دادىللىق بىلەن ئىلگىرلەپ پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇش لازىم
ۋېنجو سودىگەرلىرىنىڭ ئۆزگىچە تەپەككۈرى
2-باپ 8-پارىگىراپ
بېيىش تەپەككۇرى:
نامراتلار: ھەر قېتىم پۇرسەتنى بايقىغىنىمدا پۇرسەت ئاللىقاچان مەندىن يىراقلاپ كەتكەن بولىدۇ، دائىم پۇرسەتنىڭ كەينىدىلا يۈرىمەنۇ، لېكىن پەقەتلا يېتىشەلمەيمەن.
ۋىنجۇلىقلار: پۇرسەتنى كەينىدىن قوغلاش ئەمەس، بەلكى ئىزدەش كېرەك. پەقەت بىز ئىشلارنىڭ تەرەققىيات يۆلىنىشىنى ئالدىن
پەرەز قىلالىساقلا، پۇرسەتنى بىر قەدەم بۇرۇن بايقىيالىساقلا پۇرسەت ئۆزلىكىدىن بىزنى ئىزدەپ كېلىدۇ.
سودا پۇرسىتى- پۇرسەت ۋە سۈرئەتنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. پۇرسەتنى تۇتۇشقا ماھىر بولۇشىمىز، بولۇپمۇ بۈگۈنكى جەمئىيەتنىڭ تېز سۈرئەتتە ئۆزگىرىشى كەلتۈرۈپ چىقارغان پۈتۈنلۈك، مۇرەككەپلىك، رىقابەتچانلىقتەك ئۆزگىرىشچان شارائىت مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشنى ئارزۇ
قىلغۇچىلاردىن پۇرسەتنى تۇتۇش ۋە تېز سۈرئەتتە ھەركەتكە ئۆتۈشنى تەلەپ قىلىدۇ.
2005-يىلى 9-ئاينىڭ 5-كۈنى ماركا ۋە پاتنىت ھوقۇقى بويىچە ۋىنجۇلىق شېن ئەپەندى بىر كۈندىلا 300 مىڭ يۈەندىن كۆپرەك
مەبلەغ سېلىپ ئۆزىنىڭ نامىدا مېھمانخانا كەسپى بويىچە 171 ماركىنى ئەنگە ئالدۇردى. بۇ ماركىلار ئايرىم-ئايرىم ھالدا بېيجىڭ، گۇاڭدۇڭ، خاڭجۇ، نىڭبو، چىڭداۋ قاتارلىق چوڭ شەھەرلەرگە تارقالغان بولۇپ ،بۇلاردىن مەلۇم بىر ۋاقىت (一时间)، سوفىت، شەرق مەرۋايىتى، تيەنلۈن(天伦)، ئاپوللو، سوفىيە، كېچىدىكى پارىژ قاتارلىق ماركىلار تالاشقا قالدى. بىراق تالاشقۇچىلارنىڭ ھېچقايسى بۇ ئىشنىڭ تېگى-تەكتىنى بىلمەيتتى.
2006-يىلى 7-ئايغا كەلگەندىلا خاڭجۇ يۈجيا ماركا ئىشلىرى ئورنى مېھمانخانىلارنىڭ ماركا ئەنگە ئالدۇرۇش ئەھۋالىنى تەكشۈرگەندە ئاندىن بۇ ئىشنى بايقىدى .شۇنىڭ بىلەن شىن ئەپەندىنىڭ بۇ ئىشى مېھمانخانا ۋە ماركا ۋاكالەتچىلىرىنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى.
ۋىنجۇلۇق بۇ سودىگەرنىڭ بۇنچە كۆپ ماركىلارنى تالىشىپ ئەنگە ئالدۇرشىنىڭ سەۋەبى زادى نېمە؟
«ۋىنجۇ گېزىتى» نىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا شىن ئەپەندى بۇ ھەقتە توختۇلۇپ:« مېنىڭ قىلغانلىرىم يامان نىيەتتە مەبلەغ سېلىش بولماستىن ،بەلكى مۇشۇ ئىش ئارقىلىق ھەر ساھە كىشلىرىگە،مۇلازىمەت كەسپى ماركىسى ۋە پاتنىت ھوقۇقىنىڭ مۇھىملىقىنى بىلدۈرۈپ قويۇش» دەيدۇ.
2006-يىلى 7-ئايدا ۋىنجۇ خۇاليەن شىركىتىنڭ باش دېرىكتورى بەي ۋېنپىڭ ئالى بابادىن بىر يولىلا 100 دىن ئارتۇق ئاچقۇچلۇق سۆزنى سېتىۋالدى. بەزىلەر‹ ئۇنچىلىك كۆپ ئاچقۇچلۇق سۆزنى سېتىۋېلىشنىڭ نېمە ھاجىتى دېيىشسە، يەنە بەزىلەر ۋىنجۇلىقلار يىراقنى كۆرەر،سودا
قىلشقا ماھىر كىشلەر،ئۇنىڭ مۇنچە كۆپ سۆزنى سېتىۋېلىشىدا چۇقۇم بىرەر سەۋەپ بار › دېيىشتى. كېيىنكى بىر نەچچە ئايدا بەي ۋېنپىڭ يەنە توختىماستىن ئاچقۇچلۇق سۆز سېتىۋالدى.ھالبۇكى بۇ ئاچقۇچلۇق سۆزلەر ،مەسىلەن: «ئايلانما ۋىكليۇچاتىل»، «ئىلىكتىرونلوق سايمانلار» ،«توشۇش ئۈسكىنىسى» دېگەندەك سۆزلەرنىڭ ئۇلارنىڭ شۇغۇللىنىۋاتقان كەسپى بىلەن
ھېچقانداق مۇناسىۋىتى يوق ئىدى.
10-ئاينىڭ 18-كۈنى بەي ۋېنپىڭ «چەكسىز شادلىق» بەسلىشىپ سېتىۋېلىش بازىرىدىن يەنە 18 ھالىقىلىق سۆزنى سېتىۋالدى، ھالبۇكى بۇلارنىڭمۇ ئۇنىڭ شۇغۇللىنىۋاتقان كەسپى بىلەن ھېچقانداق مۇناسىۋېتى يوق ئىدى. باشقىلارنىڭ گاڭگىراشلىرىغا ئۇ مۇنداق دەپ جاۋاب بەردى:« بۇ سۆزلەر بىر قارىماققا مېنىڭ كەسپىم بىلەن مۇناسىۋەتسىزدەك كۆرىنىدۇ، ئەمەلىيەتتە ناھايتى زىچ مۇناسىۋېتى بار. شۇڭلاشقا مەن ئۇلارنىڭ ھالقىلىق سۆزلىرىنىمۇ بىراقلا سېتىۋالدىم» دەيدۇ.
ۋىنجۇلىقلارنىڭ تەپەككۇر ئۇسۇلى باشقىلارنىڭكىگە ئوخشىمايدۇ. باشقىلار ‹ پۇرسەت تېخى پىشىپ يېتىلمىدى › دەپ قارىغان ۋاقىت دەل ۋىنجۇلىقالارنىڭ ‹ مەبلەغ سېلىشنىڭ ياخشى پەيتى كەلدى ›دەپ قارىغان ۋاقتى بولىدۇ.چۈنكى ۋىنجۇلىقالار دائىم پۇرسەتنى باشقىلاردىن
بۇرۇن بايقىۋالىدۇ.
كۆپ قىسىم ۋىنجۇلىقلار ئۇزاق ۋاقىت سودا قىلىش ئارقىلىق مول تەجىربە ھاسىل قىلغان . ئوخشاش بازار ئۇچۇرىدا باشقىلار خۇرسىنىپ پۇرسەت كۈتىۋاتقىنىدا ،« باھارنىڭ كەلگەنلىكىنى قۇشلار بۇرۇن بىلەر» دېگەندەك چېچەن ۋىنجۇلىقلار بالدۇر قەدەم تاشلاشنىڭ پايدىسىنى كۆرۈپ ئالغا ئاتلانغان بولىدۇ.
1999-يىلى ۋىنجۇ لېچىڭلىق نى شيەنجې غەرب تائاملىرىنىڭ كىشلەرنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشىۋاتقانلىقىنى ،بولۇپمۇ غاز جىگىرىگە بولغان ئىھتىياجنىڭ كۈندىن-كۈنگە ئاشىدىغانلىقىنى كۆرۈپ يەتتى ۋە 60 مىڭ يۈەن خەجلەپ غاز كىرگۈزۈپ لاڭدى غېزى بېقىشقا
باشلىدى. بۇ ئەينى ۋاقىتتا بىر قاپ يۈرەكلىك ھېسابلىناتتى.چۈنكى بۇ ۋاقىتتا بازار تېخى قىزىمىغان، بېقىش تېخنىكىسىمۇ ئارقىدا ئېدى.
ياڭدى غېزى بېقىش جەريانىدا نى شيەنجې نۇرغۇن قېيىنچىلىقلارغا يولۇقتى. بىراق ئۇ تىرىشىش ۋە ئىزدىنىش ئارقىلىق بۇ قېيىنچىلىقلارنى يەڭدى. ھازىر ئۇنىڭ بېقىش مەيدانلىرىدا ئون مىڭدىن ئارتۇق لاڭدى غېزى بولۇپ، ھازىرقى بازار ئەھۋالى ناھايىتى ياخشى.
پۇرسەت دېگەن ھەر ۋاقىت ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ. پۇرسەتنى بايقاش ۋە ئۇنى چىڭ تۇتۇش كىشىدىن پەرق ئېتىش ئىقتىدارى ۋە قارار چىقىرىش ئىقتىدارىنى تەلەپ قىلىدۇ.
2002-يىلى 5-ئايدا ئامرىكا ۋاقىت گېزىتى جۇڭگولۇق ئادەتتىكى بىر كارخانىچى ۋۇ ۋېينى تونۇشتۇردى. ۋۇ ۋېي ۋىنجۇلىق بولۇپ، ئۇ تۇنجى بولۇپ ئەي لۈ شىڭ ساغلاملىق بويۇملىرى شىركىتىنى قۇرۇپ چىققان ۋە دۇنيادا ئوخشاش كەسىپتىكىلەرنىڭ قاتارىدا 10- ئورۇنغا ئۆتكەن.
ۋۇ ۋېي مۇنداق تەرەققىي قىلغان:
1992-يىلى بېيجىڭدا تۇنجى بولۇپ ساغلاملىق بويۇملىرى دۇكىنى ئېچىلدى، مەھسۇلاتلارنىڭ كۆپىنچىسى ئمپورت مەھسۇلاتلار ئىدى.
ۋۇ ۋېي بازار تەكشۈرۈش ئارقىلىق ھاياجانلىنىپ :« كىشلەرگە خۇددى سۇ لازىم بولغىنىدەكلا ساغلاملىق مەھسۇلاتلىرى لازىم، . جۇڭگودا بۇ چەكسىز بازار تېخى ئەمدىلا بىخ سۈرۈشكە باشلىدى. بۇ ئىشنى باشقىلار قىلشتىن بۇرۇن مەن ئىش باشلىشىم كېرەك» دېدى.
ئەينى ۋاقىتتىكى جۇڭگودا جىنسىيەت ناھايىتى ئۆتكۈر تېما بولۇپ، نۇرغۇن كىشلەر بۇ گەپلەرنى تېشىغا چىقىرىشتىن ئەيمىنەتتى. بىراق مۇشۇنداق شارائىتتا ئىلىكتىر سايمانلىرى تىجارىتى قىلىدىغان ۋۇ ۋېي جىنسىيەت (ساغلاملىق) بويۇملىرى ئىشلەپچىقىرىشنى قارار قىلدى.
2001-يىلىغا كەلگەندە ۋۇ جەمەتى كارخانىسىنىڭ سېتىش مىقدارى مەملىكەتنىڭ %70 نى ئىگىلىدى ھەم 27 دۆلەتكە ئىمپورت قىلىندى.
ۋۇ ۋېي خۇشال ھالدا:« ھازىر زاكاسنىڭ كۆپلىكىدىن 24 سائەت ئىشلىسەكمۇ تۈگىتەلمەسلىكتىن ئەنسىرەيمىز» دېدى.
خۇ شۆيەن:«كۈتۈپ تۇرغاندىن ئالدىغا مېڭىپ باققان ياخشى » دېگەنىدى. قارىماققا قېيىن تۇيىلىدىغان ھەرقانداق ئىش ئالغا ئىنتىلىپ ھەركەت قىلساقلا ناھايىتى ئوڭۇشلۇق ھەل بولىدۇ . ئۆزىمىزدە ئالدىن كۆرەرلىك ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرۈش -مۇۋەپپەقىيەتنىڭ كەم بولسا بولمايدىغان ئامىلى. ھەر قانداق ئىشتا ئالدىن تەييارلىق كۆرۈپ قويساق باشقىلاردىن بۇرۇن مەقسەتكە يېتەلەيمىز.
1989-يىلى ۋىنجۇلىق سودىگەر ۋاڭ لياڭپىڭ خاربىندىكى بىر كوچىدىن توققۇز كىۋادىرات
مېتىرلىق دۇكاننى ھەر ئايلىقىنى 1000 يۈەندىن ئىجارە ئېلىپ ۋىنجۇنىڭ تۆۋەن بېسىملىق ئىلىكتىر سايمانلىرىنى سېتىشقا تۇتۇندى.
ۋاڭ پىڭ لياڭنىڭ بۇ ئىشىنى كۆرۈپ نۇرغۇن كىشلەر:« بۇنچە قىممەت باھادا پەقەت توققۇز كىۋادىرات مېتىرلىق دۇكاننى ئىجارە ئېلىپ نېمە قىلىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە دۇكاننىڭ ئورنى دېگەندەك ياخشى يەردە ئەمەس » دەپ ھەيران قېلىشتى.بۇنىڭغا قارىتا ۋاڭ لياڭپىڭ :« دۇكاننىڭ ئەرزان قىممەتلىكى مۇھىم ئەمەس، مۇھىمى مېنىڭ دۇكىنىم پەقەت توققۇز كىۋادىرات مېتىرلا بولسىمۇ ،بىراق ئەتراپتىكى دۇكانلارنىڭ ھەممىسى ئىلىكتىر سايمانلىرى سودىسى قىلىدۇ، بۇ يەر ئاللىبۇرۇن ئىلىكتىر سايمانلىرىنى مەخسۇس سېتىش بازىرىغا ئايلانغان. ئىلىكتىر سايمانلىرى سېتىۋالىدىغانلار بۇ بازارغا كەلسىلا چۇقۇم مېنىڭ تۆۋەن بېسىملىق ئىلىكتىر سايمانلىرىمنى تاللايدۇ، شۇڭا مېنىڭ بازىرىم ئىنتايىن كەڭ ھەم ئىستىقبالى بار» دەيدۇ.
ھەقىقەتەن دۇكان ئېچىلىپلا سودىسى ئىنتايىن ئوڭۇشلۇق بولىدۇ. تۇنجى ئايدىلا كىچىككىنە دۇكاننىڭ سودا ئوبروتى 20 مىڭ يۈەندىن ئاشىدۇ.
كونىلاردا ‹ توخۇ يۈرەك ئاچ قېپ ئۆلەر، باتۇر پالۋان ئوق يەپ ئۆلەر › دەيدىغان گەپ بار. بىرەر ئىشنى قىلغىنىمىزدا ئۆزىمىزنىڭ كۈچىنى تولۇق مۆلچەرلەپ كېيىنكى تەەققىياتىمىز ئۈچۈن ياخشى تەييارلىق قىلىشىمىز كېرەك.
ۋىنجۇلىقلار ئۈزۈندىسى:
ھەممە ئىشتا سەپنىڭ ئالدىدا مېڭىش، باشلامچى بولۇشقا غەيرەت قىلىش ، مەزمۇت قەدەم بىلەن ئالغا ئىلگرلەپ يېڭى ئىھتىياج يارىتىش، بۇ ئارقىلىق جەمئىيەتكە بىر كىشىلىك تۆھپە قوشۇش لازىم .
ــ كاڭنەي گورۇھى لېدىرى جېڭ شيۇكاڭ
مەنبە: 时事出版社 نەشىر قىلغان
<< 温州人想的和你不一样 >>ناملىق كىتاب
2014-يىلى 24-قېتىملىق نەشىرى
ئەقىدە قاشگەرلىكى شىركىتى تەرجىمىسى
تەرجىمان : ئابدۇللا ئۆمەر
تەرجىمە تەھرىرى : رەيھانگۈل نىزام
2015-يىلى 6-ئاينىڭ 9-كۈنى