ئۆز خەۋىرىمىز: شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقى مۇۋەپپەقىيەتلەر كۆرگەزمىسى 21-سېنتەبىر قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيانقى ئىككى ئايدىن كۆپرەك ۋاقىتتا نۇرغۇن ئاممىنى جەلپ قىلىپ، كەڭ ئامما ئارىسىدا كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىدى، « مەن شىنجاڭنى سۆيىمەن»، « شىنجاڭغا بەخت تىلەيمەن »، « مەن يۇرتۇمدىن پەخىرلىنىمەن »، « شىنجاڭنىڭ كەلگۈسىنىڭ تېخىمۇ ياخشى بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن » دېگەن سۆزلەر مۇخبىر زىيارەت داۋامىدا ئەڭ كۆپ ئاڭلىغان سۆزلەر بولۇپ قالدى.
64 ياشلىق جاڭ ۋېنچيەن مۇۋەپپەقىيەتلەر كۆرگەزمىسىنىڭ دائىملىق مېھمىنى، 25-نويابىر ئۇنىڭ كۆرگەزمىنى كۆرۈش ئۈچۈن 6-قېتىم كېلىشى. ھەر قېتىم كەلگەندە ئۇ قەلەم، دەپتىرىنى ئالغاچ كېلىپ، بىر تەرەپتىن كۆرگەزمىنى كۆرسە، يەنە بىر تەرەپتىن خاتىرە قالدۇرۇپ ماڭدى. ئۇ مۇنداق دېدى: ھەر بىر پارچە سۈرەتنى كۆرۈپ ۋە كۆچمە سەھنىدە ئورۇندالغان « بىزنىڭ شىنجاڭ ياخشى جاي » دېگەن ناخشىنى ئاڭلىغىنىمدا، مەن ناھايىتى خوش بولىمەن، مەن خاتىرە قالدۇرغانلىرىمىنى كەنتتىكىلەرگە دەپ بېرىپ، ئۇلارنى شىنجاڭنىڭ 60 يىللىق تەرەققىيات جەريانىدا قولغا كەلتۈرگەن شانلىق نەتىجىلىرىدىن ئومۇميۈزلۈك چۈشەنچىگە ئىگە قىلىمەن.
80 ياشلىق گو جۇنىڭ تەقدىرى شىنجاڭغا باغلانغان. 1949-يىلى گو جۇ قىسىم بىلەن بىللە شىنجاڭغا كەلگەن، شۇ يىلى 25-سېنتەبىر گېنېرال تاۋ جىيۆ شىنجاڭنىڭ تىنچ ئازاد بولغانلىقى توغرىسىدىكى خەۋەرنى جاكارلىغاندا ھەممە يەردە ئالقىش ياڭرىغان ئىدى، بۇلارنىڭ ھەممىسى گو جۇنىڭ كۆز ئالدىدىن كەتمەيتتى. ئۇ شۇ چاغنى ئەسلەپ مۇنداق دېدى: 60 يىلدىن بۇيان شىنجاڭ شانلىق نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى، بۈگۈن مۇۋەپپەقىيەتلەر كۆرگەزمىسىنى كۆرۈپ، ئۆزەمنىڭ بىر شىنجاڭلىق ئىكەنلىكىمدىن ناھايىتى پەخىرلىك ھېس قىلدىم. شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتى ئاسان قولغا كەلمىگەن، شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقىدىن ئايرىلالمايدۇ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ غەمخورلۇقى ئاستىدا، شىنجاڭنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىرىنىڭ تېخىمۇ شانلىق بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
خوتەن گۇما ناھىيەسى چودا يېزىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى مەمەتجان مۇختار مۇۋەپپەقىيەتلەر كۆرگەزمىسىنى كۆرگەندىن كېيىن ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: شىنجاڭ بەك تېز تەرەققىي قىلىپتۇ، مۇۋەپپەقىيەتلەر كۆرگەزمىسىنى كۆرۈپ مەن چودا يېزىسىنى ئويلاپ قالدىم، يېقىندا چودا يېزىسىدىمۇ نۇرغۇن يېڭى ئۆزگىرىشلەر يۈز بەردى، مەدەنىيەت، تەنتەربىيە، مائارىپ جەھەتتىمۇ ناھايىتى زور ياخشىلىنىشلار بولدى، كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت گۇرۇپپىسى دېھقانلارغا ناھايىتى كۆپ پايدا ئېلىپ كەلدى، شىنجاڭنىڭ تېخىمۇ ئىناق، ئىتتىپاق، تېخىمۇ گۈزەل بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
قەشقەر ۋىلايىتى يەكەن ناھىيەسى ئاۋات بازىرىدىن كەلگەن ئەلئىچى سەنئەتكار ئايتىللا ئەخمەت مۇۋەپپەقىيەتلەر كۆرگەزمىسىنىڭ مەدەنىيەت كۆرگەزمىسى زالىدىكى سۈرەت، ماددى بۇيۇم ۋە كىتابلارنى كۆرۈپ مۇنداق دېدى: مەن ئەلئىچى سەنئەتكارى، مەن مىللىي مەدەنىيەتنى چوڭقۇر سۆيىمەن، « مۇقام بىلەن ئۆتكەن كۈنلەر » نى سۈرەتكە ئېلىشقا قاتناشقاندىن كېيىن، مەن مۇقام مەدەنىيىتىنى تۇرمۇشۇمنىڭ بىر قىسمى دەپ ھېس قىلدىم، دېھقانچىلىقنىڭ ئارىسالدى مەزگىلىدە باشقا سەنئەتكارلار بىلەن بىرلىكتە مۇقام ئورۇنداپ، مۇقام مەدەنىيىتىنى بالىلارغا يەتكۈزدۈم، مەن مىللىي مەدەنىيەتكە داۋاملىق ۋارىسلىق قىلىشنى ئۈمىد قىلىمەن.
ئىلى ئوبلاستىدىن كەلگەن قازاق يىگىت جۇمابېك مۇۋەپپەقىيەتلەر كۆرگەزمىسىدىكى دېھقان-چارۋىچىلار كۆزنىكىنى كۆرۈپ ئويغا چۆمگەن ھالدا مۇنداق دېدى: «مۇقىم ئولتۇراقلاشتۇرۇپ، چارۋىچىلىقنى گۈللەندۈرۈش قۇرۇلۇشى» بىلەن «ئەمىن تاپقۇزۇپ خەلقنى بېيىتىش قۇرۇلۇشى» بىزنى ياخشى تۇرمۇشقا ئېرىشتۈردى، بۇنىڭدىن كېيىن ھەرگىزمۇ ئۇزۇن يولنى بېسىپ قىشلىق يايلاققا كۆچمەيدىغان بولدۇق، ھازىر كەڭ–كۇشادە ئۆيلەردە تۇرىمىز، ھەر يىلى بانكىغا پۇلمۇ قويالايمىز، ھۆكۈمەتنىڭ موشۇنداق بىر قاتار ئاممىغا نەپ يەتكۈزىدىغان سىياسەتلىرىگە رەھمەت.
خۇنەندىن شىنجاڭغا كېلىپ تەرەققىي قىلىۋاتقىنىغا توققۇز يىل بولغان خې خۇڭلەن خانىممۇ بۈگۈن شىركەتتىكى خادىملار بىلەن بىرلىكتە كۆرگەزمە مەركىزىگە كېلىپ مۇۋەپپەقىيەتلەر كۆرگەزمىسىنى كۆردى، ئۇ مۇنداق دېدى: مۇۋەپپەقىيەتلەر كۆرگەزمىسى مېنى شىنجاڭنى ئومۇميۈزلۈك چۈشىنىش پۇرسىتىگە ئىگە قىلدى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى، ئاساسىي ئەسلىھەلەر قۇرۇلۇشى قاتارلىق جەھەتلەردە ناھايىتى زور ياخشىلىنىشلار بولدى، شىنجاڭدا تۇرمۇش كەچۈرگەنلىكىمدىن ناھايىتى بەختلىك ھېس قىلىمەن. شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن بىر كىشلىك ھەسسەمنى قوشالىسام مەن ناھايىتى خوشال بولغان بولاتتىم. گەرچە بىزنىڭ كۈچىمىز ناھايىتى كىچىك بولسىمۇ، لېكىن شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت قىز-ئوغۇللىرىنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقىدا، شىنجاڭنىڭ ئەتىسىنىڭ تېخىمۇ گۈزەل بولىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن.
