خۇشخەۋەر!

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قىرىنداشلار.

سۇتۇق بۇغراخان ئىلىم ۋە مەدەنىيەت ۋەخپىمىزنىڭ سەڧاكۆيدە يىڭى ئىچىلغان ھەمىيدىي ئىلىم ۋە كۈلتۈر مەركىزى قارىلىق كۇرسىغا تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ سەۋىيەسىدىكى ئوقۇغۇچىلار  قوبۇل قىلىنىدۇ.

مەركىزىمىز: تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىنى ياتاقلىق قوبۇل قىلىپ دىنىي ۋە ئىلمىي جەھەتتىن ساغلام يېتىشتۈرۈش ۋە تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ پۈتكىچە، يەنى تۆت يىل جەريانىدا قارىلىق تالانتى بارلارنى قارى قىلىپ چىقىش، قارىلىق تالانتى يوقلارنى بىر قانچە پارە قۇرئان ياد ئالدۇرۇش بىلەن بىرگە ئەرەپ تىلى ۋە ئىسلامىي ئىلىملەردە تەربىيەلەش. باشقا ساھادە تالانتى بارلارنى بايقاپ چىقىپ تالانتىغا ئاساسەن ئۆزى قىزىقىدىغان ساھاسىدە ياراملىق ئادەم بولۇپ يىتىلىشى ئۈچۈن يول كۆرسىتىش ۋە ياردەملىشىش نى مەقسەت قىلغان.

قارىلىق تەييارلىق كۇرسىلىرىمىزدا، تەجۋىدلىك قۇرئان ئوقۇشنى ئۆگىتىش، 3 پارە قۇرئان ياد ئالدۇرۇش، باشلانغۇچ دىنى ساۋاتلاردىن تەلىم بېرىش. ۋە ئىسلامىي ئىلىملەر بويىچە يۇقرىلاپ ئوقۇماقچى بولغانلار ئۈچۈن ئەرەب تىلىدىن پۇختا ئاساس بىرىلىدۇ.

مەخسۇس قارىلىق ۋە ئىجازەت كۇرسىمىزدا پىششىق، مۇكەممەل، قۇرئان ۋە تەجۋىدتىن ئىجازەتلىك قارى – قۇرئانلار يېتىشتۈرۈش ئاساس قىلىنغان بولۇپ، «قارىلىق تەييارلىق» باسقۇچىنى لاياقەتلىك تۈگەتكەن ۋە ئىككى يېرىم يىل ئىچىدە لاياقەتلىك بولغان ئوقۇغۇچىلىرىمىزغا تۈركىيە دىنىي ئىشلار باشقارمىسى  ئېتىراپ قىلىدىغان دىىپلوما ئېلىپ بېرىلىدۇ.

 

ئالاھىدىلىكلىرىمىز:

  • ئوقۇتقۇچىلىرىمىز تەجىربىلىك، ئۆز كەسپىدە ئالىي مەكتەپلەرنى پۈتتۈرگەن ۋە ئالىي بىلىم يۇرتلىرىدا بىلىم تەھسىل قىلغان ئۇيغۇر ۋە ئەرەب ئوقۇتقۇچىلاردۇر.
  • قارىلىق بۆلىمىدىكى ئۇستازلىرىمىز مۇكەممەل قارى ۋە كەسپىدە ئىجازەتلىك ئۇستازلاردۇر.

 

تىزىملىتىش ۋاقتى:

  • 2016-25-02-چىسلادىن 2016-03-15 چىسلاغىچە.
  • دەرس باشلاش تارىخى: دەرس 2016-03-15 – چىسلا باشلىنىدۇ.

 

ئالاقىلىشىش تېلېفون نومۇرى:

05376441251 مەركەز (مۇھەممەد ئەلىي)

05416731539 كۇرس بىناسى (سابىر داموللام)

كۇرس ئادرېسى: Sultan murat Cad. Fevzi çakmak Mah. Kabil Sok. No:27/Sefaköy