بۇ يىل شىنجاڭنىڭ قىشلىق ساياھىتى زور دەرىجىدە جانلىنىپ كەتكەن |
بۇ يىل شىنجاڭنىڭ قىشلىق ساياھىتى زور دەرىجىدە جانلىنىپ كەتكەن 2-ئاينىڭ 14-كۈنى،ئاپتونوم رايونلۇق ساياھەت ئىدارىسى 12301 ساياھەت قىزىق لېنىيىلىك تېلېفون مەركىزى گۇرۇپپىسىنىڭ قىشلىق قار-مۇز ساياھىتىگە بولغان پائالىيىتى ناھايىتى جانلىنىپ كەتكەن بولۇپ،بۇ پائالىيەت دۆلەت A3 دەرىجىلىك ساياھەت رايونى ۋۇجاچۈ ساياھەت رايونىدا ئېلىپ بېرىلغان.100 جۈپ ئاشىق-مەشۇقلار،100 ساياھەت ماشىنىسى،بۇ جايلارنىڭ ساياھەت ئىشلىرىنى زور دەرىجىدە تەرەققىي قىلدۇرغان.
ئاپتونوم رايونلۇق ساياھەت ئىدارىسىنىڭ باش سېكرېتارى چىجوڭچىڭنىڭ دېيىشىچە،12031 بولسا پۈتۈن دۆلەت ساياھەت ئىدارىسىنىڭ پۈتۈن دۆلەتكە يۈزلەنگەن بىرلىككە كەلگەن ساياھەت قىزىق لىنىيە تېلېفونى ئىكەن،ئۇنىڭ ئاساسلىق ئىقتىدارى بولسا ساياھەت ئىشلىرىنى سۈرۈشتۈرۈش،ساياھەت ئىشلىرىنى پاش قىلىش،ساياھەت ئىشلىرىدىكى قۇتقۇزۇش ۋە ساياھەت ئەسكەرتىشى قاتارلىق 4 تۈرلۈك مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.شىنجاڭ 12031 ساياھەت قىزىق لىنىيە تېلېفونى 2010-يىلى 1-ئايدا رەسىمى قۇرۇلغاندىن بۇيان،ئىلگىرىكى 6 كىشىدىن تەركىب تاپقان كۆلىمى كېڭىيىپ ھازىرقى 30 كىشىلىك ساياھەت ئەترىتىدىن تەركىب تاپقان،ھەمدە ئۈنۈمى ناھايىتى كۆرۈنەرلىك بولغان.12301 قىزىق لىنىيە تېلېفونىنىڭ شىنجاڭنىڭ ساياھەت مۇھىتى ياخشىلىنىشى بىلەن شىنجاڭ ساياھەتچىلىكنىڭ رازى بولۇش نىسبىتى يۇقىرى دەرىجىدە ئېشىپ،قۇرۇلۇش ۋە تەرەققىيات جەرياندا شىنجاڭنىڭ ساياھەت ئۇچۇرلاشتۇرۇش تەرەققىيات تارىخىدىكى ئاساسى ئابىدىگە ئايلانغان،ۋە شىنجاڭنىڭ ساياھەتچىلىك ئۇچۇر ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىدىكى ئاساسى نىشان بولۇپ قالغان.
چىجوڭچىڭنىڭ كۆرسىتىشىچە،بۇ پائالىيەتنىڭ ئۇيۇشتۇرۇلۇشى بولسا شىنجاڭنىڭ ساياھەت تارماقلىرى بىلەن بولغان ئالاقىنى كۈچەيتىشىنى مەقسەت قىلغان بولۇپ،پۈتۈن كۈچى بىلەن بىر مەيدان ناھايىتى ئومۇميۈزلۈك بولغان 12301 قىزىق لىنىيە پائالىيەتنى بەرپا قىلغان،ۋە 12301 نومۇرنى بولسا پۈتۈن شىنجاڭ ئاممىسىنىڭ دەسلەپكى قەدەمدە ئىشلىتىشىگە زور دەرىجىدە تۈرتكە بولغان،12301ھەمدە ساياھەت قىزىق لىنىيە تېلېفون مەركىزى بولسا ئادىل،ئىشەنچلىك،توغرا،ئۈنۈملۈك بولغان كىشلەر ئاساسى جەھەتتىن تولۇق رازى بولغان ساياھەت نۇقتىسىغا ئايلىنىپ كەتكەن.
بۇ قېتىمقى پائالىيەت بولسا 《قار مۇز كېچىدىكى رومانتىك ئاشىق-مەشۇقلار بايرىمى》 بولۇپ،بۇ تۈر بولسا 《مۇھەببەتنىڭ ئىزناسى》 نى تېپىش قاتارلىق پائالىيەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.
خۇلاسىلەپ ئېيتقاندا، ئاپتونوم رايونلۇق ساياھەت ئىدارىسى 12301 ساياھەت قىزىق لېنىيىلىك تېلېفون مەركىزى گۇرۇپپىسىنىڭ قىشلىق قار-مۇز ساياھىتىگە بولغان پائالىيىتى ناھايىتى جانلىنىپ كەتكەن بولۇپ،بۇ پائالىيەت دۆلەت A3 دەرىجىلىك ساياھەت رايونى ۋۇجاچۈ ساياھەت رايونىدا ئېلىپ بېرىلغان.100 جۈپ ئاشىق-مەشۇقلار،100 ساياھەت ماشىنىسى،بۇ جايلارنىڭ ساياھەت ئىشلىرىنى زور دەرىجىدە تەرەققىي قىلدۇرغان. مەنبە: www.xj.xinhuanet.com
[ئاپتورى : مەنبەسى : ۋاقتى : 2012-2-17 19:07:25 كۆرۈلۈشى : 190 قېتىم] |
|