A-A+

دۆلىتىمىزدىكى تۇنجى قاشتېشى نەق مال سودا سۇپىسى شىنجاڭدا بارلىققا كەلدى

2016-يىل 11-سېنتەبىر ئەقىدە قاش ئىنىستىتۇتى باھا يوقكەن زىيارەت: 278 قېتىم

دۆلىتىمىزدىكى تۇنجى قاشتېشى نەق مال سودا سۇپىسى شىنجاڭدا بارلىققا كەلدى
58125_112104597194_2

شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى: جاۋ گۇاڭپىڭ خەۋەر قىلىدۇ: 28–، 29–ئاۋغۇست ئۆتكۈزۈلگەن 13–نۆۋەتلىك خوتەن قاشتېشى مەدەنىيەت، ساياھەت بايرىمىدا يارقىن نۇقتىلار كۆپ بولدى، بولۇپمۇ دۆلەت ئىچىدىكى تۇنجى قاشتېشى نەق مال سودا سۇپىسى شىنجاڭ خوتەن قاشتېشى سودا مەركىزى داغدۇغىلىق تىجارەت باشلىدى، دۆلەت خوتەن قاشتېشى مەھسۇلاتىنىڭ سۈپىتىنى نازارەت قىلىش، تەكشۈرۈش مەركىزىگە ۋىۋىسكا ئېسىلىپ، خوتەننىڭ ‹‹دۇنيا قاشتېشى مەركىزى›› بولۇش قەدىمى يەنىمۇ تېزلەشتى.

2004–يىلىدىن بۇيان، خوتەن ۋىلايىتى ئۇدا 13 نۆۋەت قاشتېشى مەدەنىيەت، ساياھەت بايرىمىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈپ، خوتەن قاشتېشى كەسىپ سىستېمىسىنى تىرىشىپ بەرپا قىلىپ، خوتەننىڭ ئۇزاق تارىخىي مەدەنىيىتى، چوڭقۇر مەدەنىيەت يىلتىزى، رەڭگارەڭ مىللىي ئالاھىدىلىكى ۋە ئەۋزەل شارائىتقا ئىگە خاس بايلىقىنى مەركەزلىك نامايان قىلدى. خوتەن ۋىلايىتى قاشتېشىنى ۋاسىتە قىلىپ، ‹‹قاشتېشى يولى››نى چۆرىدەپ، ‹‹قاشتېشى›› ئارقىلىق دۇنياغا يۈزلىنىپ، يېڭى سۇپا قۇرۇپ، ئىقتىساد، مەدەنىيەت ۋە مىللىي ئالاھىدىلىكتىن ئىبارەت ئۈچ جەھەتتىكى خىزمەتنى ياخشى ئىشلەپ، سودىگەر ۋە مەبلەغ جەلپ قىلىش، ساياھەت كەسپىنى ئېچىش ۋە خاس كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئارقىلىق خوتەننىڭ ‹‹دۇنيا قاشتېشى مەركىزى›› داڭلىق ماركا ئۈنۈمىنى كۈنسېرى نامايان قىلىپ، كۇرسلۇق مەھسۇلاتلارنىڭ تونۇلۇش دەرىجىسىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇردى. خوتەن قاشتېشى مەدەنىيەت، ساياھەت بايرىمى دۇنيا خەلقىنىڭ خوتەننى چۈشىنىش، خوتەننىڭ دۇنياغا يۈزلىنىشىدىكى كۆۋرۈككە ئايلاندى.

نۇر تورى تەرجىمىسى 

خەتكۈش :

كۆڭۈل سۆزلىرى

error: يۆتكىمەكچى بولسىڭىز بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ