A-A+

تۇنجى نۆۋەتلىك خوتەن قاش مەدەنىيىتى كاتتا يىغىلىشى ئۆتكۈزىلىدۇ(خوتەن قاش مەدەنىيىتى جەمگاھى 99)

2015-يىل 28-سېنتەبىر ئەقىدە قاش ئىنىستىتۇتى باھا يوقكەن زىيارەت: 452 قېتىم

ئەقىدە شىركىتى مەرۋايىت زىننەتلىرى بۆلىمىدىن ئادالەت ئابلىكىم تەرجىمىسى

9 - ئاينىڭ 28 - كۈنى يەنى بۈگۈن ، شىنجاڭ خوتەن قاش مەدەنىيىتى ئىجادىيەت كەسپى باغچىسىدا تۇنجى نۆۋەتلىك << خوتەن قاش مەدەنىيىتى كاتتا يىغىلىشى >> نىڭ ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىلدى . بۇ قېتىمقى يىغىلىش شىنجاڭ خوتەن قاش مەدەنىيىتى ئىجادىيەت كەسپى باغچىسىدا 10 - ئاينىڭ 10 - كۈنىدىن 17 - كۈنىگىچە ئۆتكۈزىلىدۇ .

猎豹截图20150928210818

شىنجاڭ ئۈنچە - مەرۋايىت زىننەت بۇيۇملىرى كەسپى جەمىيىتىنىڭ دائىمى ئىشلارغا مەسئۇل مۇئاۋىن باشلىقى لى زېچاڭ بۇ قېتىمقى ئاخبارات ئېلان يىغىنىدا مۇنداق دېدى : << بۇ يىل 9 - ئايدا دىيارىمىزدا ئون ئىككىنچى نۆۋەتلىك << دۆلەت تېشى لوڭقىسى  >>  خوتەن قاش ئويمىلىرىنى باھالاش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلۈپ ناھايىتى ياخشى ئۈنۈم ھاسىل بولدى . بىراق بۇ پائالىيەت بازارغا ، يىغىپ ساقلىغۇچىلار ۋە مەبلەغ سالغۇچىلارغا دىگەندەك يۈزلىنىپ كېتەلمىدى . شۇ مۇناسىۋەت بىلەن بىز تۇنجى نۆۋەتلىك  < خوتەن قاش مەدەنىيىتى كاتتا يىغىلىشى > پائالىيىتىنى ئۆتكۈزۈپ كۆپ قاتلاملىق خوتەن قاش مەدەنىيىتىنى ھەم خوتەن قاش بايلىقلىرىنى بىرلەشتۈرۈپ  ناھايىتى كۈچلۈك خوتەن قاش قىزغىنلىقىنى بەرپا قىلىپ خوتەن قاش مەدەنىيىتىنى بېيىتىمىز . بولۇپمۇ  بۇ پائالىيەتكە دۆلەت دەرىجىلىك ئويمىچى ئۇستازلارنىڭ ئەسەرلىرىنىڭ قاتناشتۇرۇلىشى ۋە <شىنجاڭ خوتەن قاش مەھسۇلاتلىرى سۈپەت پريوم مەركىزى > نىڭ پائالىيەتكە قاتناشتۇرۇلغان بارلىق مەھسۇلاتلارنىڭ سۈپىتىنى  نازارەت قىلىشى خوتەن قاشگەرلىك كەسپىنىڭ تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىدۇ . بىز بۇ قېتىمقى پائالىيەت ئارقىلىق كەڭ خوتەن قاش مەستانىلىرى ، يىغىپ ساقلىغۇچىلار ۋە مەبلەغ سالغۇچىلارغا خوتەن قاش مەدەنىيىتى ھەققىدە تېخىمۇ كۆپ مول مەزمۇنلارنى سۇنىمىز . >>

20140307-8d27f119-3140-495f-8e06-ecb8bbf08731

بۇ قېتىمقى پائالىيەتتە تۆۋەندىكى بەش مەزمۇن ئالاھىدە گەۋدىلەندۈرىلىدۇ:

1 . دۆلەت دەرىجىلىك ئويمىچى ئۇستازلارنىڭ قاش ئويما ئەسەرلىرى  نۆل يۈەندىن باشلاپ كىمئارتۇق قىلىپ سېتىلىدۇ  ۋە كىمئارتۇق قىلىپ سېتىشتا يىغىلغان پۇللار خەير ساخاۋەت ئىشلىرىغا ئىشلىتىلىدۇ 

دۆلەت دەرىجىلىك ئويمىچى ئۇستازلاردىن ما جىنگۈي ، گې خېڭ ..... قاتارلىقلارنىڭ ھەر بىرى مەزكۇر كىمئارتۇق قىلىپ سېتىش پائالىيىتىگە بىردىن ئويما ئەسەرلىرىنى ھەقسىز سوۋغا قىلىدۇ . بۇ ئويما ئەسەرلەر پائالىيەت جەريانىدا نۆل يۈەندىن باشلاپ كىمئارتۇق قىلىپ سېتىلىدۇ . پائالىيەت ئاخىرلاشقاندىن كېيىن   كىمئارتۇق قىلىپ سېتىشتا يىغىلغان پۇللار خەير ساخاۋەت ئىشلىرىغا ئىشلىتىلىدۇ .

2 . مۇتەخەسىس پرافسسورلار نەق مەيداندا لىكسىيە سۆزلەيدۇ 

دۆلەت دەرجىلىك مۇتەخەسىسلەر ، پرافىسسورلار ۋە ئويمىچى ئۇستازلار ئوخشاش بولمىغان قاتلام ۋە ئوخشىمىغان نوقتىلارنى چىقىش قىلىپ تۇرۇپ يىغىپ ساقلىغۇچىلار،مەبلەغ سالغۇچىلار ، ۋە قاشتېشى ھەۋەسكارلىرىغا نەق مەيداندا لىكسىيە سۆزلەيدۇ ھەم ئۇلار بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇپ قاشتېشى مەدەنىيىتىنىڭ ئۇمۇملىشىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

3.گىرىمى 50000 يۈئەنلىك خوتەن زىرە قاش باھالاپ چىقىلىدۇ

خوتەن زىرە قاشلىرى قاشتېشى ئائىلىسىنىڭ ئەڭ ئىسىلى ۋە سەرخىلى.بۇ زىرە قاشلار نىمە ئۈچۈن ئەڭسەرخىل  ھىساپلىنىدۇ؟

مۇتەخەسىسلەر نەق مەيداندا ھەر گرامى ئەللىك مىڭ يۈئەنلىك خوتەن زىرە قاشنى باھالاپ چىق

قاندىن  كېيىن ،نېمە ئۈچۈن ئۇنىڭ ھەر گرامى ئەللىك مىڭ يۈئەنگە يارايدۇ،نېمە ئۈچۈن خوتەن

زىرە قاشلىرىنى قاشتېشىنىڭ ئەڭ سەرخىلى دەيمىز؟___ دىگەن سۇئالنى چۆرىدىگەن ھالدا لېكسىيە سۆزلەيدۇ.بۇنىڭ بىلەن كىشىلەرنىڭ خوتەن قاشلىرىنى تۇنۇش،باھالاش سەۋىيەسى ۋە بۇ ھەقتىكى چۈشەنچىسى چۇڭقۇرلاشتۇرىلىدۇ.

4 . ئويمىچى ئۇستازلار ۋە مۇتەخەسىسلەر سىزنىڭ  مال سېتىۋېلىشىڭىزغا نەق مەيداندا بىۋاستە يىتەكچىلىك قىلىدۇ.

5.كەسپى مودىللار خوتەن قاشلىرىنىڭ گۈزەللىكىنى نامايەن قىلىدۇ.

پائالىيەت جەريانىدا  خوتەن قاشلىرىدىن ئىشلەنگەن زىننەت بۇيۇملىرىنى تاقىغان مودىللار نۇمۇر كۆرسۈتۈپ،خوتەن قاش بېزەكلىرىنىڭ گۈزەللىكى،جەزىبىدارلىقىنى نامايەن قىلىدۇ.

***

بۇ قېتىمقى پائالىيەتنى شىنخۇئا ئاگىنتىلىقى،شىنجاڭ ئىقتىساد گېزىتى،شىنجاڭ مەركىزى شەھەر گېزىتى،ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى قاتارلىق ئاخبارات ۋاستىلىرى ئىز قوغلاپ خەۋەر قىلىدۇ.ئۈرۈمچى شەھىرى بۇ قېتىمقى پائالىيەتنىڭ تۇنجى بېكىتى بولۇپ،پائالىيەت ئۈرۈمچىدە ئاخىرلاشقاندىن كىيىن،مەملىكىتىمىزنىڭ ھەر قايسى چوڭ شەھەرلىرىدە داۋاملىق ئېلىپ بېرىلىدۇ.

مەنبە : 玉石中国 سالونى

2015-يىلى 9-ئاينىڭ 28-كۈنى

خەتكۈش :

كۆڭۈل سۆزلىرى

error: يۆتكىمەكچى بولسىڭىز بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ