تۈركىيە خاندىلىكى قازانغان ئوقۇغۇچىلارغا خوش خەۋەر!

تۈركىيە باش مىنسىتىرلىكى ۋە ئىجتىمائىي خەۋىپسىزلىك ئىدارىسىنىڭ توختامنامىسى بويىچە، تۈركىيەگە ئوقۇغىلى كەلگەن خەلىقارالىق «خەندىلىك ئوقۇغۇچىلىرى» بىلەن مۇناسىۋەتلىك سالامەتلىك سۇغۇرتسى قانۇنىدا ئۆزگەرتىش بولدى.
تۈركىيە خاندىلىكى قازانغان ئوقۇغۇچىلار، خۇددى تۈركىيە پۇخرالىرىدەك سالامەتلىك سۇغۇرتىسىدىن پايدىلانالايدۇ. خالىغان دوختۇرخانىدا، چەتئەللىكلەر ئۈچۈن بېرىلگەن كىملىك نۇمۇرنى بايان قىلىپ داۋالىنالايدۇ ۋە دورىلارنى ئالالايدۇ.
بۇ خىزمەتنى يولغا قويۇش ئۈچۈن تەييارلىقلار قىلىنىۋاتىدۇ. ئوقۇغۇچىلارنىڭ سالامەتلىك سۇغۇرتىسىدىن پايدىلىنىشى ئۈچۈن «چەتئەللىكلەر ئۈچۈن بېرىلگەن كىملىك نۇمۇرنى» توغرا بايان قىلىشى كېرەك. بەزى ئوقۇغۇچىلارنىڭ چەتئەللىكلەر ئۈچۈن بېرىلگەن كىملىك نۇمۇرنى خاتا كىرگەنلىكى مەلۇم بولدى. بۇ سەۋەپتىن ئوقۇغۇچىلارنىڭ تۆۋەندىكى ئۇلىنىشتىكى جەدۋەلنى تەكشۈرۈشنى تەۋسىيە قىلىمىز.
http://www.turkiyeburslari.gov.tr/form/
ئەسكەرتىش:
1. تۈركىيە خاندىلىكى قازانغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ سالامەتلىك سۇغۇرتسى پۇلىنى، تۈركىيە دۆلىتى تۆلەيدۇ.
2.  تۈركىيە خاندىلىكى قازانمىغان ئامما ئۆز خىراجىتى بىلەن ئوقۇيدىغان ئوقۇغۇچىلار، سالامەتلىك سۇغۇرتىسىدىن پايدىلانماقچى بولسا، مەكتەپكە تىزىملاتقاندىن كېين 3- ئاي ئىچىدە ئىلتىماس قىلسا، ئايدا  40.86 لىرا تۆلەپ بۇ خىزمەتتىن پايدىلانالايدۇ.
3.  تۈركىيە خاندىلىكى قازانمىغان ئامما ئۆز خىراجىتى بىلەن ئوقۇۋاتقان كونا ئوقۇغۇچىلار، 29.11.2013  كۈنىگىچە سالامەتلىك سۇغۇرتسى ئىدارىسىگە ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ. بۇ مۇددەت توشقاندىن كېين، ئىلتىماس قوبۇل قىلىنمايدۇ.
4.  تۈركىيە خاندىلىكى قازانغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ، مۇكاپات پۇلى كېسلىپ قالسا، سالامەتلىك سۇغۇرتسى داۋاملىشىدۇ، ئامما، سۇغۇرتا پولى ئوقۇغۇچى تەرىپىدىن تۆلىنىدۇ.
5.  تۈركىيە خاندىلىكى قازانغان، ۋاقىتلىق ئوقۇشىنى توختىتىپ تۇرغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ سالامەتلىك سۇغۇرتسى داۋاملىشىدۇ ۋە سۇغۇرتا پۇلى تۆلىنىدۇ.
بۇ ئۇچۇرنىڭ تۈركچە مەنبەسى:
http://www.turkiyeburslari.gov.tr/index.php/tr/haberler/535-tuerkiye-burslusu-oegrencilerimize-muejde

ھۆرمەت بىلەن: ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ئىشلىرى كومىتېتى