گۇما ناھىيەسىدىكى ئىدارە -ئورۇنلار ئاپتونوم رايونىمىز قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى تەبرىكلەش مۇناسىۋىتى بىلەن مول مەزمۇنلۇق ئەدەبىيات - سەنئەت پائالىيەتلىرىنى ئۆتكۈزدى
ناھىيە مەركىزىدە ئېلىپ بېرىلغان سۈرەت كۆرگەزمىسىدىن كۆرۈنۈش
ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئابلىكىم مۇھەممەت خەۋىرى، فوتوسى: گۇما ناھىيەسىدىكى ئىدارە-ئورونلار ۋە ھەر قايسى يېزا-بازارلار يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىمىز قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىق كاتتا مەرىكىسىنى تەبرىكلەش مۇناسىۋىتى بىلەن مول مەزمۇنلۇق ئەدەبىيات-سەنئەت، مەدەنىيەت، تەنتەربىيە، مەشىرەپ، رەسىم كۆرگەزمىسى، كۆڭۈل ئېچىش پائالىيەتلىرىنى ئۆتكۈزۈپ، ھەر مىللەت ئاممسىنى زامانىۋى ئىلغار مەدەنىيەتكە يۈزلىنىپ، شىنجاڭ روھىنى جۇلالاندۇرۇپ، يۇرت-ماكانىنى تېخىمۇ گۈزەل قىلىپ قۇرۇپ چىقىشقا يېتەكلىدى.