سىز نېمىشقا نامرات ؟ چۈنكى بانكىدىن پۇل قەرز ئالمىدىڭىز !
بۈگۈنكى باش خەۋەرلەر تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:
مىكۇاڭ مەبلەغ باشقۇرۇش چەكلىك شىركىتىدىكى A ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە، بىز ئادەتتە پۇل قەرز ئالغۇچىلارنى نامرات، پۇل قەرز بەرگۈچىنى بولسا باي دەپ قارايمىز. ھالبۇكى، ئارتۇق بېسىلغان پۇل بايلىقنى ئازايتىۋېتىش بىلەن بىرگە، يەنە قەرزنىمۇ ئازايتماقتا؛ چۈنكى پۇل كۆپ بولغاچقا تېخىمۇ ئاسان تاپقىلى بولىدۇ، ئەمما سىزنىڭ قەرزىڭىز ئۆزگەرمەيدۇ. شۇڭا، پۇلنىڭ قىممىتى ئۇزۇن مۇددەت تۆۋەنلەۋاتقان يۈزلىنىشتە، قەرز ئېلىشنىڭ پايدىسى بار، ئەمما پۇلنى قولىدا ساقلاپ يۈرگەنلەر زىيان تارتىدۇ.
قەرزنىڭ ئەڭ ئاساسلىق مەنبەسى قەيەردە؟ بانكىدا! بانكىدىن قەرز ئېلىش كېرەك! بانكىنىڭ پۇلى ئاساسلىقى قەيەردىن كېلىدۇ؟ ئامانەت قويغۇچىلاردىن! بانكا ئاۋامنىڭ قولىدىكى پۇلنى ئېلىپ، ئاندىن يەنە سىرتقا قەرز بېرىدۇ، بۇ جەرياندىكى ئامانەت- قەرز ئۆسۈمىدىكى پەرق بانكىنىڭ ئاساسلىق پايدا مەنبەسىدۇر. بانكىدىن قەرز ئالالايدىغانلار قانداق كىشىلەر؟ ئۇلار ئادەتتە مۈلكى بار، رەنە قويغۇدەك نەرسىسى بار كىشىلەردۇر، شۇنداق، پۇلى بار كىشىلەر. بانكىغا پۇل ئامانەت قويغۇچىلارچۇ؟ ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى ئادەتتىكى پۇقرالار ـــ پۇل يىغىش ئارقىلىق بېيىشنى ئارزۇ قىلىدىغانلاردۇر، ئەپسۇسلىنارلىقى شۇكى، ئۇلار بانكىدا ئامانەت قويغان پۇلنىڭ ئۆسۈمى ئىستېمال باھا كۆرسەتكۈچىنىڭ ئۆرلەش نىسبىتىدىن خېلىلا تۆۋەن، ياكى مۇنداقچە ئېيتقاندا، ئۆسۈمنىڭ نىسبىتى پۇلنىڭ سېتىۋېلىش كۈچىنىڭ تۆۋەنلەش نىسبىتىدىن تۆۋەن.
پۇل ئارتۇق بېسىلىۋاتقان ۋەزىيەتتە، پۇلدارلار بانكىدىن پۇل قەرز ئالىدۇ، قەرزنىڭ قىممىتى بولسا بارغانسېرى ئازىيىدۇ، ئاددىي ئاۋام بولسا پۇللىرىنى بانكىغا ئامانەت قويىدۇ- دە، بايلىقى بولسا كۈنسېرى ئازىيىدۇ.
پۇلنىڭ قەغەزگە ئايلىنىپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن قانداق قىلىش كېرەك؟
سۆزلەپ بۇ يەرگە كەلگەندە بىر قىيىن مەسىلىگە يۈزلىنىشكە توغرا كېلىدۇ، چۈنكى بۇنداق ئەھۋال ئاستىدا، پۇلنىڭ قەغەزگە ئايلىنىپ قېلىشىدىن قانداق ساقلىنىش كېرەك؟ ئەمەلىيەتتە بۇنىڭ ھەقىقىي ياخشى جاۋابى يوق، پەقەت ۋەزىيەتكە بېقىپ مۇنداق تەكلىپ بېرىمىز، پەقەت پايدىلىنىشقىلا بولىدۇ!
بانكىغا ئامانەت قويىدىغان پۇلنى ئازايتىڭ!
بانكىغا ئامانەت قويىدىغان پۇلنى ئازايتىش بايلىقنىڭ ئازىيىپ كېتىش ئۈچۈندۇر، ئەمما جۇڭگونىڭ ئىجتىمائىي سۇغۇرتا سىستېمىسى مۇكەممەل بولمىغان ئەھۋالدا، ئەلۋەتتە ئازراق پۇل يىغىپ جىددىي ئېھتىياجنى قامداشقا توغرا كېلىدۇ؛
مۇۋاپىق قەرز ئېلىڭ!
مۇۋاپىق قەرز ئېلىش قەرزنىڭ قىممىتى ئازىيىش خاراكتېرىدىن بەھرىلىنىدىغان ياخشى ئۇسۇل، بازاردىكى پۇل تېخىمۇ كۆپىيىدىغان بولغاچقا، پۇلنى تېپىشمۇ شۇنچە ئاسانلىشىپ كېتىدۇ، ئەمما قەرزنىڭ مۇقىم قىممىتى ئۆزگەرمەيدۇ؛
ئالدىن ئىستېمال قىلىڭ!
ئالدىن ئىستېمال قىلغاندا قەرزنىڭ قىممىتى ئازىيىش خاراكتېرىدىن بەھرىلىنىش بىلەن بىرگە، تۇرمۇشنىڭ گۈزەللىكىنى بالدۇر ھېس قىلغىلى، تېخىمۇ كۆپ ماھارەت ئىگىلىگىلى، ۋاقىت دېگەندەك تەننەرخلەرنى تېخىمۇ كۆپ تېجەپ قالغىلى بولىدۇ؛
قەرز ئېلىپ مەبلەغ سېلىڭ!
قەرز ئېلىپ مەبلەغ سالغاندا بىر چالمىدا ئىككى پاختەك سوققىلى بولىدۇ، قەرزنىڭ قىممىتى ئازىيىش بىلەن بىرگە، يەنە پۇلنى كۆپ بېسىش سەۋەبىدىن مۈلۈكنىڭ قىممىتىمۇ ئېشىپ بارىدۇ، بۇنىڭ ئالدىنقى شەرتى شۇكى، قىممىتى ئاشىدىغان مۈلۈكنى توغرا تاللاش، مۈلۈك قىممىتىنىڭ ئۆرلەش كۆلىمى قەرزنىڭ ئۆسۈمىدىن يۇقىرى بولۇشى كېرەك.
ئىلگىرىكى ئامانەت قويۇپ قىممەت ساقلاشتىن كېيىنكى مالىيە باشقۇرۇش ئارقىلىق قىممەت ساقلاش ۋە مۈلۈك تەقسىملەپ قىممەت ساقلاشقىچە، ھەمدە ھازىرقى پىشاڭلاشتۇرۇش ئارقىلىق قىممەت ساقلاشقىچە (يەنى مۇۋاپىق قەرز ئېلىپ مەبلەغ سېلىش ئارقىلىق قىممەت ئاشۇرۇش)، گەدىنىڭىزدە مىليون يۈەن قەرز ئارتىلىپ قالسىمۇ قورقماڭ، پەقەت قەرز قايتۇرىدىغان ۋاقىت يېتەرلىك ئۇزۇن بولسىلا ھەمدە ئايلىق قەرز قايتۇرۇش سوممىسى بەرداشلىق بېرىش دائىرىڭىزدە بولسىلا، بۇ ھېچقانچە گەپ ئەمەس.
يۇقىرىقىلارنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن، بىزدىن ئىمكانقەدەر ئەڭ ئەرزان پۇلغا ئېرىشىش، يەنى بانكىنىڭ پۇلىغا ئېرىشىش تەلەپ قىلىنىدۇ. شۇڭا، تېزدىن بانكا بىلەن ئالاقىلىشىڭ (ئىناۋەتلىك كارتا ئىشلىتىش، قەرز ئېلىپ قەرز قايتۇرۇش، توردا ھەق تۆلەش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى ئارقىلىق ئالاقە ئورناتقىلى بولىدۇ) ھەمدە ئاز- ئازدىن ئىناۋەت خاتىرىسى توپلاپ، زامانىۋى پۇل مۇئامىلە ماھارىتىگە ئىگە ۋە پۈتۈن كۈچ بىلەن ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزىدىغان ئادەمگە ئايلىنىڭ.
ئۆزىڭىزگە مەبلەغ سېلىڭ!
ھازىرقى جەمئىيەتتىكى ئەڭ چوڭ قىممەت ساقلاش، قىممەت ئاشۇرۇش ئۇسۇلى دەل ئۆزىگە مەبلەغ سېلىشتۇر، ھەممە نەرسە ئۆزگىرىدۇ، پەقەت ئۆزىڭىزنىڭ ئەمەلىي كۈچى ۋە ئىقتىدارىڭىزنى ئۆستۈرۈشتەك ئەمەلىيەت ئۆزگەرمەيدۇ، ئۆگىنىش ئارقىلىق، مەبلەغ سېلىش ئارقىلىق ئەمەلىي كۈچىنى ئۆستۈرۈش كەلگۈسىدىكى بارچە ئۆزگىرىشكە تاقابىل تۇرىدىغان ھەقىقىي ئەنگۈشتەر بولۇپ قېلىشى مۇمكىن.