A-A+

خوتەن قاشگەرلىكىمىزدىكى تالانت ئىگىسى—كېرەم نەزەر

ئەقىدە قاشگەرلىكى شىركىتىدىن ئابلىكىم ئاۋۇت يازمىسى 
  خوتەن قاش ئويمىچىلىق ئۇستىسى __________  كېرەم نەزەر
mmexport1433854573947_meitu_1
1973-يىلى بۈگۈر ناھىيىسىنىڭ يېڭىسار يېزىسىدا ئۇقۇمۇشلۇق ئائىلىدە دۇنياغا كەلگەن . 2008-يىلىدىن باشلاپ چەرچەن ناھىيەسىدە قاشگەرلىك تىجارىتى بىلەن شۇغۇللانغان . شۇ جەرياندا مىللىتىمىزنىڭ ئۇزاق تارىخقا ئىگە خوتەن قاش ئويمىچىلىق مەدەنىيىتى بىلەن تۇنۇشقان ھەمدە نىمە سەۋەبتىندۇر يوقىلىپ كەتكەن ئاشۇ ئويمىچىلىق مەدەنىيىتىمىزنى قايتا گۈللەندۈرۈش ئۈچۈن مۇشۇ كەسىپنى تاللىغان.
DSCN4557_meitu_1
 كەسىپكە بولغان چۇڭقۇر ئىشتىياق كېرەم ئۇستامنى تىنىم تاپقۇزمىدى. قاش ئويمىچىلىق ئۈسكۈنىلىرى تۇلۇق بولمىغان  ، تەلىم ئالىدىغان ئۇستاز يوق شارائىتتا ئەقلى تەپەككۇرغا ، ئىجادتچانلىق روھىغا تايىنىپ  قايتا-قايتا سىناق قىلىش ، تەجرىبە ئىشلەش ئارقىلىق ئەنئەنىمىزگە ۋە زامانىۋىلىققا لايىق  خوتەن قاش ئويمىلارنى ئويۇپ مول نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى .
DSCN4559_meitu_2
ئۇيغۇرلارنىڭ شانلىق قاش ئويمىچىلىق تارىخىنى ۋە قاش ئويمىچىلىق مەدەنىيىتىنىڭ قىممىتىنى چوڭقۇر تونۇپ يەتكەن كېرەم نەزەر  بۇ كەسىپنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ زامانغا لايىقلاشتۇرۇش ؛ دىيارىمىزنىڭ خوتەن قاش بايلىق ئەۋزەللىكىنى ئىقتىسادىي ئەۋزەللىككە ئايلاندۇرۇشتا باشلامچىلىق رول ئويناشنى پىلانلىدى ۋە نەچچە يىللىق سىجىل تىرىشچانلىقى ئارقىلىق  مىللىتىمىزدە كۆزگە كۆرۈنگەن قاش ئويمىچىلىق ئۇستىسى يوق  بولۇشتەك ئۈزۈكچىلىككە خاتىمە بەردى . ئۆز ئەمەلىيىتى ئارقىلىق يوقىلىپ كەتكەن قاش ئويمچىىلىق مەدەنىيىتىمىزنى دەۋرىمىزگە ئۇلاشتا كۆۋرۈكلۈك رول ئوينىدى . دىيارىمىز قاشگەرلىگىدە  30 يىلدىن بىرى داۋاملىشىپ كىلىۋاتقان -خوتەن قاشلىرىنى خام ئەشيا سۈپىتىدىلا سېتىشتەك پاسسىپ ھالەتنى تۈگۈتۈپ ئەنئەنىمىزگە ،ئېتىقادىمىزغا ماس بولغان نەپىس قاش ئويمىغا ئايلاندۇرۇپ سېتىشقا ئۈلگىلىك ئاساس سالدى .دىمەك كېرەم ئۇستام خوتەن قاشگەرلىكىمىزگە ئۆچمەس تۆھپىلەرنى قوشتى . ئۇنىڭ بۇ تۆھپىلىرى قاشگەرلىكىمىزنىڭ تارىخ بېتىگە يېزىلغۇسى . بىز بۇنداق تالانتلىق كىشىلىرىمىزگە ھۆرمەت بىلدۈرمەي ، پەخىرلىنەلمەي تۇرالمايمىز.شۇنىڭ بىلەن بىرگە خوتەن قاشگەرلىكىمىزدە مۇشۇنداق ئىقتىدارلىق ، تالانتلىقلارنىڭ كۆپلەپ يېتىشىپ چىقىشىنى ئۈمۈد قىلىمىز . 
كېرەم ئۇستام ئويغان بىر قىسىم ئويمىلاردىن ھۇزۇرلانغايسىلەر  :  mmexport1433854549491 mmexport1433854558463 mmexport1433854562955 mmexport1433854582901 mmexport1433854586578 mmexport1433854599479 mmexport1433854617337 mmexport1433854635045 mmexport1433854681822 QQ图片20150612200620 QQ图片20150612200641 QQ图片20150612200656 2015-يىلى 6-ئاينىڭ 9-كۈنى 
خەتكۈش :

كۆڭۈل سۆزلىرى

error: يۆتكىمەكچى بولسىڭىز بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ