A-A+

جاۋاھىرات شىركىتى دۇنيادىكى ئەڭ قىممەت ئالماسنى سېتىۋالدى

2016-يىل 13-سېنتەبىر جاۋاھىراتلار دۇنياسى باھا يوقكەن زىيارەت: 103 قېتىم

شۋېيتسارىيەلىك ئۈنچە-مەرۋايىت شىركىتى دۇنيادىكى ئەڭ قىممەت ئالماسنى سېتىۋالدى

17511934_980x1200_0

ئامېرىكا سىملىق تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ئاخبارات تورىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، شۋېيتسارىيەلىك ئۈنچە-مەرۋايىت شىركىتى دى گىرىسگونو يېقىندا پارىژ ئاسار-ئەتىقە يىلى كۆرگەزمىسىدە 63 مىليون ئامېرىكا دوللىرى (خەلق پۇلىغا سۇندۇرغاندا 400 مىليون 200 مىڭ يۈەن) بىلەن دۇنيادىكى ئەڭ قىممەت ساپ ئالماسنى كىمئارتۇق قىلىپ سېتىۋالدى، بۇ ئالماسنىڭ ئېغىرلىقى 813 كارات، دىئامېتىرى ئالتە سانتىمېتىر. بۇ ئالماسنى كىشىلەر «يۇلتۇز تۈركۈمى» دەپ ئاتايدۇ، تۇنجى قېتىم 2015-يىلى ئاشكارىلىغان، كانادا كان شىركىتى ئافرىقا بوتسىۋانادا قېزىپ چىققان، كېيىن دۇبەي سودا شىركىتى Nemesis International شەخسىي كىمئارتۇق قىلىپ سېتىش يىغىنىدا سېتىۋالغان.

17511935_980x1200_0

دى گىرىسگونونىڭ درېكتورى جون مۇنداق دېدى: «بىزنىڭ تۇنجى قېتىم بۇنداق قىممەت ئۈنچە-مەرۋايىتنى سېتىۋېلىشىمىز، بىز ئۇنى ئۆزىمىز ئويلىغان شەكىلگە ئەكەلمەكچى».

17511936_980x1200_0

بۇ شىركەتنىڭ قۇرغۇچىسى فاۋاشى جىروچ بۇ ئالماسنىڭ ئۆزىنىڭ مەلىكىسى ئىكەنلىكى، ھەركۈنى ئۇنىڭغا گەپ قىلىدىغانلىقىنى ئېيتقان. ئۇ مۇنداق دېگەن: «مەن بۇ ئالماسنى ھەم ياخشى كۆرىمەن ھەم ئۆچ كۆرىمەن، ياخشى كۆرۈشۈمنىڭ سەۋەبى ئۇ شۇنداق ئالاھىدە، چۈشۈمدىمۇ مۇشۇنداق بىر ئالماسقا ئېرىشىشنى ئويلاپ يۈرگەن، ئۆچ كۆرۈشۈمنىڭ سەۋەبى ئۇنى قانداق ھالەتكە ئۆزگەرتىشنى تېخىچە بىلەلمەيۋاتىمەن». ئۇ يەنە ئەڭ ئاخىرقى بۇيۇمنىڭ 6-8 ئايدىن كېيىن جامائەت بىلەن يۈز كۆرىشىدىغانلىقىنى ئېيتقان.

17511939_980x1200_0

بۇ ئالماستىن سىرت دۇنيادىكى 2-قىممەت ئالماس سۈرەتتىكى بۇ كۆك ئالماس، ئۇ 57 مىليون 500 مىڭ ئامېرىكا دوللىرى (خەلق پۇلىغا سۇندۇرغاندا 300 مىليون 840 مىڭ يۈەن) غا يارايدۇ. بۇ ئالماسنى كىشىلەر «ئوپپېنھېلمېر كۆكى» دەپ ئاتايدۇ.

17511940_980x1200_0

 بۇنىڭدىن بۇرۇن دۇنيادىكى ئەڭ قىممەت ئالماس 48 مىليون 400 مىڭ ئامېرىكا دوللىرى (خەلق پۇلىغا سۇندۇرغاندا 300 مىليون 200 مىڭ يۈەن) غا يارايتى، ئۇنى بىر كىشى 2015-يىلى 11-نويابىردا كىمئارتۇق قىلىپ سېتىش يىغىنىدا ئىسمىنى قالدۇرماي سېتىۋالغان.
مەنبە : نۇر تورى
خەتكۈش :

كۆڭۈل سۆزلىرى

error: يۆتكىمەكچى بولسىڭىز بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ