2011-يىلى شىنجاڭنىڭ تاشقى سودىسىدا ئەڭ يۇقىرى رېكورت يارىتىلدى - Information|news|mp3|mtv|Movies|flash|Pictures|Star|Company|Software|Games...
بۈگۈن : , ياشلار بايرىمىغا يەنە -7 كۈن بار
| تىزىملىتىش | سېستىمىغا كىرىش | ئىزدەش | تەكلىپ - پىكىر | باش بەت قىلىۋېلىڭ

باش بەت خەلىقئارا
مەملىكەت
شىنجاڭ
مەدىنىيەت
ئىقتىساد
تەنتەربىيە
كۆڭۈل ئېچىش
پەن - تېخنىكا
سۈرەتلىك

 
 
 
تېمىسى مەزمۇنى ئىنكاس  
   ئاۋات خەۋەرلەر

 

كورىيىنىڭ 4-ئايلى..
«جۇڭگو -ھوللېۋۇد..
Toyota نىڭ 4-ئايلىق ئ..
1-ماي ئەمگەكچىلەر..
ئاۋسترالىيە ئاۋى..
جۇڭگو چەتئەللىك ..
خەلق پۇلىنىڭ 27-ئا..
12-ئاپرېلدىكى خەل..

   تەۋسىيە خەۋەرلەر

 

«جۇڭگو -ھوللېۋۇد..
ئاۋسترالىيە ئاۋى..
تارىم نېفىتلىكىد..
يەر شارى بويىچە ئ..
تىم كۇكنىڭ 2011-يىل..
ئوباما: ئامېرىكا..

   ئاۋات خەۋەرلەر

 

بىر مولۇق قەغەز پۇلنىڭ قىممىتى ئۆستى..
باۋما ئامرىكىدا241مىڭ دانە كاشىلا كۆرۈلگەن ماش..
شاڭخەيدە تاۋۇزنىڭ بازىرى كاساتلاشتى..
يەرشارىدىكى كىرىمى ئەڭ يۇقىرى داڭلىق ئەر-خوتۇن..
شياڭگاڭنىڭ خەلق پۇلى ئامانىتى يانۋاردا ھالقىسى..
21-مارت شاڭخەيدە ئالتۇننىڭ نەق مال باھاسى ئۆست..
ئوباما: ئامېرىكا ئىقتىسادىدا قۇرۇلما مەسىلىسى ..
زۇڭتۇڭ ئوباما ئامېرىكىدىكى ئەڭ چوڭ مەسىلىنىڭ ئ..
خەلق پولىنىڭ ئامېرىكا دوللىرىغا پېرېۋوت قىلىنى..
بۈگۈن شاڭخەيدە ئالتۇننىڭ نەق مال باھاسى چۈشتى..

خىزمەت ئىزدەش | خىزمەتچى ئىزدەش | ئۆي - مۈلۈك | سودا - سېتىق | ماشىنا ئۇچۇرى | مائارىپ تەربىيىلەش | كومپيوتېر IT | لايىق ئىزدەش
2011-يىلى شىنجاڭنىڭ تاشقى سودىسىدا ئەڭ يۇقىرى رېكورت يارىتىلدى
2011-يىلى، شىنجاڭنىڭ تاشقى سودىسىدا تارىختىن بۇيانقى ئەڭ يۇقىرى رېكورت ياراتقان بولۇپ، ئەمىلىگە ئاشۇرغان ئىمپورت-ئېكسپورت ئومۇمىي مىقدارى 22 مىليارد 822 مىليون ئامېرىكا دوللىرى بولۇپ، ئالدىنقى يىلىدىكىدىن %33.2 ئاشقان.
تاموژنىنىڭ ستاتىستىكىسىغا ئاساسلانغاندا، 2011-يىلى، شىنجاڭنىڭ تاشقى سودىدا ئومۇمىي ئەمەلگە ئاشۇرۇلغان ئىمپورت-ئېكسپورت مىقدارى 22 مىليارد 822 مىليون ئامېرىكا دوللىرى بولغان بولۇپ، ئالدىنقى يىلىدىكىدىن %33.2 ئاشقان، ئېشىش سۈرئىتى پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئوتتۇرىچە سەۋىيىسىدىن 10.7 نۇقتا يۇقىرى بولغان. ئېكسپورت مىقدارى 16 مىليارد 826 مىليون ئامېرىكا دوللىرى بولغان بولۇپ، ئالدىنقى يىلىدىكىدىن %29.8 ئاشقان؛ ئىمپورت مىقدارى 5 مىليارد 993 مىلىيون ئامېرىكا دوللىرى بولغان بولۇپ، ئالدىنقى يىلىدىكىدىن %44 ئاشقان.
سودا شەكلىدىن قارىغاندا، ئادەتتىكى سودا، چېگرا كىچىك مىقدارلىق سودىسى، باشقا سودا قاتارلىقلار ئوخشاشلا بىر قەدەر تېز ئېشىشنى ئەمەلگە ئاشۇرغان بولۇپ، پىششىقلاپ ئىشلەش سودىسى تۆۋەنلىگەن. بۇلارنىڭ ئىچىدە، ئادەتتىكى سودا ئەمەلگە ئاشۇرۇلغان ئىمپورت-ئېكسپورت مىقدارى 6 مىليارد 477 مىليون ئامېرىكا دوللىرى بولغان بولۇپ، ئالدىنقى يىلىدىكىدىن %78.3 ئاشقان؛ چېگرا كىچىك مىقدارلىق سودا ئەمەلگە ئاشۇرۇلغان ئىمپورت-ئېكسپورت مىقدارى 12 مىليارد 836 مىليون ئامېرىكا دوللىرى بولغان بولۇپ، ئالدىنقى يىلىدىكىدىن %27.8 ئاشقان؛ باشقا سودىلار ئەمەلگە ئاشۇرغان ئىمپورت-ئېكسپورت مىقدارى 3 مىليارد 245 مىليون ئامېرىكا دوللىرى بولغان بولۇپ، ئالدىنقى يىلىدىكىدىن %3.8 ئاشقان. پىششىقلاپ ئىشلەش سودىسى ئەمەلگە ئاشۇرغان ئىمپورت-ئېكسپورت مىقدارى 265 مىليون ئامېرىكا دوللىرى بولغان بولۇپ، %19 تۆۋەنلىگەن.
شىنجاڭدىكى 15 ۋىلايەت، ئوبلاست ۋە شەھەرلەرنىڭ ئىمپورت-ئېكسپورت ئەھۋالىدىن قارىغاندا، 2011-يىلى، ئۈرۈمچى شەھىرى، ئىلى ئوبلاستى قاتارلىق 13 ۋىلايەت، ئوبلاست ۋە شەھەرلەر ئېشىشنى ئەمەلگە ئاشۇرغان بولۇپ، چۆچەك ۋە خوتەن رايونلىرىدا تۆۋەنلەش كۆرۈلگەن. ئىمپورت-ئېكسپورتتىكى ئالدىنقى 5 رايون بولسا، ئۈرۈمچى شەھىرى، ئىلى ئوبلاستى، سانجى ئوبلاستى، بورتالا ئوبلاستى، قەشقەر ۋىلايىتى قاتارلىقلار بولۇپ، ئىمپورت-ئېكسپورت ئومۇمىي مىقدارى 19 مىليارد 342 مىليون ئامېرىكا دوللىرى بولغان بولۇپ، پۈتۈن رايون ئىمپورت-ئېكسپورت ئومۇمىي مىقدارىنىڭ %85 نى ئىگىلىگەن. بۇلارنىڭ ئىچىدە، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ئىمپورت-ئېكسپورت مىقدارى 9 مىليارد 30 مىليون ئامېرىكا دوللىرى بولۇپ، ئالدىنقى يىلىدىكىدىن %50.9 ئېشىپ، 1-ئورۇندا تۇرغان؛ ئىلى ئوبلاستىنىڭ ئىمپورت-ئېكسپورت مىقدارى 5 مىليارد 580 مىليون ئامېرىكا دوللىرى بولۇپ، ئالدىنقى يىلىدىكىدىن %14.2 ئېشىپ، 2-ئورۇندا تۇرغان؛ سانجى ئوبلاستىنىڭ ئىمپورت-ئېكسپورت مىقدارى 2 مىليارد 113 مىليون ئامېرىكا دوللىرى بولۇپ، ئالدىنقى يىلىدىكىدىن %1.8 ئېشىپ، 3-ئورۇندا تۇرغان.
ئاپتونوم رايونلۇق سودا ئىشلىرى نازارىتىنىڭ نازىرى خى يىمىڭ تونۇشتۇرۇپ، ئۆتكەن بىر يىلدا، شىنجاڭنىڭ سودا ئىشلىرى سىستېمىسى چېگرا سودىسىنىڭ مۇھىملىقىنى گەۋدىلەندۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، زور كۈچ بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە ئەتراپتىكى دۆلەتلەرنى ئاساس قىلغان بازارنى كۆپ خىللاشتۇرۇش ئىستراتېگىيىسىنى يولغا قويدى، دېگەن. رۇسىيە، بېلرورۇسىيە، قازاقىستانلارنىڭ تاموژنا بېجى ئىتتىپاقى ئېلىپ كەلگەن پايدىسىز تەسىرلەرگە ئاكتىپ تاقابىل تۇرۇپ، سودىنى كۈچەيتىپ خىزمەتلەرنى ئىلگىرى سۈرگەن، كارخانىلارنىڭ سودا تەرەققىيات شەكلىنى ئۆزگەرتىشىگە يېتەكچىلىك قىلىپ، ھەر تۈرلۈك تاشقى ئىقتىسادىي سودا كارخانىلىرىنىڭ بازاردىكى ئاساسى گەۋدىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ياخشى نەتىجىگە ئېرىشكەن. 2011-يىلى، پۈتۈن رايون بويىچە ئىمپورت-ئېكسپورت كۆلىمى ئون مىليون ئامېرىكا دوللىرىدىن ئاشقان كارخانىلار 245گە يەتكەن بولۇپ، ئالدىنقى يىلىدىكىدىن 40 كارخانا كۆپەيگەن؛ يۈز مىليون ئامېرىكا دوللىرىدىن ئاشقان كارخانىلار 51گە يەتكەن بولۇپ، ئالدىنقى يىلىدىكىدىن 9 كارخانا كۆپەيگەن. خۇسۇسىي كارخانىلارنىڭ ئىمپورت-ئېكسپورت مىقدارى 15 مىليارد 400 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا يەتكەن بولۇپ، پۈتۈن رايوندىكى ئىمپورت-ئېكسپورت مىقدارىنىڭ %67.5 نى ئىگىلىگەن. قازاقىستان بىلەن بولغان سودا تۇنجى قېتىم 10 مىلياردتىن ئېشىپ 10 مىليارد 600 مىليون ئامېرىكا دوللىرى بولغان، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بەش دۆلەت ۋە رۇسىيە بىلەن بولغان سودىدىكى ئىمپورت-ئېكسپورت مىقدارى 17 مىليارد 9 مىليون ئامېرىكا دوللىرى بولغان بولۇپ، پۈتۈن رايوننىڭ تاشقى سودىسىدا ئىگىلىگەن نىسبىتى %78.4 بولغان. چېگرا سودىسىدىكى ئىمپورت-ئېكسپورت كۆلىمى 18يىلدىن بۇيان پۈتۈن رايوننىڭ تاشقى سودىسىدا يېرىم نىسبەتنى ئىگىلەپ كەلگەن بولۇپ، ئۇدا 8 يىل پۈتۈن مەملىكەت بويىچە قۇرۇقلۇق چېگرا رايوندىكى ئۆلكە، رايونلار ئىچىدە ئالدىنقى ئورۇندا تۇرۇپ كەلگەن.
شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، شىنجاڭ سودا ئىشلىرى نازارىتى بازارنى ئاساسىي نىشان قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، سودا قۇرۇلمىسىنى تەڭشەشنى ئەلالاشتۇرغان. تاشقى سودا سۈپىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش يىللىق پائالىيىتىنى راۋاجلاندۇرۇش ئارقىلىق، ئىشلەپچىقىرىپ ئېكسپورت قىلىش تىپىدىكى كارخانىلارنىڭ تەرەققىياتىغا ياردەمدە بولۇپ، ئېكسپورت بازىسى ۋە تاشقى سودا ئاممىۋى مۇلازىمىتى سۇپىسى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، زور كۈچ بىلەن ئېلېكترونلۇق سودىنىڭ قوللىنىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئېكسپورت كرېدىت سۇغۇرتىسى قاتارلىق پۇل-مۇئامىلە مۇلازىمىتى قوراللىرىدىن پايدىلىنىپ سودا تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرگەن. 2011-يىلى، پۈتۈن رايوندىكى ئادەتتىكى سودا ئىمپورت-ئېكسپورت ئومۇمىي قىممىتى 6 مىليارد 480 مىليون ئامېرىكا دوللىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرغان بولۇپ، %78.3 ئاشقان، شۇنداقلا ئالدىنقى يىلىغا سېلىشتۇرغاندا 7 نۇقتا يۇقىرى كۆتۈرۈلگەن. ئەنئەنىۋى تۈركۈملەپ ئىشلەپچىقىرىلىدىغان مەھسۇلاتلارنىڭ ئېكسپورت قىلىنىشى بىر قەدەر تېز ئېشىشنى ساقلىغان، ئېلېكترومېخانىكىلىق ۋە يۇقىرى يېڭى تېخنىكىلىق مەھسۇلاتلار ئېكسپورتى 3 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىدىن ئاشقان بولۇپ، تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى نۇقتىنى ياراتقان، پەمىدۇر، كوكس قاتارلىق يەرلىك مەھسۇلاتلارنىڭ ئېكسپورتى مۇقىم ھالدا ئاشقان، جۇڭجى ماشىنىلىرى، شەنشى جۇڭچى، جۇڭگو جۇڭچى ۋە ئۈچ بىر ئېغىر سانائىتى قاتارلىق بىر تۈركۈم ئېلېكترومېخانىكا كارخانىلىرىنىڭ شىنجاڭغا كېلىپ مەبلەغ سېلىپ تەرەققىي قىلىشى جەلپ قىلىنغان بولۇپ، ئېكسپورت مەھسۇلاتلىرى قۇرۇلمىسى يەنە بىر قەدەم ئەلالاشتۇرۇلغان. ئاكتىپلىق بىلەن تىرىشىپ نۇقتىلىق باشقۇرۇلىدىغان مەھسۇلاتلارنىڭ ئىمپورت-ئېكسپورت نورمىسىنى تەڭشەپ، بايلىق، ئېنېرگىيە ئىمپورتىنىڭ تېز سۈرئەتتە ئېشىشىنى داۋاملاشتۇرغان، خام نېفىت، تۆمۈر رۇدىسى، تەييار نېفىت قاتارلىق تۈركۈملەپ ئىشلەپچىقىرىلىدىغان مەھسۇلاتلارنىڭ ئىمپورت مىقدارى تارىختىن بۇيانقى ئەڭ يۇقىرى رېكورتنى ياراتقان بولۇپ، سوممىسى ئايرىم-ئايرىم ھالدا %70.8، %45.2 ۋە 3.69 ھەسسە ئاشقان.
[ئاپتورى :   مەنبەسى :   ۋاقتى : 2012-2-8 13:49:42  كۆرۈلۈشى : 179 قېتىم]

  
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يوللانمىدى ، سىزنىڭ تۇنجى ئىنكاس يوللىغۇچى بولىشىڭىزنى قارشى ئالىمىز !
خىزمەت ئىزدەش | خىزمەتچى ئىزدەش | ئۆي - مۈلۈك | سودا - سېتىق | ماشىنا ئۇچۇرى | مائارىپ تەربىيىلەش | كومپيوتېر IT | لايىق ئىزدەش
ساندۇقلۇق مال يۆتكەش ئورنىمىزغا جىددىي خىزمەتچى قۇبۇل..
قىزلارغا خوش- خەۋەر.
ھۆكۈمەت قارىمىقىدىكى ئوغۇت بىسىپ چۇشۇرۇش ئورنىغا جىدد..
ئىلىكتىر ئۈسكۈنلىرى زاۋۇتىغا جىددى 80 نەپەر خىزىمەتچى ق..
مىنرال سۇ زاۋۇتى،ئىچىملىك بېسىپ چۇشۇرۇش ئورنىغا جىددى..
كۇنلۇكى100_150يۇەندىن 20نەپەر كۇنلۇك ئىشچى قۇبۇل قىلمىز،
شىنجاڭنىڭ ھەر قايسى جايلىردىن ھۆكمەت تارمىقدىكى ساندۇ..
ئىلمىي مالاقە لازىممۇ!
بىنا ئۆي ئىجارىگە بېرىلىدۇ
80توننا مىغىز كۈنجۈر سېتىلىدۇ
....سۇپۇن زاۋۇتىغا ئەر-ئايال،قىز-ئۇغۇل خىزمەتچى قۇبۇل قى..
ئايدا 200 نەچچە يۇەن تۆلەپ داڭلىق ماركىدىكى كومپىيۇتىر،..
جىىدى ئەرزەن باھادا سىيتلىدۇ!
مېنرالسۇزاۋۇتىغا10نەپەر خىزمەتچى قۇبۇل قىلمىز
كەشتە ئىشلەش زاۋۇتىمىزغا جىددىي 5نەپەر قىز ئىشچى ئالىم..
مايلېق مۇتسېكلېتنېڭ LPG سۇيۇقلاندۇرۇرغان گاز قۇرۇرمرسې..
ھەركەتلىك | فانتازيىلىك | قورقۇنۇچلۇق | ئۇرۇش | بوكىس | ئۇيغۇرچە | قىسىملىق | كارتون | كومىدىيىلىك | مۇھەببەت
پىچاقچى
قەھرىمان
كۆڭۈلدىكىدەك مۇھەببە
گىگانىتلار 3-بۈلۈم
چەۋەنداز مۈشۈك
يېڭى ‹غەرىپكە ساياھە
ناتىۋانلار 1-72
قىساسكار ئاشىق 1 -10
قىزىم نەدە؟ 1 - 104
كورتلار ۋادىسى - ئىر

شىرىنىم تورى خەۋەر مەركىزى  (2010 - 5 - 17)  ,  خەت ساندۇقى : xirinim@sina.cn  ,  ئالاقە QQ نۇمۇرى : 396896928  , ئالاقىلىشىش تىلىفۇنى : 13139663453  ,   ICP10201682