نىغدە ئۈنىۋىرسىتىتى ئىجتىمائىي پەنلەر بۇيىچە ئاسپىرانت ۋە دوكتور ئوقۇغۇچىلىرى قوبۇل قىلىدۇ

قەدىرلىك ئوقۇغۇچىلار،
نىغدە ئۈنىۋىرسىتىتى ئىجتىمائىي پەنلەر بۇيىچە 2014-2015-يىللىق ئاسپىرانت ۋە دوكتور ئوقۇغۇچىلىرى قوبۇل ھەققىدە ئېلان بەردى.
ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىلتىماس قىلىش ۋاقتى 6- ئاينىڭ 2- كۈنىدىن باشلاپ،  7-ئاينىڭ 18- كۈنىگىچە بولۇپ، تەلەپ قىلغان ماتېرىياللارنى تەييارلاپ، ئىلىتماس قىلىش جەدۋىلىنى تولدۇرۇپ، تەلەپ قىلىنغان ئېلېكترونىك پوچتا ئادرىسىغا يوللاپ بېرىش كېرەك. بۇ مەكتەپنى ئوقۇغۇچىلارغا ئالاھىدە تەۋسىيە قىلىمىز. چۈنكى:
1. ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىدىغان كەسىپ تۈرى ۋە قوبۇل قىلىدىغان ئوقۇغۇچى سانى كۆپ.
2. مەكتەپنىڭ  تەتقىقات تېمىلىرى بەك كۆپ. بۇ سەۋەپتىن، ئوقۇغۇچىلار پەقەتلا نەزەرىيە جەھەتتىن بىلىم ئېلىپلا قالماي، ئاينى ۋاقىتتا ئەمىلى تەتقىقات پائالىيەتلىرى بىلەن شۇغۇللىنالايدۇ، مەكتەپمۇ بۇنى قوللاپ قۇۋۋەتلەيدۇ.
3. تەلەپ قىلغان چەتئەل تىللىرىنىڭ تۈرلىرى كۆپ ۋە تەلەپ قىلىنغا تىللاردىن خالىغان بىرسىنى بىلسىڭىز كۇپايە. بۇنىڭدىن چۈشەنگىلى بولىدىكى، ھەرخىل تىللاردا يېزىلغان ماتېرىياللار بىلەن مۇناسىۋەتلىك تەتقىقاتلار ئېلىپ بېرىلىدۇ.
4. بىر مەۋسۇملۇق ئوقۇش پۇلى 250 لىرا (تەخمىنەن 110 دوللار)، مەكتەپكە قوبۇل بولۇپ قالسىڭىز، مەكتەپكە كەلگەندىن كېينى تۆلەيسىز. تۈركىيە شارائىتىدا، بۇ ئوقۇش پۇلى ھەقىقەتەن بەك ئەرزان.
5. ئىلىتماس قىلىش راسخوتى تەلەپ قىلىنمايدۇ.
7. تەلەپ قىلىنغان ئېمتىھانلار بىلەن مۇناسىۋەتلىك، ئىمتىھان نەتجىلىرىڭىز بولمىسىمۇ، «ئىلىتماس » قىلالايسىز. ئامما ئوقۇش پۈتتۈرگىچە بۇ ئېمتاھانلارغا قاتنىشىپ نەتىجە ئېلىشىڭىز كېرەك.
8. بۇنداق ئەھۋال ئاستىدا، سىز ئاساسەن ئوقۇش نەتىجىڭىز، دىپلوملىرىڭىز بىلەن ئىلتىماس قىلالايسىز دېگەنلىك بولىدۇ. ھەقىقەتەن ئوقۇش نېيىتىڭىز بولسا، بۇ پۇرسەتنى قاچۇرۇپ قويماڭ. ئەلۋەتتە ئىلتىماس قىلىغان ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدىن ئەڭ لايىق بولغاننى تاللايدۇ. شۇڭا ئىلتىماس قىلماقچى بولسىڭىز، جەدۋەللەرنى ئەستايىدىل تولدۇرۇڭ.
ئىلتىماس قىلىش بىلەن مۇناسىۋەتلىك ماتېرىياللار ئۈچۈن، تۆۋەندىكى تورنى چېكىڭ.

ئاسپىرانت ۋە دوكتور ئوقۇغۇچىلىرى قوبۇل ھەققىدە ئېلان: ingilizce ilan metni

ئىلتىماس قىلىش جەدۋىلى: SBEE-form-englishsocial

مەكتەپنىڭ تور ئادرېسى: http://www.nigde.edu.tr/sbe/page.php?page=287&ln=en
ئىلتىماس قىلىش جەدۋىلىنىڭ تور ئادرېسى:http://www.nigde.edu.tr/sbe/page.php?page=36&ln=en

ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
ياۋروپا-ئاسىيا (Eurasia Studies)  تەتقىقاتى كەسپىدە ئوقۇماقچى بولغان ئوقۇغۇچىلار ماتېرىياللارنى بىۋاستە تۆۋەندىكى ئېلىخەتكە ئەۋەتسە ۋە تېلېفون بىلەن  مەسلىھەت ئالسا بولىدۇ.

Telefon: 00903882252402

E-mail: kamucam@nigde.edu.tr

سىزلەرگە ئۇتۇق تىلەپ:

ھۆرمەت بىلەن: ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ئىشلىرى كومىتېتى