يېڭى خەۋەر بەت 300*250 ئېلان ئۇرۇنلىرى
مۇشۇ تۈردىكى يىڭىسى
  • شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىمىز قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقى مۇۋەپپەقىيەتلەر كۆرگەزمىسى : ھەر مىللەت پەرزەنتلىرى شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىغا بەخت تىلىدى
  • يۈ جېڭشېڭنىڭ ئاپتونوم رايون قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنىدا قىلغان سۆزى
  • ئاپتونوم رايونىمىز قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنى داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلدى
  • قەشقەردە ئاپتونوم رايون قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى تەبرىكلەش سەنئەت كېچىلىكى ئۆتكۈزۈلدى
  • چەرچەن ناھىيەسىدە مېزىلىك تائاملارنى تەييارلاپ،ئاپتونوم رايونىمىز قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى تەبرىكلىدى
  • شىنجاڭدىكى ياش تور خىزمەتچىلىرى ئاپتونوم رايونىمىز قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى تەبرىكلىدى
  • گۇما ناھىيەسىدە ئاپتونوم رايونىمىز قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى تەبرىكلەش مول مەزمۇنلۇق ئەدەبىيات - سەنئەت پائالىيەتلىرىنى ئۆتكۈزدى
  • جايلاردىكى ئامما ئاپتونوم رايونىمىز قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىغا تەنتەنە قىلىشتى
  • سانجۇ يېزىسىدا ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىق كاتتا مەرىكىسىنى قىزغىن تەبرىكلەندى
  • ئارپىلىقتىكى چارۋىچىلار مول پائالىيەتلەر بىلەن ئاپتونوم رايوننىڭ 60 يىللىقىنى تەبرىكلىدى
  • ئۈرۈمچى شەھەردىكى ھەرمىللەت خەلىقى يىكەنكۆل خەلىق مەيىدانىدا ئاپتۇنۇم رايۇن قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىغا تەنتەنە قىلىشتى
  • بوستان 2- كەنتىدىكى دېھقانلار مول مەزمۇنلۇق پائالىيەتلەر ئارقىلىق ئاپتونوم رايونىمىز قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى تەبرىكلىدى
  • پىچاندا ئاپتونوم رايون قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقى تەبرىكلەندى
  • مەكىتتىكى دېھقان رەسساملار ئاپتونوم رايونىمىز قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىغا سوۋغا تەييارلىدى
  • يەكەن خەلقى ئاپتونوم رايون قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىغا تەنتەنە قىلدى
  • يېڭى خەۋەر بەت 300*250 ئېلان ئۇرۇنلىرى

    جايلاردىكى ئامما ئاپتونوم رايونىمىز قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىغا تەنتەنە قىلىشتى

    مەنبە :uy.ts.cn       يوللىغۇچى : شىرئەلى       يوللانغان ۋاقىت :2015-09-19


    18-سېنتەبىر، چاقىلىق ناھىيەسىدىكى چىلان تېرىغان دېھقانلار بۇ ناھىيەنىڭ تارىم چىلان كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپى قورۇسىدا، چىلانلارنى تىزىش ئارقىلىق «60» دېگەن ساننى ھاسىل قىلىپ، ئۆزلىرىنىڭ مىننەتدارلىقى ۋە ياخشى تىلەكلىرىنى بىلدۈرۈپ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىمىز قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى تولۇپ تاشقان خۇشاللىق ئىچىدە تەبرىكلىدى.

       60 ياشتىن ئاشقان ياۋ بىنجياڭ ۋە ئايالى ۋاڭ فېييىڭ ئۆزلىرى تېرىغان كۆممىقوناق، پەمىدۇر، مۇچ، بۇغداي، كاۋا قاتارلىقلار بىلەن ئالاھىدە رەڭدار ‹‹ئاشلىق سۈرەت››نى ‹‹سىزدى››. بۇنىڭدىكى قىپقىزىل پەمىدۇرلار بۈگۈنكى قاينام-تاشقىنلىققا تولغان بەختىيار كۈنلەرگە، ساپسېرىق كۆممىقوناقلار يۇرت-ماكانغا بولغان مىننەتدارلىق ھېسسىياتى ۋە ئەڭ سەمىمىي تىلەكلەرگە ۋەكىللىك قىلىدۇ.

       14-سېنتەبىر، شىنجاڭ قاغىلىق ناھىيەسى سايباغ يېزىلىق ياڭاقچىلىق كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ تەشكىللىشى بىلەن 60 دېھقان ياڭاقلاردىن غايەت زور «60» دېگەن ساننى تىزىپ، ئاپتونوم رايونىمىز قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىغا سوۋغا قىلدى. بۇ شەكىلنىڭ ئۇزۇنلۇقى 60 مېتىر، كەڭلىكى 40 مېتر بولۇپ، سايباغ يېزىلىق ياڭاقچىلىق كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپى ئالتە توننا ياڭاقنى تۆت سائەت تىزىش ئارقىلىق ھاسىل قىلغان.

       16 -سېنتەبىر، شىنجاڭ كورلا شەھەرلىك شەرق 1-نومۇر ئاھالىلەر قورۇسىدا، ئەلئىچى سەنئەتكارى ياڭ ئەيفىڭ(سولدا)  تېخى ھېلىلا پۈتتۈرگەن «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ، ئىناق تۇرمۇشنى بىرلىكتە بەرپا قىلىش» تېمىسىدىكى قەغەز قىيما ئەسىرىنى كۆرسەتمەكتە.

      ياڭ ئەيفىڭ بۇ قەغەز قىيما ئەسىرىگە بىر يېرىم ئاي سەرپ قىلغان بولۇپ، ئۇنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىمىز قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىغا سوۋغا قىلدى. ئەسەردە، شىنجاڭدىكى 13 مىللەت باراڭ ئاستىدا ناخشا ئېيتىپ، ئۇسسۇل ئويناۋاتقان مەنزىرە كۆرۈنۈش قىلىنغان بولۇپ، يەنە تىنچلىق سىمۋولى بولغان كەپتەر ۋە خوشال كەيپىياتنىڭ سىمۋولى بولغان سەككىز پانۇس بار ئىدى.

       باغراش ناھىيەسىدىكى ھەر مىللەت ئامما ئاپتونوم رايونىمىز قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى تەبرىكلەش ئۈچۈن يۇرتلىرىغا مەدھىيە ئوقۇدى، شىنجاڭغا ئالقش ياڭراتتى، ۋەتەنگە بەخت تىلىدى. 15-سېنتەبىر، باغراش ناھىيەسىنىڭ باغراش يېزىلىق باشلانغۇچ مەكتىپىدىكى ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلار ئۆز قەلىمى ئارقىلىق تاشقا رەسىم سىزىپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ 60 يىللىق تۇغۇلغان كۈنىگە سوۋغا قىلىپ، ۋەتەنگە، يۇرتقا بولغان قىزغىن مۇھەببىتىنى ئىپادىلىدى.

         ئالتۇن كۈز مول ھوسۇلغا تولغان پەسىل. باغراش ناھىيە چېكىننۇر يېزا خارنودېن نۇر كەنتىدىكى باۋ سۈنتيەن، بەكرى قاسىم، ماگاسەنۋېي قاتارلىق ئۈچ نەپەر 60 ياشلىق بوۋاي بۇ كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت گۇرۇپپىسىدىكى كادىرلار بىلەن بىرلىكتە 15-سېنتەبىر كەنت كومىتېتى قورۇسىدا ئۆزلىرى تېرىغان مۇچ، كۆممىقوناق، سەۋزە قاتارلىق يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىدىن دۆلەت بايرىقى ۋە قۇتلۇق 60 يىل دېگەن شەكىللەرنى ياساپ چىقىپ، ئۆزلىرىنىڭ ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى قىزغىن تەبرىكلىدى.

     ئەلئىچى سەنئەتكارى دېڭ شۇخۇا «شادىمان قوزىچاق» ئاكتىپلاشتۇرۇلغان كاربون قومۇش رەسىمى سىزدى، ئەلئىچى سەنئەتكارى ۋۇ يۈن «قومۇشتىن «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىمىز قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى تەبرىكلەيمىز» دېگەن ئىزناكنى ياساپ ئاپتونوم رايونىمىز قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىغا ھەدىيە قىلدى.

       مەھەللە ئاھالىسى رىزۋانگۈل ئابدۇرېھىمنىڭ تورت دۇكىنى ئاچقىنىغا 15 يىل بولدى، ئۇنىڭ قولى تاتلىق بولغانلىقتىن، ئۇ پىشۇرغان تورتلار تەۋەلىكتىكى ھەر مىللەت ئاھالىلەرنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشتى. بۇ قېتىمقى «ئاشپەزلىك سەنئىتى مۇسابىقىسى»دە رىزۋانگۈل ۋە ئۇنىڭ يولدىشى بىر چوڭ تورت ياساپ، ئۇنىڭ ئۈستىگە «ئاپتونوم رايونىمىز قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى قىزغىن تەبرىكلەيمىز» دەپ يېزىپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ 60 يىللىقىغا سوۋغا قىلدى.

       16-سېنتەبىر، قابا ناھىيەسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىمىز قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى تەبرىكلەش ۋە 2-نۆۋەتلىك «ئالتۇن كۈزدىكى قېيىنزارلىق» سەنئەت بايرىمى پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ، «سالاپىتىمىزنى نامايان قىلىپ، گۈزەل ئاياللاردىن بولايلى» تېمىسىدىكى مىللىي قول ھۈنەر-سەنئەت بۇيۇملىرى ۋە كەشتە بۇيۇملىرى كۆرگەزمىسى ئۆتكۈزۈپ، 10 مىڭغا يېقىن كەشتە بۇيۇمى، كىيىم-كېچەك، ئويما ۋە زىننەت بۇيۇملىرى قاتارلىق قول ھۈنەر-سەنئەت بۇيۇملىرى ۋە غەلىتە تاش ئەسەرلىرىنى كۆرگەزمە قىلدى.رەڭدار، ئىنچكە ئىشلەنگەن قول ھۈنەر بۇيۇملار ئاياللارنىڭ زېھنى ئۆتكۈر، قولى ئەپلىك ئىكەنلىكىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بەرگەن. كۆرگەزمە بۇيۇملىرى كەڭ ئاممىنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشتى، كۆپچىلىك ئارقا-ئارقىدىن كېلىپ تاللاپ سېتىۋالدى. 

       باغراش ناھىيە ئىتتىپاق مەھەللە كومىتېتى 16-سېنتەبىر ناھايىتى ئالداىراش بولۇپ كەتتى، بىر ياقتىكى كىشىلەر قىيما قىلىش، جىلتە ئېچىش، جۇۋاۋا تۈگۈش ئىشلىرىنى قىلسا، يەنە بىر ياقتىكى كىشىلەر خېمىر يۇغۇرۇش، ساڭزا سېلىش بىلەن ئالدىراشتى. بۇ كۈنى، مەھەللىنىڭ خىزمەت گۇرۇپپىسى ۋە مەھەللە كادىرلىرى بىرلىكتە «مەن سىزگە جۇۋاۋا تۈگۈشنى ئۆگىتەي، سىز ماڭا ساڭزا سېلىشنى ئۆگىتىڭ» پائالىيىتى ئۆتكۈزدى.

       15-سېنتەبىر، قوبۇقسار موڭغۇل ئاپتونوم ناھىيەسىدىكى ھەر مىللەت ئامما ئارقا-ئارقىدىن ئۆزىگە خاس شەكىللەر بىلەن شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىمىز قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىغا سوۋغا قىلدى. ئۇلار گەرچە ئوخشىمىغان ساھە، ئوخشىمىغان كەسىپلەردىن كەلگەن بولسىمۇ، بىراق، ھەممىسى ئۆزلۈكىدىن تەشكىللىنىپ، «ۋەتەننى سۆيىمىز، شىنجاڭنى سۆيىمىز»، «شىنجاڭنى سۆيىمەن»، «ۋەتىنىمىز ئەتىسىنىڭ تېخىمۇ گۈزەل بولۇشىنى تىلەيمىز» دېگەندەك گۈزەل تىلەكلەرنى بىلدۈردى.

       قابا ناھىيە ئاپتونوم رايونىمىز قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى تەبرىكلەش ۋە 2-نۆۋەتلىك «ئالتۇن كۈزدىكى قېيىنزارلىق سەنئەت بايرىمى» پائالىيىتىدە يەرلىكتىكى مىڭدىن ئارتۇق كادىر، ئامما قولىدىكى بەش يۇلتۇزلۇق قىزىل بايراقنى لەپىلدىتىپ، ۋەتىنىمىزنىڭ تېخىمۇ قۇدرەتلىك بولۇشىنى تىلىدى، ئاپتونوم رايونىمىز قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى قىزغىن تەبرىكلىدى، شىنجاڭنىڭ ئەتىسىنىڭ تېخىمۇ گۈزەل بولۇشىغا ياخشى تىلەكلەر تىلىدى.

    يېڭى خەۋەر كۈرۈش 336-280  ئاستى ئېلان ئورنى
    مەزكۈر مەزمۇنلارنى ئۇزار ئۇيغۇر توردىن كۆرگەنلىكىڭىزنى ئۇنتۇپ قالماڭ! : www.uzar.cn
    • بىكىتمىزنىڭ بارلىق ھۇقۇقى ئۇزار تور مۇلازىمەت تورلايىھە گۇرۇپپا ئشىخانىسىغا مەنسۈپ
    • ئەسكەرتىش: بېكىتىمىزدىكى بىر قىسىم مەزمۇنلار توردىن يىغىلغان بۇلۇپ نەشىرى ھۇقۇقى ئەسلى مەنبەسىگە تەۋە. نەشىرى ھۇقۇقىغا دەخلى قىلغان مەزمۇنلار بىردەك ئۈچۈرۈلىدۇ
    • بىكەت مەسئۇلى : شىرئەلى ئىمىنتوختى ، ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق تېلىفۇنى: 15009049634
    • QQ:416977351 Wechat : uzarjan ,Email:yayrim0132@qq.com
    • ئۇزار تورى ئۈندىدار سالونى
      يېڭى ئۇچۇرلار،يېڭى ناخشىلار،شەخسلەر،ساغلاملىق قاتارلىق مەزمۇنلاردىن ھۇزۇلىنالايسىز