ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز مۇختەر نۇرمۇھەممەت خەۋىرى، فوتوسى: ئاقتۇ ناھىيە قىزىلتو يېزا ئارپىلىق كەنتىدىكى چارۋىچىلار 15-سېنتەبىر ئۆزلىرى تەييارلىغان سەنئەت نومۇرلىرىنى كۆرسىتىش، مىللىيچە چېلىشىش، ئارقان تارتىش قاتارلىق مول مەزمۇنلۇق پائالىيەتلەرنى ئۆتكۈزۈپ ئاپتونوم رايون قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى تەبرىكلىدى.