A-A+
تاشچىلار (شېئىر)
مەمەت ئابلا قۇملۇق شېئىرى
بىباھا گۆھەر ئۇ خوتەن قاشتېشى ،
شۇڭلاشقا كولايدۇ ھەر كىم ياز قىشى .
باي بولدى بەزىلەر ئاشۇ تاش بىلەن ،
ئۆزگەردى خۇي مىجەز ھەم ئۈستى بېشى .
تاشچى دەپ ئاتالدى تاشنى ساتقانلار ،
بۇزۇلدى بايلىققا ئۆزىنى ئاتقانلار .
تۇل قالدى ئاياللار ، بالىلار يىتىم ،
دۇئاغا دادىنى ، ئەرنى قاتقانلار .
بىر قىسىم تاشچىنىڭ ھەيۋەت داچىسى ،
بىر ئوغلاق كاۋاپتۇر ھەتتا ناشتىسى .
ئۇنۇتتى بالىنى ، تەقۋا خۇتۇننى ،
كۈن كۈنلەپ كەيىپتە ياندا ئاشنىسى .
ئاز ئەمەس باي بولغان تەقۋا تاشچىلار ،
ئاجىزنى يۆلىگەن ھەم يول باشچىلار .
تەگمىسۇن يامان كۆز كۆپلەپ ئاينىسۇن ،
مۇساپىر ئاجىزنى باققان ياخشىلار .
شېئىر ۋە سۈرەتلەر تور دۇنياسىدىن يىغىلدى