«تىتانىك» فىلىمىدىكى جۇڭگولۇق |
20-ئەسىر فۇس كىنوچىلىقى ئۆزىنىڭ ھۆكۈمەت تەرەپ بلوگىدا، بۇ فىلىمدە جېكنىڭ كەينىدە كۆزەينەك تاقاپ، چېچىنى بوغىۋالغان بىر جۇڭگولۇقنىڭ بارلىقىنى، ئۇ رولغا چىققۇچىنىڭ ھوللىۋودتىكى داڭلىق جۇڭگولۇق DVD ئىشلىگۈچى لىن فەن ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلغان. بۇ بلوگدا مۇنداق دەپ يېزىلغان: «كۆپچىلىك دىققەت: جىكنىڭ كەينىدىكى كۆزەينەك تاقاپ، چېچىنى بوغىۋالغىنى جۇڭگولۇق ئەينى ۋاقىتتا پاراخوتتا ھەقىقەتەنمۇ بىر جۇڭگولۇق ئەڭ ئاخىرىدا قۇتقۇزۇپ قېلىنغان، ئۇنىڭ رولىغا چىققان لىن فەن ھوللىۋودتىكى داڭلىق جۇڭگولۇق DVD ئىشلىگۈچى، نۇرغۇن فىلىملەرنىڭ كېيىنكى ئىشلىنىش خىزمىتىگە ئۇ مەسئۇل بولىدۇ.»
فىلىمدە جۇڭگولۇقنىڭ پەيدا تورداشلارنى بەك ھاياجانلاندۇرىۋەتتى ۋە بۇنى كەينى-كەينىدىن بلوگىغا يوللىۋالغان. بىر تورداش يەنە مۇنداق دېگەن: «شۇنداق، تۈنۈگۈن كىنو كۆرگەندە ئۇنى مۇنداقلا كۆرۈپ قالدىم. ئۇنىڭ كەينى كۆرىنىشى چىقىدىغان ۋاقىت نەق جىكنىڭ ئەمدىلا پاراخوتقا چىقىپ ياتىقىنى ئىزدىگەن يېرى».
[ئاپتورى : مەنبەسى : ۋاقتى : 2012-5-5 13:11:27 كۆرۈلۈشى : 764 قېتىم] |
|