تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى 2016 – يىللىق مۇكاپاتلىق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش: ئاسپىرانت ۋە دوكتۇرلۇق تۈرى بويىچە تىزىملاش باشلاندى!

 

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قېرىنداشلار!

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى 2016 – يىللىق مۇكاپاتلىق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش: ئاسپىرانت ۋە دوكتۇرلۇق تۈرى بويىچە تىزىملاش باشلاندى. ھەرقايسى دۆلەتتىكى ئوقۇغۇچى قېرىنداشلىرىمىزنىڭ تۆۋەندىكى توربەت ئادرېسى ئارقىلىق تىزىملاپ كۆرۈشىنى تەۋسىيە قىلىمىز.

http://www.turkiyeburslari.gov.tr/

تىزىملىتىشتا تەلەپ قىلىدىغان ماتېرىياللار ۋە تىزىملىتىش ئۇسۇللىرى;

بىرىنچى قەدەم: تور بېكەتكە ئەزا بولۇش.

ئالدى بىلەن: http://www.turkiyeburslari.gov.tr دېگەن تور بەتنى ئاچىسىز. باش بەتنىڭ ئوڭ تەرەپ ئەڭ يۇقىرىدا:

Giriş yapÜye ol

دېگەن يەرنى كۆرىسىز. بۇنىڭ ئاستىدىكى كاتەكچىدىن ئىنگىلىزچىنى تاللاپ: Create an Account دېگەن يەرگە باسىسىز. تەلەپ قىلىنغان كاتەكچىلەرنى تولدۇرۇپ، ئوڭ تەرەپ ئاستىدىكى

گە باسسىڭىز، سىز تولدۇرغان ئېلخەتكە بىر ئۇلىنىش ئەۋەتىدۇ. ئېلخېتىڭىزنى ئېچىپ، شۇ ئۇلىنىشقا باسسىڭىز، رەسمىي ئەزا بولغان بولىسىز. 

ئىككىنچى قەدەم: تورغا كىرىپ، ئىلتىماس جەدۋىلىنى تولدۇرۇش.

ئېلخېتىڭىزگە ئەۋەتىلگەن ئۇلىنىشنى باسقاندىن كېيىن، ئەزا كىرىش ئۈچۈن ئالدىڭىزغا بىر بەت ئېچىلىدۇ. شۇ يەردىن ئۆزىڭىز كىرگۈزگەن ئېلخەت بىلەن شىفرىنى كىرگۈزسىڭىز، ئالدىڭىزغا 9 بەتلىك جەدۋەل چىقىدۇ. شۇ جەدۋەلنى تۈركچە بىلسىڭىز تۈركچە، بولمىسا ئىنگىلىزچە تىلىنى تاللاپ، تولۇق تولدۇرۇپ، ئەڭ ئاخىرىدا يوللاپ بەرسىڭىز بولىدۇ.

كېيىنكى قەدەملەردە ئۆزىڭىزنىڭ ئىلتىماسىڭىز ھەققىدىكى ئۇچۇر ۋە  نەتىجىلەرنى بىلىش ئۈچۈن مۇشۇ ئادرىسقا ئەزالىق سۈپىتىڭىز بىلەن خالىغانچە كىرىپ – چىقسىڭىز بولىدۇ.

ئەسكەرتىش: بۇ جەدۋەلنى چۈشۈرۈۋالغىلى بولمايدۇ، شۇڭا تورنى ئېچىپ قويۇپ، نەق مەيداندا تولدۇرۇشقا توغرا كېلىدۇ.

يەنە چۈشەنمىگەن مەسىلىلەر بولسا، مەسلىھەت بېرىشكە ھەرۋاقىت تەييارمىز.

ھۆرمەت بىلەن سۇتۇق بۇغراخان ئىلىم ۋە مەدەنىيەت ۋەقپى

ھەممىڭلارغا مۇۋەپپىقىيەت تىلەپ