۇل سۈمۈرۈش شاھى»دەپمۇ ئاتايدۇ .

17.بىرات .پېت ھوللىۋودتا بىر مەزگىل دەۋر سۈرگەن پېت ،ھازىر يېڭىدىن يېتىشىپ چىققان ياش چولپانلارنىڭ ئارقىدا تۇرسىمۇ لېكىن، ئۇنىڭ سېھرىي كۈچى يەنىلا نۇرغۇن كىشىلەرنى جەلپ قىلىدۇ .
[ئاپتورى : مەنبەسى : ۋاقتى : 2012-5-18 12:48:11 كۆرۈلۈشى : 456 قېتىم] |
|