يېڭى خەۋەر بەت 300*250 ئېلان ئۇرۇنلىرى
مۇشۇ تۈردىكى يىڭىسى
  • ئېسىل ناخشا - بىزنىڭ غايىمىز
  • دۇنيا خەلقىنىڭ كەيپىياتىنى كۆتۈرگەن «كەيت خانىش كۈلكىسى»
  • TV بازاردىن سوۋغا - «ئانار پىشتى» 1-بۆلۈم 12-قىسىم
  • قىماردىن يىراق تۇرايلى - قانۇن ۋە پۇقرا
  • 80 ياشلىق ئەر-ئايال «قۇياش ئەۋلادى» فىلىمىنى دوراپ توي سۈرەتكە چۈشتى
  • «ئىت تالىۋەتكەن» يىرتىق پادىچىلار ئىشتىنى بارغانسېرى مودا بولۇشقا باشلىدى
  • «تۈندىكى رىۋايەت 5» قايتىپ كەلدى! قان شورىغۇچى ئالۋاستى تەنناز ئايال يەنە ھۇجۇمغا ئۆتتى
  • دۇنياۋى شۆھرەتكە ئىگە كۈلدۈرگە چولپىنى چارلىز سىيپىنس چاپلىن
  • تونۇلغان سەنئەتكار، تالانتلىق ناخشىچى - ئابدۇرېھىم ئەخمىدى
  • كورىيەلىك ئارتىس سوڭ جوڭجى ئاۋىئاتسىيە شىركىتى ئوبرازى ۋەكىلى بولدى
  • رۇسىيەنىڭ ئەڭ گۈزەل، ئەڭ داڭلىق مودېللىرى
  • تاماشا چەمبىرىكىدىكى كۆرۈمسىز ئاتىلارنىڭ چىرايلىق قىزلىرى
  • كىچىك بالا چولپان ئەرفاننىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش جەريانى
  • ئەرەب ناخشا شاھى ئامىر دىيابنىڭ تەرجىمىھالى
  • شاھرۇھ خاننىڭ فىلىم «KANK» دىكى ئوغلىنىڭ ئەمەلىيەتتە قىز بالا ئىكەنلىكىنى بىلەمسىز؟
  • يېڭى خەۋەر بەت 300*250 ئېلان ئۇرۇنلىرى

    قۇرامىغا يەتمىگەن قىزلارنىڭ ھامىلىدار بولۇپ قېلىشى ئامېرىكىدىكى ئەڭ ئېغىر ئىجتىمائىي مەسىلىگە ئايلاندى

    مەنبە :ئۇزار تورى       يوللىغۇچى : ئۇزار-قىزى       يوللانغان ۋاقىت :2013-03-29

    ئەسلى تېمىسى: ئامېرىكىلىق «كىچىك قىزچاق» نىڭ ھامىلىدار بولۇپ قالغانلىقى زور داۋالغۇش قوزغىدى

    جۇڭگو ئاۋازىنىڭ «يەر شارى جۇڭگوچە يېزىق تورى» غا ئاساسلانغاندا، ۋاسكېتبول ئويناشنى ياخشى كۆرىدىغان دوستلارنىڭ ھەممىسى نۇرغۇنلىغان ئامېرىكىلىق چولپانلارنىڭ «جۆرىسىز ئائىلە»دە چوڭ بولغانلىقىنى بىلىدىكەن. مەسىلەن: جامۇس، ئاپىسى 16 ياشقا كىرگەندە ئۇنىڭغا قۇرساق كۆتۈرگەن. نۆۋەتتە قۇرامىغا يەتمىگەن كىچىك قىزلارنىڭ تۇغۇش مەسىلىسى ئامېرىكىدىكى ئەڭ ئاساسلىق ئىجتىمائىي مەسىلە بولۇپ قالغان. ئامېرىكا ساغلاملىق تەتقىقات ئورگىنى – گېلىنا تەتقىقات مەركىزىنىڭ ئېلان قىلغان ئەڭ يېڭى دوكلاتلىرىغا ئاساسلانغاندا، ئۆتۈپ كەتكەن 20 يىلدا، ئامېرىكىدىكى 15 ياشتىن 19 ياشقىچە بولغان كىچىك قىزلارنىڭ ھامىلىدار بولۇش نىسبىتى بىلەن تۇغۇش نىسبىتى ئۈزلۈكسىز تۆۋەنلەپ كەتكەن، ئەمما يەنىلا تەرەققىي تاپقان ئەللەرنىڭ ئالدىنقى قاتارىدا تۇرغان.

    دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، ھەر يىلى ئامېرىكىدا تەخمىنەن 750 مىڭ نەپەر كىچىك قىز ھامىلىدار بولىدىكەن، 2008-يىلى پۈتۈن ئامېرىكىدىكى 15 ياشتىن 19 ياشقىچە بولغان كىچىك قىزلارنىڭ ھامىلىدار بولۇش نىسبىتى %6.8 بولغان، 1990-يىلى بىلەن سېلىشتۇرغاندا ئىككى ھەسسىدىن تۆت ھەسسىسىگىچە كېمىيىپ، ئامېرىكا تارىخىدىكى ئەڭ تۆۋەن سانلىق قىممەت نۇقتىسىنى ياراتقان. ئامېرىكا كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش مەركىزىنىڭ ئېلان قىلغان سانلىق قىممەتلىرىگە ئاساسلانغاندا، 2011-يىلى پۈتۈن ئامېرىكىدىكى 15 ياشتىن 19 ياشقىچە بولغان كىچىك قىزلار تۇغقان بوۋاقلارنىڭ ئومۇمى سانى 330 مىڭغا يېقىنلاشقان، ئۇلارنىڭ تۇغۇش نىسبىتى %3.1 بولغان، بۇ قىممەتمۇ ئوخشاشلا ئامېرىكا تارىخىدىكى ئەڭ تۆۋەن سانلىق قىممەت نۇقتىسىنى ياراتقان، تېخىمۇ ئىلگىرىلەپ تەتقىق قىلىشقا ئاساسلانغاندا 15 ياشتىن 19 ياشقىچە بولغان 33 نەپەر قىز 19 ياشقا كىرىشتىن بۇرۇن ئانا بولۇپ بولغان.

    ئامېرىكا كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش مەركىزىنىڭ تەھلىل قىلىشىچە، كىچىك قىزلارنىڭ ھامىلىدار بولۇش نىسبىتى بىلەن تۇغۇش نىسبىتىنىڭ تۆۋەنلەپ بېرىشىدا بىر نەچچە خىل ئاساسى سەۋەب بار ئىكەن، ئەڭ ئاساسلىقى، ئۇلارنىڭ بىر قىسىم پائالىيەتلىرى (جىنسى) ئازىيىپ بارغان. 2009-يىلى ئامېرىكا ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئىچىدە %46 ئوقۇغۇچى «جىنسى» پائالىيىتى ئېلىپ بارغان، ئەمما كىچىك قىزلارنىڭ ھامىلىدار بولۇپ قېلىش نىسبىتى ھەر قايسى ئىشتات ۋە رايونلارنىڭ ئوخشاش بولماسلىقىغا قاراپ ئوخشىمايدىكەن.

    ئاڭلاشلارغا قارىغاندا، كىچىك قىزلارنىڭ ھامىلىدار بولۇپ قېلىشى ئامېرىكىدىكى ئەڭ ئېغىر ئىجتىمائىي ھادىسىلەرنىڭ بىرسى بولۇپ قالغان، ئامېرىكىدىكى 30 ئىشتات بالا چۈشۈرۈۋېتىشنى چەكلىگەن، 20 ئىشتات شەرتلىك ئاساستا بالا چۈشۈرۋېتىشكە يول قويغان. كىچىك قىزلار ھامىلىدار بولغاندىن كېيىن خالىغانچە بالا چۈشۈرۋېتەلمىگەن، شۇنىڭ بىلەن كىچىك قىزلارنىڭ ئارىسىدا يالغۇز ئانىلارنىڭ سانى بارغانسېرى ئېشىپ بېرىشقا باشلىغان، 15 ياشتىن 19 ياشقىچە بولغان ئارىلىقتا ئانا بولۇش ئامېرىكا جەمئىيىتىگە ئېغىر دەرىجىدە تەسىر كۆرسەتكەن، ئامېرىكىدىكى كىچىك ئانىلارنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكى ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرمەي تۇرۇپلا ھامىلىدار بولۇپ قالغاچقا، ئالىي مائارىپ ئوقۇشىنى داۋاملاشتۇرۇشقا ئامالسىز قالغان. 

     

    يېڭى خەۋەر كۈرۈش 336-280  ئاستى ئېلان ئورنى
    مەزكۈر مەزمۇنلارنى ئۇزار ئۇيغۇر توردىن كۆرگەنلىكىڭىزنى ئۇنتۇپ قالماڭ! : www.uzar.cn
    • بىكىتمىزنىڭ بارلىق ھۇقۇقى ئۇزار تور مۇلازىمەت تورلايىھە گۇرۇپپا ئشىخانىسىغا مەنسۈپ
    • ئەسكەرتىش: بېكىتىمىزدىكى بىر قىسىم مەزمۇنلار توردىن يىغىلغان بۇلۇپ نەشىرى ھۇقۇقى ئەسلى مەنبەسىگە تەۋە. نەشىرى ھۇقۇقىغا دەخلى قىلغان مەزمۇنلار بىردەك ئۈچۈرۈلىدۇ
    • بىكەت مەسئۇلى : شىرئەلى ئىمىنتوختى ، ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق تېلىفۇنى: 15009049634
    • QQ:416977351 Wechat : uzarjan ,Email:yayrim0132@qq.com
    • ئۇزار تورى ئۈندىدار سالونى
      يېڭى ئۇچۇرلار،يېڭى ناخشىلار،شەخسلەر،ساغلاملىق قاتارلىق مەزمۇنلاردىن ھۇزۇلىنالايسىز