تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى 2014 – يىللىق مۇكاپاتلىق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ھەققىدە

قەدىرلىك ئوقۇغۇچىلار،

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى 2014 – يىللىق مۇكاپاتلىق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ۋاقتى ھەققىدە ئېلان بەردى. ئېلاندا، ئاسپىرانت ۋە دوكتۇرلۇق ئوقۇشىغا ئىلتىماس قىلىش ۋاقتى 3- ئايدا، تولۇق كۇرسقا ئىلتىماس قىلىش بولسا، 4-5 ئايلاردا باشلىنىدىكەن. تىزىملاشقا باشلىغاندا تۆۋەندىكى توردىن ئىلتىماس قىلسا بولىدىكەن.

http://www.turkiyeburslari.gov.tr/index.php/en/turkiye-burslari/basvuru-sartlari
تىزىملاش شەرتى ۋە ئۇسۇللىرى ئاساسەن بۇلتۇرقى بىلەن ئوخشاش ئىكەن. بۇ سەۋەپتىن، بۇلتۇر تورىمىزدا ئېلان قىلغان تۆۋەندىكى تورلارنى، ئېرىنمەي، تەپسىلى كۆرۈپ چىقىپ، شۇ بۇيىچە تەييارلىق قىلغاچ تۇرۇڭلار.

/?p=895

تىزىملىتىش شەرتلىرى:

  1. تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى  پۈتتۈرگەن ياكى بۇ يىل ئوقۇش پۇتتۈرىدىغان بولۇشى.

    1993 – يىل 1- ئاينىڭ 1- كۈنىدىن كېيىن تۇغۇلغان بولۇشى.

  2. ئاسپرانتلىقتا ئوقۇيدىغانلار 1984 – يىل 1- ئاينىڭ 1- كۈنىدىن كېيىن تۇغۇلغان بولۇشى.

  3. دوكتورلۇقتا ئوقۇيدىغانلار 1979 – يىل 1- ئاينىڭ 1- كۈنىدىن كېيىن تۇغۇلغان بولۇشى.

  4. تىزىملاتماقچى بولغانلارنىڭ تۈركىيەدىكى مەكتەپلەردە ئوخشاش دەرىجىدە ئوقۇۋاتقان بولماسلىقى كېرەك (مەسىلەن، ئاسپرانتلىقتا ئوقۇۋاتقانلار ئاسپرانتلىققا ئىلتىماس قىلالمايدۇ دېگەندەك).

/?p=922

/?p=939

/?p=1446

/?p=1282

سىزلەرگە ئۇتۇق تىلەپ:

ھۆرمەت بىلەن: ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ئىشلىرى كومىتېتى