2014-يىللىق ئۆز خىراجىتى بىلەن ئوقۇيدىغان چەتئەللىك ئوقۇغۇچى قۇبۇل قىلىدىغان كەسىپلەر ۋە ئوقۇغۇچى سانى

قەدىرلىك ئوقۇغۇچىلار،

ئاساسەن تۈركىيەدىكى ھەممە مەكتەپ چەتئەللىك ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىدۇ. ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىدىغان كەسىپ ۋە ھەر كەسىپكە بىرىلگەن سان، تولۇق ۋە مەخسۇس كۇرسلار ئۈچۈن، دۆلەتلىك ئالىي مائارىپ ئىدارىسىدىن بىۋاستە بەلگىلىنىدۇ. ئوقۇغۇچى تاللاشتا، ھەر قايسى مەكتەپ ئۆزلىرى ئالغان چەتئەللىك ئوقۇغۇچى تاللاش ئىمتىھانى (YÖS) ياكى، بەزى چوڭراق مەكتەپلەرنىڭ ئېمتىھان نەتىجىلىرى، ياكى، ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىماتاھان نەتىجىلىرنى ئاساس قىلغان ھالدا، يۇقىرى نومۇردىن باشلاپ قوبۇل قىلىدۇ. بۇ سەۋەپتىن، مەكتەپلەرگە ئىلتىماس قىلغاندا، ئوقۇماقچى بولغان كەسىپ ۋە، ئوقۇغۇچى سانى ھەققىدە توغرا مەلۇماتقا ئىگە بولۇش بەكمۇ مۇھىم.
تۆۋەندىكى ئۇلىىنشىلاردىكى جەدۋەللەردە، تۈركىيە دۆلىتىنىڭ 2014-يىلى چەتئەللىك ئۇقۇغۇچىلار ئۈچۈن، ھەر قايسى ئالىي مەكتەپلەرگە بەلگىلەپ بەرگەن ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش بەلگىلىمىسى بار. بۇ بەلگىلىمىگە ۋە ئەمىلى ئەھۋالىڭىزلارغا قاراپ مەكتەپلەرگە ئىلتىماس قىلىشىڭلارنى تەۋسىيە قىلىمىز.

YOS_2014– Tablo_3_MYO , yos_14_Tab_4_220514, yos_ 14_tab_5_220514
ناۋادا، مۇكاپاتلىق ئوقۇشقا ئۆتۈپ قالساڭلار تەلىيڭىلار، بىزمۇ بۇنى ئارزۇ قىلىمىز. ئاما شاللىنىپ كەتسەڭلار، بۇنىڭغا ئامال يوق. مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇش، ياتاق پۇللىرى، ئادەتتە، دۆلەت مەكتەپلىرىنىڭ بەك قىممەت ئەمەس. مەكتەپلەرنىڭ تور بەتلىرىگە كىرسەڭلەر تەپسىلى ئۇچۇرغا ئىگە بولالايسىلەر.

بۇ جەدۋەللەرنىڭ مەنبەسى:  ئالىي مائارىپ ئىدارىسى

سىزلەرگە ئۇتۇق تىلەپ:

ھۆرمەت بىلەن: ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ئىشلىرى كومىتېتى