|
|
يەرشارىدىكى چوڭ شەھەرلەرنىڭ تۇرمۇش تەننەرخ تەرتىپى |
يېقىندا ئامېرىكا مېيشى مەسلىھەتچىلىك شىركىتى «2011-يىللىق يەرشارىدىكى 214 چوڭ شەھەرنىڭ تۇرمۇش تەننەرخ دوكلاتى»نى ئېلان قىلدى، جۇڭگودىن بېيجىڭ، شاڭخەي 20- ۋە 21 -ئورۇنغا تىزىلدى. ئادەم جۇڭگودىكى چوڭ شەھەرلەرگە سېلىشتۇرما قىلىنىدىغان شەھەر نىيويوروك ئاران 32-ئورۇنغا تىزىلدى. بېيجىڭ، شاڭخەي ئىككى شەھەر «مۇۋەپپەقىيەتلىك» ھالدا ئىلگىرى دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ شەھەرلەرنىڭ بېشى بولغان نىيويوروك شەھىرىدىن ئېشىپ كەتتى. لېكىن ئالدىمىزدىكى « ئاغىنە شەھەر»لەرگە قارىغاندا بىز تېخى سەل تەلەيلىك ھېسابلىنىمىز. مۇتلەق كۆپ سانلىق ئادەمنى قاقشىتىۋاتقان، ئازابلاۋاتقان ئۆي باھاسى چۈشمەكتە يوق بارغانسېرى ئۆسۈپ خۇددى ئەتىلا تالا قالىدىغاندەك تۇيغۇغا كەلتۈرۈپ قويۇۋاتىدۇ. مال باھاسىنىڭ ئۆسۈشىگە گەپ كەتمەيدۇ، تېخى ئالدىنقى كۈنى مەن دوستۇمدىن 1.5 يۈەنلىك مىنېرال سۇنىڭ 2 يۈەنگە ئۆسمەكچى بولغانلىقىنى ئاڭلاپ دۇكانغا كىرسەم ئاللىقاچان ئۆسۈپ 10 يول ئاپتوبۇسىغا ئولتۇرىدىغان 0.5 يۈەن پۇلنىمۇ قوشۇپ ئالماقچى بولغاندا ئەسلى 1 يۈەنلىك 1.5 يۈەنگە ئۆسكەن مىنېرال سۇدىن بىر بوتۇلكا ئېلىپ يېنىپ چىقتىم. ئەمدى تېمىغا قايتىپ دۇنيادىكى ئەڭ قىممەتچىلىك بولۇۋاتقان شەھەرلەردىن بىر قانچىسىگە قاراپ باقايلى: دۇنيا بويىچە 1-بولغىنى: ئانگولانىڭ پايتەختى لۇئاندا ئۆزى ئافىرىقىدا بولغان بىلەن تۇرمۇش تەننەرخى دۇنيا بويىچە 1-ئورۇندا تۇرغان شەھەر. لۇئاندادا ئىككى ياتاق ئۆيى بار ئۆيلەرنىڭ ئايلىق ئىجارىسى 7000 دوللار (تەخمىنەن 45مىڭ يۈەن خەلق پۇلى). نېمىشقا مۇنداق ئۆسۈپ كېتىدۇ؟ چۈنكى ئۇ يەردە 30 يىلنىڭ ياقى توختىماي دېگۈدەك ئىچكى ئۇرۇش بولغان. شۇ سەۋەبتىن تاۋا ۋە مۇلازىمەت لۇئاندادا كۈنسېرى ئازىيىپ باھاسى ئۆرلەشكە باشلىغان، 50 مىڭ ئادەمنى سىغدۇرالايدىغان شەھەردە 5 مىليون ئادەم قىستىلىشىپ تۇرۇۋاتىدۇ. تەمىنلەش بىلەن ئېھتىياجدىن كەلگەن بېسىم ھەممە نەرسىنى قورقۇتۇپ يۈرىكىنى چىقىرىۋەتتى. ئاسىيا بويىچە 1-بولغىنى: ياپونىيەنىڭ پايتەختى توكيو توكيو بۇ يىل دۇنيادا ئىككىنچىلىكنى، ئاسىيادا بىرىنچىلىكنى سەل ئۇۋالچىلىق بىلەن ئەپ قالدى، چۈنكى ئالدىنقى مەزگىلدىكى قاتتىق يەر تەۋرەشتە ئىجارە ئۆي باھاسىنىڭ چۈشۈش بېسىمى بىلەن توكيودىن كەتمەكچى بولغان نوپۇسنىڭ كېڭىيىشى بىرلىشىپ مال باھاسىنىڭ چۈشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. ئەمما بۇ قېتىملىق نەتىجىنىڭ ئالدىدا چىقىشى سەۋەبى ياپونىيە يىنىنى ئامېرىكا دوللىرىغا نىسبەتلەشتۈرگەندە قىممىتى ئۆسكەن. بۇ قېتىملىق تەكشۈرۈشتە ئامېرىكىنڭ نىيويوروك شەھىرى ئاساس قىلىنغان بولۇپ باشقا شەھەرلەر نىيويوروك بىلەن سېلىشتۇرۇلغان. ئالدىنقى بىر يىلدا ياپونىيە يىنىنىڭ قىممىتى %9 ئۆسكەن. مۇشۇ دەل ياپونىيەنىڭ دۇنيادا 2-ئورۇندا تۇرۇشىنىڭ سەۋەبى. ياۋروپا بويىچە 1-بولغىنى: رۇسىيەنىڭ پايتەختى موسكۋا موسكۋا دۇنيا بويىچە 4-ئۇزۇندا، ياۋروپا بويىچە 1-ئورۇندا تۇردى. موسكۋادا بەزى نەرسىلەر ئەمەلىيەتتە ئۇنداق بەك قىممەت ئەمەس، بىر بولكا ئاران 0.43 دوللار، ئوخشاش چوڭلۇقتىكى بولكا فىرانسىيە پايتەختى پارىژدا 2 دوللار ياكى ئۇنىڭدىن قىممەت. لېكىن تېز تاماقلارنى چىقىرىۋەتكەندە، موسكۋانىڭ باشقا يېمەكلىكلىرىنىڭ باھاسى ئۇنداق كۆڭۈلدىكىدەك ئەمەس، كالا گۆشى (قېلىن توغرالغان كالا گۆشى) نىيويوروكتىن %40 قىممەت. نىيويوروكقا سېلىشتۇرغاندا موسكۋادا ھەرخىل ئىستېمالنىڭ يۇقىرى تۆۋەنلىكى بار، لېكىن ئاسمان-پەلەك باھاغا چىقىپ كەتمىدى. ئەمما يەنە شۇ ئۆ باھاسى بەكلا يۇقىرى، موسكۋانىڭ مەركىزىدە بىر كۋادرات مېتىر ئۆينىڭ باھاسى 20 مىڭ دوللار. دۇنيا بويىچە 2-يۇقىرى باھا. ياۋروپا بويىچە 2-بولغىنى: شۋېيتسارىيەنىڭ جەنۋە شەھىرى شۋېيتسارىيەدە ئىككى شەھەر ئالدىنقى 10 ئىچىگە كىردى. جەنۋە 5-ئورۇندا ، سيۇرىخ 7-ئورۇندا تۇردى. قاتناش تەرەققىي قىلغان، قۇلايلىق، ئەسلىھەلەر تۇللۇق، مائاش يۇقىرى باج تۆۋەن، بىر ئۆمۈر يۇقىرى پاراۋانلىقتىن بەھرىمەن بولۇش، ئەلۋەتتە يەنە مال باھاسىنىڭ يۇقىرى بولۇشى جەنۋەنىڭ تاغ-دەريالىرىنىڭ ھۆسن جامالى بىلەن قوشۇلۇپ شۋېيتسارىيەنىڭ بەلگىسىگە ئايلاندى. چوڭى ئۆي ۋە ماشىنىدىن كىچىكى بولكا ۋە قەلەمگىچە بولغان تاۋارلارنىڭ باھاسى ئالامەت يۇقىرى. بىر ستاتىستىكىدا شۋېيتسارىيە پۇقراسىنىڭ ئادەتتىكى تۇرمۇش بۇيۇملىرىغا بولغان ئېھتىياج چىقىمى قوشنا دۆلەت فىرانسىيەنىڭكىدىن %26 يۇقىرى دېيىلگەن. ھەتتا بەزى كىشىلەر دۆلەت ئاتلاپ گېرمانىيە، فىرانسىيە ياكى ئىتالىيە قاتارلىق دۆلەتلەرگە بېرىپ تۇرمۇش بۇيۇملىرى سېتىۋالىدىكەن. شۋېيتسارىيەنىڭ پايتەختى بېرن ئاران 16 -ئورۇندا تۇرغان. ئامېرىكا قىتئەسى بويىچە 1-بولغىنى: بىرازىلىيە سان پاۋلو شەھىرى سان پاۋلو شەھىرى ئۆتكەن يىلدىكى 21-ئورۇندىن بىراقلا 10-ئورۇنغا ئۆتتى. بىرازىلىيەنىڭ مال باھاسى ئامېرىكىغا قارىغاندا كۆپ يۇقىرى، ھەتتا بەزى مەھسۇلاتلارنى بايلارمۇ قىممەت ھېس قىلىدۇ. مەسىلەن بىر بوتۇلكا مىنېرال سۇنىڭ باھاسى 2-4 لىرغىچە (لىر-پۇل بىرلىكى) بولۇپ خەلق پۇلىغا سۇندۇرغاندا 8 يۈەندىن 18 يۈەنگىچە توغرا كېلىدۇ. ئەلۋەتتە ئالدىنقى رەتتە تۇرۇشى يالغۇز مال باھاسىنىڭ بەك ئۈستۈن بۆلىشى بىر سەۋەب، يەنە بىر سەۋەبى دوللارغا نىسبەتەن لىرنىڭ قىممىتىنىڭ ئۆسۈشى. دۇنيا بويىچە ئارقىدىن سانىغاندا 1-بولغىنى: پاكىستاننىڭ كاراچى شەھىرى تىزىملىكتىكى 214 شەھەرنىڭ ئىچىدە كاراچىنىڭ تۇرمۇش تەننەرخى ئارقىدىن سانىغاندا 1-ئورۇندا تۇرغان. گەرچە تۇرمۇش تەننەرخ تۆۋەن بولغان بىلەن، خەلقنىڭ ئەھۋالى دېگەندەك ياخشى ئەمەس. كاراچىنىڭ كوچىلىرىدا دائىم قۇتقۇزۇش ئورۇنلىرىنىڭ ئالدىدا قۇتقۇزۇش ئاشلىقى ئېلىشقا ئۆچىرەت تۇرغانلارنى ئۇچراتقىلى بولىدۇ. مال باھاسىنىڭ ئۆسۈشى، خەلق پۇلنىڭ قىممىتىنىڭ چۈشۈشى ئۇ يەردىكى خەلقنىڭ تۇرمۇشى بارغانسېرى ناچارلاشتۇرۇۋەتكەن. پاكىستاننىڭ ئولتۇراق ئۆي قۇرلىشى تەرەققىي قىلمىغان، ئۆيلەر بەك كونا بولغاچقا بەزىدە پۇقرالار بىخەتەر، ئازادە ئۆيلەرنىمۇ ئاسان تاپالمايدۇ.
[ئاپتورى : مەنبەسى : ۋاقتى : 2011-8-10 13:28:34 كۆرۈلۈشى : 581 قېتىم] |
|
|
|
| | بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يوللانمىدى ، سىزنىڭ تۇنجى ئىنكاس يوللىغۇچى بولىشىڭىزنى قارشى ئالىمىز ! |
|
شىرىنىم تورى خەۋەر مەركىزى
(2010 - 5 - 17)
, خەت ساندۇقى : xirinim@sina.cn ,
ئالاقە QQ نۇمۇرى :
396896928 ,
ئالاقىلىشىش تىلىفۇنى : 13139663453 ,
新ICP备10201682号 |
|