ئۇيغۇر ئوقۇغۇچى ئىشلىرى كومىتېتى ھەققىدە

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، ھۆرمەتلىك قېرىنداشلار! ئۇيغۇر ئوقۇغۇچى ئىشلىرى كومىتېتى: 2011 – يىلى 3 – ئايدا قۇرۇلۇپ، 9 – ئايدا رەسمى ئىشقا كىرىشتى. كومىتېتىمىز – تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى مائارىپ مېنىستىرلىكى، ئالىي مائارىپ كومىتېتى ۋە باشقا مۇناسىۋەتلىك ئورگانلار تەرىپىدىن تەستىقلىنىپ، تۈركىيەدە ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىشلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇش سالاھىيىتىگە ئىگە بىردىنبىر ئورگان بولۇپ، تۈركىيەگە كېلىپ ئوقۇماقچى بولغان ۋە ئوقۇۋاتقان بارلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇ – ئوقۇتۇش، تۇرمۇش ۋە ئىجتىمائىي مۇناسىۋەتلىرىگە ھېچقانداق ئايرىمچىلىق قىلمىغان ئاساستا ياردەم قىلىدۇ. بۇ كومىتېت پەقەت ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىشلىرىنى قىلىپلا  قالماستىن، بەلكى يۇرتىمىزدىن كېلىپ، ئوقۇماقچى بولغان قازاق، قىرغىز، ئۆزبەك، تاتار قاتارلىق قېرىنداش مىللەت ئوقۇغۇچىلىرىنىڭمۇ خىزمىتىنى قىلىدۇ.

ئۇيغۇر ئوقۇغۇچى ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ ئاساسلىق پرىنسىپى ھەر بىر ئوقۇغۇچىنىڭ ئوقۇش نەتىجىسىنى ئاساس قىلىپ تۇرۇپ، تۈركىيەدە ئوقۇماقچى بولغان كەسىپلىرىگە قاراپ مەسلىھەت بېرىش، تۈركىيەدىكى ئوقۇشىنى غەلىبىلىك پۈتتۈرۈشى ئۈچۈن خاندەلىك (ئوقۇش مۇكاپات پۇلى) تېپىپ بېرىش، ياتاق ئۇقۇشۇش ۋە ئوقۇشى تۈگىگەندىن كېيىن، تېخىمۇ يۇقىرى ئۆرلەپ ئوقۇشى ياكى باشقا دۆلەتلەرگە چىقىپ بىلىم ئاشۇرۇشى ۋە ياكى يۇرتقا قايتىپ خاتىرجەم خىزمەت قىلىشى ئۈچۈن ئىمكانىيەتنىڭ بېرىچە ياردەم قىلىش دېگەندەك ئىشلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

كومىتېتىمىزنىڭ ئەڭ مۇھىم خىزمىتىدىن بىرى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ (ئوقۇش ئۈچۈن) تۈركىيەگە كېلىشىگە ياردەم قىلىش ۋە تۈركىيە مائارىپ مېنىستىرلىكى ۋە ئالىي مائارىپ كومىتېتى تەرىپىدىن تەسىس قىلىنغان خاندەلىك (ئوقۇش مۇكاپات پۇلى) بىلەن ئوقۇيدىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ تىزىملىكىنى تۇرغۇزۇپ، مۇناسىۋەتلىك ئورگانلارغا يەتكۈزۈپ بېرىش بولۇپ، بۇ ئىشلارنى بۇرۇن باشقا ۋەخپە – جەمئىيەت ۋە تەشكىلاتلار يۈرگۈزۈپ كېلىۋاتاتتى، ئەمما بۇ يىلدىن ئېتىبارەن، تۈركىيەدىكى ئوقۇش ئىشلىرى كومىتېتىمىز تەرىپىدىن بىر تۇتاش باشقۇرۇلىدۇ.

قېرىنداشلىرىمىزنىڭ سەمىگە سېلىپ قويۇشقا تېگىشلىك مۇھىم ئىشلاردىن بىرى شۇكى، تۈركىيە ھۆكۈمىتى مائارىپ مېنىستىرلىكى ۋە ئالىي مائارىپ كومىتېتى تەرىپىدىن تەسىس قىلىنغان خاندەلىك (ئوقۇش مۇكاپات پۇلى) ئالالمىغان ئوقۇغۇچىلار پۈتۈنلەي ئۆز خىراجىتى بىلەن ئوقۇيدۇ. تۈركىيەدىكى ئۇنىۋېرسىتېتلارنىڭ ئوقۇش پۇلى بىر – بىرىدىن پەرقلىق بولۇپ، بەزى مەكتەپلەر يىلىغا 10 مىڭ دوللار ئالسا، بەزى مەكتەپلەر 500 دوللار ئالىدۇ. يەنە بەزى مەكتەپلەر بولسا، ئۇنىڭدىنمۇ ئاز ئالىدۇ ياكى پەقەتلا پۇل ئالماي ئوقۇتىدۇ. بۇ، پۈتۈنلەي ھەر بىر مەكتەپنىڭ تۈزۈمىگە باغلىق ئىش. مۇشۇ سەۋەبتىن، كومىتېتىمىز تۈركىيەدىكى بارلىق ئالىي مەكتەپ بىلەن ئالاقىلىشىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا قاراپ مەكتەپكە تىزىملىتىش ۋە ئوقۇش ئىشلىرىغا ياردەم قىلىدۇ.

شۇڭا، بۇنىڭدىن كېيىن تۈركىيەگە كېلىپ ئوقۇماقچى بولغان قېرىنداشلارنىڭ بىۋاسىتە كومىتېتىمىز بىلەن ئالاقە قىلىشىنى، يىللاردىن بېرى داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان ۋىزا ۋە مەكتەپ ئىشلىرىدىكى قالايمىقانچىلىق ۋە ئالدامچىلىق ۋەقەلىرىنىڭ تەكرارلىنىپ قالماسلىقى ئۈچۈن، باشقا ئورگان ياكى شەخسلەر بىلەن ئالاقە ئورناتماسلىقىنى ئالاھىدە تەۋسىيە قىلىمىز.

ھۆرمەت بىلەن ئۇيغۇر ئوقۇغۇچى ئىشلىرى كومىتېتى

ئالاقىلاشقۇچى كومىتېت كاتىپى سابىرجان كۆكتۇغ

ئالاقىلىشىش تېلېفون نومۇرى: 6657851 – 212 – 0090

يانفون: 5554331836 – 0090

ئېلخەت: info@uyguroku.com

uyguroku@gmail.com

uyguroku@uyguroku.com