A-A+

تۇزلۇق سۇ (دېڭىز) مەرۋايىتى

مەرۋايىت ھەققىدە دەسلەپكى چۈشەنچىلەر ( 4 )

ئەقىدە شىركىتى مەرۋايىت زىننەتلىرى بۆلىمىدىن ئادالەت ئابلىكىم يازمىسى

m_gw_yqnvZxsIrrq9KAC-7TKGELV5NCOmf4ChJJ6VRHs5KvJKYMe0OweAACint7-gpMGDcYz47ZYpu85dS2V1maGUScNqIGd1ap5htoexnWIJIsD6en_ngGj-dc4cbDJcacF61

مەرۋايىت ________  پۈتۈن دۇنيا خەلقى  قەدىمدىن ھازىرغىچە ئورتاق ياخشى كۆرۈپ ئىشلىتىپ كىلىۋاتقان بىر تۈرلۈك جاۋاھىرات بولۇپ ، چىقىش ئورنىغا قاراپ تاتلىق سۇ مەرۋايىتى ۋە تۇزلۇق سۇ مەرۋايىتى دەپ ئىككى تۈرگە بۆلىنىدىغانلىقىنى ئالدىنقى ماقالىمىزدا سۆزلەپ ئۆتكەن ئىدۇق .   بىز مەزكۇر ماقالىمىزدە تۇزلۇق سۇ مەرۋايىتى ( دېڭىز مەرۋايىتى )  ھەققىدە توختىلىمىز .

rBEQWVFBbDgIAAAAAAF4HZaYm5UAACF7QHrOOUAAXg1946

تۇزلۇق سۇ مەرۋايىتىمۇ قۇلۇلە تېنىدە  يېتىلىدىغان بولۇپ ، ئادەتتە نورمال شارائىتتا  قۇلۇلە تېنىدە ئۈچ

 يىلدىن بەش يىلغىچە يېتىلگەندىن كېيىن ئايرىۋېلىنىدۇ.قۇلۇلە تېنىدە تۇرغان ۋاقتى قانچە ئۇزۇن بولسا ،مەرۋايىتلارنىڭ سۈپىتى شۇنچە ياخشى بولىدۇ يەنى ئاشۇ ئۇزۇن مەزگىلدە مەرۋايىتلار قۇلۇلە تېنىدە تەبىئى ‹ پىشىپ › يىتىلىدۇ .تۇزلۇق سۇ مەرۋايىتىنىڭ قۇلۇلە تېنىدە تۇرۇش ۋاقتى ئۇزۇن  بولغاچقا قاتلىرى كۆپ بولىدۇ.قاتلىرى كۆپ بولغاچقا ئىنتايىن پاقىراق،سۈپەتلىك،جۇلالىق ھەم نۇرانە بولىدۇ.

猎豹截图20150612203542

تۇزلۇق سۇ مەرۋايىتىنىڭ مىقدارى ناھايىتى ئاز بولۇپ ،ئادەتتە ئىككى - ئۈچ قۇلۇلىنى يارغاندا ئاندىن بىرەر تال تۇزلۇق سۇ مەرۋايىتى چىقىدۇ .

05392188dd594299f9a49e60ae3c_280_280

تۇزلۇق سۇ مەرۋايىتى بىپايان دېڭىز-ئوكيانلاردا قۇلۇلە تېنىدە ئۆزى تەبىئىي يېتىلگەچكە ( تۇزلۇق سۇ مەرۋايىتىنى تاتلىق سۇ مەرۋايىتىدەك سېستىمىلىق بېقىش ئىمكانىيىتى يوق )، يىغىۋېلىش قىيىن ،مىقتارى ئاز شۇنداقلا سۈپىتى ئالاھىدە ياخشى بولىدۇ.شۇ سەۋەپتىن    باھاسى قىممەت بولىدۇ ھەم   تىبابەت  ۋە گىرىم بۇيۇملىرىغا ئىشلىتىلمەيدۇ.

jiezhi0226153416_0

تۇزلۇق سۇ مەرۋايىتى ئادەتتە ئاق ، سېرىق ، قارا رەڭلەردە  بولىدۇ .مەيلى تاتلىق سۇ مارۋايىتى بولسۇن ياكى تۇزلۇق سۇ مەرۋايىتى بولسۇن  قارا رەڭلىك مەرۋايىتلارنىڭ سانى ناھايىتى ئاز بولىدۇ .يەنە ئاز ساندا كۆك رەڭدىكىلىرىمۇ ئۇچرايدۇ.

360截图20150613143715703

تۇزلۇق سۇ مەرۋايىتى تاتلىق سۇ مەرۋايىتىغا قارىغاندا چوڭ ، قاتلىرى كۆپ ، سۈپەتلىك بولىدۇ .

58bf61a467f96b3e

دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ تۇزلۇق سۇ مەرۋايىتىنىڭ ئالتە كېلو ئېغىرلىقتا چىققانلىقى مەلۇم .

ILSOMMO-YSM12121-1

2015-يىلى 6-ئاينىڭ 13-كۈنى

خەتكۈش :

كۆڭۈل سۆزلىرى

error: يۆتكىمەكچى بولسىڭىز بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ