|
|
ئىقتىسادىي كىرىزىسىدىكى ئالتە چوڭ خاتا پەرەز |
[ئامېرىكا «دىپلوماتىيە سىياسىتى» قوش ئايلىق ژۇرنىلىنىڭ 1-، 2-ئايلىق سانىنىڭ ماقالىسى] بىرنەچچە ئاي ئىلگىرى جەمئىيەتتە تەسىرى بار مۇتەپەككۇرلار يەنىلا: ئىقتىسادىي كىرىزىس يېڭىدىن جۇغراپىيەلىك سىياسىي ئاپەت پەيدا قىلىدۇ، دەپ قاراشقانىدى. سىرتتىن قورقۇش كېسەلنىڭ قوزغىلىشى، ئىچكى ئۇرۇشنىڭ پارتلىشى، پۇل ۋەيرانچىلىقى، سودا قورۇقچىلىقىنىڭ كۈچىيىشى، خەلقئارا توقۇنۇش ۋە كوچا زوراۋانلىقىنىڭ پايدا بولۇشى قاتارلىقلار پەقەت مۇتەخەسسىسلەر پەرەز قىلغان قىسمەن قورقۇنۇچلۇق ئاقىۋەتلا خالاس. ئىقتىسادنىڭ چېكىنىشى ئېغىر زىيان سالغان ۋە ئىنسانلارنى ئومۇميۈزلۈك ئازابلىغان بولسىمۇ، ئەمما ئەڭ قورقۇنچلۇق پەرەزلەر يۈز بەرمىدى. تۆۋەندىكىلەر پاكىت ئىسپاتلىغان كىرىزىسقا ئالاقىدار ئالتە چوڭ خاتا پەرەز: خەلقئارا پۇل مۇئامىلە سىستېمىسى ۋەيران بولىدۇ رامان ئاكا-ئۇكا، بېرستىن ۋە Citi گۇرۇھى ۋە باشقا نۇرغۇن پۇل مۇئامىلە سىستېمىلىرى ۋەيران بولۇش گىردابىغا بېرىپ قالىدۇ، ھەر جايدىكى پاي باھاسىنىڭ تېز چۈشۈشىگە ئەگىشىپ، بىرقىسىم ئاقىللار پۇل مۇئامىلە كىرىزىسىنىڭ پۈتۈنلەي ۋەيران بولىدىغانلىقىدىن بېشارەت بەردى. ھازىرمۇ پۇل مۇئامىلە سىستېمىسى يەنىلا ئاجىز، كىرېدىت ناھايىتى ئاز، كىرىزىس ھەممە ياقتىن قورشاپ كېلىۋاتىدۇ، لېكىن، پۇل مۇئامىلە سىستېمىسى يەنىلا ئايلىنىۋاتىدۇ. ئەكسىچە «پۇل مۇئامىلە سىستېمىسى ناھايىتى خەتەرلىك، ئىشلىتىشكە بولمايدۇ ياكى تۇيۇقسىز ۋەيران بولىدۇ، ئەمدى مەۋجۇت بولمايدۇ» دېگەن قاراشلار ئاساسەن غايىب بولدى. ئىقتىسادىي كىرىزىس ئىككى يىل ھەتتا ئون يىل داۋاملىشىشى مۇمكىن 2011-يىلى كۈزدىن باشلاپ ئامېرىكا، ياۋروپا ۋە ياپونىيەنىڭ ئىقتىسادى قايتا ئېشىشقا يۈزلەندى، جۇڭگو، ھىندىستان ۋە بىرازىلىيە قاتارلىق تەرەققىي قىلىۋاتقان چوڭ-چوڭ ئىقتىسادىي گەۋدىلەرنىڭ ئىقتىسادى تېز ئاشتى. بۇ، ئىقتىسادشۇناس نۇرىل رۇبنىنىڭ ئاخىر زامان تەلىماتىدىن خېلى يىراقلاپ كەتتى. ئەمەلىيەت رادىكال سىياسەت ئىنكاسىنىڭ چېكىنىش ۋاقتىنى قىسقارتىشتا ئوينىغان رولىنىڭ كىشىلەرنىڭ پەرىزىدىن ھالقىپ كەتكەنلىكىنى ئىسپاتلىدى. دوللار ۋەيران بولىدۇ 2008-يىلى 7-ئايدىن 2011-يىلى 3-ئايغىچە (كىرىزىس ئەڭ ئېغىرلاشقان مەزگىل) دوللارنىڭ كۇرسى تۆۋەنلىمەي، ئەكسىچە ٪20 ئۆستى. 2011-يىلىنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا دوللارنىڭ كۇرسى چۈشكەن بولسىمۇ، ئەمما ئۈمىدسىزلەرنىڭ ئويلىغىنىدەك ۋەيران بولۇش گىردابىغا بارمىدى. قورۇقچىلىق كۈچىيىدۇ 2008-يىلىنىڭ ئاخىرىدىن 2012-يىلىنىڭ بېشىغىچە سودا ئوبوروتى تېز ئازلىماي، ئەكسىچە، ئىقتىسادنىڭ ئەسلىكە كېلىشىگە ئەگىشىپ، 2009-يىلىنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا ئېشىشقا باشلىدى. ئېنىقكى، نۇرغۇن دۆلەت ھۆكۈمەتلىرى ئالدىراپ-تېنەپ سودا قورۇقچىلىقىنى يولغا قويدى. بۇ، ئامېرىكا پارلامېنتى ئەيىبلىگەن «ئۆز دۆلىتىنىڭ مېلىنى سېتىۋېلىش» بەلگىلىمىسىنىلا ئەمەس، يەنە تاموژنا بېجىنى ئۆستۈرۈش ياكى ئىمپورتقا چەك قويۇش قاتارلىق تەدبىرلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. لېكىن، بىر يىلدىن كېيىن ياۋروپا ئىتتىپاقى ئېلان قىلغان دوكلاتتا: قورۇقچىلىقنىڭ ئومۇميۈزلۈك ھەم تولۇق ئەۋج ئېلىشى تىزگىنلەندى، دېيىلدى. باي دۆلەتلەردىكى كىرىزىس تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنى ۋەيران قىلىدۇ ئامېرىكا ۋە ياۋروپانىڭ ئىقتىسادى 2011-يىلى 1-پەسىلدىن باشلاپ ئىزىدا توختاپ قالغان بولسىمۇ، جۇڭگو ئىقتىسادى تېز ئاشتى. بۇ، يېڭ گۈللەنگەن بازارلارنىڭ دۇنيادىكى ئەڭ ئىلغار ئىقتىسادىي گەۋدىلەرگە قارىغاندا كىرىزىستىن ئوڭۇشلۇق ئۆتۈشىدىكى ئومۇمىي يۈزلىنىش. باي دۆلەتلەر ئېغىر ئىقتىسادىي قىيىنچىلىققا پېتىپ قالغان، ئامېرىكا پۇل مۇئامىلە بازىرىنىڭ قىيىنچىلىقى ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ بانكا سىستېمىسىغا تەسىر كۆرسىتىۋاتقاندا، «يېڭى گۈللەنگەن ئىقتىسادىي گەۋدىلەر تەرەققىي قىلغان ئىقتىسادىي گەۋدىلەردىن چەك-چېگراسىنى ئايرىشى مۇمكىن» دېگەن قاراش ئومۇميۈزلۈك مەسخىرە قىلىندى. ئەمما ئۇلار ھەقىقەتەن بىر-بىرىدىن چەك-چېگراسىنى ئايرىدى. يېڭى گۈللەنگەن بىرقىسىم ئىقتىسادىي گەۋدىلەر ئۆز بازىرىغا تاياندى، باشقا ئىقتىسادىي گەۋدىلەر ئىقتىسادى ئاشقان باشقا دۆلەتلەرگە ئېكسپورت قىلىشقا تاياندى. (مەسىلەن، جۇڭگو بۇلتۇر ئامېرىكىنىڭ ئورنىنى بېسىپ، بىرازىلىيەگە تاۋارنى ئەڭ كۆپ ئېكسپورت قىلىدىغان دۆلەت بولۇپ قالدى). زوراۋان سىياسىي داۋالغۇشى تېخىمۇ كۆپىيىدۇ ئەمەلىيەتتە بۇنداق بولمىدى. سايلىغۇچىلار ئىقتىسادىي قىيىنچىلىق سەۋەبىدىن ھۆكۈمەتنى جازالىدى. ئەمما بۇ ئىشلار ئاساسلىق ياۋروپادا كۆرۈلدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە، كۆپ ساندىكىلىرى تىنچلىق ۋە دېموكراتىيە شەكلىدە ئېلىپ بېرىلدى.
[ئاپتورى : مەنبەسى : ۋاقتى : 2012-3-1 19:26:41 كۆرۈلۈشى : 203 قېتىم] |
|
|
|
| | بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يوللانمىدى ، سىزنىڭ تۇنجى ئىنكاس يوللىغۇچى بولىشىڭىزنى قارشى ئالىمىز ! |
|
شىرىنىم تورى خەۋەر مەركىزى
(2010 - 5 - 17)
, خەت ساندۇقى : xirinim@sina.cn ,
ئالاقە QQ نۇمۇرى :
396896928 ,
ئالاقىلىشىش تىلىفۇنى : 13139663453 ,
新ICP备10201682号 |
|