گۇما ناھىيەسى سانجۇ يېزىسىدىكى ھەر قايسى كەنت، مەكتەپلەر يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىق كاتتا مەرىكىسىنى تەبرىكلەش مۇناسىۋىتى بىلەن تۈرلۈك شەكىلدىكى مول مەزمۇنلۇق ئەدەبىيات-سەنئەت، مەدەنىيەت، تەنتەربىيە، كۆڭۈل ئېچىش پائالىيەتلىرىنى ئۆتكۈزۈپ، ھەر مىللەت ئامما ۋە ياش-ئۆسمۈرلەرنى زامانىۋى ئىلغار مەدەنىيەتكە يۈزلىنىپ، « ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىپ، شىنجاڭ روھىنى جۇلالاندۇرۇپ، يۇرت-ماكانىنى تېخىمۇ گۈزەل قىلىپ قۇرۇپ چىقىش» قا يېتەكلىدى.