تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى 2016 –ئوقۇ-ئوقۇتۇش يىلى مۇكاپاتلىق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ۋە ئاسپىرانت تۈرى بويىچە چەتئەللىك ئوقۇغۇچىلارنى تىزىملاش باشلاندى.

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قېرىنداشلار!

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى 2016 –ئوقۇ-ئوقۇتۇش يىلى مۇكاپاتلىق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ۋە ئاسپىرانت تۈرى بويىچە چەتئەللىك ئوقۇغۇچىلارنى تىزىملاش باشلاندى.

تىزىملىتىشنى خالايدىغان ھەرقايسى دۆلەتلەردىكى ئوقۇغۇچى قېرىنداشلىرىمىزنىڭ تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرگەن دىپلومىسى، ياكى تولۇقسىز 8-يىللىقىدا ئوقۇۋاتقانلىق ئىسپاتى ۋە پاسپورتنىڭ ئەسلى ياكى كۆپەيتىلگەن نۇسخىسى، 6 پارچە 2سۇڭلۇق رەسىم قاتارلىق ماتېرىياللارنى تەييارقىلىپ سۇتۇق بۇغراخان ئىلىم ۋە مەدەنىيەت ۋەقپى مەركىزىگە كېلىپ بىۋاستە تىزىمغا ئالدۇرسا بولىدۇ.

ئەسكەرتىش: تىزىملاتقان ئوقۇغۇچىلىرىمىزنىڭ قوبۇل قىلىنغاندىن كىيىن تۈركىيىدە ئوقۇش ئۇچۇن ئىلىنغان (ئوقۇش ۋىزىسى)، سالامەتلىك تەكشۈرۈش ئىسپاتى، تۇغۇلغانلىق ئىسپاتى،ئائىلە باشلىقىنىڭ ئوقۇغۇچىنىڭ تۈركىيىدە ئوقۇشىغا قوشۇلغانلىق بايان نامىسى، جۇڭگو دىپلومىسىنىڭ تۈركىيەدىكى تەڭلىك بەلگىسى قاتارلىق ماتېرىياللىرىنى تەلەپ قىلىنىشىمۇ مۇمكىن.

ھۆرمەت بىلەن سۇتۇق بۇغراخان ئىلىم ۋە مەدەنىيەت ۋەقپى

ھەممىڭلارغا ئۇتۇقلۇق تىلەيمىز.