دۆلىتىمىزدە ئىشلەنگەن يانفونلارنىڭ كوللىكتىپ ھۇجۇم قىلىشى ئارقىسىدا، سامسۇڭ شىركىتىنىڭ مەغلۇبىيىتى ئىنتايىن ئېچىنىشلىق بولدى، ئەمما پاسسىپلىق بىلەن مۇداپىئەدە تۇرغاندىن، يەنىلا ئاكتىپلىق بىلەن ھۇجۇم قىلغان ئەلا، شۇڭلاشقا سامسۇڭ شىركىتى ئالدىنقى مەزگىلدە مەخسۇس جۇڭگو بازىرىغا ئاتاپ پۈتۈنلەي مېتال گەۋدىلىك A تۈرىدىكى يانفونلارنى ئوتتۇرىغا چىقاردى.
بۇنىڭدىن ئىلگىرى سامساۇڭ شىركىتى بىر دىمىدىلا ئۈچ خىل يېڭى نۇسخىدىكى ئەقلىي ئىقتىدارلىق يانفوننى ئوتتۇرىغا چىقارغان ئىدى، ھازىر بولسا Galaxy A5 ئەقلىي ئىقتىدارلىق يانفونى جىمجىت ھالدا زاكاز قوبۇل قىلىشقا باشلىغان، ئۇنىڭ سېتىلىش باھاسىمۇ سۇ ئۈستىگە لەيلەپ چىققان، تېلېگىراف نۇسخىلىقىنىڭ باھاسى 2599 يۈەن بولۇپ، TD-LTE/FDD-LTE/CDMA2000/GSM قاتارلىق تور شەكىللىرىنى قوللايدىكەن.
بۇنىڭدىن باشقا يەنە مەلۇم بولىشىچە، ئاشكارا نۇسخىلىق A5 نىڭ باھاسى بەلكىم 2500 يۈەننىڭ ئىچىدە بولىشى مۇمكىن ئىكەن، TD-LTE/FDD-LTE/WCDMA/GSM قاتارلىق تور شەكىللىرىنى قوللايدىكەن.
دىمىسە بولمايدىغان يەنە بىر تەرىپى سامسۇڭ A5 نۇسخىلىق يانفون دۆلىتىمىزدە ئىشلەنگەن مېيزۇ MX4 ، شىياۋمى 4 قاتارلىق يانفونلار بىلەن جان تىكىپ ئېلىشىدىغان ھالەتتە بولۇپ، ماتىرىيالىغا پۈتۈنلەي مېتال ئىشلىتىلگەندىن سىرت، سەپلىمىلىرىگىمۇ مۇۋاپىق تەڭشەش ئېلىپ بېرىلغان، ئېكرانىغا 720p ئېنىقلىقتىكى5 دىيوملۇق ئېكران، ئاساسى چاستوتىسى 1.2GHz لىق 64 بىتلىق كۇۋالىكۇم سنەپدراگون 410 بىر تەرەپ قىلغۇچ، 2GB لىق ئىچكى ساقلىغۇچ، ئالدى يۈزىگە 5 مىليون پىكسىللىق قوشۇمچە كامىرا، ئالدى يۈزىگە 13 مىليون پىكسىللىق ئاساسى كامىرا سەپلەنگەن، مەشغۇلات سېستىمىسىغا Android 4.4 سېستىمىسى قاچىلانغان.