تەڭرىتاغ تورى خەۋىرى: ئون ئىككى مۇقام يۇرتى يەكەن تولىمۇ مۇھىم مەدەنىيەت ئورنىغا ئىگە. يەكەن ناھىيە يەكەن بازىرى خۇشاللىق مەھەللىسىدە 7-سېنتەبىر ئاپتونوم رايون قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى تەبرىكلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى. كىشىلەر ئۆزلىرىنىڭ سەرخىل سەنئەت نومۇرلىرى ئارقىلىق ئاپتونوم رايون قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىغا تەنتەنە قىلىشتى.