تۈركىيىدە ئوقۇش پۇرسىتى

تۈركىيە دۆلەتلىك ئوقۇش مۇكاپاتى بىلەن تۈركىيەدە ئوقۇش پۇرسىتى توغرىسىدا تەپسىلىي مەلۇمات

 تۈركىيە ھۆكۈمىتى 1992-يىلىدىن باشلاپ، ئوتتۇرا ئاسىيا، بالقان، ئوتتۇرا شەرق، ئافرىقا، رۇسىيە فېدىراتسىيىسى ۋە  ياۋروپا قاتارلىق رايون ۋە دۆلەتلەردىكى تۈرك ۋە قېرىنداش خەلقلەرنىڭ ئوقۇغۇچىلىرىغا تۈركىيىدە ئوقۇش ئىمكانىيىتىنى يارىتىپ

بېرىش ئارقىلىق، كەلگۈسىدە تۈركىيە بىلەن بۇ رايون ۋە دۆلەتلەرنىڭ ئىقتىسادى ۋە مەدەنىيەت ھەمكارلىقىنى تېخىمۇ كۈچەيتىش ئۈچۈن ئۇزۇن يىللىق كۆپ تەرەپلىمىلىك مائارىپ ھەمكارلىقىنى يولغا قويۇپ، ئىزچىل تۈردە ئورۇنلاپ كەلمەكتە. بۇ مائارىپ ھەمكارلىقىنىڭ تەپسىلىي ئەھۋالىنى تۆۋەندىكى تۈركىيە باش مىنىستىرلىكى چەتئەللىك ئوقۇغۇچىلار كومىتېتى ۋە تۈركىيە ئالىي مائارىپ كومىتېتى تور سەھىپىلىرىنى زىيارەت قىلىپ بىلەلەيسىز.

http://yodb.ytb.gov.tr/
http://www.yok.gov.tr/yabanci/Türki.htm

ئا. تەلەپ قىلىنىدىغان ماتېرىياللار

تۈركىيىدىكى بۇ ئوقۇشقا ئۇيغۇر ديىارىدىكى ئۇيغۇر، ئۆزبېك، تاتار، قازاق، قىرغىز ۋە سالار قاتارلىق تۈركىي مىللەت ئېرقىغا مەنسۇپ ئوقۇغۇچىلار ئىلتىماس قىلالايدۇ. بۇ ئوقۇشقا ئىلتىماس قىلىشنىڭ ئېنىق شەرتلىرى تۆۋەندىكىدەك:

1. كىشىلىك خاراكتېرى (ئەخلاقى-پەزىلىتى)

تۈركىيىدە ئوقۇشقا ئىلتىماس قىلغان ئوقۇغۇچى چوقۇم ئەخلاقىي، ئەقلىي، جىسمانىي ۋە روھىي جەھەتتىن ئەتراپلىق يېتىلگەن، تىرىشچان، غايىلىك ۋە توغرا دۇنيا قاراشقا ئىگە، ئۆز مىللىتى ۋە دىيارىنى قىزغىن سۆيىدىغان ئۇيغۇر، ئۆزبېك، تاتار، قازاق، قىرغىز ۋە سالار ياشلىرىدىن بولۇشى تەلەپ قىلىنىدۇ.

2. كىملىكتە ئۇيغۇر، ئۆزبېك، تاتار، قازاق، قىرغىز ۋە سالار

سالاھىيەت كىملىكى بولۇشى ۋە سالاھىيەت كىملىكىدە مىللىتى چوقۇم ئۇيغۇر، ئۆزبېك، تاتار، قازاق، قىرغىز ۋە سالار دەپ ئېنىق يېزىلغان بولۇشى كېرەك.

3. پاسپورت

پاسپورت بېجىرىپ قولىغا ئالغان بولىشى كىرەك. ئەگەر پاسپورت بېجىرمىگەن بولسا، ئاۋۋال ئىلتىماس قىلىپ تۇرۇپ، 3- ئايدىن بۇرۇن بېجىرىپ ئېلىپ ئەۋەتسىمۇ بولىدۇ.

پاسپورتتا، ئالىي مەكتەپتە تولۇق كۇرستا ئوقۇماقچى بولغان ئوقۇغۇچلارنىڭ يېشى 23 تىن، ماگىستېرلىقتا (ئاسپىرانتلىقتا) ئوقۇماقچى بولغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ يېشى 28 دىن، دوكتورلۇقتا ئوقۇماقچى بولغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ يېشى 33 تىن ئاشمىغان بولۇشى كىرەك.

مەسلىھەت:

پاسپورت ئېلىش ھەر بىر پۇقرانىڭ قانۇنى ھوقۇقى. شۇڭا ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇش پۈتتۈرۈشتىن بۇرۇن پاسپورت ئېلىۋېلىشى ناھايىتى پايدىلىق. تەكلىپنامە بولسۇن ياكى بولمىسۇن، ئاۋۋال سىناپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز. تەكلىپنامە تەلەپ قىلىنىپ، پەقەت ئامال بولمىسا،  تۈركىيىدىكى بىرەر ئالىي مەكتەپنىڭ تىل بۆلۈمىدىن تەكلىپنامە ئېلىشقا توغرا كېلىدۇ. مەكتەپلەر بۇ تەكلىپنامىگە 100 دوللار ئەتراپىدا ھەق تەلەپ قىلىدۇ.

4. ئىلتىماس جەدىۋىلى

تۆۋەندىكى تۈركىيە ئوقۇشىنىڭ ئىلتىماس جەدۋىلىنى بېسىپ چىقىرىپ، ئۇنى ئىنگلىز تىلىدا تولدۇرۇڭ. ئۆز ۋە ئاتا-ئانىڭىزنىڭ ئىمزاسىنى ئۇيغۇر يېزىقىدا قويۇشقا يول قويۇلىدۇ. تەييار بولغان جەدىۋەلنى سكەن(扫描) قىلىپ، قالغان ماتېرىياللار بىلەن ماتېرىيال ئەۋەتىش ئۇسۇلى بويىچە ئەۋەتىپ بېرىڭ:

ئىلتىماس جەدىۋېلى [Word]

5. ئوقۇش نەتىجىسى، سەۋىيە كىنىشكىسى، دىپلوم ۋە ئۇنۋان

(1) ئالىي مەكتەپ تولۇق كۇرستا ئوقۇش ئۈچۈن:

1) تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ دىپلومى كىنىشكىسىنىڭ كۆپەيتمىسى ۋە ئۇنىڭ جامائەت گۇۋاھلىقىدىن ئۆتكەن ئىنگلىزچە تەرجىمە نۇسخىسى بولۇشى كېرەك. ھازىر تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ 3-يىللىقىدا ئوقۇۋېتىپ ئىلتىماس قىلىدىغانلار تولۇق ئوتتۇرا دىپلومىسىنى 6-ئاينىڭ 15 – كۈنىدىن بۇرۇن ئەۋەتىپ بەرگەندىن كېيىن ئىلتىماسى ئاندىن كۈچكە ئىگە بولىدۇ. ئەمما دىپلوم بېرىلدىغانلىقى ھەققىدە مەكتەپ ئوقۇغۇچىلار باشقارمىسىدىن ئىسپات ئېلىپ بىزگە كۆپەيتىلمىسىنى سكەن قىلىپ ئەۋەتىپ بېرىشى كېرەك.

2) تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇش جەريانىدىكى خۇلاسە ئىمتىھان نەتىجىسى بولۇشى كېرەك. خۇلاسە ئىمتىھان نەتىجىسى ئەڭ تۆۋەن بولغاندا 3 پەندىن B، باشقا پەنلەردىن A بولىشى كېرەك. بۇ ئەڭ مۇھىم. چۈنكى ئوقۇغۇچىنىڭ تاللىنىش-تاللانماسلىقى خۇلاسە ئىمتىھان نەتىجىلىرىگە باغلىق. ھازىر تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ 3-يىللىقىدا ئوقۇۋېتىپ ئىلتىماس قىلىدىغانلار خۇلاسە ئىمتىھان نەتىجىسىنى 6-ئاينىڭ 15 – كۈنىدىن بۇرۇن ئەۋەتىپ بەرگەندىن كېيىن ئىلتىماسى ئاندىن كۈچكە ئىگە بولىدۇ.

3) ئالىي مەكتەپ ئىمتىھان نەتىجىسى بىلەن ئىمتىھان نەتىجىسىنىڭ راسلىقىنى تەكشۈرۈش ئۈچۈن ئىمتىھانغا قاتنىشىش كىنىشكە نومۇرىنى يوللاپ بېرىشى كېرەك.

ئالىي مەكتەپ ئىمتىھان نەتىجىسى ئەڭ تۆۋەن بولغاندىمۇ شۇ يىللىق 2 – تۈركۈم نومۇر سىزىقىدىن يۇقىرى بولىشى كېرەك. ھازىر تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ 3-يىللىقىدا ئوقۇۋېتىپ ئىلتىماس قىلىدىغانلار خۇلاسە ئىمتىھان نەتىجىسى ۋە ئالىي مەكتەپ ئىمتىھان نەتىجىسى بىلەن ئىمتىھانغا قاتنىشىش كىنىشكە نومۇرىنى 6-ئاينىڭ 15 – كۈنىدىن بۇرۇن ئەۋەتىپ بەرگەندىن كېيىن ئىلتىماسى ئاندىن كۈچكە ئىگە بولىدۇ.  بۇ ئەڭ مۇھىم. چۈنكى ئوقۇغۇچىنىڭ تاللىنىش-تاللانماسلىقى ئاشۇ نەتىجىلىرىگە باغلىق.

تۈركىيىدە ئالىي مەكتەپ تۇلۇق كۇرىسى 4 + 2 يىل بولۇپ، تاللانغان ئوقۇغۇچىلار بىر يىل تۈركچە ئۆگىنىپ، تىل ئىمتىھانىدىن غەلىبىلىك ئۆتكەندىن كېيىن، نەتىجىسى ۋە ئارزۇسىغا قاراپ تۈركىيىنىڭ ئالدىنقى قاتاردىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ھەرخىل كەسىپلىرىگە قوبۇل قىلىنىدۇ. بىر يىل ئىنگلىزچە تىل ئۆگىنىپ، ئىنگىلىزچە تىل ئىمتىھانىدىن غەلىبىلىك ئۆتكەندىن كېيىن ئاندىن تولۇق كۇرس كەسپى ئوقۇشىنى باشلىيالايدۇ.

(2) ماگىستىرلىق (ئاسپىرانتلىق)تا ئوقۇش ئۈچۈن:

1) ئالىي مەكتەپ تۇلۇق كۇرسنى پۈتتۈرۈش دىپلومى ۋە دۆلەت بىر تۇتاش تارقاتقان ئۇنۋان كىنىشكىسىنىڭ كۆپەيتمىلىرى ۋە ئۇلارنىڭ جامائەت گۇۋاھلىقىدىن ئوتكەن ئىنگلىزچە تەرجىمە نۇسخىلىرى بولۇشى كېرەك. ھازىر ئالىي مەكتەپنىڭ 4-يىللىقىدا ئوقۇۋېتىپ ئىلتىماس قىلىدىغانلار دىپلوم بىلەن ئۇنۋاننى 7-ئايدىن بۇرۇن ئەۋەتىپ بەرگەندىن كېيىن ئىلتىماس ئاندىن كۈچكە ئىگە بولىدۇ. ئەمما دىپلوم ۋە ئۇنۋان بېرىلىدىغانلىقى ھەققىدە مەكتەپ ئوقۇغۇچىلار باشقارمىسىدىن ئىسپات ئېلىپ بىزگە كۆپەيتىلمىسىنى سكەن قىلىپ ئەۋەتىپ بېرىشى كېرەك.

2) ئالىي مەكتەپتە ئوقۇش جەريانىدىكى بارلىق دەرسنىڭ ئىمتىھان نەتىجىسى ۋە ئۇنىڭ مەكتەپ ئوقۇتۇش باشقارمىسىدىن چىقىرىپ بەرگەن ئىنگلىزچە تەرجىمىسى بولۇشى كېرەك. ئەگەر شۇ ئوقۇش يىلى پۈتتۈرمەكچى بولسا، ئۈچ يېرىم يىللىق ئوقۇش نەتىجىلىرىنى ئەۋەتىپ تۇرۇشى كېرەك.  GPA = 2.8(ئومۇمى نەتىجىسى) ئەڭ ئاز 70 بولۇشى كېرەك. بۇ ئەڭ مۇھىم. چۈنكى ئوقۇغۇچىنىڭ تاللىنىش-تاللانماسلىقى ئاشۇ نەتىجىسىنىڭ قانداق بولۇشىغا، ئوقۇغان مەكتىپىگە ۋە كەسپىگە باغلىق.

3) دۆلەت بىر تۇتاش ئالغان ئالىي مەكتەپ ئىنگلىز تىلىدىن 4-دەرىجە ياكى 6-دەرىجە (CET-4,-6) سەۋىيە ئىمتىھانىنىڭ لاياقەتلىك كىنىشكىسى بولۇشى كېرەك.

تۈركىيىدە ماگىستىرلىق 2+1 يىل. تاللانغان ئوقۇغۇچىلار بىر يىل تۈركچە تىل ئۆگىنىپ، تۈركچە ئىمتىھانىدىن غەلبىلىك ئۆتكەندىن كېيىن، نەتىجىسى ۋە ئارزۇسىغا قاراپ تۈركىيىنىڭ ئالدىنقى قاتاردىكى ئالىي مەكتەپلىرىگە ئۆزلىرىگە ماس كېلىدىغان كەسىپلەرگە ماگىستىرلىققا قوبۇل قىلىنىدۇ. مەكتەپلەرگە رەسمى قوبۇل قىلىنىشتىن بۇرۇن، ھەرقايسى مەكتەپ ۋە كەسپلەرگە بېكىتىلگەن ئىنگلىزچە سەۋىيە ئۆلچىمىگە يەتكەن ئىنگىلىزچە خەلقئارالىق لاياقەتلىك كىنىشكىسى (TOEFLياكى IELTS) بولسا، بىر يىل ئېنگىلىزچە تىل تەييارلىقى ئالمايلا كەسپى ئوقۇشىنى باشلىيالايدۇ. ئىنگلىزچە نەتىجىسى يېتەرلىك بولمىغان ئوقۇغۇچىلار بىر يىللىق ئىنگلىزچە تەييارلىقتىن كېيىن، ئىنگلىزچە تىل ئىمتىھان بېرىپ، لاياقەتلىك بولغاندىن كېيىن كەسپى ئوقۇشىنى باشلىيالايدۇ.

(3) دوكتورلۇقتا ئوقۇش ئۈچۈن:

1) ماگىستىرلىقنى (ئاسپىرانتلىقنى) پۈتتۈرگەن دوكتورلۇقتا ئوقۇماقچى بولغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ماگىستىرلىق دىپلومى ۋە ئۇنۋانى (مەكتەپ ئوقۇتۇش باشقارمىسى ياكى جامائەت گۇۋاھلىق ئورگانلىرىدىن تەرجىمە قىلىپ بېرىلگەن ئىنگلىزچە تەرجىمىسى قوشۇپ ئەۋەتىلىدۇ) بولۇشى كېرەك.

2) ماگىستىرلىق ئوقۇشىدىكى دەرس نەتىجىسى (مەكتەپ ئوقۇتۇش باشقارمىسى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنىپ بېرىلگەن ئىنگلىزچە تەرجىمىسى قوشۇپ ئەۋەتىلىدۇ) بولۇشى كېرەك. ئەگەر بۇ ئوقۇش يىلى پۈتتۈرمەكچى بولسا دىپلومىنى ۋە ئۇنۋان گۇۋاھنامىسىنى 6- ياكى 7-ئايدا ئالغاندىن كېيىن تېزدىن ئەۋەتىپ بېرىشى كېرەك.

GPA = 3.0(ئومۇمى نەتىجىسى) ئەڭ ئاز 75 بولۇشى كېرەك. بۇ ئەڭ مۇھىم. چۈنكى ئوقۇغۇچىنىڭ تاللىنىش-تاللانماسلىقى ئاشۇ نەتىجىسىنىڭ قانداق بولۇشىغا، ئوقۇغان مەكتىپىگە ۋە كەسپىگە باغلىق.

3) دۆلەت بىر تۇتاش ئالغان ئالىي مەكتەپ ئىنگلىزچىدىن 6- دەرىجە (CET-6) سەۋىيە كىنىشكىسى بولۇشى كېرەك.

تۈركىيىدە دوكتورلۇق ئوقۇشى ئۈچ يىلدىن ئالتە يىلغىچە. تاللانغان ئوقۇغۇچىلار بىر يىل تۈركچە تىل ئۆگىنىپ، تۈركچە ئىمتىھانىدىن غەلىبىلىك ئۆتكەندىن كېيىن، نەتىجىسى ۋە ئارزۇسىغا قاراپ تۈركىيىنىڭ ئالدىنقى قاتاردىكى ئالىي مەكتەپلىرىگە ئۆزلىرىگە ماس كېلىدىغان كەسىپلەرگە دوكتورلۇققا قوبۇل قىلىنىدۇ. مەكتەپلەرگە رەسمى قوبۇل قىلىنىشتىن بۇرۇن، ھەرقايسى مەكتەپ ۋە كەسپلەرگە بېكىتىلگەن ئىنگلىزچە سەۋىيە ئۆلچىمىگە يەتكەن ئىنگىلىزچە خەلقئارالىق لاياقەتلىك كىنىشكىسى ( TOEFL ياكى IELTS) بولسا، بىر يىل ئىنگىلىزچە تىل تەييارلىقى ئالمايلا كەسپى ئوقۇشىنى باشلىيالايدۇ. ئىنگلىزچە نەتىجىسى يېتەرلىك بولمىغان ئوقۇغۇچىلار بىر يىللىق ئىنگلىزچە تەييارلىقتىن كېيىن، ئىنگلىزچە تىل ئىمتىھانى بېرىپ، لاياقەتلىك بولغاندىن كېيىن كەسپى ئوقۇشىنى باشلىيالايدۇ.

ئەسكەرتىش:

نەتىجە ، دىپلوم، ئۇنۋان ۋە سەۋىيە كىنىشكىلىرى جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ ئالاقىدار ئورگان ۋە تور بەتلىرىدىن تەكشۈرۈلۈپ راست-يالغانلىقى ئېنىقلانغاندىن كېيىن، ئاندىن كۈچكە ئىگە بولىدۇ. شۇڭا يالغانچىلىق قىلىشتىن ئالاھىدە ساقلىنىش كېرەك.

6. ئۆز-ئۆزىنى تونۇشتۇرۇش (CV) ۋە ئىلتىماس خەتلىرى (Personal Statement)

1) بىر پارچە ئۆز-ئۆزىنى ۋە ئائىلىسىنى تەپسىلىي تونۇشتۇرۇپ يازغان تونۇشتۇرۇش خېتى بولۇشى كېرەك.

2) بىر پارچە تۈركىيىگە كېلىپ ئوقۇش توغرىسىدىكى ئىلتىماسنامە بولۇشى كېرەك.

ئىلتىماسنامە ۋە ئۆزىنى- ئائىلىسىنى تونۇشتۇرۇش خەتلىرى ئۇيغۇر كونا يېزىقىدا تەپسىلىي ۋە رەتلىك يېزىلىشى كېرەك. ئۆز-ئۆزىنى تونۇشتۇرۇش ۋە ئىلتىماسنامىلەرنى چوقۇم ئۆزى ئەتراپلىق ئويلىنىپ مۇستەقىل يېزىشى لازىم.

7. ئوقۇتقۇچى ۋە كەسىپ ئەھلىنىڭ تەۋسىيىنامىسى

ۋەتەندە تولۇق كۇرسنى ۋە ماگىستىرلىقنى پۈتتۈرگەن ۋە پۈتتۈرىدىغان ئوقۇغۇچىلار ئۆزىگە دەرس بەرگەن بىر ئوقۇتقۇچىنىڭ (ئوقۇتقۇچى ئۇيغۇر بولسا، ئۇيغۇرچە، ئوقۇتقۇچى خەنزۇ بولسا، خەنزۇچە) يېزىپ بەرگەن تەۋسىيىنامىسى ۋە ئۆزىنى ئوبدان بىلىدىغان ئۆز كەسپىگە ئالاقىدار ئىلىم-پەن ساھەسىدىكى بىر ئۇيغۇر كەسىپ ئەھلىنىڭ ئۇيغۇرچە يازغان تەۋسىيىنامىسى بولۇشى ئالاھىدە تەشەببۇس قىلىنىدۇ، ئەمما چوقۇم شەرت ئەمەس. ئۆزىگە تەۋسىيىنامە يېزىپ بەرگەن يۇقىرىدىكى ئىككى شەخسنىڭ ئالاقىلىشىش پوچتا ئادرېسى، ئېلخەت ئادرېسى ۋە تېلېفون نومۇرىنى قوشۇپ ئەۋەتىپ بېرىشى كېرەك. ئەگەر ئوقۇشقا ئىلتىماس قىلغانلار كۆپ، رىقابەت كۈچلۈك بولۇپ كەتسە، بۇ تەۋسىيىنامىلەرگە ئالاھىدە قارىلىپ تاللىنىدۇ.

تەلەپلەر يۇقىرىقىدەك. بۇ تەلەپكە ئۇيغۇن بولمىغانلارنىڭ قوبۇل قىلىنىش نىسبىتى ئىنتايىن تۆۋەن. ئەمما ئىلتىماس قىلىپ سىناپ باقسا بولىدۇ. باھالاشتىن ئۆتۈپ قالسا ئەجەب ئەمەس. بارلىق ماتېرىياللارنى ئەستايىدىل تەييارلاشنىڭ تاللىنىشقا جىق پايدىسى بولىدۇ. شۇڭا سەل قارىماڭ!

8. كاپالەتنامە: ئەگەر بۇ ئوقۇش ھەل بولسا، چوقۇم ئوقۇشقا چىقىدىغانلىقى ۋە ۋاز كەچكەن تەقدىردە پۈتۈن مەسئۇلىيەتنى ئۆز ئۈستىگە ئالىدىغانلىقى توغرىسىدا ئۆزىنىڭ ۋە ئاتا-ئانىسىنىڭ كاپالەتنامىسى بولىشى كىرەك.

 

ئالاقە ۋە مەسلىھەت: ئۇيغۇر ئوقۇغۇچى ئىشلىرى كومىتېتى

ئالاقىلاشقۇچى: كومىتېت كاتىپى سابىرجان كۆكتۇغ

ئالاقىلىشىش تېلېفون نومۇرى: 6657851 – 212 – 0090

يانفون: 5554331836 – 0090

ئېلخەت: info@uyguroku.com