شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنىدا قىلىنغان سۆز
(2015-يىل 10-ئاينىڭ 1-كۈنى)
يۈ جېڭشېڭ
يولداشلار، دوستلار:
بۈگۈن جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغىنىغا 66 يىل ۋە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغىنىغا 60 يىل بولغان كاتتا بايرام كۈنى. مۇشۇنداق خۇشاللىق پەيتىدە، مەركەز ۋەكىللەر ئۆمىكىمىز يولداش شى جىنپىڭ باش شۇجىلىقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مۇھىم تاپشۇرۇقىنى، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەرمىللەت خەلقىنىڭ گۈزەل تىلەكلىرىنى ئېلىپ، شىنجاڭدىكى ھەرمىللەت خەلقى بىلەن قۇتلۇق بايرامنى بىللە تەبرىكلەش، شادلىقتىن ئورتاق بەھرىمەن بولۇش ئۈچۈن بۇ يەرگە كەلدۇق. مەن ئالدى بىلەن ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتقا ۋاكالىتەن، شىنجاڭدىكى ھەرمىللەت كادىرلىرى، ئاممىسى ۋە ھەر ساھە زاتلىرىنى، خەلق ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق قىسىمىدىكى كوماندىر- جەڭچىلەر، شىنجاڭدىكى قوراللىق ساقچى قىسىم ئوفىتسېر- ئەسكەرلىرى ۋە سىياسىي- قانۇن سېپىدىكى كادىر- ساقچىلارنى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش- قۇرۇلۇش بىڭتۈەنىدىكى كادىرلار، ئىشچى- خىزمەتچىلەرنى، مەركەزنىڭ شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق ئورۇنلىرىدىكى كادىرلار، ئىشچى- خىزمەتچىلەر ۋە شىنجاڭغا ياردەم بەرگۈچى بارلىق كادىرلارنى قىزغىن تەبرىكلەيمەن ۋە ئۇلاردىن سەمىمىي ھال سورايمەن ! شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىغا كۆڭۈل بۆلگەن ۋە مەدەت بەرگەن بارلىق يولداشلار، دوستلارغا چىن كۆڭلۈمدىن رەھمەت ئېيتىمەن ۋە ئالىي ئېھتىرام بىلدۈرىمەن!
1955- يىل 10- ئاينىڭ 1- كۈنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇرۇلۇپ، شىنجاڭدا مىللىي تېررىتورىيەلىك ئاپتونومىيەنىڭ شانلىق سەھىپىسى ئېچىلدى. 60 يىلدىن بۇيان، شىنجاڭ ئاجايىپ تارىخىي مۇساپىلەرنى بېسىپ ئۆتۈپ، دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتقۇدەك شانلىق مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈردى. ئىقتىساد سىجىل، تېزتەرەققىي قىلدى، بۇلتۇر ئاپتونوم رايوننىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى 1955- يىلىدىكىنىڭ 115.6 ھەسسىسىگە يەتتى، دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىقنى زامانىۋىلاشتۇرۇش سەۋىيەسى ئومۇميۈزلۈك ئۆستى، تۈرى تولۇق بولغان زامانىۋى سانائەت سىستېمىسى بارلىققا كەلدى، زامانىۋى ئەشيا ئوبوروتچىلىقى، ساياھەتچىلىك قاتارلىقلار يېڭى ئېشىش نۇقتىسىغا ئايلاندى. ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى كۆرۈنەرلىك ياخشىلاندى، زامانىۋى قاتناش تورى ئاساسەن شەكىللەندى، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ئاسراش ۋە بەرپا قىلىش ئۈزلۈكسىز كۈچەيدى. ھەر مىللەت خەلقىنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسى زور دەرىجىدە ئۆسۈپ، كىيىم- كېچەك، يېمەك- ئىچمەك، تۇرالغۇ، قاتناش شارائىتى زور دەرىجىدە ياخشىلاندى، ئۇلار نامراتلىقتىن ھاللىق سەۋىيەگە ئاساسىي جەھەتتىن يېتىپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشنى نىشانلاپ دادىل ئىلگىرىلىمەكتە. ئىجتىمائىي ئىشلار ئومۇميۈزلۈك تەرەققىي قىلىپ، توققۇز يىللىق ھەقسىز مەجبۇرىيەت مائارىپى شەھەر- يېزىلارنى قاپلىدى، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتا 14 يىللىق ھەقسىز مائارىپ يولغا قويۇلدى، ئىجتىمائىي كاپالەت سىستېمىسى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتى، داۋالاش- ساقلىقنى ساقلاش شارائىتى زور دەرىجىدە ياخشىلاندى، شەھەر، يېزا ئاھالىسىنىڭ ساغلاملىق ساپاسى ئۈزلۈكسىز ئۆستى. ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتى قوغدالدى ۋە ئەۋج ئالدۇرۇلدى، «ئون ئىككى مۇقام»، «ماناس»، «مەشرەپ» قاتارلىقلار دۇنيا غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلدى، شەھەر، يېزىلارنى قاپلىغان جامائەت مەدەنىيەت مۇلازىمىتى تورى ئاساسەن قۇرۇلدى. پارتىيە مىللەتلەر سىياسىتى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپ، مىللىي تېررىتورىيەلىك ئاپتونومىيە تۈزۈمىنىڭ ئەۋزەللىكى تولۇق جارى قىلدۇرۇلدى. ھەر مىللەت ئاممىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق- مەنپەئىتى ھەقىقىي كاپالەتلەندۈرۈلدى، ئازسانلىق مىللەت كادىرلىرى ۋە تۈرلۈك كەسپىي ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش سالمىقى ئۈزلۈكسىز زورايتىلدى. «ئۈچ ئايرىلالماسلىق» ئىدىيەسى كىشىلەر قەلبىدە چوڭقۇر ئورۇن ئېلىپ، باراۋەرلىك، ئىتتىپاقلىق، ھەمكارلىق، ئىناقلىق ئاساسىدىكى سوتسىيالىستىك مىللەتلەر مۇناسىۋىتى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەندى ۋە راۋاجلاندى، دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى ھەقىقىي كاپالەتلەندۈرۈلدى. ھەرمىللەت كادىرلىرى، ئاممىسى «ئۈچ خىل كۈچ »كە قارشى كۈرەش قىلىپ، ۋەتەننىڭ بىرلىكى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى كۈچلۈك قوغدىدى.
بۇ شانلىق مۇۋەپپەقىيەتلەر يولداش ماۋ زېدۇڭ، دېڭ شياۋپىڭ، جياڭ زېمىن يادرولۇقىدىكى پارتىيەنىڭ ئۈچ ئەۋلاد مەركىزىي كومىتېت رەھبەرلىك كوللېكتىپى ۋە يولداش خۇجىنتاۋ باش شۇجىلىقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ھەرقايسى تارىخىي مەزگىللەردە شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىغا سەمىمىي غەمخورلۇق قىلغانلىقى، دانا تەدبىر بەلگىلىگەنلىكىنىڭ نەتىجىسى، پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان يولداش شى جىنپىڭ باش شۇجىلىقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئالدىنقىلارغا ۋارىسلىق قىلىپ، كېيىنكىلەرگە يول ئېچىپ، كۈچلۈك رەھبەرلىك قىلغانلىقىنىڭ نەتىجىسى، شىنجاڭدىكى ھەرمىللەت كادىرلىرى، ئاممىنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلغانلىقى، قەيسەرلىك بىلەن ئېلىشقانلىقىنىڭ نەتىجىسى، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەرمىللەت خەلقنىڭ زور كۈچ بىلەن ياردەم بەرگەنلىكى، چىن قەلبىدىن يار- يۆلەك بولغانلىقىنىڭ نەتىجىسى. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغان 60 يىلدىن بۇيانقى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئەمەلىيەت بىزگە شۇنى ئۇقتۇرىدۇكى، شىنجاڭ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدە، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولىدا، مىللىي تېررىتورىيەلىك ئاپتونومىيە تۈزۈمىدە تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇش شەرت؛ قانۇننىڭ ئىززەت- ھۆرمىتىنى، خەلقنىڭ مەنپەئىتىنى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى، ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قەتئىي قوغداپ، «ئۈچ خىل كۈچ»كە قانۇن بويىچە قاتتىق زەربە بېرىپ، شىنجاڭنىڭ ئىناقلىقى، مۇقىملىقىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش شەرت؛ مىللەتلەر بۈيۈك ئىتتىپاقلىقى بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، پارتىيەنىڭ مىللەتلەر- دىن سىياسىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ھەرمىللەت ئاممىنىڭ ئۇلۇغ ۋەتىنىمىزنى، جۇڭخۇا مىللىتىنى، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنى تونۇش تۇيغۇسىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىش شەرت؛ شىنجاڭنىڭ تېخىمۇ ياخشى، تېخىمۇ تېز تەرەققىي قىلىشىنى قەتئىي ئېغىشماي ئىلگىرى سۈرۈپ، تەرەققىياتنى خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش، شۇ جايدىكىلەرگە نەپ يەتكۈزۈش، ئىتتىپاقلىقنى كۈچەيتىش جەھەتلەردە نامايان قىلىپ، جۇڭگوچە ئالاھىدىلىككە، شىنجاڭچە خاسلىققا ئىگە ئىلمىي تەرەققىيات يولىدا مېڭىش شەرت؛ مەركەزنىڭ غەمخورلۇقى، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ياردىمىنى شىنجاڭدىكى ھەرمىللەت كادىرلىرى، ئاممىنىڭ جاپا- مۇشەققەتكە چىداپ كۈرەش قىلىشى بىلەن زىچ بىرلەشتۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان قۇدرەتلىك بىرىكمە كۈچنى شەكىللەندۈرۈش شەرت.
يولداشلار، دوستلار! نۆۋەتتە، ئېلىمىز ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش، دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش مۇھىم مەزگىلىدە تۇرۇۋاتىدۇ، شىنجاڭمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى ئىشقا ئاشۇرۇش مۇھىم باسقۇچىدا تۇرۇۋاتىدۇ. بۇلتۇر 5- ئايدا مەركەز 2- قېتىملىق شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى ئېچىپ، يېڭى ۋەزىيەتتە شىنجاڭ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشكە دائىر زور فاڭجېن، سىياسەتلەرنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى چۆرىدىگەن ھالدا، بىر قاتار كۈچلۈك تەدبىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، شىنجاڭنىڭ تەرەققىيات يۆنىلىشىنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى. شىنجاڭدىكى ھەرمىللەت كادىرلىرى، ئامما پارتىيە 18- قۇرۇلتىيى ۋە پارتىيە 18- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3- ، 4- ، ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، 2- قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «تۆت ئومۇميۈزلۈك» ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى زىچ چۆرىدەپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىن ئىبارەت نەزەردە تۇتۇش نۇقتىسى ۋە كۈچەش نۇقتىسىنى چىڭ تۇتۇپ، شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، ئىتتىپاق- مۇقىم قىلىش، ئۇزاققىچە گۈللەندۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ئىتتىپاق- ئىناق، ئاۋات- باي، مەدەنىي بولغان، تەرەققىي قىلغان، خاتىرجەم ياشايدىغان سوتسىيالىستىك شىنجاڭنى تىرىشىپ قۇرۇپ چىقىشى كېرەك.
بىرىنچى، شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ نەزەردە تۇتۇش نۇقتىسى ۋە كۈچەش نۇقتىسىنى پۇختا ئىگىلەش كېرەك. ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ نەزەردە تۇتۇش نۇقتىسى ۋە كۈچەش نۇقتىسى، شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ باش نىشانى. بۇ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى شىنجاڭنىڭ ۋەزىيىتى ۋە پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئومۇملۇقىنى كۆزدە تۇتۇپ چىقارغان زور ئىستراتېگىيەلىك ھۆكۈم، شىنجاڭنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرىگە يېتەكچىلىك قىلىدىغان باش پىروگرامما. بۇ نۇقتىنى ھەقىقىي تونۇپ يەتكەن ۋە ياخشى ئىگىلىگەندىلا، ئاندىن شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، ئىتتىپاق- مۇقىم قىلىش، ئۇزاققىچە گۈللەندۈرۈشتە يېتەكچىلىك ھوقۇقى ۋە تەشەببۇسكارلىق ھوقۇقىنى ئىگىلىگىلى بولىدۇ. شىنجاڭدا بارلىق خىزمەتلەرنى، جۈملىدىن ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش، ئىسلاھ قىلىش، ئېچىۋېتىش، مىللەتلەر- دىن، پارتىيە قۇرۇلۇشى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسىنى ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى زىچ چۆرىدىگەن ھالدا پىلانلاش ۋە ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. شىنجاڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك جەھەتتە دۇچ كەلگەن نۆۋەتتىكى كەسكىن ۋەزىيەتنى چوڭقۇر تونۇپ، زوراۋانلىق، تېررورلۇق ھەرىكىتىگە قاتتىق زەربە بېرىشنى نۆۋەتتىكى كۈرەشنىڭ مۇھىم نۇقتىسى قىلىش كېرەك، شۇنىڭ بىلەن بىللە، چوڭقۇر قاتلاملىق زىددىيەت ۋە مەسىلىلەرنى ھەقىقىي ھەل قىلىپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك ئاساسىنى پۇختىلاش كېرەك. مۇقىملىق بىلەن تەرەققىياتنىڭ مۇناسىۋىتىنى توغرا تونۇپ ۋە بىر تەرەپ قىلىپ، ھەرقايسى ساھە، ھەرقايسى تەرەپلەردىكى خىزمەتلەرنى بىر تۇتاش پىلانلاپ، ئورۇنلاشتۇرۇپ، مۇقىملىقنى قوغداش ئارقىلىق ياخشى تەرەققىيات مۇھىتى يارىتىپ، مۇقىملىق بىلەن تەرەققىياتنى ئىككى قولدا تۇتۇش، ئىككىلا قول قاتتىق بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. قەلبنى يەنىمۇ مايىل قىلىپ، كۈچنى يەنىمۇ ئۇيۇشتۇرۇپ، ئاممىنى مۇقىملىقنى قوغدىغانلىقنىڭ ئۆز مەنپەئىتىنى قوغدىغانلىق ئىكەنلىكىنى ئېنىق تونۇپ، قەتئىي تۈردە پارتىيە ۋە ھۆكۈمەت تەرەپتە تۇرۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى قوغداشنىڭ پولات ئىستىھكامىنى بىرلىكتە قۇرۇپ چىقىشقا يېتەكلەش كېرەك.
ئىككىنچى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ھەقىقىي مۇستەھكەملەش ۋە كۈچەيتىش كېرەك. مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىش شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنىڭ ئۇلى. پارتىيەنىڭ مىللەتلەر سىياسىتىنى قەتئىي ئېغىشماي ئىزچىللاشتۇرۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى − تەرەققىياتى بويىچە بەرپا قىلىش پائالىيەتلىرىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، سوتسىيالىستىك يادورلۇق قىممەت قارىشىنى زور كۈچ بىلەن يېتىلدۈرۈپ ۋە ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، مىللەتلەرنىڭ ئورتاق مەنىۋى ماكانىنى بەرپا قىلىپ، دۆلەت ئېڭى، پۇقرالىق ئېڭى، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى پۇختا تۇرغۇزۇش كېرەك. مىللەتلەرنىڭ ئالاقىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى، ئارىلىشىشىنى كۈچەيتىپ، ئۆزئارا سىڭىشىش شەكلىدىكى ئىجتىمائىي قۇرۇلما ۋە مەھەللە مۇھىتى بەرپا قىلىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ بىللە ئىشلەش، ياشاش ۋە خىزمەت قىلىش، ئۆگىنىش جەريانىدا چۈشىنىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشى، ھېسسىياتنى كۈچەيتىشىگە تۈرتكە بولۇپ، ھەرمىللەت ئاممىنى خۇددى ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشتۇرۇش كېرەك. پارتىيەنىڭ دىن خىزمىتى ئاساسىي فاڭجېنىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، قانۇنلۇقلىرىنى قوغداش، قانۇنسىزلىرىنى چەكلەش، ئەسەبىيلىكنى توسۇش، سىڭدۈرمىچىلىككە تاقابىل تۇرۇش، جىنايەتكە زەربە بېرىشتە چىڭ تۇرۇپ، دىننى سوتسىيالىستىك جەمئىيەتكە ئۇيغۇنلىشىشقا پائال يېتەكلەپ، دىن خىزمىتىنى قانۇن بويىچە ئىشلەش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، ۋەتەنپەرۋەر دىنىي خادىملار قوشۇنىنى پائال يېتىلدۈرۈپ، دىنىي زاتلار ۋە دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغانلارنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى ئاكتىپ رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇش كېرەك.
ئۈچىنچى، ئىقتىسادنى قەتئىي ئېغىشماي تېخىمۇ ياخشى، تېخىمۇ تېز تەرەققىي قىلدۇرۇش كېرەك. ئەبەدىي ئەمىنلىك نەزەردە تۇتۇلغان تەرەققىيات ئىجتىمائىي مۇقىملىقنىڭ مۇھىم مەنبەسى. ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈشنى مەركەز قىلىپ، كەسىپ قۇرۇلمىسىنى ياخشىلاش، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە ئۈزلۈكسىز تۈرتكە بولۇپ، دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىقنى زامانىۋىلاشتۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، توقۇمىچىلىق، كىيىم- كېچەك كەسپى قاتارلىق ئەمگەك كۆجۈملەشكەن كەسىپلەرنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇپ، بايلىق ئېچىش كەسىپ توپىنى يېتىلدۈرۈپ، ئەشيا ئوبوروتچىلىقى، ساياھەتچىلىك قاتارلىق زامانىۋى مۇلازىمەت كەسپىنى جانلاندۇرۇش كېرەك. ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش جەھەتتە تېخىمۇ زور قەدەم تاشلاپ، بازار ۋە جەمئىيەتنىڭ ھاياتىي كۈچىنى يەنىمۇ ئۇرغۇتۇپ، بايلىقتىن پايدىلىنىشتا شۇ جايدىكىلەرنى تېخىمۇ كۆپ نەپكە ئېرىشتۈرۈپ، ئىقتىسادنىڭ سۈپىتى، ئۈنۈمى ۋە دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك. ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ئاسراشقا تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىپ، سۇنى تېجەپ ئىشلىتىش ۋە ئېنېرگىيە تېجەپ، بۇلغىما ئازايتىشنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات يولىدا مېڭىش كېرەك. «بىر بەلباغ، بىر يول» ئىستراتېگىيەسى پۇرسىتىنى چىڭ تۇتۇپ ئىشىكنى ئىچىگىمۇ، سىرتقىمۇ ئېچىۋېتىش دائىرىسىنى ئومۇميۈزلۈك كېڭەيتىپ، قاتناش ۋە ئۇچۇر چوڭ ئۆتىڭىنى تېزدىن بەرپا قىلىپ، شىنجاڭنى يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغىدىكى يادرولۇق رايون، دۆلىتىمىزنى غەربكە ئېچىۋېتىشتىكى كۆۋرۈك بېشى ئىستىھكامى قىلىپ قۇرۇپ چىقىش كېرەك.
تۆتىنچى، خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاشقا تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. خەلق تۇرمۇشى ئەلرايىنى بەلگىلەيدۇ. ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مەسىلىسىنى شىنجاڭنى مۇقىم، تىنچ قىلىش ئىستراتېگىيەلىك يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ تونۇپ ۋە ھەل قىلىپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشقا تۈرتكە بولۇشنى تېخىمۇ گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش يوللىرىنى پائال كېڭەيتىپ، ھەرمىللەت ئاممىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش ماھارىتىنى ئۆستۈرۈشىگە ياردەم بېرىپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنىڭ ئىجتىمائىي فۇنكسىيەسىنى تىرىشىپ تېخىمۇ جارى قىلدۇرۇش كېرەك. شىنجاڭدىكى ھەر دەرىجىلىك، تۈرلۈك مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇتۇش سۈپىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈپ، ئوقۇتقۇچى يېتىشتۈرۈشنى كۈچەيتىپ، مەجبۇرىيەت مائارىپى، كەسپىي مائارىپ، قوش تىل مائارىپىنى ياخشى تۇتۇپ، تېخىمۇ كۆپ مۇنەۋۋەر ئىختىساسلىقلارنى تىرىشىپ يېتىشتۈرۈش كېرەك. دەل جايىدا يۆلەشتە چىڭ تۇرۇپ، يۆلەش- ئېچىش خىزمىتى سالمىقىنى يەنىمۇ ئاشۇرۇپ، نامراتلارنى يۆلەش مەبلىغىنى دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق رايونلىرى، چېگرا رايونلار، قىيىنچىلىقى ئېغىرلارغا مايىللاشتۇرۇش، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىغا ئالاھىدە سىياسەت ئارقىلىق مەدەت بېرىش كېرەك. شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش دۆلەتنىڭ ئىستراتېگىيەسى، ئۇنىڭدا ئۇزاققىچە چىڭ تۇرۇش، كۈچنى دەل جايىغا ئىشلىتىش كېرەك، شىنجاڭغا كادىر ئىختىساسلىقلار ئارقىلىق ياردەم بېرىشنى كۈچەيتىپ، ئاممىنىڭ ئېھتىياجىغا ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە يېقىنلىشىپ، شىنجاڭنىڭ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلىشىغا كۈچەپ ياردەم بېرىپ، شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتىدە تېخىمۇ زور ئەمەلىي ئۈنۈم ھاسىل قىلىش كېرەك.
بەشىنچى، مۇقىملىقنى قوغداش خىزمەتلىرىنى پۇختا، ياخشى ئىشلەش كېرەك. «ئۈچ خىل كۈچ» بولۇپمۇ زوراۋان- تېررورچى كۈچلەر شىنجاڭغا بالايىئاپەت ئېلىپ كېلىدىغان ئەڭ زور خەۋپ، ھەرمىللەت خەلقنىڭ ئورتاق دۈشمىنى. شۇڭا كەسكىن تەدبىر قوللىنىپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ھۇجۇمغا ئۆتۈپ، زوراۋانلىق، تېررورلۇق ھەرىكىتىگە قانۇن بويىچە قاتتىق زەربە بېرىپ، «ئۈچ خىل كۈچ»كە قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىش كېرەك. سوتسىيالىستىك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش تەسەۋۋۇرى ۋە ئۇسۇلىدىن پايدىلىنىپ مۇقىملىقنى قوغداپ، مۇقىملىقنى قوغداش خىزمەت مېخانىزمىنى بەرپا قىلىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، بىرلىشىپ مۇداپىئەلىنىش- بىرلىشىپ تىزگىنلەش، ئامما ئالدىنى ئېلىش- ئامما تۈزەشنى ئىدېئولوگىيە ساھەسىدىكى بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى، «ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش» خىزمىتىنى كۈچەيتىپ، شىنجاڭنىڭ جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك. شىنجاڭدا بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ ئۇزاقلىقى، مۇرەككەپلىكى، ئۆتكۈرلۈكىنى تولۇق تونۇپ، ئىستراتېگىيەلىك ئىرادىنى ساقلاپ، ئۇزاققىچە جەڭ قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، مەخسۇس ھەرىكەتنى قانات يايدۇرۇش، مەركەزلىك زەربە بېرىش بىلەن بىللە، ھەر تەرەپلىمە تۈزەش، مەنبەدىن تۈزەشنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، شىنجاڭنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكى ۋە خەلقنىڭ بەخت- سائادىتى، خاتىرجەملىكىنى ئەبەدىي كاپالەتكە ئىگە قىلىش كېرەك.
شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش- قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىدىكى مۇھىم كۈچ. بىڭتۈەننىڭ تەرەققىي قىلىشى، زورىيىشىغا مەدەت بېرىپ، مۇقىملىقنى ساقلاش، چېگرانى قوغداش ئىقتىدارى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، بىڭتۈەن بىلەن يەرلىكنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، بىڭتۈەننى ھەقىقىي تۈردە چېگرا رايوننى تىنچ، مۇقىم قىلىدىغان مۇقىملاشتۇرغاچقا، ھەرمىللەت ئاممىسىنى ئۇيۇشتۇرىدىغان چوڭ پىچكە، ئىلغار ئىشلەپچىقىرىش كۈچى ۋە ئىلغار مەدەنىيەتنىڭ ئۈلگە رايونىغا ئايلاندۇرۇش كېرەك.
شىنجاڭدىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەشكە پارتىيە ئاچقۇچ. شىنجاڭدىكى پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار سىياسىي مەسئۇلىيىتىنى ئېسىدە چىڭ تۇتۇپ، سىياسىي ئىنتىزام ۋە سىياسىي قائىدىگە قەتئىي رىئايە قىلىپ، چوڭ ھەق- چوڭ ناھەقنى ئېنىق ئايرىپ، قاتتىق سىناقلاردىن ئۆتەلەيدىغان ئىستىلنى يېتىلدۈرۈپ، «ئۈچتە تەلەپچان، ئۈچتە راستچىل بولۇش» مەخسۇس تەربىيەسىنى پۇختا قانات يايدۇرۇپ، ھەقىقىي تۈردە سادىق، پاك، مەسئۇلىيەتچان بولۇشى كېرەك. ئاساسىي قاتلام ئۇلىنى پۇختىلاپ، ئاساسىي قاتلام رەھبەرلىك بەنزىسى ۋە كادىرلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىنى ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىدىغان، مۇقىملىقنى قوغدايدىغان، بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرىدىغان مۇستەھكەم جەڭگىۋار قورغان قىلىپ قۇرۇپ چىقىش كېرەك. شىنجاڭدا خىزمەت ۋەزىپىسى ئېغىر، بېسىم چوڭ، شۇڭا شىنجاڭدىكى كادىرلار ۋە ئىختىساسلىقلار قوشۇنىغا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈش، غەمخورلۇق قىلىش، ئۇلارنى غەم- ئەندىشىدىن خالاس قىلىش، تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرنى شىنجاڭنى گۈللەندۈرۈش ، شىنجاڭنى قوغداش، شىنجاڭنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۇلۇغۋار ئىشىغا ئاتلىنىشقا قوزغاش كېرەك.
يولداشلار، دوستلار! 60 يىل ئۆتۈپ كەتتى، بۈگۈنكى شىنجاڭ يەنە تارىخنىڭ يېڭى پەللىسىدە تۇرۇۋاتىدۇ، ھەممەيلەن يولداش شى جىنپىڭ باش شۇجىلىقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا زىچ ئۇيۇشۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، دېڭ شياۋپىڭ نەزەرىيەسى، «ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش»مۇھىم ئىدىيەسى، ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىر قاتار مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، مەركەزنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم فاڭجېن، سىياسەتلىرىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، بىر نىيەتتە ئىتتىپاقلىشىپ، دادىل ئىلگىرىلەپ، گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش يولىدا تىرىشىپ كۈرەش قىلايلى !
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى يەنىمۇ تەرەققىي قىلسۇن !
شىنجاڭدىكى ھەرمىللەت خەلقىگە بەخت- سائادەت، خاتىرجەملىك يار بولسۇن !
ئۇلۇغ ۋەتىنىمىز گۈللەپ ياشنىسۇن !