تۈركىيەگە كەلمەي تۇرۇپ ئۆز خىراجىتى بىلەن تۈركىيىدە ئوقۇشقا ئىلتىماس قىلىش ھەققىدە

قەدىرلىك ساۋاقداشلار،

تۈركىيەگە دۇنيانىڭ ھەرقايسى دۆلەتلىرىدىن نۇرغۇنلىغان ئوقۇغۇچىلار كىلىپ ئوقۇۋاتىدۇ. بەزى ئوقۇغۇچىلار «دۆلەتلىك مۇكاپات» پۇلى بىلەن ئوقۇۋاتقان بولسا، بەزى ئوقۇغۇچىلار ئوقۇش جەريانىدا ياخشى ئوقۇپ، ئوقۇغۇچىلارغا بىرىلىدىغان ئالاھىدە ياردىمىدىن بەھرىمان بولىۋاتىدۇ. ھەتتا بەزى مەكتەپلەر ئەڭ ياخشى ئوقۇغۇچىلارنى جەلپ قىلىش ئۈچۈن، خىلمۇ-خىل مۇكاپاتلارنى بېرىۋاتىدۇ. بۇنداق مۇكاپاتلارنى بېرىشتىكى مەخسەتلىرى بولسا، ياخشى تەتقىقاتلارنى قىلىپ مەكتىپىنىڭ نامىنى چىقىرىشى، ياخشى تەتقىقات تېمىلىرىنى ئىلىپ تۈركىيە ۋە دۇنيادا تونۇلۇش . مۇكاپات ئالالمىغان ئوقۇغۇچىلار بولسا، ئوقۇش پۇلىنى تۆلەپ ئوقۇۋاتىدۇ.

تۈركىيەدىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ چەتئەللىك ئوقۇغۇچىلارنى تىزىملاش، قوبۇل قىلىش ئۇسۇللىرى ۋە شەرتلىرى بىر-بىرىگە ئوخشىمايدۇ. بەزى ئالىي مەكتەپلەر،ئىلتىماس قىلغۇچىلار تۈرك تىلى بىلمىگەن ياكى چەتئەللىك ئوقۇغۇچىلاردىن ئالىدىغان ئىمتىھانغا قاتناشمىغان ئەھۋالدىمۇ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەتقىقات تېمىسى، بۇرۇن قىلغان تەتقىقاتلىرى، ئوقۇماقچى بولغان كەسىپلىرىگە قاراپ، ئوقۇغۇچىلارنى قوبۇل قىلىۋېرىدۇ.
مۇشۇنداق ئەھۋاللاردا، سىزلەرگە ۋاقتىدا خەۋەر ۋە مەسلىھەت بىرىش ئۈچۈن، سىزلەرنىڭ ئوقۇشلىرىڭىز بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلار بىزدە بولسا تىخىمۇ ياخشى نەتىجە ئالغىلى بولىدۇ دەپ ئويلايمىز.

تۈركىيدە ئالىي مەكتەپلەر ئىلتىماس قىلغاندا، تۆۋەندىكى ماتىرياللار تەلەپ قىلىنىدۇ.
1. مۇناسىۋەتلىك دپىلومالار ( ئەگەر بۇ يىل تولۇق كۇرس ياكى ئاسپىرانتلىقنى پۈتتۈرۈش ئالدىدا بولغان بولسىڭىز، ئەسكەرتىپ قويۇڭ)
2. ئوقۇش نەتىجىلىرىڭىز
3. بىلىدىغان چەتئەل تىللىرى، بولسا ئىمتىھان نەتىجىسى
4. باشقا جەھەتتە ئالغان ئالاھىدە نەتىجە ياكى مۇكاپاتلار
5. ئوقۇماقچى بولغان كەسىپلەر
6. بۇرۇن ئېلان قىلغان تەتقىقات ماقالىلىرىڭىز ( شەرت ئەمەس، ئامما بولسا ياخشى) ۋە قىلماقچى بولغان تەتقىقات تىمىڭىز.

بۇ ماتىرياللارنى، بىز ئېلان قىلغان ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىشخانىسىغا بىۋاسىتە ئىۋەتسەڭلار بولىدۇ. ياكى بىزنىڭ ئېلخەت ئادرېسىمىزغا ئىۋەرتساڭلارمۇ بولىدۇ. ئامما ئالاقىلىشىشى تېلېغون نومۇرلىرى، ئېلخەت ئادرېسلىرىنى تولۇق ۋە توغرا يېزىڭلار. ئىلتىماسلار مەكتەپكە كەلگەندە، ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئشخانىسىدىكى كىشىلەر سىزلەر بىلەن بىۋاسىتە ئالاقە قىلىدۇ.
بىزنىڭ ئىلتىماس قىلغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ تاللىنىشى، قوبۇل قىلىنىشى ۋە تۈركىيەگە تەكلىپ قىلىنىشى بىلەن ھېچقانداق مۇناسىۋىتىمىز يوق. بۇنى ئالىي مەكتەپلەر ئۆزلىرى قارار قىلىدۇ. بۇ جەھەتتىن ئوقۇغۇچىلارنى ئالاھىدە ئەسكەرتىپ قويىمىز ۋە خاتا چۈشۈنۈپ قالماسلىقىنى تەلەپ قىلىمىز. بىزنىڭ خىزمىتىمىز پەقەتلا خالىسانە ھالدا، توغرا ۋە ئېنىق ئۇچۇر بىرىش.

بىزگە ماتىريال ئەۋەتمەكچى بولساڭلار، تۆۋەندىكى ئۇلىنىشىتىكى جەدۋەلنى تولدۇرۇپ  ماتىرياللارغا قوشاپ: uyguroku@gmail.com ئېلخەتكە ئەۋەتىڭلار. ئېلخەتنىڭ: تېما  ياكى ”subject  ”  دىگەن يېرىگە،

”ئىسمىڭىزنى“  ۋە ئوقۇماقچى بولغان ”ئوقۇش تۈرىنى“ يېزپ قويۇڭ.

تولۇق كۇرۇس ئۈچۈن: BS
ئاسپىرانت ئۈچۈن: MS
دوكتورلۇق ئۈچۈن: DR

مەسىلەن، ئىسمىڭىز ئالىمجان بولسا، ۋە ئاسپىرانتلىقتا ئوقۇماقچى بولسىڭىز: «ئالىمجان- MS»  شەكلىدە يازسڭىز بولىدۇ.

بۇنداق بولغاندا سىزلەر بىلەن ئالاقىلىشىشى ئاسان ۋە توغرا بولىدۇ. مۈمكىن بولسا، gmail, yahoo دىگەنگە ئوخشاش ئېلخەت ساندۇقى ئىشلىتىڭلار.

تىزىلىتىش جەدۋىلى: Uygur-Okughuchilar-Jedvili

ئەسكەرتىش: ئۆز خىراجىتى بىلەن ئوقۇش ھەققىدە بەزى سۇئال جاۋابلارنى تۆۋەندىكى توردىن كۆرەلەيسىلەر. سۇئال سوراشتىن بۇرۇن بۇ تورنى تەپسىلى كۆرۈپ چىقىڭلار.

سۇئال جاۋابلار

سىزلەرگە ئۇتۇق تىلەپ:

ھۆرمەت بىلەن: ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ئىشلىرى كومىتېتى