ھەققىمىزدە

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم،

ئۇيغۇر ئوقۇغۇچى ئىشلىرى كومىتېتى: 2011 – يىلى 9 – ئايدا قۇرۇلۇپ، رەسمى ئىشقا كىرىشتى. كومىتېتىمىز – تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى  مۇناسىۋەتلىك ئورگانلار تەرىپىدىن تەستىقلانغان، ھىچقانداق سىياسى ئارقا كۆرنىشى ياكى ئىقتىساى مەنپەت كۈتمىگەن تۈركىيىدە ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىشلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە ئوقۇغۇچىلار بىلەن مۇناسىۋەتلىك پائالىيەت ئورۇنلاشتۇرۇش سالاھىيىتىگە ئىگە بىردىنبىر ئورگان بولۇپ، تۈركىيەگە كېلىپ ئوقۇماقچى بولغان ۋە ئوقۇۋاتقان بارلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇ – ئوقۇتۇش، تۇرمۇش ۋە ئىجتىمائىي مۇناسىۋەتلىرىگە ھېچقانداق ئايرىمچىلىق قىلمىغان ئاساستا ياردەم قىلىدۇ. بۇ كومىتېت پەقەت ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىشلىرىنى قىلىپلا قالماستىن، بەلكى يۇرتىمىزدىن كېلىپ، ئوقۇماقچى بولغان قازاق، قىرغىز، ئۆزبېك، تاتار قاتارلىق قېرىنداش مىللەت ئوقۇغۇچىلىرىنىڭمۇ خىزمىتىنى قىلىدۇ. كومىتىتنىڭ ئاساسى مەقسىتى ئوقۇغۇچىلارغا ئوقۇش بىلەن مۇناسىۋەتلىك توغرا ۋە ئىشەنچىلىك ئۇچۇر بىرىش، قاقتى-سوقتى بولۈپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، تۈركىيدىكى ئوقۇشىدا قىيىنچىلىق بولۇپ قالسا ياردەم قىلىش بولغانلىقى ئۈچۈن، كومىتېتىدا ئاساسەن، ۋەتەندە ئوقۇپ چىققان ۋە تۈركىيەدىمۇ بىرەر ئالىي مەكتەپلەرنى پۈتتۈرۈپ ئۆرلەپ ئوقۇۋاتقان ياكى بىرەر ئالىي مەكتەپتە ئىشلەۋاتقان زىيالىيلاردىن تەركىب تاپقان. يانى ۋەتەندىمۇ ۋە تۈركىيدىمۇ ئوقۇشنى غەلبىلىك پۈتتۈرگەن كومىتېتتىكى كىشىلەر، ۋەتەندىكى ۋە تۈركىيىدىكى ئوقۇش سىستېمىنى توغرا بىلگەنلىكى ئۈچۈن، ئوقۇغۇچىلا بىلەن ئالاقىلىشىپ قولىدىن كېلىشىچە توغرا ۋە ئەستايىدىل ياردەم قىلىدۇ. بۇ كىشىلەر پۈتۈنلەي خالىسانە ئىشلەۋاتقان بولۇپ، قىلىۋاتقان خىزمەت ئۈچۈن ھېچقانداق ھەق تەلەپ قىلىمايدۇ.

ئۇيغۇر ئوقۇغۇچى ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ ئاساسلىق خىزمەت پرىنسىپى ھەر بىر ئوقۇغۇچىنىڭ ئوقۇش نەتىجىسىنى ئاساس قىلىپ تۇرۇپ، تۈركىيىدە ئوقۇماقچى بولغان كەسىپلىرىگە قاراپ مەسلىھەت بېرىش، تۈركىيەدىكى ئوقۇشىنى غەلىبىلىك پۈتتۈرۈشى ئۈچۈن خەندىلىك (ئوقۇش مۇكاپات پۇلى) تېپىشىغا ياردەم بېرىش، ياتاق ئۇقۇشۇش ۋە ئوقۇشى تۈگىگەندىن كېيىن، تېخىمۇ يۇقىرى ئۆرلەپ ئوقۇشى ياكى باشقا دۆلەتلەرگە چىقىپ بىلىم ئاشۇرۇشى ۋە ياكى يۇرتقا قايتىپ خاتىرجەم خىزمەت قىلىشى ئۈچۈن ئىمكانىيەتنىڭ بېرىچە ياردەم قىلىش دېگەندەك ئىشلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

ئۇيغۇر ئوقۇغۇچى ئىشلىرى كومىتېتى بۇ خىزمەتلەرنى سۈپەتلىك ۋە نەتىجىلىك ئىلىپ بېرىشى ئۈچۈن، تۈركىيە ئوقۇغۇچىلارغا مۇناسىۋەتلىك ئىجتىمائىي خىزمەت بىرىۋاتقان ھەر-خىل قۇرۇلۇشلار بىلەن ئالاقىلىشىپ كىلىۋاتىدۇ ۋە ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ  ئېھتىياجلىرىنى بۇ قۇرۇلۇشلارغا بىلدۈرۈپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىپ كىلىۋاتىدۇ ياكى ھەل قىلىشقا تىرشىۋاتىدۇ. ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ئاساسى جەھەتتىن ئىستانبۇل ۋە ئەنقەرە قاتارلىق شەھەرلەرگە توپلانغان بولسىمۇ، ئۇيغۇر ئوقۇغۇچى ئىشلىرى كومىتېتى تۈركىيەنىڭ بارلىق شەھەرلىرىدىكى ئوقۇغۇچىلارغا مۇناسىۋەتلىك ئىجتىمائىي خىزمەت بىرىۋاتقان قۇرۇلۇشلار بىلەنمۇ كۆرۈشۈپ، بىر-ئىككى ئوقۇغۇچى بولسىمۇ، مەسىلىرىنى ھەل قىلىشقا تىرشىۋاتىدۇ. بۇ پائالىيەت نەتىجىسىدە،ئۇيغۇر ئوقۇغۇچى ئىشلىرى كومىتېتى تۈركىيەدىكى 48 قۇرۇلۇش بىلەن ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى ئورۇنلاشتۇردى ۋە بۇ قۇرۇلۇشلار بىلەن ئورتاق پائالىيەت ئورنلاشتۇرۇپ، ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى تونۇشتۇرۇش، ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنى يەرلىك ۋە چەتئەللىك ئوقۇغۇچىلارغا تونۇشتۇرۇش قاتارلىق خىزمەتلەرنى قىلىپ كىلىۋاتىدۇ.

1990- يىللىرىدىن بىرى، تۈركى جۇمھۇرىيەتلەردىن ۋە تۈرك رايۇنلىرىدىن مۇكاپاتلىق ئوقۇغۇچى ئەكىلىپ ئوقۇتۇش سىستېىمى 2011-يىلىدىن باشلاپ پۈتۈنلەي ئۆزگۈرۈپ كەتتى. بۇرنقىدەك بىرەر ۋەقىپ، دەرنەك ياكى بىرەر دۆلەتنىڭ كونسۇلخانىسىنىڭ تاللاپ ياكى تىزىملاپ بەرگەن ئوقۇغۇچىلارنى قوبۇل قىلىش پۈتۈنلەي ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى. باش مىنىستىرىلىككە تەۋە «چەتئەلدىكى تۈركلەر ۋە تۇققانلار توپلىمى» ئىدارىسى قۇرۇلدى ۋە بۇ ئىدەرا «مۇكاپاتلىق ئوقۇغۇچى» ئىشىلىرىنى بىۋاسىتە بىرىۋالدى. ئوقۇغۇچى ئەكىلىدىغان دۆلەتلەرگە بىۋاسىتە بىرىپ، ئوقۇغۇچىلار بىلەن بىۋاسىتە كۆرۈشۈپ، ھەقىقەتەن ئوقۇيدىغان ئوقۇغۇچىلارنى تاللاپ ئەكىلىۋاتىدۇ.

ئۇيغۇر ئوقۇغۇچى ئىشلىرى كومىتېتى، «چەتئەلدىكى تۈركلەر ۋە تۇققانلار توپلىمى»  ئىدارىسنىڭ بۇ يىڭى سىياسىتىنى ۋاقتىدا ئىگىلەپ ۋە ئۇيغۇرچىغا    تەرجىمە قىلىپ،     www.uyguroku.com  تورىدا ئېلان قىلىپ تۇرۇش ئارقىلىق، ئوقۇغۇچىلارغا ۋاقتىدا ئۇچۇر يوللىدى. ھەتتە ۋەتەندىكى تورلاردىمۇ ئېلان بەردى. بۇنداق قىلىش ئارقىلىق، «تۈركىيىدە سىزنى مۇكاپاتلىق ئوقۇشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ قويىمەن» دەپ، ۋەتەندىكى ۋە تۈركىيىدىكى  ئوقۇغۇچىلانى قاقتى-سوقتى قىلىدىغان كىشىلەرگە پۈرسەت بەرمەسلىككە تىرىشتى. ئۇيغۇر ئوقۇغۇچى ئىشلىرى كومىتېتى تۈركىيە كىلپ ئۆز خىراجىتى بىلەن ئوقۇماقچى بولغان ئوقۇغۇچىلارغىمۇ ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلىدۇ. بۇ ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن:   IELTS, TOEFL ۋە  باشلانغۇچ ۋە ئوتتورا سەۋىيەدە ئىنگىلىز تىلى دەرسلىكلىرى ,ALES, YÖS, (تۈرك تىلى) TÖMER قاتارلىق  كۇرسلارنىڭ ئىچىلىشى، ئىمتىھانلارغا تەييارلىق قىلىشى، بولۇپمۇ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ سۈپەتلىك ۋە ئەرزان مەكتەپ ۋە كۇرسلاردا ئوقۇشى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەكتەپلەرگە ۋاقتىدا ئىلتىماس قىلىش، كەسىپ تاللىشى ۋە مەكتەپلەرگە قوبۇل بولىشى…. قاتارلىق جەھەتلەردە خىزمەت بىرىدۇ.

شۇڭا،تۈركىيەگە كېلىپ ئوقۇماقچى بولغان قېرىنداشلارنىڭ بىۋاسىتە كومىتېتىمىز بىلەن ئالاقە قىلىشىنى، يىللاردىن بېرى داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان ۋىزا ۋە مەكتەپ ئىشلىرىدىكى قالايمىقانچىلىق ۋە ئالدامچىلىق ۋەقەلىرىنىڭ تەكرارلىنىپ قالماسلىقى ئۈچۈن، باشقا ئورگان ياكى شەخسلەر بىلەن ئالاقە ئورناتماسلىقىنى ئالاھىدە تەۋسىيە قىلىمىز.

ئۇيغۇر ئوقۇغۇچى ئىشلىرى كومىتېتى قۇرۇلۇش ۋە ئىشلەس شەكلى جەھەتتىن بىرەر ۋەقىپ ياكى دەرنەك سۈپىتىگە ئىگە ئەمەس بولۇپ بىر ئوقۇغۇچىلار ئۇيۇشمىسى رولىنى ئويناىدۇ. بۇ سەۋەپتىن ئوقۇۇغۇچىالارنىڭ تەكلىپلىرنى ئورۇنداش، كۇرسلار ئورۇنلاشتۇرۇش قاتارلىق ئىشلاردا، بۇ خىلدىكى خىزمىتى بولغان قورلۇشلاردىن ياردىم ئالىدۇ ياكى ئۇلار بىللەن بىللە خىزمەت قىلىدۇ. كومىتىتنىڭ ھىچقانداق ئىقتىسادى كىرىمى بولمىغانلىقى ئۈچۈن، بىرەر ئىشخانا كىرالىغىدەك ئىقتىسات يوق. بۇ سەۋەپتىن، كومىتىت، پەقەتلا ئىلىم ۋە مەدىنىيەت ساھاسىدە  خىزمەت قىلىش ئۈچۈن قۇرۇلغان سۇتۇق بۇغراخان ئىلىم ۋە مەدەنىيەت ۋەخپىنىڭ بىر ئىغىز ئىشخانىسىنى ئىشلىتىپ  كىلىۋاتىدۇ.

ئادرىس:

Haseki Sultan Mah. Millet Cad.
Güney Ap. No:31/3
Fatih / İstanbul – Türkiye
Tel-Fax: +90 212 585 01 77

ھۆرمەت بىلەن ئۇيغۇر ئوقۇغۇچى ئىشلىرى كومىتېتى

ئالاقىلاشقۇچى كومىتېت كاتىپى سابىرجان كۆكتۇغ

ئالاقىلىشىش تېلېفون نومۇرى: 5850177 – 212 – 0090

يانفون: 5554331836 – 0090

ئېلخەت: info@uyguroku.com

uyguroku@gmail.com