ئۇيغۇر ئوقۇغۇچى ئىشلىرى كومتېتى بىلەن ئالاقە قىلىڭ
ئالاقىلاشقۇچى: كومتېت كاتىپى سابىرجان كۆكتۇغ
ئالاقىلىشىش تېلېفون نومۇرى: 5850177 – 212 – 0090
يانفون: 5554331836 – 0090
ئېلخەت:uyguroku@gmail.com
ئۇيغۇر ئوقۇغۇچى ئىشلىرى كومتېتى بىلەن ئالاقە قىلىڭ
ئالاقىلاشقۇچى: كومتېت كاتىپى سابىرجان كۆكتۇغ
ئالاقىلىشىش تېلېفون نومۇرى: 5850177 – 212 – 0090
يانفون: 5554331836 – 0090
ئېلخەت:uyguroku@gmail.com
ئىنكاس يېزىش ئۈچۈن چوقۇم تىزىملىتىپ كىرىشىڭىز كېرەك.
دۈ | سە | چا | پە | جۈ | شە | يە |
---|---|---|---|---|---|---|
« ئىيۇل | ||||||
1 | 2 | |||||
3 | 4 | 5 | 6 | 7 | 8 | 9 |
10 | 11 | 12 | 13 | 14 | 15 | 16 |
17 | 18 | 19 | 20 | 21 | 22 | 23 |
24 | 25 | 26 | 27 | 28 | 29 | 30 |
31 |
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئۇيغۇر ئوقۇتۇش ئىشخانىسىدىكى بارلىق قېرىنداشلار.
مەن 2007-يىلىدىن 2012-يىلىغىچە شىنجاڭ پىداگوگىكا ئونۋېرسىتىنىڭ كومپيۇتېر ئىلىمى ۋە تېخنىكىسى كەسىپنى پۈتتۇرگەن، ئوقۇتقۇچىلىق سالاھىيەت كىنىشكەم بار،
مەكتەپ پۈتتېرگەندىن كېيىن گۇاڭدوڭ ئۆلكىسىنىڭ شىنجىن شەھىرىنىڭ يۇمشاق دىتال تەتقىقات بازىسىدا 10ئاي ئاندىئورىد سۇپىىغا يۇمشاق دىتال تۈزۈش بۇيىچە تەربىيلەنگەن،
شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا قۇتلان خەلىقئارالىق چەكلىك شىركىتىدە يۇمشاق دىتال ئىنجىنىرى ھەم مۇئاۋېن دېرىكتورلۇق ۋەزىپىسىنى ئۈتىگەن.
2014-3ئايدىن باشلاپ كورىيە سېئول شەھىرى شىزۇڭ ئونۋېرسىتىغا ئاسپىرانتلىقتا ئوقۇشقا كىرگەن. لېكىن ئوقۇتۇش سۈپىتىنىڭ كۆڭلۈمدىكىدەك بولماسلىقى سەۋەبىدىن ئۇيغۇر ئۇقۇتۇش ئىشخانىسىنىڭ تور بېكىتىدىن تۈركىيەدە ئوقۇشقا بولغان ئۇچۇرلارنى ئىگەللەش مەقسىتىدە چىققان ئىدىم، ھەمدە تۈركىيەدە ئوقۇتقۇچى بۇلۇپ ئىشلەش ئۇچۇرىنى كۆرۈپ بەك خوشال بولدۇم. مېنىڭ كومپيۇتېر كەسىپلىرىگە مۇناسىۋەتلىك گۇۋاھنامىلىرىم تۇلۇق، ئوقۇتقۇچى بۇلۇپ ئىشلەپ باققان. شۇڭا بۇ پۇرسەتنى سىناپ باقسام دىگەن ئۈمۈدۇم بار. رەھمەت سىلەرگە قېرىنداشلىرىم
tel:0082+01048680643 QQ:71640760 webchat:71640760
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم !
مەن بۇ يىل شىنجاڭ سەنئەت ئىنىستىتوتى كىنو- تېلىۋېزىيە تىياتىر فاكۇلتېتىنىڭ مىللىي ئاكتىيورلۇق كەسپىنى پۈتتۈرگەن ئىدىم . يېقىندا مۇشۇ ھەقتە ئۇچۇرغا ئېرىشىپ ،بۇ يىللىق ئوقۇغۇچى قۇبۇل قىلىشنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىدىن خەۋەر تاپتىم. لېكىن مەن يەنىلا ئاسپىرانتلىقنى تۇركىيەدە ئوقۇسام دىگەن ئارزۇدا تۇرۇپتىمەن . مۇناسىۋەتلىك قېرىنداشلىرىمىزدىن سوراپ باقسام ، تۇركىيەدە سەنئەت كەسىپلىرى ( تىياتىر ) غا ئائىت كەسىپلەرنىڭ ئاسپىرانتلىقتا ئوقۇش پۇرسىتى بارمىدۇ . كىلەر يىلى شۇ خىل مەكتەپلەردىن ئسپىرانىتلىققا ئوقۇغۇچى قۇبۇل قىلارمۇ .
ئېغىر كۆرمەي مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلاردىن مېنى خەۋەرلەندۇرگەن بولساڭلار . اللە رەھمەت قىلسۇن …..
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم .ئۇيغۇر ئوقۇتۇش ئشخانسىدىكى قىرىنداشلار
مېنىڭ يوللىغان ئىنكاسىم بىر ھەپتىدەك بولدى تەستىقدىن ئۆتمىدى.
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم بۇرادەرلەر
مەن بۇ يىلليق ئاسيىرانىتلىققا تىزىمىلىتىپ قويغىلى 3ئايدىن ئاشتى،مۇلاقەتكە ھېچ بىر خەۋەر يوق
تىزىمغا ئالدۇرغان باشقا دوسىتلارمۇ مۇشۇنداق دەيدۇ
بىزلەر تاللىنالمىدۇكمۇ ياكى ئوقۇغۇچى قۇبۇل قىلىش ئىشلىرىدا ئۆزگىرىش بولۇپ قالغانمىدۇ؟
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ! مەن كاستامونۇ ئۈنۈۋېرسىتىنىڭ يۆس ئىمتانىغا تىزىملىتاي دىگەن . ئەڭ ئاخىرقى باسقۇچلۇق ئىشلار قالغان ئور بەتتىن باش ۋۇرۇش ئىمتىھانغا پۇل تۆلەش دىگەندەك مۇشۇ 2 سىنىڭ يولىنى دەپ بەسىڭىز بوب تىكەن پەقەت بىلەممەدىم
ئەسسالاممۇ ئەلەيكۇم!
مەن 2008 – يىلى شىنجاڭ ئۇنۋېرستىتىنىڭ ئۇيغۇر تىلى ئەدەبىيات كەسپىنى پۈتكۈزگەندىن بۇيان نەشرىيات ئورگنىدا ئىشلەۋاتقانىدىم. يېقىندا سىلەرنىڭ تور بېكەتتىن خەۋەر تېپىپ، تور بېكەتكە كىرگەندىن كېيىن ئۇچۇرلارنى كۆرۈپ ناھايىتى خۇشال بولدۇم.
مەن ئاساسلىقى خەنزۇ تىلى تەرجىمىشۇناسلىقى ۋە ئۇيغۇر تىلى تەھرىرلىكى بىلەن شۇغىللىنىمەن. شۇڭا Niğde University نىڭ ئاسپىرانتلىق كەسپىگە ئۆزۈمنى تىزىملىتىشنى ئويلاشقاندىم، لېكىن جەدۋەلنىڭ 1 – رامكىسىدىلا پاسپورت نومۇرىنى تەلەپ قىلىپتۇ؛ مېنىڭ قالغان ماتېرىياللىرىم تولۇق ئىدى. ئۇچۇردا تىزىملىتىش ۋاقتى 6 – ئاينىڭ 18 – كۈنگىچە دېيىلىپتىكەن، پاسپورتىمنىڭ چىقىشىغا بىر ئاي ۋاقىت بار ئىدى. قانداق قىلسام بولار؟!
ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام،
پاسپورت دىگەن يەرگە، كىملىك نومورى يېزىپ ئىلتىماس قىلىۋىرىڭ. بىر ئەسەكەرتىش خىتىنى قوشۇپ يوللاپ قويۇڭ.
مەنمۇ تېزىملىتاي دىگەن ، مەنمۇ نەشرياتتا ئىشلەيمەن. ئىككەيلەن ئالقىلىشىپ تەڭ تېزىملتساق قانداق دەيسىز ؟ چ چ : 56144431
ئەسسالام.ئەلەيكۈم قېرىنداشلار سىلەرگە ئاللاھنىڭ سالىمى بولسۇن…مەن تۇلۇقسىزنى پۇتتۇرگەن ئۆي بېزەش كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىمەن .مىنىڭ تۇركىيەگە چىقىش ئارزۇيۇم باتى .لىكىن يولنى نەدىن باشلاشنى بىلەلمىدىم.ياكى سىلە پەقەت ئوقۇغۇچىلار ئۇچۇنلا مۇلازىمەت قىلامسىەرياكى بىزدەكلەر ئۇچۇنمۇ يول بامىدۇ ..ماڭا مەسلىھەت بەرگەن بولساڭلار ….رەھمەت جاۋابىڭلارنى كۇتىمەن
ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام،
سىز ئالدى بىلەن تولۇق ئۇتتۇرنى تاماملىشىڭىز كېرەك. ياكى تۈركىيەگە كېىلپ تولۇك ئۇتتۇرنى ئوقۇشڭىز كېرەك.
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قېرىنداشلار، مەن تۇركىيەدە ئوقۇش ئۈچۈن پاسپورت بىجىرمەكچى ئىدىم. قانداق يول ماڭىمەن؟ نىمىلەر كېتىدۇ؟ خاپا بولماي دەپ بەرگەن بولساڭلار
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قىرىنداشلار مەن ئەزھەرگە چىقىپ ئوقاي دىگەنتىم .پاسپورت بىقىرگەندە باشقا دۆلەتنىڭ ئوقۇش چاقىرقىنى ئەكىلىپ بىجرگەن .ھازىر ۋىزا بىجىرىش ئۈچۈن ئەزھەرنىڭ چاقىرقى لازىم بولۇپ قالدى.شۇڭا ئەزھەرنىڭ چاقىرقىنى ئەكلىپ بىرەلەيدىغان قېرىنداشلار بولسا ئاللاھ رىزالىقى ئۈچۈن ماڭا ياردەم قىلساڭلار .مەن ھەققىڭلارنى بەرسەم
ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم قىرىنداشلار!مەن 2007-يىلى تولۇق كۇرۇسنى پۈتتۈرگەن.تۈركىيەدە ئاسپىرانتلىقتا ئوقۇي دىگەن،ئوقۇش مۇكاپاتىغا ئىلتىماس قىلاي دىسەم يېشم چۇشمەيدىكەن،شۇڭائۆز خىراجىتىم بىلەن ئوقۇي دىگەن .سورايدىغان مەسلەھەتېم:
1.ئاۋۋال تۈركىيەدە بىر يىل تىل ئۆگېنىپ ،ئاندىن ئىمتھانغا قاتنىشپ مەكتەپ ئىلتېماس قىلامدۇق؟
2.ئسلام دىنغا ئائىت كەسىپلەردە ئوقۇي دىگەن،ئۆزۈم ئىلېكتىر ئاپتۇماتلاشتۇرۇش كەسپىدە ئوقوغان،دىنغا ئائىت كەسىپلەرگە ئىلتىماس قىلسام تالىنىشىم تەس بولارمۇ؟ ئەگەرتاللىنىپ قالسام ئوقۇشتا قىينىلىپ قالارمەنمۇ؟(بەزى تورداشلىرمىز دىننى كەسىپلەردە ئاسپىرانتلىقتا ئوقۇش بەك تەس دەپتۇ).
3.ئۆز خىراجىتى بىلەن ئوقوغانلارنىڭمۇ كىيىنچە ئوقۇش مۇكاپاتىغا ئىرىشىش ئىمكانىتى بارمۇ؟
مۇشۇ توغۇرسىدا مەسلەھەت بەرسەڭلار! ئاللاھ ئەجرىڭلارنى بەرسۇن!
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ~ قىرىنداشلىرىم ~~~~
مەن سورىغان سۇئالغا ھىچقانداق جاۋاپ يوقما . . . .
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، باشقۇرغۇچىلار . . .
مەن 2009 – يىلى سەنئەت ئىنىستىتۇتىنىڭ (گۈزەل – سەنئەت) تولۇق كۇرۇسنى پۈتتۇرگەن . ھازىر خىزمەتتە ( 4 يىل بولدى) .
مەن بۇ ئوقۇشنىڭ ئاسپىرانىتلىققا تېزىملىتاي دىگەن ئىنشا ئاللا، پاسپورتىممۇ يوق( بىجىرىشكە مىڭىۋاتىمەن) كىملىكىم ئارقىلىق تېزىملاتسام، لىكىن مېنىڭ تولۇق كۇرۇستىكى ( تۆت يىللىق ) نەتىجەمنىڭ ئومومىسى 78 . ( پۈتۈن نەتىجىنى قوشۇپ شۈنچىگە بۆلگەن) ئەتراپىدا .
شۇڭا تۈركىيەدىكى ئۇنىۋىرسىتىت تاللاشتا قىينىلىۋاتىمەن، چوڭ، داڭلىق ئۇنىۋىرسىتىتلارنى تاللاي دىسەم بۇ نەتىجە بىلەن تاللىنالماسلىقىم ئىنىق.
شۇڭا كەڭ قىرىنداشلىرىمنىڭ مالال كۆرمەي بىلىدىغانلا بولسا ماڭا بىر يول كۆرسىتىشنى ئۈمىد قىلىمەن . . .
ئارزۇيۇمدىكى تۇركىيەدە ئوقۇماقچى بولغان كەسپ بولسا ( كومپىيۇتېردا سۈرەت بىر تەرەپ قىلىش، كومپىيۇتېردا قۇرلۇش لاھىيەلەش، ھۈنەر – سەنئەت كەسپى . . . ) ئاساسلىقى كومپىيۇتېردا قۇرلۇش لاھىيەلەشكە ئائىت . . . قاتارلىق كەسىپلەر بولسا بولىدۇ.
بىراق مەن تۇركىيەدىكى قايسى ئۇنىۋېرسىتلاردا بۇ كەسىپ بار تازا ئىنىق بىلمەيمەن . . .
بەك چوڭ ئۇنىۋېرسىتقا ئىسىلۋالمايمەن، بىلىدىغان باللا بولسا ئىنشا ئاللا مەندىن يانمىسا ئاللا ئارزۇيىڭلارغا يەتكۈزە قىرىنداشلىرىم ~
شۇڭا مەن قايسى شەھەردىكى قايسى ئۇنىۋېرسىتلارنى تاللىسام بولا ~ مۇشۇنداق سەنئەت كەسپىدە تۇركىيەدە ئوقۇۋاتقان ياكى مۇشۇ توغۇرلۇق ئۇچۇر بىلىدىغانلا بولسا بىر ياردەم قىلغان بوساڭلا، ياكى يول كورسەتكەن بولساڭلا بەك مەمنۇن بولاتىم ~ ( 56144431 : چ چ )
ئاخىرىدا مۇشۇ تور بىكەتنى قۇرغان ۋە مۇشۇ تۇربىكەت ئىشلىرى ئۈچۈن قىممەتلىك ۋاقتىنى چىقىرىپ باشقۇرۇش ۋە باشقا ئىشلارغا . . . خالىسانە ياردەمدە بولغان قىرىنداشلىرىمغا كۆپ رەھمەت ئىيتىمەن ~
ھارمىغايسىلە، ئاللا ئىشلىرىڭلىنى ئوڭۇشلۇق، ئائىلەڭلىگە بەخىت، تىنىڭلارنى سالامەت، ئاتا – ئاناڭلار ۋە ئۇرۇق – تۇققانلىرىڭلارنىڭ ئۆمرىنى ئۇزۇن قىلسۇن . ئامىن !
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مەن ئەمدىلا ئوتتۇر تىخنىكۇمنى پۈتتۈرگەن ئىدىم تۈركىيەدە تولۇق كۇرۇستا ئوقۇشنى ئىلتىماس قىلسام بولامدۇ .ھەقسىز ئوقۇش پۇرسىتىگە ئىرىشەلەمدىم ، ئاۋارا قىلدىم مەسلىھەت بەرسىڭىز بوپتىكەن .
ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام،
تۇلۇق ئوتتۇرا دېپلومىڭىز بوسىلا،يېشىڭىز 1993-1-1 دىن كىيىن تۇغۇلغان بوسىڭىزلا تىزىملاتسىڭىز بۇلدۇ.
قارغاندا ماڭا ماتۇربەتتە ياردەم قىللا لاردىغان بىرە ياخشى نىيەتلىك ئادە، يۇق ئۇخشايدۇ ، بۇپتۇ بىكاغا ئىشقىلمايتىم بۇلمىسا
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئىرادە قېرىندىشىم..تۈركىيەدە ئوقۇشقا شۇندا ئىرادىڭىز با ئادەم ئازراق ئۆزلىگىدىن ئىزدەنگۈلۈك ..بۇ يەدىكىلەرگە چاقىرىق ئەۋەتىپ بېرىڭلا دىسىڭىز قاندا قاملىشىدۇ؟..ئۇنىڭ ئۈستىگە تۈركىيە دىن كەگەن چاقىرىققا پاسپورت بىجەمەيدۇ. بۇ يەدىكىلە پەقەت سىزنىڭ يولۇققان مەسىلىڭىزگە يول كۆرسىتىپ بېرەلەيدۇ..پاسپورت بىجرىش سىزنىڭ شەخسىي ئىشىڭىز…ئۆزىڭىز ھەل قىلشىڭىز كېرەك.
..پاسپورتقا قازاقىستان ، مالايسىيا،ئامرىكا قاتارلىق دۆلەتلەردىن چاقىرىق ياكى سالام خەت ئەكەلدۈرۈپ بىجەسىڭىز بولدۇ..
ئۇيغۇر ئوقۇدىكىلە كۆپ جاپا تاتۋاتىدۇ…بىز ئۆزىمىز ئازراق كاللىمىزنى ئشلىتىپ ئىش قىساق بۇلامۇ ئۇنچە جاپا چەكمەيتتى…..
1668854921 مۇشۇ نۇمۇر بىلەن ئالاقىلاشقان بولشىڭىز .بولامدۇ؟
ئەسسالاممۇ ئەلايكۇم مىنىڭ تۈركىيەدە ئوقۇش ئارزۇيۇم بار ئىدى ،شۇڭامەن كىيىم لاھىيلەش ياكى مۇرابباياساش ۋە ياكى قانۇنلۇق بولغان دىننى بلىملەرنى ئۆگنىشكە مۇناسىۋەتلىك مەكتەپلەردە ئوقاي دىگەن ئىدىم .مۈمكىن بولامۇ؟ھەقسىز بولسا بەكمۇ ياخشى بولاتتى.
دىنىي بىلىملەر توغرىلىق ئوقۇش مۇكاپاتى باركەن ، لازىملىق ماتىريال تەييارلاپ http://www.turkiyeburslari.trدىن ئىلتىاس قىلىڭ
ئەسسالاممۇ ئەلەيكۇم مەن تولۇقسىز مەكتەپنى پۈتتۇرگەن.بۇيىل 22ياشقا كىرمەن ،ئوقۇش پۇرسىتىگە ئىگە بولالايمەن شۇنداقمۇ؟قانداق تىزىملىتىمەن ،ماڭا ئىنىقراق ئىيتىپ بىرەلەسىزمۇ؟
ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام
تۈركىيە تۇلۇق ئوتتۇرغا ئوقۇغۇچى ئاممايدۇ…تۇلۇق كۇرۇس،ئاسپىراتلىق،ماگىستىرلىققا مۇكاپاتلىق ئوقۇغۇچى قۇبۇل قىلدۇ..
تۇلۇق كۇرۇسقا تىزىملىتىش ئۈچۈن تۇلۇق ئوتتۇردىكى دىپلوم بولۇش كېرەك ھەم يېشىڭىز 1993-1-1 دىن كىيىن تۇغۇلغان بولشى كېرەك..
مۇشۇ شەرتلەگە ئۇيغۇن بوسىگىز تىزىماتسىڭسز بولدۇ.
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم! مەن بىر چاقىرېق قەغىزگە ئھتىياجلىق تىم ماڭا ياردەم قىلا لاسىزمۇ تۈركىيمىڭ قايسى مەكتەپنىڭ بۇلسا بۇلدۇ ياكى باشقا دۈلەتنڭ بۇلسىمۇ بۇلىۋېر دۇ سىزنى ئاۋارە قىلدىم بۇمىنىڭ چ چ نۇمرۇم 1272595631 بۇ بۇلمىسا بۇتىلغۇن نۇمرۇم «14799841630 رەخمەت سىزگە!
http://www.chaqiriq.comدىن سۈرۈشتۈرۈڭ ، سىزگە ئوبدان ياردەم قىلىد.
،ئۇيغۇر ئوقۇدىكى قېرىنداشلار بىز نەچچە يۈزمىڭ ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن ئىككى قۇلىنى تۆت قىلالماي قالدى ھازىر ، ئۇلارغا ئۇۈال قىلماڭ !
assalamu alaikum
我在南昌就读本科预科的呢,我很想去土耳其留学,然后我去找一个办理去土耳其留学的人聊天。他让我先办理护照,办理护照需要大使馆认证和邀请函,他答应给我办理约旦的邀请函和使馆认证。拿完这些再申请去土耳其留学。这样可以么?麻烦你们了
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئاكا ھەدە :
مەن بىر گوللاندىيەدە ماستېرلىقتا ئۇقۇۋاتقان بالا ئىدىمئ ئىنشا ئاللا بۇ يىل يازدا پۈتتۈرىمەن. شۇنىڭ ئۈچۈن مۇشۇ تۈركىيەگە دوكتۇرلۇقتا ئوقۇيمىكىن دىگەن. لېكىن ئىلتىماس قىلالماي قېلىشىمدىن سەل ئەنسىرەپ قالدىم. شۇنىڭ ئۈچۈن سوراپ باقسام، مەن بىر دوكتۇرلۇق بىلەن بىر ماستېرلىققا ئىلتىماس قىلسام بۇلامدۇ. ئەگەر دوكتۇرللۇققا ئۆتەلمەي قالسام يەنە بىر ماستېر ئۇقۇساممۇ بۇلىدۇ چۇ. مۇشۇنىڭغا بىر تەكلىپ بەرگەن بۇلسىڭىز.
ېسسالامۇ ئېلەيكۇم
ئەسسالامۇئەلەيكۇم .ئۇيغۇر ئوقۇتۇش ئشخانسىدىكى قىرىنداشلار اللە قىلغان ئشلىرىڭلادىن رازى بولسۇن.
مىنىڭ بەكمۇ تۇركىيەدە ئوقۇغۇم بار.قولۇمدا پاسپورتۇممۇ بار . مەن 1990-يىلى 11-ئىينىڭ 18-كۇنى تۇغۇلغان. مىنىڭ ئاساسلىق ئارزۇيۇم ئسلام بىلىملىرىنى ,ئەرەب تىلىنى ئۇگۇنۇش.تۇركىيەدە مۇشۇ ئارزۇيۇم بويىچە ئوقۇيالايمەنمۇ؟ ھەقلىق بولسىمۇ مەيلى . ماڭا مەسلىھەت بەرگەن بولساڭلا؟اللە رەھمەت قىلسۇن. .
2014-يىلى 2ئاينىڭ 06-كۇنى
ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام،
تۆۋەندىكى تور بويىچە تەييارلىق قىلىڭ.
/?p=1219
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەزىز قېرىنداشلار!سىلەرنىڭ قىلۋاتقان بۇ ياخشىلىقىڭلاردىن اللە ئىككىلا دۇنيادا بەخت-سائادەت بىلەن تەمىن ئەتسۇن…. بۇ يىل ئوقۇش پۈتتۈرىدىغان ئوقۇغۇچىلارمۇ تىزىملاتسا بولامدۇ.مېنىڭ تۈركچە سەۋىيەم يامان ئەمەس.نېمىلەرنى تەييارلىسام بولىدۇ؟مەن ئۇلۇھىيەت كەسپىدە ئوقۇماقچى ئىدىم.تەپسىلاتىنى كۆردۈم بەزى چۈشەنمىگەن نۇقتىلار بولۇپ قالدى ماڭا ئەڭ مۇھىم بولقان تەييارلىقلارنى دەپ بەرگەن بولساڭلار…اللە رازى بولسۇن!
ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام،
/?p=2040
تورىنى تەپسىلى كۆرۈپ چىقىڭ.
تولۇق ئۇتترۇا دىپلومى، ياكى بۇ يلى ئوقۇش پۈتتۈردىغانلىقىڭىز بىلەن مۇناسۋىاتلىك ئىسپات، ۋە خۇلاسە نەتىجىڭىز….
سىز ئوقۇماقچى بولغان كەسپ بار. تىزىملاشاق باشلىغاندا توردىن كۆرەلەيسىز.
ئەسلامۇ ئەللەيكۇم ئۇيغۇر ئاكادېميەسىدىكى بارلىق قېرىنداشلار، دۇنيانىڭ ھەرقايسى يەرلەردە بىلىم تەھسىل قىلۋاتقان ئۇيغۇر مىللەتىنڭ سۇيۇملۇك پەرزەنتلەرى.
مەن گەپنىڭ قسقىسنى قىلاي، مەنمۇ ئاسپىرانتلىقتا ئۇقۇۋاتقان بىر ئۇقۇغۇچى، ماقالە يىزش جەريانىدا، كېرەكىلىك مەنبەلەرنى تېپىشتا بەك قېينالدىم، بۇلۇپمۇ ئىنگىلزچە بىلمىگەنلىكم ۋە خەنزۇ تىلدا يىزلىغان ماقاللەرنى چەتئىەلدە تۇرۇپ چۇشۇرمەك سەۋەپلىك بەك قېينالدىم، بەلكى باشقا قېرىنداشلارمۇ مۇشۇ خىل ئەھۋالغا دۇچ كەلگەن بۇلۇشىڭلار مۇمكىن. بۇ يەردە مېنىڭ پىكرىم، بۇلسا ئاكادېمىيەنىڭ تور بېتىدە ئىېلىمى ماقاللەرگە ئائىت بىر كۆزنەك ئاچىلسا، بۇرۇن ئۇقۇش پۇتتۇرگەن ئۇستازلارنىڭ ۋە ئۇقۇغۇچىلارنىڭ يازغان ماقاللەرنىڭ ئۇيغۇرچە نۇسخىسنى ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسنىڭ تور بېتىدە تۇر ۋە كەسىپلەرگە ئايرىپ چىقىرىپ قۇيسا بەك ياخشى بۇلاتتى ھەم بىز ئۇيغۇرلارنىڭمۇ ئوز ئانا تىلىمزدا ماقاللەر كەمچىل بۇلۇش مەسىلسنى ھەل قىلغلى بۇلاتتى.
ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام،
ئۇيغۇر ئاكادىمىسىنىڭ تورىدا نۇرغۇن ماتىرياللار بار.
http://www.akademiye.org/ug/
بۇ تورغىمۇ ماتىرياللار قويۇلماقچى.
تەكلىپ پىكىرىڭىز ئۈچۈن رەخمەت ئېىيتىمىز.
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مەن مەسىلەن تۇركىيەدە ئۇقۇسەم ۋەتەندىكى بىيەجىڭلار كىرەك بولامدۇ؟ ئەگەر بولمسا تولوق وتتۇرانى ئوقۇمايلا ئۇدۇل شۇ چەتئەللىك ئوقۇغۇچىلارنى تاللاش ئىمتاھانىغا قاتنىشىپ قىلسا بولامدۇ؟شۇنىڭغا خاپۇلماي جاۋاپ بەرسىڭىز…….
ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام،
ۋەتەندىكى ئوقۇش پۈتتۈرۇش ماتىرياللىرىڭىز كېرەك بولىدۇ.
جىنىم قىرىنداشلىرىم پاسپورت دىگەن 10يىللىق چىقىدۇ ، سىز ئاۋال چەتئەلدە ئۇرۇق تۇققانلىرىڭىز بولسا ئۇلارغا خەت ياكى چاقىرىق ئەۋەتكۈزۈڭ ،(ھازىر قازاقىستاندىن پۇلغا خەت سەپ بېرىدىغانلارمۇ بارغۇ)ئاندىن ئوزىڭىز تۇرۇشلۇق رايوندىكى 外事科غا بارىسىز ئۇلار سىزگە تولدۇرىدېغان گىرافىك بىرىدۇ ئۇنىئىلىپ 市区办事处,公安局 دىننىي ئىشلار ئىدارىسىگە بىرىپ تامغا ئۇردۇرىسڭز ،ئەڭ ئاخىرىدا پاسپورت رەسىمگە چۈشىسڭىز تەلىيىڭىز بولسا 15كۇندىلا چىقىدۇ ،ئاندىن قايسى دولەتكە چىقماقچى بولسىڭز شۇ دولەتنىڭ ۋىزىسىنى قويۇپ چىقىۋىرىسز ……
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم بىزلەر ئۈچۈن خىزمەت قىلىۋاتقان ئەزىزلەر، اللە ئەجرىڭلارنى زىيادە قىلسۇن!
مەن 2013- يىلى تولۇق كۇرسنى پۇتتۇرگەنتىم. ئوقۇش نەتىجە ئەھۋالىم خېلى ياخشى، تەبئىي پەندە ئوقۇغان.
ئايلتىس نەتىجەممۇ بار. مەن 2014 – يىلى تۇركىيەدە ماگىستىرلىقتا ئوقۇشقا ئىلتىماس قىلماقچى ئىدىم،
ئوقۇماقچى بولغان كەسپىم بازار ئېچىش، ئادەم كۈچى بايلىقىنى باشقۇرۇش، كارخانا باشقۇرۇش مۇشۇ جەھەتتىكى كەسىپلەر بولسا ئىلتىماس قىلاي دىگەن. بولسا ئىستانبولدىكى ئوقۇش مۇكاپاتى ياخشىراق مەكتەپلەر بولسا بولاتتى.
3- ئايدا ئىلتىماس قىلىش باشلىنىدۇ دەپ ئاڭلىدىم، شۇ چاغقىچە قانداق تەييارلىقلارنى قىلىشىم كېرەك؟ قايسى مەكتەپلەر ماس كېلىدۇ؟ مۇشۇ سۇئاللىرىمغا جاۋاپ بەرگەن بولساڭلار سىلەرگە اللە تىن ئەجىر تىلەپ دۇئا قىلاتتىم.
ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام،
تولۇق ئۇتتۇرا ۋە ئالي مەكتەپ نەتىجىە ۋە دىپلوملار، ئالىىي مەكتەپ ئوقۇتقۇچىدىسىنى 2-3 پارچە تەۋسىيە خېتى تەييارلىغاچ تۇررۇڭ.
ە سسالاۇ ە لەيكۇم مەن بۇيىل مەخسۇس كۇرۇسنڭ بىرىنچى يىللىقىداو قۇۋاتىمە مەنمۇ تىزىملىتاي دىگەن مەن تىزىملاتسام بولامدۇ؟
شۇنداق، سىزمۇ تىزىملىتىپ تەلىيڭىزنى سىناپ بىقىڭ.
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم. ئەكبەر
مالايسىيانىڭ چاقىرقغا پاسپورىت پاسپورت بېجىرەمدۇ يوق تېخى سىناپ باقمىدىم.
مەن ھازىر يېشىمنى ئۆزگەرتىش بىلەن ئاۋارە ، مەن ياش ئۆزگەرتىش ئىلتىماسى قايتىپ كەلسىلا ،
پاسپورتقا ئىلتىماس قىلىمەن ،ئاشۇ ۋاقىتتا سىز بىلەن ئالقىلىشاي ، بۇ نومۇر ئارقىلىق مېنڭ چ چ ياكى ئۇندىدارىمنى قاچىلاڭ.
674776138
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم.
«ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ئۇيۇشمىسى»دىكى ئەزىز قېرىنداشلار.مەن تۈركىيە ياكى باشقا ئەرەب دۆلەتلىرىدە ئوقۇماقچى ئىدىم.پاسپورىت ئېلىش ئۈچۈن چەتئەلدىكى مەكتەپنىڭ چاقىرىقى جىددىي لازىم بۇلۇپ قالدى.«كومپىيوتىر تورلاشتۇرۇش ياكى چەتئەل تىللىرى مەكتىپى»نىڭ چاقىرىقى بولسا ئەۋەتىپ بەرسەڭلار.
مېنىڭ چ چ نومۇرىم:1679399641
ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام،
خاتالاشمىساق، تۈركىيەنىڭ چاقىرقىغا پاسپۇرت ئىشلەپ بەرمەيدۇ.
ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم، ھارمىغايسىلەر.
مەن 2013-يىلى 7-ئايدا تولۇق كۇرسنى تاماملىغان. ئايلتىس نەتىجەمدىن باشقا ھەممە ماتىرىياللار تولۇق.
ئۆزۈمنىڭ ئىنشائاللاھ 2014-يىلى تۈركىيەگە چىقىپ ماگىستىرلىقتا ئوقۇش ئارزۇيۇم بار. بۇيىل 3-ئايدا ئايتىس ئىمتاھانىنى بىرىمەن. ھازىر خىزمەتتىن ئىستىپا بىرىپ شۇنىڭغا تەييارلىق كۆرىۋاتىمەن.
شۇڭا، قېرىنداشلار مالال كۆرمەي بىر يول كۆرسەتسەڭلار. مەن ئىلتىماسنى قاچان ، قايسى ئۇسۇلدا سۇنۇشىم كىرەك؟ ماتىرىياللىرىمنىڭ پ د ف نۇسخىسىنى MAHMOOD IMIN نامى بىلەن سىلەرنىڭ ئىلخەت ئادرىسىڭلارغا يوللىغان. ۋاقتىڭلار يار بەرسە كۆرۇپ كەم قالغان ياكى ئۆزگەرتىشكە تىگىشلىك بولغان تەرەپلىرى بولسا مەسلىھەت بەرسەڭلار. ئاللاھ ئەجرىڭلارغا مول ساۋاپلارنى بەرسۇن.
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ! مىنىڭ تۇللۇقسىزنى پۇتۇرگەنلىك دىپلۇمىبار . ھەم مەن 23 ، ياشكا كىردىم ماڭا پۇرسەت بامىدۇ ؟ خەيەنە بىر كەپشەرلەش خەلقارا ئتراپ قىلدىغان دىپلۇمۇ با . شۇنداختا بۇلامۇ خە تۇركىيەدە ئۇقۇش پۇرسىتى ؟
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئۇيغۇر ئوقۇغۇچى ئىشلىرى كومىتىتېدىكى جاپاكەش ئۇستازلار !
مەن سىزلەرگە خەت يازغانىدىم ، نەچچە كۈن بولدى جاۋاپ ئالالمىدىم.
مۇمكىن بولسا ، بىر كۆرۈپ مەسلىھەت بەرگەن بولساڭلار .
كۆپ رەھمەت ، ئاللا ئىشلىرىڭلارنى ئوڭۇشلۇق قىلسۇن .
ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم قېرىنداشلار،
2014-يىلى كۈزلۈك ئوقۇشنىڭ ماگىستىرلىقىغا ئىلتىماس قىلاي دىگەن. بۇيىل 3-ئايدا ئايلتىس ئىمتاھانىغا قاتنىشىمەن. ئىنشائاللاھ، ياخشى نەتىجە ئېلىشقا ئىشەنچىم بار.
ئەمما قاچان ئىلتىماس قىلىش باشلىنىدۇ؟ سىلەرگە ماتىرىياللىرىمنى ئىۋەرتكەن ئىدىم. ماڭا بىر يول كۆرسەتكەن بولساڭلار. ماتىرىيال ئىسمى MAHMOOD IMIN. مەن يەنە قانداق ماتىرىياللارنى تەييارلىشىم كىرەك؟
ئەمگىكىڭلاردىن ئاللاھ رازى بولسۇن.
ئەسسالاممۇ ئەلەيكۇم رۇستەم. مالايسىيانىڭ چاقىرقغا پاسپورىت بىجىرىپ بىرەمدىكەن؟ مەنمۇ بىجىرمەكچى ئىدىم
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قىرىنداشلار اللە ئىشلىرىڭلانى ئاسان قىلغاي .
مەن ھازىر مالايسىياڭ چاقىرىقىنى ئەكەلدۇرۇپ بولدۇم ، ئەمدى تېزدىن پاسپورت بېجىرىشكە كىرىشىۋاتىمەن، ئاللا خالىسا تەتىلگە چىقساملا تۇتۇش قىلىمەن ، ئۆزۇمنىڭ توغرا قىلدىممۇ خاتامۇ ئۇقمايمەن ، قوللىغانلارمۇ كۆپ ،توسقانلارمۇ كۆپ ، مېنىڭ كىملىك يېشىم 21ياش بۇ يىل تۇتۇش قىلىمىسام ، تۈكىيەدە ئوقۇش ئارزۇيۇم خام خىيالغا ئايلىنىدۇ..
شۇڭا ياردەم قىلساڭلا ،
1 پاسپورتنى ئاسان ۋە تېز بېىجىردىغان ئۇسۇللا بامۇ ؟ ياكى قانداق بېىجىرىمەن؟،
2 ئاڭلىشىمچە ئۈرۇمچىدە تۈركىيەگە ئوقۇشقا چىقىشقا ياردەم قىل ئۇيۇشمىلا بار دەيدۇ ؟ راس بولسا قانداق ئالاقىلىشىمەن ؟
3 مەن (ھەقسىز ئوقۇش ، مۇكاپاتلىق ئوقۇش )ئىلتىماس قىلىش ۋەئۇ مەكتەپلەرنىڭ تەپسىلاتى ؟.
4 ئىلتىماس ئۇچۇن قايسى نەرسىلەرنى تەييارلايمە. قاچان باشلىنىدۇ ، جوڭگودا قاتنىشىدىغان بىرە ئىمتىھان بارمۇ؟
5 مەكتەپلەرنڭ ئىلتىماس قىلدىغان ۋاقتى ئوخشاشمۇ ياكى بىر تۇتاش ئېلىپ بارامدۇ ؟ بۇ ئىشلارغا پۇختا بىرەسىڭلار بىلەن ئاقىلىشىپ بەزىبىر سوئاللارنى سورىۋالسام بوپتىكەن ، ئالەقە قىلىشىدىغان نومۇرىنى قالدۇرۇپ قويساڭلا .
ياردەم قىلساڭلا ……
ئاللا ھەممىڭلانىڭ ئشلىرىڭزنى ئاسان قىلسۇن !!!
ئەسسىلام-ئەلەيكۇم
2014-يىل كۈزلۈك ماگىستىر ئىلتىماس قاچان باشلىنىدۇ؟
ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام،
تۈركىيەدە يىلدا 2 قىتىم ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىدۇ ماگىستىرلىق ئوقۇشى ئۈچۈن. سىز قايسى ۋاقىتتا ئىلتىماس قىلماقچى ئىدىڭىز؟
2014 يىل 9 – ئايدا دەرس باشلايدىغان پىروگراممىغا
ئەسسالام !سىزنى مالال قىلدىم .
سۇتۇق بۇغراخان ئوقۇش ياردەم پۇلىغا ئىرشتىڭلار دەپ ئۇچۇر يوللاپتىكەن .مۇشۇ يىلى 4.ئايلاردا يوللىغان خەۋر.9.ئايلاردا بۇ پۇل بانكا كارتىسىغا بىۋاستە يوللايمىز دەپ ئىلكتىرونلوق ئىلخەت يوللاپتىكەن .بىراق يىلمۇ ئۆتۈپ كەتتى ،خەۋەرمۇ يوق ئۇلاردىن .ئامال بولسا ۋەكالىتەن بىر سۇرۇشتە قىلىپ بەرگەن بولسىڭز .سىزنى ئاۋارە قىلدىم .
ئاللا ئشلىرىڭزنى ئاسان قىلسۇن !!!
ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام،
بۇ ئشىتىن خەۋىرىمىز بار. سۈرۈشتۈرۋاتىمىز.
مەن ئۆزۇم قومۇلدىن مەن پاسپورت بېجىرىش ئۇچۇن قانداق نەرسىلەرنى تەييارلىسام بولىدۇ . قايسى ئىشتىن باشلايمەن ، مەكتەپكە تىزىملىتىپ بولغاندىن كېيىن نەدە ئىمتىھان بېىرىمەن ،
ئالدى بىلەن چەتئەلدىن بىرەر داۋەت ئەكەلدۇرۇسىز، كېيىن ج.خ ئىدارىسىغا ئىلتىماس قىلىسىز. تورلاردا نۇرغۇنلىغان مەنبەلەر بار، پاسپورت بىجىرىش ھەققىدە.
قېرىنداشلار، ياخشىمۇ سىلەر!
مەن تۇركىيەدە دوكتۇرلۇق ئوقۇش توغرىسىدا مەسلىھەت سورىماقچى ئىدىم،
ماگىستىرلىقتىكى كەسپىم ئەمگەك ئىقتىساتى(ئادەم بايلىقىنى باشقۇرۇش يۈلىنىشى)،تۇلۇق كۇرۇستىكى كەسپىم مەمۇرى باشقۇرۇش.ھەر ئىككىلا مەكتىۋىم جۇڭگۇدىكى داڭلىق ئونۋېرستىتلار.پاسپورتۇم بار،ماگىستىرلىقتىكى پەنلەردە نەتىنجىلىرىمنىڭ ھەممىسى 80 دىن يۇقىرى . كارخانا باشقۇرۇشىقا ئائىت كەسىپتە بەك ئوقۇغۇم بار،بىراق زادى قايسى كەسىپتە ئوقۇشۇمنى بىلەلمەي ۋە باشقا جەھەتلەردە بەك بېشىم قېتىۋاتىدۇ، بۇ ساھەدە ئوقۇپ باققان دوكتۇر ئاكا ھەدىلەر مەسلىھەت بەرسەڭلار،ساۋابىنى ئاللاھ بېرەر! رەھمەت!smile0807kc@sina.cn
ياخشىمۇسىز؟،
نىمىشقا سىز ئارزۇ قلىغان كەسىپتە ئوقۇمايسىز؟
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!
مەن 2013-يىلى تۇلۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۇرگەن ئىدىم. شۇڭا بۇيىل يەنى 2014-يىلى تۈركىيەگە چىقىپ ئوقۇش ئازۇيۇم بەك بار ئىدى . توردىن تۇركىيەگە چىقىپ ئوقۇشنى ئىلتىماس قىلىش ۋاقتىنى كۆرسەم 3-ئايدىن 6-ئايغىچە ئىكەن ،لېكىن مەن 2014-يىلى 3-ئايدا پاسپورتقا ئىلتىماس قىلماقچى ئىدىم . مەن مۇشۇ ۋاقىتتا پاسپورت ئىلتىماس قىلىپ قويغان ئەھۋال ئاستىدا تۈركىيەگە چىقىپ ئوقۇش ئىلتىماسىنى سۇنسام بولامدۇ ياكى پاسپورتۇم چىقىپ بولغاندىن كىيىن ئىلتىماس قىلسام بولامدۇ . مۇشۇ ھەقتە بىر چۈشەنچە بەرگەن بولساڭلار ؟؟؟
ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام،
ئىلتىماس قىلالايسىز. پاسپورتنى كېيىن ئالسىڭىزمۇ بولىدۇ.
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم
ئۇنداقتا تىزىملىتىش ئۇچۇن قايسى ماتىرياللار كېتىدۇ شۇنى بىر دەپ بەرگەن بولسىڭىز مەن شۇ ئاساستا ماتىريال تولۇقلىسام يەنە ئىلتىماس قىلىش ھۆججىتىنى نەدىن ئالىمەن.
مەن پاسپورت بىجىرمەكچى ئىدىم، تۈركىيەدىن تىل ئۈگىنىش چاقىرىق ئەكىلىشكە ياردەم قىلسىڭىز.
بىلىشىمچە، تۈركىيەنىڭ چاقىرقىغا پاسپورت ئىشلەپ بەرمەيدۇ.
سىز يەنە تەپسىلى سۈرۈشتۈرۈپ بىقىڭ.
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قىرىنداشلار اللە ئىشلىرىڭلانى ئاسان قىلغاي .
مەن 2013-يىل تولۇق ئوتتۇرىنى پۇتتۇرۇپ ،ھازىر نەنچاڭ دا تەييارلىق سىنىپدا ئوقۇۋاتىمەن (1يىل )، مېنىڭ بىر دوستۇم ، بۇ يىل ئىستامبۇلغا ئوقۇشقا ماڭدى . مەنمۇ ئاشۇ دوستۇمغا ئوخشاش ھەقسىز ئوقۇش پۇرسىتىگە ئىگە بولالامدىم.
مەندىكى بىردىن -بىر چوڭ مەسىلە مېىنىڭ كىملىك ۋە ئارخىپ ئىچىدىكى يىلنامىسى 1992-يىل بولۇپ قالغان(ئەلۋەتتە بۇ ھەقىقى يېشىم ئەمەس) .يەنە بىرى مەندە پاسپوت يوق.
مەن سۈرۇشتۈرۈپ كۆردۇم ، كىملىك ۋە نوپۇستىكى ياشنى ئۆزگەرتكىلى بولۇدىكەن .لىكىن مېنىڭ ئارخىپ ۋە كىملىك نومۇرىنى ئۆزگەتكىلى بولامدۇ يوق .~! ئۇقمايمەن . مۇشۇنداق قىلسام بولامدۇ. بىلىدىگانلا يول كۆرسىتىپ قويساڭلا .
، ` اللا ` رەھمەت قىلسۇن !
ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام،
مۇھىم بولغىنى سىزنىڭ پاسپورۇتتىكى يېشىڭىز. سىز نىمىشقا ھازىرقى مەكتەپنى ئوقۇپ، كەلگۈسىدە بىراقلا ئاسپىرانتلىققا كەلمەيسىز. بەلىك دوستىڭىزدەك تاللىنالماسلىقىڭىز مۈمىن ۋە تاللانغان تەقدىردىمۇ، ھازىرقىدەك ياخشى مەكتەپ چىقماسلىقى مۈمكىن.
بىرى ،ھازىرقى ۋەزىيەتتە سىز ئۇ ياشنى ئوزگەرتەلىشىڭىز ناھايتى تەس ،بۇ خام خىيالنى قىلماڭ ،يەنە كېلىپ دېگەندەك ھازىرقى مەكتىپىڭىز تۇركىيېنىڭكىدىن ياخشى بولۇش ئىختىماللىقى چوڭ ئەمەس ،چەتكە چىقىمەن دەپلا ئەخمەقلىق قىلغاندەك بولۇپ قالمىسۇن ،ئىھتىيات قىلىڭ،ھازىر بايقىدىمكى ۋەتەننىڭ ئوقۇتۇش سۇپىتى خېلى يەرلەردىن قېلىشمايدىكەن
مەنمۇ قېتىلىمان بۇ پىكىرگە.
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قىرىنداشلار اللە ئىشلىرىڭلانى ئاسان قىلغاي .
مەن ھازىر ئىچكىردە ئالىي مەكتەپتە ئوقويمەن مەخسۇس كۇرۇستا 大专 مەكتەپتە ،2014-7-ئايدا ئوقوشۇم پۇتىدۇ .مەن تۈركىيەگە چىقىپ داۋاملاشتۇرۇپ ئوقوماقچى ئىدىم خاپا بولماي ماڭا ياردەم قىلغان بولساڭلار . سورماقچى بولغان سوئالىم مەن ھازىرقى مەخسۇس كۇرۇس سالاھىيەتتا تۈركىيەگە چىقسام نەدىن باشلاپ قانداق ئوقوشقا توغرا كىلىدۇ . تۈركىيەدە تولوق كورۇستا ئوقوش ئۈچۈن يىشى 23ياشتىن كىچىك بولىشى كىرەككەن مەن ساق 23ياشتا يەنى كىلەر يىلى ئوقوش پۈتترىمەن بۇ مەسىلە بىشىمنى بەك قاتۇرۋەتتى ياردەم قىلغان بولساڭلار ؟
ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام،
23 ياش چەكلىمىسى «مۇكاپاتلىق (ئوقۇش » ئۈچۈن. ئۆز خىراجىڭتىڭىز بىلەن ئوقۇمقاچى بولسىڭىز ياش چەكلىمىىس يوق. تۈركىيەگە كەلسىڭىز تولۇق كۇرستىن باشلاپ ئوقۇيسىسز، ئاممس، «مەخسۇس» كۇرستا ئوقۇغان بەزى دەرسلەرنىڭ نەتىجىسىنى قوبۇل قىلىشى مۈمكىن.
مەن شىنجاڭ ئۇنۋىرسىتىتىنىڭ كىيىم-كىچەك لايىھەلەش كەسپىنى پۇتتۈرگەن .ئاسپىراتلىقنى تۈركىيەدە ئوقۇش ئارزۇيۇم بار،ئىستانبولدىكى قايسى ئۇنۋىرسىتىدا بۇ كەسىپنى ئوقۇشقا بولىدۇ. قانداق شەرتلەرنى ھازىرلاش كىرەك
ئىنگىلىزتىلى دەرىجە كىنىشكەم يوق.
بىز بۇ ھەقتە ئىزدىنىپ باقايلى ۋە سىزگە جاۋاپ بىرەيلى.
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ھورمەتلىك جاپاكەش قېرىنداشلىرىم مەن2014-يىلى 6-ئايدا ئالى تېىنىكوم نى پۇتىرەتتىم پاسپورتۇممۇ چىقىپ بولغان ئ .مىنڭىمۇ تۈركىيەدە ئوقۇشقا تىزىملاتقۇم بار ئىدى.ئالى تېىنىكوم نى پۇتۇرگەنلىەرنىڭ مۇ تۈركىيەدە ئوقۇشقا تىزىملىتىش پۇرسىتى پۇرسىتى بۇلامدۇ ؟؟؟؟
ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام،
سىزمۇ ئىلتىماس قىلالايسىز. ئامما تولۇق كۇرۇستىن باشالاپ ئوقۇيسىز.
ئەسسالامۇئەلەيكۇم!
مەن تىببى مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى، كېلىنكىلىق داۋالاش كەسپىدە ئوقۇيمەن،سىزلەردىن ئازراق مەسلىھەت ئالاي دىگەن.
تۈركىيەدە تىببى پەندىن ئاساسى پەنلەردىن ئوقۇسا قانداق بولا؟مەسلەن فىزىئولوگىيەدىگەندەك. ئوقۇش مۇكاپاتى ئىلتىماس قىلغىلى بولارمۇ؟ ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن قايسى يۆنىلىشلاردا تەرەققى قىلغىلى بولا؟ بۇتوغرىسىدا تەپسىلى چۈشەنچە بەرگەن بولسالا. رەخمە سىلەر گە!
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم !ھەممىڭلارغا ئاللاھنىڭ سالىمى بولسۇن!
مەن 2014 . يىللىق ماگىستىر ئاسپىرانتلىققا ئىلتىماس قىلماقچى ئىدىم.ماتىريال ئاساسەن تەييار بولدى.ئەڭ بالدۇر بولغاندا قاچاندىن باشلاپ ئىلتىماس قىلسام بولىدۇ؟ئىلتىماسنى قانداق يەتكۈزىمەن؟
ئاللاھ رازى بولسۇن!!!!!!!!!!!
ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام،
كىلەر يىلى 3-ئايدا ئىلتىماس قىلالايسىز.
كەسپىم ماشىنسازلىق
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مەن شاڭخەيدە تولۇق كۇرۇسنىڭ بىرىنچى يىللىكىدا ئوقۇۋاتقان ئىدىم ،تۈركىيەدە ئوقۇش ئارزۇيۇم بار ،تۈركىيەنىڭ مەكتەپلىرى بۇ يەردىكىدىن ياخشىراكمىدۇ؟
ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام،
تورلادىن تەپسىلى ئىزدەپ بىقىڭ ۋە تۇركىيە بىلەن سىز ئوقۇۋاتقان مەكتەپنى سىلىشتۇرۇپ بىقىڭ.
ئەسسالامۇئەلەيكۇم!
مەن تېببى مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى،يەنە بىر يىلدىن كېيىن پۈتتۈرىمەن. مىنىڭ فېزىئولوگىيە ئوكۇغۇم بار ئىدى. شۇنى سوراپ باقسام بۇ پەننىڭ تەرەقىياتى قانداق؟تۈركىيەدە بۇ پەنلەنى ئوكۇش ئۈچۈن قانداق شەرتلەر كىتىدۇ؟ پۈتۈرۈپ چىققاندىن كېيىن قانداق خىزمەتلەر بىلەن شۇغۇللانغىلى بولىدۇ؟
ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام،
بىز ئىزدىنىپ جاۋاپ بىرەيلى.
ئەسسالاممۇ ئەلەيكۇم ، مەن ھازىر ئالىي مەكتەپ ئۇچىنچى يىللىقتا ئوقۇۋاتىمەن ، مەن بۇ يىل تۇركىيەدە ئوقۇشنى ئىلتىماس قىلسام بولامدۇ ؟
مەن تۇلۇق ئوتتۇرنىڭ 3-يىللىققا چىقتىم ،تۇركىيەدە ئوقۇش ئارزۇيۇم بار ئىدى ،دىننىي مەكتەپ بولسا تېخى ياخشى ئىدى .تۇركىيەگە چىقىپ ئوقۇش ئۇچۇن قانداق شەرتلەرنى ھازىرلىشىم كېرەك.مەسلىھەت بەرگەن بولساڭلار.ئاللا رەھمەت قىلسۇن.
سىز ئالدى بىلەن پاسپورت ھەل قىلىڭ. ئۇنىڭىدىن كېيىن قايتا بىز بىلەن ئالاقە قىلىڭ.
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم
مەن بۇيىل 大专 نى پۇتتۇرگەن ئىدىم. مىنىىڭ تۇركىيەدە ئوقۇغۇم بار. مەن تۇركىيەدە ئاسپىرانتلىك ياكى ماگىستىرلك ئوقۇيالامدىم ۋە ياكى تۇلۇق كۇرۇسنى قايتا ئوقۇشۇم كىرەكمۇ؟ مىنىنڭ پاسپورتۇم.ئىنگىلىزچە 4،6-دەرىجە،ielts 6 نۇمۇر ،ۋە يەنە نەچچە كىنىش كىلىرىم بار. بىر جاۋاپ قايتۇرغان بۇلسانڭلار بۇپتىكەن؟
ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام،
ئاسپىرانتلىقتا ئوقۇش ئۈچۈن چوقۇم ئۈنىۋىرىستىت دىپلومىسى بولىشى كېرەك. شۇڭا سىز قايتا ئوقۇشىڭىز كېرەك.
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم !
جاۋابىڭىزغا رەھمەت. ئاللاھ ئىشلىرىڭىزنى ئۇتۇقلۇق قىلسۇن! دۇئالىرىڭىزنى ئىجابەت قىلسۇن !
تۈركىيەدىكى ھەرقايسى ئالى مەكتەپلەرنىڭ ئىسلام دىنى بۆلىملىرىنىڭ ئەھۋاللىرىنى قانداق سۇرۇشتە قىلسام بولىدۇ؟
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم !
جۇڭگودىكى ئىسلام دىنى ئالى مەكتەپلىرىنىڭ تولۇق كۇرۇس دىپلومىنى تۇركىيەدىكى ئالى مەكتەپلەردە ئىتىراپ قىلىنامدۇ ؟
تۈركىيەدىكى ئالى مەكتەپلەرنىڭ ئسلام دىنى بۆلۈملىرىدە ئوقۇش ئۈچۈن قانداق شەرىتلەنى ھازىرلاش كىرەك…؟
ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام،
جۇڭگودىكى ئىسلام دىنى ئالى مەكتەپلىرىنىڭ تولۇق كۇرۇس دىپلومىنى تۇركىيەدىكى ئالى مەكتەپلەردە ئىتىراپ قىلىدۇ.
تۈركىيەدىكى ئالى مەكتەپلەرنىڭ ئسلام دىنى بۆلۈملىرىدە ئوقۇش ئۈچۈن، خۇددى باشقا كەسىپەلەردە ئوقۇش ئۈچۈن قانداق ئىلتىماسى قىلىدىغان بولسا، قانداق شەرتلەرنى تەييارلاش بولسا، ئوخشاشلا تەييارلىق قىلىسىز.
مەن بۇيەردە 自考本科 ئالسام ئۇيەردە ئېتراپ قىلامدۇ؟
شۇنداق، ئىتىراپ قىلىدۇ.
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم !
سۇئال جاۋپسز قالدى. جاۋاب بەك جىددى لازىمتى …..
ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام،
سۇئالنى قايتا سورامسىز.
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم !
جۇڭگودىكى ئىسلام دىنى مەكتەپلىرىنىڭ تولۇق كۇرۇس دىپلومىنى تۇركىيەدىكى مەكتەپلەردە ئىتىراپ قىلىنامدۇ ؟
تۈركىيەدىكى مەكتەپلەرنىڭ ئسلام دىنى بۆلۈملىرىدە ئوقۇش ئۈچۈن قانداق شەرىتلەنى ھازىرلاش كىرەك…؟
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم !
تۈركىيەدە ئىسلام دىنى ئالى مەكتەپلىرىدە ئوقۇش پۇرسىتىگە ئىگە بولغىلى بولامۇ ؟
ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام،
تۈركىيدە نۇرغۇن مەكتەپلەردە ئسلام دىنى بۆلۈملىرى بار. شەرتىڭىز توشسا ئوقۇيالايسىز.
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم !!! تۈركىيەگە باشلانغۇچ مەكتەپ يىشىدىكى بالىلارنى چىقىرىپ ئوقۇتقىلى بولامدۇ ؟ باشلانغۇچ مەكتەپتىن باشلاپ ئاشۇ مائارىپى بۇلغانمىغان جايدا ئوقۇتقىمىز بارئىدى ؟؟؟
ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام،
بالىلارنىڭ ياشلىرى كىچىك بولغانلىقى ئۈچۈن، تۈركىيدە ئاتا-ئانىسى ياكى كاپالەتچىسى بولىشى كېرەك. بۇنداق ئەھۋالدا ئوقۇغىلى بولىدۇ. ياش 18 كىچىك بولغانلىقى ئۈچۈن، «ئوتتۇرۇش رۇخسىتى» ئۆزى ئالالمايدۇ.
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم! مىنىڭ ئالىي مەكتەپتىكى كەسپىم جۇڭگوچە-غەرىپچە كىلىنكىلىق داۋالاش ئىدى،مىنىڭ بۇ كەسپىمگە لايىق كىلىدىغان مەكتەپلەر ۋە كەسىپلەر بارمىدۇ؟ مەن ئاللاھ خالىسا كىلەر يىلى 7-ئايدا ئوقۇش پۈتتۈرىمەن. رەھمەت سىلەرگە.
ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام،
سىز تۆۋەندىكى ئۈلىنىشنى كۆرۈپ بىقىڭ.
/?p=964
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم! مەن بۇ ئۇختۇرۇشنى كۆرگەن ئىدىم. بۇنىڭدا دوختۇرلۇق دەپلا يېزىلىپتۇ،بىراق مىنىڭ كەسپىم سەل ئالاھىدىرەك،(中西医临床医学)،شۇڭا مىنىڭ شۇنچىلىك تۇركىيەگە چىقىپ يۇقۇرلاپ ئوقۇش ئارزۇيۇم بولسىمۇ ، بۇ كەسپىمنىڭ تۈركىيە سەھىيە نازارىتى تەرىپىدىن ئىتراپ قىلىنىشى ياكى ئىتراپ قىلىنماسلىقىنى زادى بىلەلمىدىم.بۇ توغرىسىدا ئىنىق بولغان چۈشەنچىگە ئىرىشەلمىدىم، بۇ ئىككى خىل تىبابەت بىرلەشمىسىدىكى نەزىرىيەۋى بىلىملەردىن تەركىپ تاپقان بولۇپ،جۇڭگوچە ۋە غەرىپچە تىبابەت دەرىسلىرى ۋە ئەمەلىي كىسەل كۆرۈش ئۇسۇللىرى ئوخشاش ئېلىپ مېڭىلىدۇ،باشقا دوختۇرلۇق كەسىپلىرىدىن سىرىت جۇڭگو تىبابىتى بويىچە كىسەل كۆرۈش ۋە داۋالاش قوشۇپ ئۆگىتىلىدۇ.شۇڭا مەن ئاۋۋال دوختۇرلۇقتا ئاسپىرانتلىققا تىزىملىتىپ كۆرسەم بولامدۇ؟ ماڭا بىر ئۇقۇشۇپ بەرسىڭىز بوپتىكەن ،ئاللاھ ئەجرىڭىزنى بەرسۇن.
مەن تۈركىيە قۇرئان ئۇنۋىرسىېتىدا ئوقۇشنى ئۈمۈد قىلاتتىم قانداق قىلسام بولا
تۈركىيەدە قۇرئان ئۈنىۋىرسىتىتى دەپ بىر مەكەپ يوق.
بىرەر ئالىي مەكتەپنىڭ بىرەر پاكۇلتىتى بولىدۇ. شۇڭا سىز ئالدى بىلەن بىرە ئالىي مەكتەپكە كىرىشىڭىز كېرەك.
9-ئاينىڭ10-كۈنىنىڭ بىلىتىنى زاكاس قىلدىم …ئاللاھ خالىسا 11-كۈنى00:20ئۆتكەندە چۈشىدىكەنمەن……ئىككى بۇرۇن ئىلخەت كە خەت قالدۇراي…….ئۇ يەردە ھىچ تۇنۇشۇم يوق….ياردەم قىلغايسىلەر…..
ئەسسالام ئەلەيكۇم ……مەن سىلەردىن بىر ئىشقا ياردەم سورىماقچى ئىدىم ، تۈركىيەگە ئوقۇش ۋىزىسى قويدۇرغان ئىدىم ، 3 ئايلىق ۋىزىغا ئىرىشىپتىمەن ئاللاغا مىڭ شۈكرى …9ئاينىڭ باشلىرىدا مىڭىشنى ئويلىشىۋاتىمەن، لېكىن مىنىڭ ئۇ يەردە تۇنۇشۇم ياكى ئۇرۇق تۇققانلىرىممۇ يوق ، ئىستانبۇلغا چۈشسەم تەمتىرەپ يۈردىغىنىم ئىنق ، ھەم ئۇنىڭ ئۈستىگە تۈركىيەدە ئالىي مەكتەپكە كىرىش ئۈچۈن ئاۋال تىل ئۆتكىلىدىن ئۆتۈش كېرەك، مەن تېخى تىل ئۆگۈندىغان كۇرۇس مەكتەپلەرنىمۇ ئىلتىماس قىلمىغان ئىدىم ، ….شۇڭا بىرىپلام ئورۇنلۇشۇپ كېتىش ئىمكانىيىتىم يوق، شۇڭا ئامال بار ئالدىن تەييارلىق بىلەن بارسام ئۆزەمگىمۇ ھەر قايسى جەھەتتىن ياخشى بولاتتى ، ھەم تورالغۇ مەسلىسىمۇ بىر چوڭ مەسلىكەن…شۇڭا مۇشۇ ئىشلىرىمغا مەسلىخەت بەرگەن بولساڭلار. ……..ئاللاھ رازى بولسۇن سىلەردىن….
ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام،
سز كىلىشتىن 1-2 كۈن بۇرۇن «ئالاقىلىشىش» ئېلخىتىگە خەت يېزىپ قويۇڭ.
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم،سىلەرگە uyguroku@gmail.comئادرىسقا ئېلخەت يازغانتىم ،نەچچە كۈن بولدى ئۇچۇر يوق،جاۋابىڭلارغا تولىمۇ تەلمۈرۈپ قالدىم ،مۇمكىن بولسا بەر ۋاختىڭلارنى چىقىرىپ قاراپ مەسلىھەت بەرسەڭلار،رەھمەت alpha101022@gmail.com
ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام،
خېتىڭىز كەلدى. جاۋاپ بىرىشكە تىرشىمىز.
ئەسسالاممۇ ئەلەيكۇم جاپاكەشلەر ھارمىغايسىلەر
پاسپۇرتۇمنىڭ 6-7يىللىق ۋاقتى بار يەنە ئۇزاتسام بولىدۇ ئىنشا ئاللاھ لىكىن چاقىرىقنى قانداق قىلسام ئەكەگۇزەلەيمەن مەسلىھەت بەرگەن بولسىاڭلار رەھمەت سىلەرگە
ئەسالاممۇ ئەلەيكۇم !
ئۇستازلار ئالدى بىلەن جانابى ئاللاھتىن ھەممىڭلارنىڭ تىنىڭلارنىڭ سالامەت ، خىزمەتىڭلارنىڭ ئۇتۇقلۇق بولۇشىنى تىلەيمەن. ئامىن!
مەن ۋەتەندە چەت بىر ناھىيىدە ئالدى بىلەن كومپيۇتېر ۋە تىل تەربىيلەش كۇرسى كىيىن يەسلى ئېچىشتەك كەسىپلەر بىلەن ئاددى بولسىمۇ بەش يىل خەلقىمگە ئىزچىل خىزمەت قىلىپ كەلدىم. ھېلىھەم بولسىمۇ چەت ئەللەردە ئوقۇپ بىلىم ئېلىش ئارزۇيۇم توختاپ قالغىنى يوق. تۈركىيەدە ئىقتىساد باشقۇرۇش كەسپىدە ئوقۇي دىگەن ئىدىم . مۇمكىن بولسا ئۇستازلارنىڭ تۇركىيەگە چىقىپ ئوقۇش ئۈچۈن قانداق شەرتلەر كېرەك ، قانداق قىلغاندا چاقىرىق ئەكەلگۈزەلەيمەن. ياشقا چەكلىمە بارمۇ ؟ ئەگەر بولسا مەن ھازىر 31 ياشتا. ئۇستازلارنىڭ تەكىلىپ پىكىر بىرىشىنى تولىمۇ ئۈمۈت قىلىمەن. سىلەرنى تولىمۇ ئاۋارە قىلىدىم. رەھمەت سىلەرگە.
ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام،
بۇ يلىقى ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئەھۋالىغان قارىغاندا، ئۆز ئىقتىساتىڭىز بىلەن ئوقۇماقچى بولسىڭىز، ياش چەكلىمىسى يوق. ئامما نۇرغۇنلىغان مەكتەپلە، چەتئەللىك ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن ئالىدىغان مەخسۇس ئىمتاھان نەتىجىسىنى ئاساس قىلىۋاتىدۇ. يەنە بەزى مەكتەپلەر بولسا، تولۇق ئۇتتۇرا مەكتەپ نەتىجىلەرنى ئاساس قىلىۋاتىدۇ، ئامما بەك ئاز ساندا.
سىز ئالدى بىلەن بىر پاسپورت تەييارلاڭ ۋە مەكەتەپلەرگە ئىلىتماس قىلىپ كۆرۈڭ.
ئەسسالاممۇ ئەلەيكۇم ئۇستازلار مەن ئۇيغۇر تىبابىتى دورىگەرلىك مەخسۇس كۇرۇس كەسپىنى پۇتتۇرگەن ئىدىم تۇركىيەگە چىقىپ ئوقۇشنى بەكلا ئارزۇ قىلىمەن ئۇستازلاردىن سورايدىغىنىم مىنىڭ پەقەت پاسپۇرتۇملا با مەن قانداق شەرتلەرنى ھازىرلىسام بولىدۇ بۇ ئارزۇيۇمغا يىتىش ئۇچۇن ھەر قانداق جاپادغىمۇ تەييارمەن ماڭا مەسلىھەت بىرىپ يول كۆرسىتىدىغان بىرمۇ ئادەم بولمىغاچقا سىلەرنى ئاۋارە قىلىشقا مەجبۇر بولۇپ قالدىم ئىغىر كۆرمەي ياردەم قولۇڭلارنى سۇنغان بولساڭلا ئاللاھ سىلەردىن رازى بولسۇن
ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام،
سىز ئالدى بىلەن تۆۋەندىكى تورنى تەپسىلى كۆرۈپ چىقىڭ.
/?p=964
ئەسسالەممۇ ئەلەيكۇم
مەن ئەۋەتكەن ماتىرىيالنى تەپسىلى كۆرۇپ چىقتىم سوراپ باقسام مەن تۇرۇك تىلى ئىنگىلىس تىلىنى تۇركىيەدە ئوقۇپ ئاندىن ئالىي مەكتەپلەرگە ئىمتىھان بەرسەم بولامدۇ (ئەگەر شۇنداق قىلغىلى بولسىا قانداق ئۇسسۇللار بىلەن چاقىرىىق ئەكەلگۇزەلەيمەن ،قانداق شەرتلەرنى ھازىرلىشىم كىرەك ؟)بۇ يىل 24 ياشقا كىرىمەن ياش چەكلىمىىسى بارمۇ ؟ سىلەرنى تولىمۇ ئاۋارە قىلدىم ئاللاھ ئەجىرىنى بەرسۇن رەھمەت سىەرگە
ۋەئەلەيكۇم ئەسسلام،
ياش چەكلىمىسى يوق. تەييارلىق قىلىپ ئىمتاھانغا كىرسىڭىز بولىدۇ.
پاسپورت ئالغاندىن كىيىن، تۈركىيەدىن چاقىرىق ئەكەلدۇرۇڭ.
ما ڭا جاۋاب بە رسەڭلار بوپتكەن
مەن تۇر كييەدە ئۇقاي ديگەن قا ن دەق كيل سام تىزىم ليتا لايمەن
ئەسسالام ئەلەيكۇم قېرىنداشلار مەن تولۇق ئوتتۇرنى پۈتتۈرگىلى 2يىل بولغان. مەلۇم سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن ئالىي مەكتەپكە بارمىغان. مەن ئەمدى ئىچكىردىكى بىرەر ئالىي مەكتەپكە ياكى كەسپى مەكتەپكە باراي دېگەن بولسا يىللىق ئوقۇش پۇلىسى 5000يۈەن ئەتراپىدا بولسا بولاتتى.جىددىي ياردەم قىلغان بولساڭلار!
ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام، ئىچكىردىكى ئوقۇشنىمۇ مەزكۇر تور بەتتىن سورىساق ، چەتتە ئوقۇشنىمۇ يەنە مۇشۇ يەردىن سورىساق ، بۇ تور بەتتىكى جاپاكەشلەر قايسىبىرىمىزنىڭ غەلۋىسىنى ھەل قىلىپ بولار.
ئىچكىردە نېمە تولا شەخسى مەكتەپ تولا ، سىز ئاۋال نېمىشقا شۇ يەردە ئوقۇماقچى نىشانىڭىزنى ئېنىق قىلىڭ، مەكتەپكە ئۆتۈپ تۇرۇپ نوپۇس يۆتكەپ پاسپورت بىجەرمەكچىمۇ ؟ ئەگەر شۇنداق بولسا خالىغان شەھەردىكى خالىغان مەكتەپنى تاللىۋالغان بىلەن زىيان تارتىپ قالىسىز، لەنجۇ،شىئەن، نىڭشىيا قاتارلىق جايلارغا ئەرەپ تىلى ئۆگەنگەچ پاسپورت بىجەرگىلى بارىدىغان باللا جىق ، مەكتەپكە ئورۇنلىشىپ، نوپۇسلىرىنى يۆتكەپ ،پاسپورت بىجىرىمەن دېگۈچە يېرىم يىل ئۆتۈپ كېتىدۇ، ئاخىردا يەنىلا تۈگىمەس باھانە سەۋەبلەر بىلەن بۇ بالىلارغا پاسپورت بىجىرىپ بېرىلمەيدۇ.
شۇڭا سىز ھازىر دۆلەت بەلگىلەپ بەرگەن ،ۋاقىتلىق تۇرغۇچىلارغىمۇ پاسپورت بىجىرىپ بېرىدىغان چوڭ شەھەرلەردىكى مەكتەپكە بېرىشىڭىز كېرەك،مەسىلەن ،شىنجىن، شاڭخەي، گۈاڭجۇ، بىيجىڭ قاتارلىق…. خوش، باردىڭىزمۇ دەيلى، بېرىشتىن ئاۋال چوقۇم ئۇلاردىن نوپۇسىڭىزنى يۆتكەپ بېرەمدۇ ئېنىق سورىشىڭىز كېرەك.
مۇھىم گەپنى دىمەپتىمەن،مەن مۇشۇ 7-ئايدا ئالى مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ يېنىپ كەلگەن، تۈركىيەدە ئاسپرانتلىقتا ئوقۇماقچىدىم
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم توربەت باشقۇغۇچى
مەن تۈركىيەگە چىقىشقا تەييارلىق قىلىۋاتقان ئىدىم،ھازىر پۈتۈن رەسمىيەتلارنى تەييارلاپ بولدۇم، لىكىن تۈركىيەدە تونۇش بولمماسلىقى سەۋەبىدىن تۈركىيەنىڭ چاقىرقىنى ئېۋەتەلممەي ئىشىم يېرىم يولدا توختاپ قالدى،مىنىڭ دوستۇم ئىستانبول ئۇنۋېرسىتىتىنىڭ تىل فاكولتىتىدىن چاقىرىق ئېلىپ بوپتۇ،ئەگەر مۇمكىن بولسا ماڭىمۇ بىر ياردەم قىلىپ ئېۋەتىپ بەرگىلى بولغان بولسا كۆپ تەشەككۈر ئېيتقان بولاتتىم.
ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام،
چاقىرىق ئۈچۈن مەكتەپكە 75 ئاۋرو تۆلىشىڭىز كېرەك. ياكىش فاتىخ سۇلتان مەكتىپىگە 50 دوللار تۆلىسىڭىزمۇ بولىدۇ.
سىز ئەڭ ياخشىسى، تۈركىيەگە كىلىدىغان بىرەرسى بىلەن كۆرشۈپ، بي پۇلنى بىرىپ قويسىڭىز، ئۇ كىشى، 10 مىنىۇت ۋاقىت ئىچىدە ئالالايدۇ.
پاسپورت كوپىيسى، ۋە بىر پارچە رەسسىم قوشۇپ بەرسىڭىز بولىدۇ.
پۇلنى تور ئارقىلىق تۆلىگىلى بۇلارمۇ؟ مىنىڭ ھازىر يا تۈركىيەگە بارىدىغان يا كىلىدىغان تونۇشۇم بولممىغاچقا ئىشلىرىمنى پۈتتۈرەلمەي قالدىم. شۇڭا توردىن ياكى بانكىدىن دىگەندەك باشقا ۋاستىلەر ئارقىلىق پۇل سالغىلى بولارمۇ؟ رەھمەت سىزگە.
جاۋاپ قايتۇرغان بولسىڭىز،رەھمەت!
ئۇنداقتا تۈركىيە خاندەلىكى ئارقىلىق ماگىستىرلىقنى ئوقۇش ئۈچۈن قانداق شەرتلەرنى ھازىرلىشىم كېرەك؟ سىزنى ئاۋارە قىلدىم، ئاللاھ ئەجرىڭىزنى بەرسۇن
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم،مېدىتسىنسدا ماگېستېر قوبۇل قىلىدىغان مەكتەپلەردىن قايسىسى باردۇ؟ ئەگەر ھەقسىز بولسا بەكمۇ ياخشى بولاتتى. سىلەرگە كۆپ رەھمەت
ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام،
تۈركىيە خاندەلىكى بىلەن كەلسىڭىز، ھەقسىز ئوقۇيالايسىز. باشقا ئەھۋاللاردا پۇل تۆلەش كېرەك. ئادەەتتە دۆلەت مەكتەپلىرى ئەرزان بولىدۇ.
•قىرىقلارەلى ئۇنىۋېرسىتېتى نىڭ ماتىريالىرى سىلەرتەرجىمە قىلىپ بېرىمىز دەپ تىكەنسىلەر، ماتىريالنى سىلەر گە قانداق ئەۋاتىپ بىرى مىز ؟
بىزگە ئەۋەتمەيسىز، ئۆزىڭىز ئىشخانىغا كېلىپ، بىللە تۇرۇپ تەرجىمە قىلدۇرسىز.
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!
مەن بۇ يىلقى خاندەلىككە تىزىملاتقان ئىدىم، لېكىن مۇلاققەتكە چاقىرىلمىدىم.شۇڭا مەن ئۆز خىراجىتىم بىلەن ئوقاي دەپ تۈركىيەدىن تىل مەركىزىنىڭ چاقىرىكىنىمۇ ئەكەلدۈرۈپ بولدۇم،پاسپورتۇممۇ بار.ئەمدى ۋىزا قويدۇرماقچى ئىدىم،ۋىزا قويدۇرۇش ئۈچۈن نىمىلەر كېرەك بولىدۇ؟مەن نىمىلەرگە دىققەت قىلىشىم كېرەك؟مەسلىھەت بەرگەن بولساڭلار!
ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام زۇمرەت، ماۋۇ تېمىنى كۆرۈپ ،شۇ تېما بويىچە ئىش كۆرۈڭ
http://www.koklem.biz/forum.php?mod=viewthread&tid=3888&extra=&page=1
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!
مەن تولۇق كۇرس بويىچە تۈركىيەدە مۇكاپاتلىق ئوقۇشقا تىزىملاتقان . 6-ئاينىڭ ئاخىرى جاۋابى كىلىدۇ دىگەنتىڭلار قاچان كېلەر؟
ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام،
سەۋىر قىلىپ كۈتۈپ تۇرۇڭ.
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، باشقۇرغۇچىلار، مەن مۇشۇ يىل بەشىنچى ئاينىڭ بېشىدا فاتىخ مەھمەت سۇلتان ئۇنۋېرسىتىنىڭ دوكتۇرلۇق ۋە ئاسپىرانتلىق ئوقۇغۇچى قوبۇللاشقا ئىلتىماس قىلغانتىم، لىكىن ھازىرغىچە ھىچ خەۋەر يوق. ،ئۇلار پەقەت قۇبۇل قىلىنغانلارغىلا ئۇقتۇرۇش قىلامدۇ؟
ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام،
قوبۇل قىلىنغان ئوقۇغۇچىلارغا ئوقۇتۇرۇش يوللايدۇ. سىز قايسى كەسىپكە ئىلتىماس قىلغان ئىدىڭىز.
مەدەنىيەت تەتقىقاتى كەسپىگە ئاسپىرانتلىققا تىزىملاتقان.
ئەسسالامۇئەلەيكۇم.
1-)ئوغلۇم ئونۋىرستنى پۇتتەرگەن ،ئوقۇغان كەسپى: يۇمشاق دىتال .مۇشۇ كەسىپتە چەت ئەلدە بىلىم ئاشۇرسام دەيدىغان ئارزۇسى كۇچلۇك .يۇمشاق دىتال كەسىپلىرىدىن بىلىم ئاشۇردىغان ئالى مەكتەپلەر بارمىدۇ ؟ ياردەم قىلغان بولسىڭىز؟
ئوغلۇم ھازىر ئچكىردىكى بىر چوڭ يۇمشاق دىتال شىركىتىدە ئشلەۋاتىدۇ يالغۇز.ئۇنىڭ ئارزۇسى تىخىمۇ چوڭ پەننى بىلىملەردىن بىلىم ئىلىش . ئستىگى كۇچلۇك
2-) مەن 58 ياشتا ،مەن ھازىر ئۇرۇمچىدە تۇرۇك تىلى كۇرسىدا ئۇقۇۋاتىمەن .مەنمۇ كچىكىمدىن تۇرۇك تىلىدىن بىلىم ئاشۇرسام دەيدىغان ئارزۇيۇم بار ماڭىمۇ پۇرسەت بارمىدۇ (ياكى شۇ ئارزۇيۇمنى ئلىپ كىتەرمەنمۇ ؟پاسپوتۇم بار) ياردەم قىلغان بولسىڭىز .مەن سودا تەخنىكىدا ئوقۇغان
ياردەم قىلىڭ قىرىندىشىم
تۆۋەندىكى تورنى تەپىسلى كۈرۈپ چىقىڭ.
/?p=1219
ئەسسالامۇئەلەيكۇم.
ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلىرى ئۈچۈن كۈچ چىقىرىۋاتقان ئۇستازلار ۋە قېرىنداشلار،مەن بىر ئىشنى سوراي دېگەنتىم.ناۋادا تۈركىيەگە چىقىپ ئوقۇماقچى بولسا،ئوقۇش پاسپورتى بولماي،ئادەتتىكى شەخسى پاسپورت بولسىمۇ بولامدۇ؟ ئوقۇش پاسپورتى بىجىرەي دىگەنتىم،مەكتەپتىن تامغا ئۇردۇرالمىدىم.بىر جاۋاپ بەرگەن بولساڭلار بوپتىكەن.ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن.
ۋەئەلەيكۇم ئەسالام،
پاسپورت بىر خىل بولىدۇ. ئوقۇغۇچىلىق ۋىزى قويدۇرسڭىز ، ئوقۇغۇچى بولۇپ ئوقۇيدۇ. ساياھەت ۋىزىسى قويدۇرسڭىز ،ساياھەتچى بولىسىز.
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!!! ياخشىمۇ سىلەر!!!
مەن 2012-يىلى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنڭ پۈتتۈرگەن ئىدىم،بىراق بەزى سەۋەبلەر تۈپەيلى ئالىي مەكتەپتە ئوقۇمىغان ئىدىم،مىنىڭ تۈركىيەدە ئوقۇش ئارزۇيۇم بەك كۈچلۈك ئىدى. بىراق سالامەتلىكىم ئانچە ياخشى بولمىغانلىقى ئۈچۈن ئىزدىنىپ بولالمىدىم، ماڭا بىر يول كۆرسەتكەن بولساڭلار،مىنىڭ پاسپورتۇممۇ يوق.
قانداق قىلسام ئاز خىراجەت بىلەن ھەم تىز پاسپورت ئىلىپ، تۈركىيەدىكى مەكتەپنىڭ ئوقۇش پۇرسىتىگە ئىرىشەلەيمەن؟ ماڭا يول كۆرسەتكەن بولساڭلار!!! ئاللاھ سىلەردىن رازى بولسۇن.
ئاللاھ ئىشلىرىڭلارنى ئۇتۇقلۇق قىلسۇن….
بىرەر يەردىن تەكلىپ نامە ئەكەلدۇرۇپ پاسپورت ئىشلىتىڭ. ئامما، چەتئەللەردە ئوقۇش ئۇنداق ئاسان ئەمەس. ھەمدە سالامەتلىكىڭىز ياخشى ئەمەس ئىكەن. مېنڭچە بولسا، سىز چەتئەلگە چىقمىسىڭىز ياخشىراق.
ئەسسالام ئەلەيكۇم.مەن شىنجاڭ يېزا ئىگىلىكى ئۇنۋىرستىتىنىڭ ئىككىنجى يىللىقىدا ئوقۇيمەن، لىكىن تۈركىيەدە ئوقۇش ئارزۇيۇم بار.دىننى تەلىم بېرىدىغان مۇنتىزىم مەكتەپلەرنىڭ ئۇچىرى بولسا تەمىللەپ بەرسەڭلار ،،رەھمەت
ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام،
تۇركىيەنىڭ نۇرغۇن مەكتەپلىرىدە، مۇنتىزىم دىنى-ئوقۇش-تەتقىقات فاكاۇلتىتلار بار. مەكتەپلەرنىڭ تور بىتىدە بار.
/?p=1219
بۇ تور بىتىنىمۇ ياخشى كۆرۈپ بىقىڭ.
يىشىم 19 ياش بۇ يىل تولۇق ئورتا پۈتۈرگەن لىكىن ئالىي مەكتەپكە ئىمتىھان بەرمىگەن . ئەگەر ئالىي مەكتەپكە ئىمتىھان بەرگەنلىك نەتىجەم بولمىسىمۇ تولۇق كۇرۇسنى تۈركىيە خاندىلىكى بىلەن ئوقۇغۇلى بولامدۇ .
سىز سورۇغان سۇئالغا موناسىۋەتلىك جاۋاپلار تورىمىزدا بار. سىز قاچان ئىلتىماس قىلىماقچى، ياش…. ھەممە ئۇچۇرلار تورىمىزدا بار. يەنە چۈشۈنەلمىىسڭىز سورسىڭىز جاۋاپ بىرەيلى.
ئەسەللاممۇ ئەلەيكۇم مەن چەتئەلدە ئوقۇۋاتقان بىر ئوقۇغۇچى بەزىبىر ئائىلە ئىقتىسادى سەۋەبلەر تۈپەيلى بۇ يەردىكى ئوقۇشىمنى داۋاملاشتۇرالمايدىغاندەك كىلىمەن شۇڭا تۈركىيەگە بىرىپ ئوقۇش قارارىغا كەلدىم ئەگەر تۈركىيە خاندىلىكى بىلەن ئوقۇش مۇمكىن بولسا ياردەم كولۇڭلارنى ئايىماسلىقىڭلارنى ئۈمۈد قىلىمەن . ئەگەر مەن بۇ يەردىن ساياھەت ۋىزىسى بىلەن تۈركىيەگە بارسام ئوقۇغۇچىلىق ۋىزىسىغا ئالماشتۇرالامدىم ؟ قىسقىچە چۈشەنچە بىرىشىڭلارنى ئۈمۈد قىلىمەن رەھمەت !
ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام،
تۈركىيەدىمۇ مۇكاپاتلىق ئوقۇشقا قوبۇل قىلىشنىڭ شەرتلىرى بار. بۇنى تورمىزدىن تاپالايسىز. شۇپا تەپسىلى ئويلىنىڭ. ساياھەت ۋىزىسى بىلەن كەلسىڭىز، ئەڭ كۆپ 6 ئاي قالالايسىز. كىين ئوقۇغۇچىلىق ۋىزىىس ئۈچۈن چەتئەلگە چىقىشىقا توغرا كىلىدۇ.
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، مەن ئىچكىرىدە ئېغىز بوشلۇقى مېدىتسىنىسىدە ئوقۇۋاتىمەن، ئىككى يىلدىن كېيىن ئوقۇش پۈتتىرىمەن. مېنىڭ ئاسپىرانتلىقنى چەت ئەلدە ئوقۇغىم بار ئىدى. بۇ ئىككى يىلدا قانداق تەييارلىق قىلسام بولۇر. ئوقۇش خىراجىتى بەك قىممەتمىدۇ؟ ئاتا- ئانامنى قىيناپ قويۇرمەنمۇ؟
سىلەرگە كۆپ رەھمەت. ئاللاھ سىلەردىن رازى بولسۇن
ۋەئەەليكۇم ئەسسالام،
ئەڭ ياخشىسى تۈركىيە خاندىلىكى بىلەن چىقىش. بىز يەنە ئىزدىنىپ باقايلى.
ماقۇل، سىلەرگە كۆپ رەخمەت
ئەسسالامۇئەلەيكۇم، قېرىنىداشلار. 2013-يىللىق تۈركىيىدە ئالىي مەكتەپ تولۇق كۇرۇستا ئوقۇش پىروگراممىسىغا تىزىملىتىش ئاخىرلىشىپ بولدىمۇ؟ قانچىنچى چېسىلا ئاخىرلاشتى؟ كېلەر قېتىملىق تىزىملىتىش قاچان باشلىنىدۇ؟ مەن بۇ قېتىم تىزىملىتىشنى ئويلاشقان ئىدىم، لېكىن تىزىملىتىش كۆزنىكى پەقەتلا ئېچىلمىدى. يېڭى ئۇچۇر ۋە مەسلىھەتلەر بىلەن تەمىنلىشىڭلارنى سەمىمىي ئۈمىد قىلىمەن. مېنىڭ يانفون نومۇرۇم 13779880777 . ئاللاھ ھەممىمىزنىڭ ئىشلىرىنى ئوڭ قىلغاي. رەھمەت!
ۋەئەلەيكۈم ئەسسالام،
تىخى ئاخىىرلاشمدى….
سىز تور كۆرگۈچىڭىزنى ئالماشتۇرۇپ بىقىڭ.
تۆۋەندىكى توردىن چۈشۈرەليسىز.
/?p=1219
ياكى:
/wp-content/uploads/2013/04/Uygur-Okughuchilar-Jedvili.docx
ئۇلىنىشتىن چۈشۈرۈڭ.
تۈركىيەدە ئۆز خىراجىتى بىلەن ئوقوش جەدىۋىلىنى قەيەردىن چۈشۈرىمىز
چوقۇم ئوقۇش نەتىجىسې 70 بولۇشې كېرەكمۇ؟
ئۇنداق شەرت يوققۇ؟
سىز قەيەردىن كۆردۈڭىز ۋە قايسى ئوقۇشقا تىزىملاتماقچى ئىدىڭىز؟
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم جاپاكەشلەر مەن بۇ ېازلىق تەتىلدە تۇركىېەگە چىقىپ ئالىمەكتەپلەرنىڭ تەسسىس قىلغان يازلىق لاگىر تىل ئۆگۇنۇش دېگەندەك كۇرۇسلىرىغا قاتنىشىش ئارزۇيۇم بار ئىسى ئۆز خىراجىتىم بىلەن چىقىشنى ئويلىشىۋاتىمە لېكىن بۇخىل كۇرۇس -پائالىيەتلەردىن ھېچ بىر ئۇچۇرغا ئېرىشەلمىدىم ياردەم قىلالاسىزمۇ پاسپۇرتۇم بار ئالى مەكتەپ ئوقۇغۇچىسىمەن سىزلەرگە كۆپ تەششەككۇر
ئەسسالامۇ ئەلايكۇم قېرڭنداشلىرىمىز
مەن ھازىر ئچكىردىكى مەلۇم ئالى مەكتەپتە ئوقۇۋاتىمەن. بۇ يەردە ھەم دىنى ئىشىم توسالغۇغھا ئۇچۇرغاچ ھەم بۇ مۇھىتتا ئۇگۇنىشىمنى ياخشى قىلالمىغاچىقا مەنمۇ تۇركىيەنىڭ ياردەملىك ئوقۇشىغا ،تولۇق كۇرۇسقا تىزىملاتماقچى ئدىم .شەرتكە توشىدىكەنمەن،ماتىرياللارنىمۇ تەييارلاپ بولدۇم،تىزىملاش ۋاقتىمۇ يېقىنلاپ قالدى ،مەن ھازىر ئۆزۇم تىززىملىتاي دىسەم خاتا تولدۇرۇپ قېلىش ياكى باشقا مەسىللەر تۇپەيلى ياخشى قىلالماي قېلىشىمدىن ئەنسىرەيمەن.قانداق قىلسام بولا؟
ياردەم قىلغان بوساڭلار ئاللاھ سىز ئەزىزلەردىن رازى بولسۇن.ئامىن
ۋەئەلەيكۇم ئەسسلام،
سىز تۆۋەندىكى توردىكى سىن فىلىمى بويىچە ئىلتىماس قىلىڭ.
/?p=939
تولۇق كۇرۇساق تىزىملىتىش تىخىمۇ ئاددى بولىشى مۈمكىن.
ئەسسىلامۇ ئەلەيكۇم :
بەرگەن مەسلىھەتىڭىزگە كۆپتىن-كۆپ رەھمەت ، ` اللا ` رەھمەت قىلسۇن ! مەن ھازىر ئەڭ كۆڭۈل بۆلۋاتقان بىر مەسىلە ، مەن بارغاندىن كېيىنكى ئورۇنلىشىش مەسىلسى بولۇپ قالدى ، ( يەنى بارغاندىن كېىن نەدە يېتىپ قوپۇش مەسىلسى مۇھىم بولۋاتىدۇ ) ئەگەردە مۇشۇ ئشلار ھەل بولغان بولسا ، مېنىڭمۇ بالدۇرراق بېلەت ئېلىپ ماڭغۇم بار ئىدى . رەھمەت ، ` اللا ` ئەجىرىڭلانى بەرسۇن ! ` اللا ` غا ئامانەت .
ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام،
سىز كىلىشىتىن بۇرۇن يۇقۇرىدا يېزىلغان تېلېغونغا كىلىش ۋاقتىڭىزنى دەپ قويۇڭ ياكى ئېلخەتكە يېزىپ قويۇڭ. سىزگە ياردەم قىلىشقا تىرشىمىز.
ئاللا يولۇڭىزنى ئوچۇق قىلسۇن!
ۋەئەلەيكۇم ئەسسلام،
سىز كىلىپلا تۈرك تىلى كۇرسىغا تىزىملاتماي، 3-4 كۈن ساقلاپ، ئەتراپنى ياخشى كۈزىتىڭ. سىز خالىغان تىل كۇرستا ئوقۇسىڭىز بولىۋىرىدۇ. چوقۇم ئستانبۇل ئۇنۋىرسىتىدە ئوقۇشى كېرەك دىگەن گەپ يوق!
بۈگۈن بىر ئوقۇغۇچى ئالدىنىپ كىتىپ 1 يىللىق كۇرۇس ئۈچۈن پۇل تۆلەپتۇ. سىز ئەڭ كۆپ 9- ئايغىچە پۇل تۆلەڭ. ئۇ ۋاقىتقىچە بىرەر ئالىي مەكتەپكە كىرىپ قالسىڭىز، ھەممە ئىشىڭىز ئۇڭۇشلۇق كەتكەن بولىدۇ.
مەسلىھەت ئۈچۈن بۇ نۇمۇرغا تېلېغون قىلىڭ. 02125850177 . ياكى ئېلخەتكە خەت قالدۇرۇپ قويۇڭ.
ئەسسىلامۇ ئەلەيكۇم :
مەن تۈركىيەگە چىقىپ ئوقۇش ئۈچۈن ئستانبۇل ئۇنۋىرسىتىنىڭ چاقىرىقى بىلەن تەيارلىق قىلىپ ، ئۈمۈت ئېيىنىڭ 17-كۈنى ( 4-ئاينىڭ17-كۈنى ) ئوقۇش ۋېيزىسى تەستىقلاندى . ھازىر مەن بۇ يەردىكى بارلىق ئىشلارنى تۈگۈتۈپ مېڭىش ئالدىدا تۇرۋاتىمەن ( بېلەتنى تېخى ئالمىدىم ) ، لېكىن مەن بارغاندىن كېيىن بىرەرمۇ تونۇشۇم بولمىغانلىق سەۋەبىدىن قانداق قىلىشىمنى بىلمەي سىزلەردىن مەسلىھەت ئېلىش يۈزىسىدە خەت قالدۇردۇم .( مەسلەن : بارغاندىن كېيىن ئورۇنلىشىش مەسىلسى ، مەكتەپكە تىزىملىتىش دېگەندەك ئىشلارنىڭ تەلەپ-تەرتىپلىرى توغۇرسىدا مەسلىھەت بەرگەن بولساڭلار ) ھارمىغايسىزلەر ، رەھمەت
«تۇرۇكچىنى ۋەتەندە ئۈگۇنۇپ ئىمتاھانى تۇركىيەدە بەرسەڭلار بولدۇ. بۇنداق قىلغاندا چىقىممۇ ئاز بولىدۇ. تارتقان جاپامۇ ئاز بولىدۇ. بىز ھازىر بەزى مەكتەپلەر بىلەن كۆرشىۋاتىمىز. بەلكى توردىن بىۋاستە ئىمتاھان ئالىدىغان ئۇسۇللارمۇ بولاپ قىلىشى مۈمكىن» دەپتىكەنسىلە. مەن ھازىر تۈركچىنى خېلى ياخشى سەۋىيەدە ئۆگەندىم، ئىنشائاللا! ئىمتىھاننى توردا بېرىش ئۇسۇلى بارمىكەن؟ بىزگە بۇ يەردە ئۇلارنى ئۇقۇشۇش، چۈشىنىش سەل قۇلايسىز ئىكەن. بۇ ھەقتە يېڭى ئۇچۇرلار بولسا تەمىنلىگەن بولساڭلار، رەھمەت!!
بەزى مەكتەپلەر، «توردىن ئىمتاھان ئالىدىغان » سىستەم قۇرىمىز دىگەن ئىدى. تىخى رەسمى باشلىمىدى .باشلىغاندە توردى ئېلان بىرىمىز.
بىز بەزى مەكتەپلەر كۆرشىۋاتىمىز. چەتئەلدىكى ئوقۈغۇچىلار تۈركىيەدە بولمىغانلىقى ئۈچۈن، تۈركىيەدىكى چەتئەلللىك ئوقۇغۇچى تالللاش ئىمتاھانىغا كىرەلمەيدۇ. بۇنىڭغا ئاساسەن، بەزى شەخسى ۋە دۆلەت مەكتەپلىرى تولۇق ئۇتتۇرا نەتىجىنى ئاساس قىلغان شەكىلدە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشنى ئويلىشىۋاتىدۇ. بۇگۈن ئاخشامغىچە تورىمىزدىن ئېلان بىرىمىز.
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!
ئىلتىماس قىلىش ئاخىرلاشقىلىمۇ ئون نەچچە كۈن بوپ قالدى لىكىن تىخىچە ھىچ بىر خەۋەر يوق…….بىرەر ئالاھىدە سەۋەپ بارمۇ قانداق؟؟؟
سەبىر قىلىپ تۇرۇڭلار.
4-ئاينىڭ ئاخىرلىرى ۋە 5- ئاينىڭ باشلىرى جاۋاپ بېرىلىدۇ دەپ ئېلان چىقارغان ئىدى. مىڭلىغان ماتىرياللارنى تەكشۈرۈش ئۈچۈن ۋاقىت كېرەك. بۇلتۇر 45000 ئوقۇغۇچى ئىلتىماش قىلغان ئىكەن.
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ،ھۆرمەتلىك ئۇيغۇر ئوقۇغۇچى ئىشلىرى كومتېتىدىكى بارلىق مېىھنەتكەش قېرىنداشلىرىم ئاللاھ ئەجرىڭلارنى بەرسۇن.
مەن بۇ يىل ئالي مەكتەپ 2يىللىقىدا ئوقۇيمەن .ئىنشا ئاللاھ 5 ئايداتولۇق كۇرۇس تۇركىيە خاندەلىكىگە تىزىملىتىمەن .ئەگەر قوبۇل قىلىنماي قالسام ئۆزى خىراجىتى بىلەن ئوقۇشنى ئويلىشىۋاتىمەن (تۇرۇكچە بىلمەيمەن ،لىكىن ئىنگىلىسچە ھاجىتىمدىن چىقالايمەن )،ئەگەرئۆزى خىراجىتىم بىلەن ئۇقۇماقچى بولسام1يىل تۇرۇكچە ئۇگۈنۇپ بولغاندىن كىيىن تۇركىيەدىكى مەكتەبلەرگە ۋەتەندىكىگە ئوخشاش يۇقىرى ئۆرلەپ ئوقۇش ئىمتھانى بىرمەنمۇ؟ياكى بىر مەكتەپنىڭ ئىمتاھانىدا ئالغان نەتىجە بىلەن يەنە بىرسىگمۇ تىزمىلىتالايمەنمۇ؟
تۇرۇكچىنى ۋەتەندە ئۈگۇنۇپ ئىمتاھانى تۇركىيەدە بەرسەممۇ بولارمۇ ؟
دۇئالىرىمدا ئىنشا ئاللاھ سىلەرگە دۇئا قىلىمەن ،قىرىنداشلىرىم سىلەرمۇ دۇئالىرىڭلاردا ياد ئىتىپ قويارسىلەر. ئاللاھ ئەجرىڭلارنى بەرسۇن قىرىنداشلىرىم.
ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام،
سىز ئەسلىدە ھازىرقى مەكتەپنى تاماملىسڭىز بەك ياخشى بولاتتى.
تۈركىيەدە مۇكاپاتلىق ئوقۇشقا تىزىملتىىش ياش شەرتى 1992-1-1 دىن كېيىن تۇغۇلغان بولۇش كېرەك.
سىز تۈركىيەگە كەلگەن تەقدىردە ( مۇكاپاتلىق ياكى ئۆز خىراجىتىڭىز بىلەن)، سىز 1- سىنپتىن باشلاپ ئوقۇيسىز. ۋەتەندە ئوقۇغان 2 يىل ھاياتىڭز بوش كەتكەن بولىدۇ.
«تۇركىيەدىكى مەكتەبلەرگە ۋەتەندىكىگە ئوخشاش يۇقىرى ئۆرلەپ ئوقۇش ئىمتھانى بىرمەنمۇ؟ياكى بىر مەكتەپنىڭ ئىمتاھانىدا ئالغان نەتىجە بىلەن يەنە بىرسىگمۇ تىزمىلىتالايمەنمۇ؟ » بۇ سۇئالنى بەك چۈشۈنەلمدىم، تەپسىلىرەك يازامسىز، بولسا مىساللار بىلەن يازغان بولسىڭىز. سىزگە خاتا بىلگى بىرىپ قويمايلى دەيمىز.
تۇرۇكچىنى ۋەتەندە ئۈگۇنۇپ ئىمتاھانى تۇركىيەدە بەرسەڭلار بولدۇ. بۇنداق قىلغاندا چىقىممۇ ئاز بولىدۇ. تارتقان جاپامۇ ئاز بولىدۇ. بىز ھازىر بەزى مەكتەپلەر بىلەن كۆرشىۋاتىمىز. بەلكى توردىن بىۋاستە ئىمتاھان ئالىدىغان ئۇسۇللارمۇ بولاپ قىلىشى مۈمكىن.
سىز قايسى كەسىپتە ئوقۇماقچى ئىدىڭىز؟. قايسى كەسىپتە ئوقۇۋاتىسىز؟
مەن بۇيىل تۇلۇق كۇرۇسقا تىزىملاتماقچى ئىدىم،مەن تۇرۇك تىلى ياكى ئىنگىلس تىلى بىلمەيمەن ،قايسى تىلدا ئېمتاھان بىرىمەن.
سىز، مۇكاپاتلىق ئوقۇشنى دەۋاتامسىز ياكى ئۆز خىرىجىتى بىلەن ئوقۇيدىغان ئوقۇشنىمۇ؟
مۇكاپاتلىق ئوقۇشنى دەۋاتىمەن
سىز ئىمتاھان بەرمەيسىز. تولۇق ئوتتۇرا نەتىجىڭىز بولسىلا بولدى. يۈز تۇرانە ئىمتاھاندا خەنزۇچە پاراڭلاشسىڭىز بولىۋىرىدۇ. تۇرۇك تىلى ياكى ئىنگىلس تىلى بىلىش شەرت ئەمەس.
مەن تۇلۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى پۇتتۇرگىلى 2 يىل بولدى. شەرتىم تۇشامدۇ.
ئەگەر 1992-1-1 دىن كېيىن توغۇلغان بولسىڭىز، مۇكاپاتلىق ئوقشقا تىزىملىتىشىقا شەرتىڭىز توشىدۇ.
AEFS DIGAN NIMA؟
Assilamu alaykum ,yana awara kilidigan boldum kaqurisilar我还是想问问我报自费的,但还不知道怎么报名,该扫描的这些资料扫描到哪儿
We have just sent you an e-mail to your mail box .Please read it in detail.
Good luck!
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم،تۇركىيەگە چىقىپ ئاسپىرانتلىقتا ئوقۇش ئارزۇيۇم بار ئىدى .ئالى3-يىللقتا ئوقۇيمەن .شۇڭا ھازىردىن باشلاپ تۇرۇك تىلى ئۆگىنىۋاتىمەن،ئۆزلىگىمدىن ئۆگىنىپ سەل قىنالدىم.ئاڭلىسامyunus emre turkish language summer course دېگەندەك تۇركىيەدە تەتىللىك تىل ئۆگىنىش كورۇسلىرى باركەن،2013يىللىق مۇشۇنداق كۇرۇسلاردىن ئۇچۇر بىرەلەسىزمۇ؟ تەشەككۇر !
ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام!
بۇلتۇر شۇنداق يازلىق كۇرۇس بولغان ۋە ۋەتەندىن بەزى ئوقۇغۇچىلار كىلىپ قاتناشقان ئىدى. بۇ يىلمۇ بولۇپ قىلىشى مۈمكىن. بىز يەنە سۇرۈشتۇرۇپ، ئەگەر يەنە بۇ يىلمۇ بولىدىغان بولسا ئىېلان قىلىمىز.
Assilamu alaykum , aldi bialan aditim boyiqa allahtin silaning turmuxinglarga tinq-amanlik tilayman
还有我真分不清要准备什么, 除了高考毕业证,高考成绩,回考成绩单,护照还需要别的吗?(高中我有市级优秀团员,市级三好生,区级文明生等证书) 还有这些资料我发到哪儿?(虽然高考不够高,但我还是想碰碰运气, 因为相信当时的自己绝对很优秀,只是。。。, 可能也是万物住在安拉的安排吧)。
Rahman silarga , uluh allah aziz tininglarni salamat kisun .
ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام،
بۇ مۇكاپاتلىق ئوقشتا تاللىنىشنىڭ بىرىنجى شەرتى 1992-1-1 دىن كېيىن توغۇلغان بولىشڭىڭز كېرەك.
ھازىرچە سىز، تولۇق ئوتتۇرا دىپلوما، تولۇق ئۇتتۇرا خۇلاسە نەتىجىڭىز، پاسپورت لارنى تەييارلىغاچ تۇرۇڭ. يەنە قانداق نەرسىلەرنىڭ كېرەك بولىدىغانلىقىنى، تىزىملاشقا باشلىغاندا تەپسىلى بىلەلەيمىز. ئامما، سىزنىڭ ئوقۇش تارىخىڭىز بىلەن مۇناسىۋەتلىك ياخشى نەتىجىلەر بولسا، قوشاپ ئىۋەرتسىڭىز بولىدۇ.
ئالىي مەكتەپكە كىرگەن كونا نەتىجىڭىزنى ئىتىراپ قىلامدۇ-يوق بۇنى ھازىرچە بىلمەيمىز. بۇ ئالدىمىزىكى ھەپتە تەپسىلى سۈرۈشتۈرۈپ، توردىن ئىلان بىرىمىز.
Assilamu alaykum , aziz aka-hadaxlar , turmuxunglar tinq-aman utiwatamdu?
我去年靠近了上海东华大学, 正在学英语专业。通过日夜的努力现在跟老外沟通基本上不成问题了。 我从小就又在土耳其上大学的梦,而且父母,反正一个家族所有的人都有这个愿望的,所以当年报的英语专业,目的在于好好学语言,为土耳其作准本。 但我今天进来一看已经开始报了,而且有些个学校都有高考分数的标准,有的救550,550. 高考我没正常发挥,结果总分才427(不含50分),想问问,我这个成绩还有希望吗?
最后祝你们生活安宁,幸福, 希望安啦给你们所求的一切,allahtin hamminiglarning turmuxiga tinq-amanlik tilayman. Allahka amanat.
ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام،
سىز تۈركىيەگە كەلسىڭىز، قايسى كەسىپتە ئوقۇماقچى؟
سىز ، مۇكاپاتلىق ئوقشقا تىزىملاتماقچىمۇ ياكى، ئۆز خىراجىتىڭىز بىلەن ئوقۇماقچىمۇ؟
我想报自费,因为我是九一年九月份的,报全额的话估计被录的概率也不。我想学医,但怕分数不够,所以打算学语言要么伊斯兰。(高考没正常发挥,结果就得了427.
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم باشقۇرغۇچى ئۇقۇتۇش تىزىملىكىدە ئەرەب تىلىمۇ بارمۇ ؟ مەن شۇنىڭغا تىزىملىتاي دىگەنتىم ،
ۋەئەلەكۇم ئەسسالام!
قايسى ئوقۇتۇش تىزىملىكى دەيسىز؟ سۇئالنى تەپسىلىرەك سورىغان بولسىڭىز، تۇغرا جاۋاپ بەرگىلى بولاتتى.
~ Assalamu allaykum, man bu yilki turkiye okush mukaappatning aspirantilkiga tizimlatkan idim. amma narsilarni tapshurup bolup ,8 maktapning istanbul ,ankara,izmir din kaginnini baykidim ,2ki maktapni ukushmasliktin artuk yizip koydum ,bu masilni kandak birtalap kiliman,amal bar manga bir yardam kilsanglar, mining pursatini bu tupayli katkuzup koygum yok.silarga kop rahmat~
ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام!
بەك ئەنسىرمەڭ، بۇنداق شەرت قوشاشنىڭ مەخسىتى، ناۋادا چوڭ شەھەرلەردە سان توشاپ كەتسە، سىزگە مۇۋاپىقراق مەكتەپ تىپىش ئۈچۈن باشقا شەھەرلەردە تاللىغان مەكتەپ بارمۇ دەپ قارايدۇ. ئەگەر تاللىمىغان بولسىڭىز، سىز تاللىمىغان يەرگە، بۇلار سىزنى ئېۋەرتەلمەيدۇ. بىۋاستە شاللىۋەتمەيدۇ.
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ،
مەن تۈركىيگە چىقىش ئۈچۈن قانچىلىك راسخوت كېتىدۇ ؟ مۇشۇنىڭغا بىر مەسلىھەت بەرسىڭىز بولاپتىكەن …
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم !
我想问下,过去有预科吗?多久的预科,土耳其语教课还是英语?
一过去就会有评定考试吗?
ئاۋار قىلدىم ،رەخمەت.
ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام!
تۇركچە ئوقۇش ئۈچۈن 1 يىل تەييارلىق بولىدۇ.
سىز تاللىغان مەكتەپكە قاراپ، ئىنگىلىزچە ياكى تۈركچە ئوقۇيسيز. ئەگەر سىز تۈركچە بىلىمەن دىسڭىز، ئو ۋاقىتتا سىناق ئىمتاھانغا كىرىسىز.
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم !
شۇنداق چاقرىقتىن بىرسى ماڭا لازىم ئىدى ، رەھمەت سىزگە !
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!
مەن 2013-يىل دىكى تۆركىيە ئۇقۇشغا تىزىملاتقان ،بىراق بىرىنچي قىتىم ئازراقيە خاتابۇلۇپ،ېىقي قىتىم تىزىملاتتىم ،تەسىري بولامۇ؟
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ،
تۈركىيدىن باشقا دۆلەتكە پاسپورت ئىشلەپ بېرىدىكىن …
بۇنداق ئەھۋالدا سىزگە چاقىرىقىنى باشقا دۆلەتتىن ئەكەلدۈرۇۈش كىرەك.
سىنگاپور،مالايسىيا ،گوللاندىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭكىگە بىزە ئاسان قىلىپ بېرىدىكەن
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، خاپا بولماي ماڭا بىر مەسىلىھەت بەرسىڭىز بولاپتىكەن ، ئاۋارە قىلدىم ، رەھمەت !
ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام،
سىز بىر سۈرۇشتۇرۇپ بىقىڭ، قايسى دۆلەتنىڭ چاقىرقىغا پاسپورت ئىشلەپ بىرىدۇ؟
ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم ئاكا! ماڭا 1 دانە چاقىرىق لازىم … مەيلې قانداق تەلەپ – پىكىر بۇلسا ئۇرۇندايمەن!!!!!!!
چاقىرىق بۇلسىلا پاسپۇرتنى ئۇزۇم ھەل قىلىمەن خاپا بۇلماي ياردەم قۇلۇڭىزنى سۇنۇڭ .. ئاللا سىزگە رەخمەت قىلسۇن!!!!!!!!!!!!!!!!!!!
ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم ، مېنىڭ يىشىم 93-يىلنىڭ ، تۇلۇقتىكى نەتىجىلىرىم خىلى ياخشى ئىدى ، شۇڭا مەن بۇ قېتىم ئوقۇش پۇرسىتىنى ئاللاھ خالىسا چوقۇم ياخشى تۇتۇپ ، ئۆيىدىكىلىرىمىنىڭ ئارزۇسىمۇ چەتئەلدە ئوقۇتۇش ئىدى . تۇلۇقتىكى ۋاقىتلىرىمدىمۇ بىر نەچچە قېتىملىق ئاپتونوم رايونلۇق مۇسابىقىلەردە ياخشى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەن . ئۆزۈم كىچىك ۋاقىتمدىن پۇتبول ئويناشقا ئامراق ، ئەگەر ماڭا تۈركىيدىن چاقرىق كېلىپ قالسا ، ئاللاھ خالىسا بىر تەرەپتىن ياخشى ئوقۇغاچ ، بىر تەرەپتىن پۇتبول ئويناپ ئۆزۈمنىڭ بەدەن ساپاسىنى ئۆستۈرمەكچى . ئاساسلىق مەقسەت كەلسەك ، مەن بىر پارچە چاقرىق لازىم …. مەن ھەقىقەتەن بىر ياخشى ئوقۇغۇچى ، تۇلۇقتىكى نەتىجىلىرىم خېلى ياخشى ..ئاللاھ سىزگىمۇ ئاسانلىق بەرسۇن ، ماڭىمۇ ئاسانلىقىنى بەرسۇن ! خاپا بولماي تېلېفون نۇمۇرېڭىزنى قالدۇرۇپ قويۇڭ !
ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام!
تولۇق كۇرۇسقا تىزىملاش 5-ئايدا باشلىنىدۇ. سىز چوقۇم تىزىملىتىڭ، ئاللا نىسىپ قىلسا تاللىنىڭ قالارسىز. تۈركىيەنىڭ چاقىرقىغا پاسپورت ئىشلەپ بەرمەيدۇ دەپ ئۇقتۇق.
ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم ئەدمېن ئەپەندې ياخشې تۇردېڭېزمۇ؟ مەن چەتئەلدېن تەكلپنامىنى قانداق ئۇسۇل ئارقېىلىق ئەكەلدۇرىمەن سىز ماڭا يول كۇرسىتىپ قۇيۇڭ قانداق رەسمىيەت بۇلسا بىجىرەي …. مىنىڭ تۇركىيەدە بەك ئۇقۇغۇم بار ماڭا ياردەم قۇلىڭىزنى سۇنۇڭ . ئاللا رەخمەت كىلسۇن . باشقا دۇلەتنىڭ چاقىرىقې ئارقىلىق پاسپورت ئىشلەتسەم تۇركىيەگە ئۇقۇشقا چىقالامدىم؟ تىلپون نۇمۇرىڭىزنى قالدۇرۇپ قۇيۇڭ مەن سىزگە تىلپون قىلاي . رەخمەت سىزگە .. ئاللا ئىشلرىمىزنې ئۇتۇقلۇق قىلغاي……..
ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ،باشقۇرغۇچى ئورنىدا مەن بىلگىنىمنى دەپ باقاي ، يېشىڭىز ئېشىپ كەتمىگەن بولسا ،بۇ قېتىملىق ئاسپىرانتلىق ۋە دوكتۇرلۇققا تىزىملاش ئاخىرلاشقاندا تولۇق كۇرۇسقا تىزىملاش باشلىنىدۇ ، شۇ چاغدا تولۇق كۇرۇسقا تىزىملىتىپ بېقىڭ ،ئۆتەلەپ قالسىڭىز ، قوبۇل قىلىنغانلىق ئۇقتۇرۇشى بىلەن پاسپورت بىجىرەلىشىڭىز مۇمكىن .
ئەگەر باشقا دۆلەتنىڭ باشقا مەكتەپلىرىنىڭ چاقىرىقلىرنى ئەكىلىمەن دېسىڭىز ئۈرۈمچىدە شۇنداق ئورۇنلار بارمىش ، بىر دوستۇم روسىيەنىڭكىنى 1200 يۈەنگە ئەكەلدۈرۈپتىكەن ،ئىچكىردە بەك جىق ئۇنداق شىركەتلەر ، ئەمما ئۇلار ھەقىقى ھالدا چەتئەلدىن ئەكىلىپ بەرمەيدۇ بەلكى ئۆزى چانمۇغۇدەك قىلىپ ياساپ بېرىدۇ ،ئىچكىردە 800 يۈەندىن 1500 يۈەنگىچە ، ئەمما ياخشى يېرى ئۇ چاقىرىق بىلەن پاسپورت ئىشلىتەلمەي قالسىڭىز ،پۇلىڭىزنىڭ مەلۇم مىقدارىنى تۇتىۋىلىپ قايتۇرۇپ بېرىدۇ .
بۇ ئۇسۇللارنىڭ ھەممىسى تازا ياخشى ئۇسۇل ئەمەس ئەمما…
ئاللاھ ئىشلىرىڭىزنى ئاسان قىلسۇن
ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام!،
بەزى دۆلەتلەردىكى مەكتەپلەر بىلەن كۆرشەشكە تىرشىۋاتىمىز. ئەگەر ياخشى بولاپ قالسا، ئوقۇغۇچىلارغا ئۈ دۆلەتلەردىن چاقىرىق ئىلىشىا ياردەم قىلىشقا تىشىمىز. ئامما چوقۇم ئوقۇيدىغان بالىلار بولىشى كېرەك.
ئەسسىالامۇئەلەيكۇم:
مەن ھازىر 5 – يىللقتا ئوقۇيمەن . 2015- يىلى 6 -ئايدائوقۇش پۇتتۇرمەن . كەسپىم بىناكارلىق لاھىلەش(建筑学) … مىنىڭ ئاسپىراتلىقنى بەكمۇ تۈركىيەگەچىقىپ ئوقىغىم بار ئىدى ….. لىكىن ئنگىلىزچە بىلمەيمەن . تۈركىچىنى ئۆز ھاجىھىتىمدىن چىقالايمەن ….. پاسپورتۇم با ر ….ئىچكىرگە ئوقىيمەن .. ماڭار بىر ياردەم قىلساڭلار ….ئاللا سىلەردىن رازى بولسۇن !!!!!! قانداق نەرسىلەرنى ھازىرلايمەن ..ھەم قانداق ھازىرلايمەن ؟؟؟ شۇنىڭغا بىر تەپسىلى مەسلەھەت بەر سەڭلار !!!!!!!!!!!!!
ئاللاققا ئامانەت !!
بۇ تور بەتتىكى خەتنىڭ چوڭ – كىچىكلىكى نېمانچە كىچىك ؟ چوڭراق قىلىپ تەڭشىگىلى بولماسما ؟
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم !
مەن تۇلۇق 3-يىللىقنى ئالدىنقى يىل پۈتتۈرگەنىدىم ، بىراق مەن بارغان ئۇنۋېرسىتىتنىڭ ئوقۇشى ياخشى بولمىغانلىقتىن يېنىپ كەلدىم ، ھازىرچە بىكار . مەن تۈركىيدە ئوقۇشنى كىچىكىمدىن ئارزۇ قىلاتتىم ، ئۇلۇغ ئاللاھ ئاخىرى مۇرادىمگە يەتكۈزگەن ئوخشايدۇ . شۇڭا سىزدىن مەسىلىھەت سوراي دېگەن ، پاسپورت ۋە ۋېزا قاتارلىق نەرسىلەرنى بېجىرىش ئۈچۈن نېمىلەر كېتىدۇ ؟ قانداق بېجىرىمە ؟ ئۇقۇش ئىشلىرى ۋە تىزىملتىش قانچىنجى ئايدا ئاخىرلىشىدۇ ؟ ئۇقۇش قانچىنجى ئايدا باشلىنىدۇ ؟ خاپا بولماي چ چ نۇمۇرېڭىزنى دەپ بەرسىڭىز بولاپتىكەن ، مېنىڭ چ چ نۇمۇرۇم : 504298654
ۋەئەلەىكۇم ئەسسالام!
سىز باشتا بىر پاسپورت ئىشلىتىڭ. بۇنىڭ ئۈچۇن چەتئەلدىن بىر تەكىلىپ نامە ئەكەلدۈرۈڭ. ئوقۇش 9-ئايدا باشلىنىدۇ. ئالاقىلشىش ئېلخىتىگە تەپسىلى يېزىڭ. سىزگە چوقۇم جاۋاپ بىرىلىدۇ.
مەن 1993 ،7 ئاينىڭ ، يىشىم تۇشىدىكەن ، ئمتھاندا نىمىنى ئاساس قىلىدۇ، تىلفۇن ؛05380652488
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قېرىنداشلار اللە خىزمىتىڭلاردىن رازى بولسۇن؛ مەن ئەنقەرەدە تۈرۈكچە ئۈگۈنۈۋاتىمەن. مەن ئونۋىرىسىـتتا ئوقۇماقچى ، مىنىڭ ئېنگىلىسچە سەۋىيەم يوق، مەن بۇ ئمـتىھانغا قاتناشسام بۇلامدۇ. ئمتىھاندا ماتىماتىكا ئاساس قىلامدۇ. اللا رەخمەت قىلسۇن ؛
ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام!
ئونۋىرىسىـتتقا تىزىملىتىش 5- ئايدا باشلىنىدۇ. سىزنىڭ يىشىڭىز توشسا، تىزىملاتسىڭىز تاللىنىپ قىلىشىڭىز مۈمكىن.
ئالاقىلىشىش ئېلخەت ساندۇقىغا تېلېفون نومۇرىڭىزنى يېزىپ قوياڭ.
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم:
مەن ھازىر شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتىتىنىڭ ماشىنسازلىق كەسپىدە ئوقۇيمەن، مىنىڭ تۇركىيەگە چىقىپ ئوقۇش ئارزۇيۇم بار ئىدى، ھازىر مەن بۇ كەسىپنى ئوقۇغىلى3يىل بولدى(بىر يىل خەنزۇچە تەييارلىق)ئوقۇش پۇتۇشكە يەنە ئىككى يېرىم يىل ۋاقىت قالغان مىنىڭ ئارزۇيۇم دىنىمنىمۇ ھەم پەننى بىلىمنىمۇ بىللە ئۆگەنسەم دەپ ئويلايتىم ،ئەمما ھازىرقى شارائىتىمدا مېنىڭ دىننى بىلىملەرنى ئۆگۈنۈشنم بەك توسالغۇغا ئۇچراپ بۇ مەكتەپتە ئوقۇشتىن بەك رايىم يېنىپ كەتتى… شۇڭا مەن تۇركىيەدىكى بىرە ئونىۋېرسىتىتقا بېرىپ ئوقۇشقا ماڭا يول كۆرسىتىشىڭلانى ئۈمىد قىلىپ بۇ ئۇچۇرنى يوللىدىم .. مېنىڭ ھازىرقى شارائىتىمدا تۇركىيەگە چىقىپ ئوقۇش پۇرسىتىم بارمۇ؟ بولسا مەن قانداق قەدەم بىلەن باشلىشىم كېرەك؟ ماڭا يول كۆرسىتىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن ..ئاللاھ سىلەردىن رازى بولسۇن
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم !
مەن ئىلتىماس يىزىۋاتاتتىم ، ئۇنىڭغا تونۇشتۇرۇشنى كىم يىزىپ بەرسە بولىدۇ ، ئۇنىڭغا تامغا ئۇرغۇزۇش كىرەكمۇ ؟ نەتىجە يازغاندا ئالى مەكتەپتىكى 4 يىللىق نەتىجىنى يازامدىم ياكى ئاخىرقى بىر يللىق نەتىجە بولسىلا بولامدۇ ، ئۇنىڭغىمۇ مەكتەپتىن تامغا ئۇرغۇزامدىمە؟
ۋەئەلەيكۇم سالام!
سىز بۇ تونۇشتۇرۇشنى «تۈركيە خاندىلىكى» ئۈچۈن ئالاماقچىمۇ ياكى، «سۇتۇق بۇغارخان» ياردەم پۇلى ئۈچۈنمۇ؟
تۈركىيە خاندەلىكى ئۈچۈن ئالماقچى ئىدىم
بىز 5نەپەر تۇ لۇق 3_يىللىق ئوقۇ غۇ چىلىرى بو لوپ بۇ قېتىم لىق تۈركىيە دە ئوقۇش پۇرسىتىدىن پەقەت ۋاز كەچكىمىز يوق . ئەپسۇس نىلار لىقى بىز نىڭ يۇرتتا ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار نىڭ پاسپورت بىجىرىش بەس مۈشكۈل بىز زادى قانداق قىلشىمىز كىرەك ؟؟؟ دايىم مۇشتا پۇرسەت تىن بىز مەھرۇم قالام دۇق !!!!!!!
نىمىلا بولمىسۇن تىزىملتىپ بىقىڭلار. قوبۇل قىلىنىپ قالساڭلار، قوبۇل قلىنىش ئىسپاتىنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ، مۇناسىۋەتلىك يەرلەردىن پاسپورت چىقىرىپ بىرىشنى تەلەپ قىلساڭلار بولىدۇ. بۇ ئوقۇشتىن دۇنيادىكى ھەممە مىللەت ئوقۇغۇچىلىرى بەھرىمان بولىۋاتىدۇ.
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم !
مەن ئىمتىھانىغا تىزىملىتىۋاتقانتىم ، تۇغۇلغان شەھەر(City of birth ) دىگەن يەردە ئاتۇش دەپ يوق ئىكەن ، پەقەت تاپالمىدىم. جىددى ياردەم قىلساڭلا بوپتىكەن !!!!!!!!!!!!
باشقا شەھەرنى يېزىپ قويسىڭىز بولىۋىرىدى. نىيەت خىتىدە ئەسكەرتىپ قوياڭ. يۈز تۇرانە ئىمتاھاندە چۈشەندۈرۈپ قويسڭىز بولىدى.
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم! مىنىڭ ئېنىم 3-ئاينىڭ5-كۈنى چۈشتىن كىيىن 17:35 مىنۇت ئۆتكەندە بىيجىڭدىن ئىستانبۇلغا 3 ئايلىق ئوقۇش ئۈچۈن بارماقچىدى. ئۇ ياق تۈرك تىلىنى ياخشى بىلمەيدۇ. يا بىرەر تونۇشىمۇ يوق. شۇڭا سىلەرنى ئاۋارە قىلدىم، بىر ياردەم قىلغان بولساڭلار ئالەمچە خوش بولار ئىدىم.
ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام!
ئستانبۇلغا كەلگەندە تېلېغون قىلسۇن.
05464090440
مەن ھازىر ئالىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان لېكىن كەسپىمنى ياقتۇرمىغاچقا تۈركىيەگە چىقىپ ئوقۇي دېگەن ھەم تۈركىيەگە چىقىپ ئوقۇش ئارزۇيۇم بەك كۈچلۈك. شۇنداق بولغاندا مەن خاندەلىككە تولۇق كۇرستا ئوقۇشقا ئىلتىماس قىلالايمەنمۇ؟ مېنىڭ يېشىممۇ ماس كەلگۈدەك. ۋىيزا ئېلىشىممۇ تەس ئەمەس ( مەن بېيجىڭدا ئوقۇيمەن) ھازىر ئالىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتقانلىقىم خاندەلىككە ئىلتىماس قىلىپ يەنە تولۇق كۇرستا ئوقۇشۇمغا توسالغۇ بولامدۇ؟
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قىرىنداشلار !
تۈركىيەدە ئوقۇشقا تىزىملاتقاندا چوقۇم بىرلا مەكتەپكە تىزىملىتىش كىرەكمۇ ياكى بىرلا ۋاقىتتا بىرقانچە مەكتەپكە تىزىملاتسىمۇ بولامدۇ؟ ئۇنىڭدىن باشقا يەنە تىزىملىتىپ بولغاندىن كىيىن يۈزتۇرانە ئىمتىھان ئىلىنامدۇ؟
ۋەئەلەيكۇمسالام!.
بۇلتۇر 12 مەكتەپ تاللاىغان بىرلا ۋاقىتتا. شەرتىڭىز قايسى مەكتەپكە توغرا كەلسە شۇ مەكتەپتە ئوقۇيسىز.
بۇ يىلمۇ يۈزتۇرانە ئىمتاھان بولماقچى.
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قىرىنداشلار اللە سىلەرنىڭ خىزمىتىڭلاردىن رازى بولسۇن!
مەن تۈركىيەدە ئوقۇشنى بەك بەك بەك ئارزۇ قىلاتتىم ھەمدە بۇ توغرۇلۇق تورلاردىن كۈندە ئۇچۇر ئىگەللەپ تۇرىۋاتمەن مەن بۇ يىل 23 ياش مەندە تۇللۇق ئوتتۇرا دىپلومى بار مىنىڭ پاسپۇرتۇم يېڭىدىن چىققان ئىدى ۋىزىنى قانداق بجىرىمىز مەن يەنە قانداق قىلىشىم كېرەك تەپسىلىي مەسلىھەت بەرگەن بولساڭلارچ چ 2830616140
ياخشمۇ سىلەر
ياخشى، ئۆزىڭىزچۇ؟ سالامەت، ئوبدان، تېنچ – ئامان، خاتىرجەم، بىخەتەر تۇرۇۋاتامسىز؟
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم؟ مەن بۇ يىل ئاللاھ خالىسا ئوقۇش پۈتتۈرمەكچى ئىدىم، …. تېببىي ئۇنىۋېرستېتى ئۇيغۇر تېبابەتچىلىك كەسپىدە ئوقۇدۇم، تۈركىيەدە كەسىپىمنىڭ ئاسپىرانتلىقىنى ئوقۇيالارمەنمۇ؟ ياردەم بېرىشىڭلارنى سورايمەن.
ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم ، ئۇيغۇر ئوقۇغۇچى ئىشلىرى كومىتىتىدىكى قېرىنداشلار ، يېقىندا بىز ئۈندىدار ئۇچۇر سۇپىسى قۇرغانتۇق ، سودا، مائارىپ ۋە تۇرمۇش ئۇچۇرلىرى قاتارلىق بارلىق ئۇچۇرلارنى ھەقسىز تارقىتىمىز ، بولسا مۇشۇنداق چەتئەلگە چىقىپ ئوقۇشنىڭ ئۇچۇرلىرى بولسا ماڭىمۇ خەۋەر قىلىپ قويساڭلار ، ياكى ئۆزۈم كۆرۈپ تور بېتىڭلاردىن كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا قۇشۇلساڭلا ، مۇشۇنداق ياخشى ئۇچۇرلارنى تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرگە تارقاتقان بولساق .
سىلەرنىڭمۇ قاچىلىۋېلىشىڭلارنىمۇ ئۈمىد قىلىمەن.
ئۈندىدار سۇپا نومۇرىمىز :uqur_geziti
ۋەئەلەيكۇم يۈسۈپجان،
ئەلۋەتتە تارقاتسىڭىز بولىدۇ. تارقاتقان ۋەقتىڭىزدا مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قوياشنى ئۇنتۇپ قالماڭ. بىز بىرەر ئۇقتۇرۇش ئىلان قىلماقچى بولساق، مەنبىەسىنى تەكشۈرۈپ، ئىشەنچلىك ئوچۇرلانى تورغا قويىمىز.
رەخمەت سىزلەرگە.
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قىرىنداشلار اللە سىلەرنىڭ خىزمىتىڭلاردىن رازى بولسۇن!
مەن تۈركىيەدە ئوقۇشنى بەك بەك بەك ئارزۇ قىلاتتىم ھەمدە بۇ توغرۇلۇق تورلاردىن كۈندە ئۇچۇر ئىگەللەپ تۇرىۋاتقانتىم ،بۈگۈن تۇيۇقسىز تۆۋەندىكى تور بەتتىكى ئۇچۇرنى ئۇچۇرتۇپ قالدىم . بۇنى بىر قىرىندىشىمىز تەرجىمە قىلىپ مۇنبەرگە چىقىرىپ قويۇپتىكەن ، بۇنى كۆرۈپ بەكلا خوش بوپ كەتتىم لىكىن بۇنىڭ راس يالغانلىقىنى بىلەلمىدىم .شۇڭا سىلەرنىڭ تەكشۈرۈپ بىرىشىڭلارنى ئۆتىنىمەن. بۇنىڭدىن باشقا يەنە تۈركىيەدە ئوقۇشقا ئىلتىماس قىلىش ئۈچۈن يەنە قانداق شەرتلەر ھازىرلىنىشى كىرەك بۇ توغرىسىدىمۇ كۆرسەتمە بەرگەن بولساڭلار. رەھمەت!!!
http://scholarship-positions.com/graduate-scholarship-programme-for-international-students-in-turkey-2013/2013/02/16/
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قىرىنداشلار
مەن ئۇزۇندىن بۇيان تۈركىيەدە ھەقسىز ئوقۇشقا ئىلتىماس قىلىش توغرىسىدىكى ئۇچۇرلارنى ئىزدەۋاتقانتىم بۈگۈن بۇ تور ئادىرىسىكى ئۇچۇرنى ئۇچۇرتۇپ قالدىم.(http://scholarship-positions.com/graduate-scholarship-programme-for-international-students-in-turkey-2013/2013/02/16/) لىكىن بۇنىڭ راس يالغانلىقىنى ئىنىق بىلمىدىم،بۇنى بىر قىرىندىشىمىز تەرجىمە قىلىپ مۇنبەرگە چىقىرىپ قويۇپتىكەن.خاپا بولماي بۇنى ماڭا تەكشۈرۈپ بەرگن بولساڭلار
اللە سىلەردىن رازى بولسۇن!!!
ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام! بۇ ئېلان تۈركىيە بىلىم ۋە تېخنولوگىيە تەتقىقات مەركىزىدىن چىقىرىلغان ئېلان ئىكەن. ئۇمۇ دۆلەتنىڭ بىر ئىدارىسى، بىزنىڭ بىلىشىمىزچە باش مېنىستىرلىق قارمىقىدا بولسا كېرەك. تۈركىيەنىڭ ئەڭ داڭلىق تەتقىقات مەركەزلىرىدىن بىرى. ھەر يىلى نۇرغۇن ئوقۇغۇچىغا خاندەلىك بېرىدۇ. ئوقۇش نەتىجىسى ئالاھىدە بولغان ئوقۇغۇچىلارغا بېرىدىغان مۇكاپات سوممىسىمۇ بەك يۇقىرى. ئەڭ مۇھىمى، پەن – تېخنىكىغا ئائىت يېڭى ئىجاد – كەشپىياتلار بولسا، ھەرقانداق ياردەم ۋە مۇكاپاتلارنى ئايىماي بېرىدۇ. ئەگەر تىزىملىتىپ، قوبۇل قىلىنىپ قالسىڭىز، تەمىناتى بەكمۇ ياخشى.
رەھمەت !
لىكىن ئۇنىڭ ھچقانداق ئالاھىدە شەرتلىرىمۇ يوقكەن، شۇ ياش چەكلىمىسى بار ئىكەن ئۇنىڭدىن باشقا ئالى مەكتەپنىڭ ئاخىرقى يىلىنى ئوقۇۋاتقان بولىشى كىرەك دەپتۇ
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم !
تۈركىيەدە ئوقۇشقا ئىلتىماس قىلىش ئۈچۈن يەنە قانداق ئالاھىدە تەلەپلەر قويىلىدىغاندۇ؟
رەھمەت !
لىكىن ئۇنىڭ ھچقانداق ئالاھىدە شەرتلىرىمۇ يوقكەن، شۇ ياش چەكلىمىسى بار ئىكەن ئۇنىڭدىن باشقا ئالى مەكتەپنىڭ ئاخىرقى يىلىنى ئوقۇۋاتقان بولىشى كىرەك دەپتۇ.
تۈركىيەدە ئوقۇشقا ئىلتىماس قىلىش ئۈچۈن يەنە قانداق ئالاھىدە تەلەپلەر قويىلىدىغاندۇ؟
بۇ توربەتتە ئسلام مەكتىپىكە تىزىملىتىشكا دائر نەرسىلەر بارمۇ؟
ئسلام مەكتىپى دەپ بىر مەكتەپ يوق. ئۇ دىگەن بىرە ئۈنىۋىرسىت ئىىچىدە بىر پاكولتىت بولىدۇ ۋە «ئىلاھىيات» پاكۇلتىسى دەپ ئاتىلىدۇ.
بۇ تور بىتىدە ، مەخسۇس بىرە كەسىپكە تىزىملىتىش بىلەن مۇناسىۋتلىك ئچۇرلار يوق. بۇ سەۋەپتىن، سىز ئوقۇماقچى بولغان كەسىپلەر بىلەن مۇناسىۋتلىك مەكتەپكە تىزىملىتىش بىلەن مەخسۇس ئۇچۇرلار يوق.
ئامما، يېقىنقى ئالغان ئۇچۇرلىرىمىزدا، بەزى مەكتەپلەر، بەزى كەسىپلەر ئۈچۈن «ئالاھىدە» ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىدىكەن. مەسىلەن: مىللى سەنئەت، بىناكارلىق، دىگەنگە ئوخشاش.
بىز تەپسىلى ئېلان بىرىمىز.
سىز، مۇكاپاتلىق ئوقۇشنى ئويلىنىپ باقتىڭىزمۇ؟
ئەسسىلاممۇ ئەلەيكۇم…. تۇركىيەدىكى ئسلام مەكتىبكە تىزىملاتكىلى بۇلامدۇ.
ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام،
تۈركىيەدە «ئسلام مەكتىپى» دەپ بىر مەكتەپ يوق. ئامما، بىرەر ئالىي مەكتەپنىڭ، بىرەك پاكولتىىتى بولىدۇ. نۇرغۇنلىغان مەكتەپلەرنىڭ «ئىسلام بىلىملىرى» پاكۇلتىتى بار.
بۇ سەۋەپتىن، ئەلۋەتتە ئىلتىماس قىلالايسىز ۋە تىزىملاتالايسىز!
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قېرىندىشىم. مەن 1990-يىلى7-ئايدا تۇغۇلغان، تۈركىيەدىكى ئىسلام مەكتەپلىرىنىڭ بىرىدە ئوقۇي دېگەن. پاسپورتۇم بار. قارىسام ئىسلام مەكتەپلىرىگە 1991-يلىدىن بۇرۇنقىلارنى ئالمايدىغاندەك قىلىدۇ، زادى بەك چىڭمىدۇ بۇ تەلەپلەر؟ مېنىڭ بەك چىقىپ كەتكۈم بار بۇ يەردىن. ھەقىسىز ئوقۇيالمىساممۇ مەيلى، ئىشقىلىپ تۈركىيەدە ئىسلام ئۆگىنىدىغان مەكتەپتىن بىرەرسىگە كىرسەملا بولاتتى.
ماڭا يول كۆرسىتەلەرسىلەرمۇ؟
ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. بۇ يىل قايتا سىناپ بېقىڭ، ئەمما يېشىڭىز توغرا كەلمەسلىكى مۇمكىن. پەقەت بولمىسا، تۈركىيەدىكى بىرەر مەكتەپنىڭ تىل كۇرسىدىن چاقىرىق قەغەز ئېلىپ، شۇ ئارقىلىق تۈركىيەگە كەلگەندىن كېيىن، بىر يىل تۈركچە ئوقۇپ، ئاندىن ئۆزىڭىز ئىمتىھان بەرسىڭىزمۇ بولىدۇ. ئەگەر شۇنداق قىلماقچى بولسىڭىز، بىز يەنە قانداق قىلىش توغرۇلۇق مەسلىھەت بېرەرمىز.
ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم،ئسلام مەكتەپلىرىگە قانداق تىزىملىتدۇ؟مىنىڭ يېشىم ماس كىلدىگەن.قانداق تىزېملىتىشنى بىلمەيدىكەنمەن،ياردەم قىلامسز؟رەخمەت
مەندە پاسپورت يوق لىكن تۈرۈك تلنى پششق بلمەن . مەن چىقالامدىم رەھمەت…..
ئوقۇش ئۈچۈن چقىدىغان ئىش بولسا ۋە مۇكاپاتلىق ئوقۇماقچى بولسىڭىز، ئالدى بىلەن توردىن تىزىملىتىسىز. تاللىنىپ قالسىڭىىز نېمىدېگەن ياخشى. بولماي قالسا، ئۆز خىراجىتىڭىىز بىىلەن ئوقۇش ئۈچۈن ئىزدەنسىڭىىز بولىدۇ. بىزمۇ قولىمىزدىن كېلىشىچە ياردەم قىلىمىز.
بۇنىڭدا ئېنىق يېزىلىپتۇ، بىراق بىر نەچچە ھەقتە تەپسىليرەك چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى ئۈمۈد قىلىمەن. تۈركىيە دۆلەتلىك ئوقۇش پۇرسىتىگە ئېرىشەلمەي ئۆز ئىمكانى بىلەن تۈركىيەگە ئوقۇشقا كەلمەكچى بولغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ تۈركىيەدە ئوقۇشى پۇرسىتى توغرىسىدا:
بۇ تۈردىكى ئوقۇغۇچىلار ئالىي مەكتەپنىڭ تىل چاقىرىقى ئۈچۈن 100$ ئەتراپىدا پۇلنى ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىشخانىسىغا ئەۋەتكەندىن كېيىن، تىل مەكتىپىنىڭ چاقىرىقى ئارقىلىق بېيجىڭدىكى تۈركىيە ئەلچىخانىسىغا ۋىزىغا ئىلتىماس قىلىدۇ. ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىشىخانىسىنىڭ تېلىفۇنى مۇشۇ شۇمۇ؟ ئاۋارە قىلىدىغان بولدۇم، كوپ رەھمەت.
ئالاقىلىشىش تېلېفون نومۇرى: 6657851 – 212 – 0090
ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام.
ئالدى بىلەن سىزگە ئۇتۇق تىلەيمىز، ئاللاھ يولىڭىزنى ئوچۇق قىلسۇن!.
ئوقۇغۇچى ئىشلىرى كومىتېتى ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلمايدۇ. پەقەتلا مەلۇمات بېرىدۇ ۋە يول كۆرسىتىدۇ.
ئوقۇغۇچىلارنى تۈركىيە دۆلىتى بىۋاسىتە ئۆزى تاللايدۇ ۋە ھېچكىم ئارىلىشالمايدۇ.
بۇ يىلقى ئوقۇغۇچى تاللاش نىسبىتى تېخى ئېنىق ئەمەس، ئەمما تاللاش شەرتى يۇقىرى بولۇشى ئېنىقراق.
ياخشىمىۇسىز.
100$ پۇلنى، مەكتەپنىڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىشىخانىسىغا ئىۋەرتىسىز. ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ئىشلىرى ئىشىخانىسىغا ئەمەس!
ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ئىشلىرى ئىشىخانىسى ھېچ بىر ئىشى ئۈچۈن پۇل ئالمايدۇ.
ياخشىمۇسىلەر! بۇ تور بېتىنى تېپىپ ناھايىتى خۇش بولدۇم، مەن ۋەتەندە تولۇق كۇرسنڭ ئنىگىلىز تىلىنى پۈتتۈرۈپ، ئۆزەمنى چېنىقتۇرۇش مەقسىتىدە مەكتەپ ئارقىلىق دۇبەيدىكى بىر شىركەتتە ئىشلەۋاتقىلى يېرىم يىل بولدى، ئۆزەمنىڭ يەنە بىر تىل ئۆگىنىشكە موھتاج ئىكەنلىكىمنى چوڭقۇر ھېس قىلدىم، بۇرۇندىنلا تۈرك تىلى ئۆگەنگىم بار ئىدى، بولسا ئۇنىۋېرستېىتنىڭ مەخسۇس كۇرسلىرىدا ئۆگەنسەم ياخشى بولاتتى، چىقىش ئۈچۈن قايسى ماتېرىياللار كېرەك بولىدۇ، مېنىڭ تولۇق كۇرس دېپلومامنڭ كوپي نۇسخىسى، پاسپورت كوپىيەسى، ۋىزا كوپىيەدىن باشقا نېمىلەرنى تەييارلىشىم كېرەك، سىلەرنى ئاۋارە قىلىدىغان بولدۇم، كۆپ رەھمەت!
ئەگەر تۈركچىلا ئۆگىنىدىغان ئىشىڭىز بولسا، بۇ يەردىكى مەكتەپلەردىن ئوقۇغۇچىلىق چاقىرىقى ئالغىلى بولىدۇ. ئەگەر تۈركچە ئۆگىنىپ بولغاندىن كېيىن، داۋاملىق يۇقىرى ئۆرلەپ ئوقۇماقچى بولسىڭىز، مۇشۇ ئاينىڭ 25 – كۈنىدىن 3 – ئاينىڭ 31 – كۈنىگىچە دۆلەتلىك مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىزمىتى ئېلىپ بېرىلىدۇ. شۇنىڭغا ئىلتىماس قىلسىڭىز بولىدۇ.
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، مەزكۇر كومېتىت رەھبەرلىرى
مەن ھازىر ئامرىكىدا تۇرىمەن . پات يىقىندا مەن تۈركىيەگە بىرىپ 4-5 ئاي تۇرماقچى ئىدىم . مەن بۇرۇن ، ۋەتەندە 4 يىل ئىنگىلىز تىلى دەرس ئۆتكەن. بۇ قىتىم ئەنقەرەدە بىر تەرەپتىن تۈركچە ئۆگەنگەچ بىر تەرەپتىن ئىنگىلىزچە دەرس ئۆتەي دېگەن سىلەر خىزمەت تېپىشىمدا يارىدەمدە بولالارسىلەرمۇ ؟ مەن 3 – ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا باراتتىم .
رەھمەت سىلەرگە.
جاۋابىڭىزنى كۈتۈپ ………………….
ئەسسالاممۇ ئەلەيكۇم
2013 يىل دىكي تۈركىيەگە ئۇقۇش تىزىملايدىغان ۋاقىت تۇشتما؟
تىزىملاشقا ئاز قالدى. پات يېقىندا ئېلان قىلىنماقچى!
ئەسسالاممۇ ئەلەيكۇم
مەن تولۇق ئوتتۇرا 3- يىللىقتا ئوقۇيمەن. مىنىڭ تۈركىيەدە بەك ئوقۇغۇم بار ئىدى.مەن جەمىيەتشۇناسلىق كەسپىدە تولۇق كۇرۇس ئوقۇماقچى ئىدىم.ماڭا ياردەم قىلىپ قانداق شەرىتلەرنى ھازىرلىشىم كىرەكلىكىنى دەپ بىرەرسىزمۇ؟
مىنىڭ تۈرۈكچە ئوقۇشقا ئالاھىدە قىززىقىشىم بار.ئىككى ئاي ئىچىدە چوقۇم ئاساسىمنى تىكلىۋالالايمەن.
بىزنىڭ ئوقۇش تۈگەيدىغانغا يەنە 3 ئاي ۋاقىت بار.تولۇق كۇرۇسنى جوڭگۇدا ئوقۇغۇم قەئىي يوق.ھىلىمۇ 10 يىل ئوقۇپ ئەقىللىقلىشىپ كەتتىممۇ دۆتلىشىپ كەتتمىمۇ گۇمانىم بار.
ماڭا چوقۇم ياردەم قىلىڭ.ئاللاھقا ئامانەت
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!
رەخمەت جاۋابىڭلارنى كۆرۈپ شۇنداق خوش بولدۇم . مەن 4-ئايغىچە ساقلاي. مەن دائىم تور بېكىتىڭلارغا دىققەت قىلىپ تۇراي، ۋاقتى كەلگەندە ماگا بىر خەۋەر قىلىپ قويساڭلار بوپتىكەن، مەن 4-ئايغىچە تۈركچە ۋە ئىنگىلىزچىدىن تەييارلىق قىلغاچ تۇرسام، سىلەرنى ئاۋەرە قىلدىم، رەخمەت!
ياخشىمۇسىلەر…
مەن پىداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنڭ4 -يىللىقىدا ئوقۇۋاتىمەن. مېنىڭ تۈركىيەدە ئوقۇش ئارزۇيۇم بار ئىدى. لېكىن مىىنىڭ ئىنگىلىز چە نەتىجەم يوق، مەن ئىلتىماس قىلسام بولارمۇ؟ پاسپورتمۇ چىقىپ بولغان، مەن جەدژەلنى پەقەت تاپالمىدىم. ياردەم قىلغان بولساڭلار، رەخمەت.. قاچان، قانداق تىزىملىتىدىغانلىقىمنى بىر چۈشەندۈرۈپ قويغان بولساڭلار بوپتىكەن، ئاۋارە قىلدىم، رەخمەت!
تۈركىيەگە چىقىپ ئوقۇش ئۈچۈن تىزىملىتىش تېخى باشلانمىدى. 2013 – يىللىق ئوقۇشقا تىزىملىتىش ۋاقتى 4 – ئايلاردا باشلىنىدۇ. شۇ چاغدا بىز جەدۋەلنى قانداق تولدۇرىدىغانلىقىڭلار ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇمات بېرىمىز. ئىنگىلىزچە نەتىجىڭىز بولمىسىمۇ، تىزىملىتىپ باقارسىز، ئۆتۈپ قالسىڭىز، ئەجەب ئەمەس. ئەمما 4 – ئايغىچە سەۋر قىلىپ تۇرۇڭ.
ئەسسالام
ياخشىمسىز!! مەن مەكتەپنى 2012-يىلى 7-ئايدا پۈتتۈرگەن ، مەندە چەتئەلگە چىقىپ ئوقۇيدىغانلار ئۈچۈن لازىم بولىدىغان رەسمىي تۈردىكى ئېنگىلىز چە نەتىجەم يوق، پەقەت خىزمەت ئىزدەش .ئۈچۈن مەكتەپتىن چىقىرىپ بەرگەن A4 قەغەزلىك ئۈستىدە مەكتەمنىڭ تامغىسى بار نەتىجەملا بار، بۇ نەتىجە قەغىز بولارمۇ؟ئەگەر بۇ ئىناۋەتكە ئېگە بولمىسا شاڭخەيگە بېرىپ قايتىدىن نەتىجەچىقىرىش كېرەك بولامۇ؟ نەتىجە قەغىزى ۋە قالغان ماتىرىياللارنى ئېنگىلىز چىغا تەرجىمە قىلامدىم ياكى تۈركچىگىمۇ؟
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!
مەن 2012 -يىل 7 – ئايدا جۇڭگو دورىگەرلىكى كەسىپدە باكلاۋۇرلىق ئوقۇشۇمنى تۈگەتكەن. 2013 – يىللىق تۈركىيە ئالىي مەكتەپلىرىگە ئىلتىماس قىلماقچىدىم، شۇڭا ئېغىر كۆرمەي، 2012 -يىلىدىكى جەدۋەل بولسا، يوللاپ بەرگەن بولسىڭىز، تەييارلىق قىغاچ تۇرسام دەيمەن. رەھمەت!
ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام!
بەكمۇ ياخشى ئويلاپسىز، لېكىن 2012 – يىللىق جەدۋەلنى ھازىر تاپقىلى بولمايدۇ، چۈنكى ئۇ جەدۋەل ھازىر ئېچىلمايدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە 2013 – يىللىق جەدۋەلدە ئۆزگىرىش بولۇشى مۇمكىن، شۇڭا ھازىرچە سىزگە مۇناسىۋەتلىك ماتېرىياللارنى تولۇقلاپ، تەييار قىلىپ تۇرۇڭ. بەلكىم 4 – ئايلاردا 2013 – يىللىق جەدۋەلنى ئېلان قىلىشى مۇمكىن. ھەم تور بېتىمىزنى پات – پات زىيارەت قىلىپ، يېڭىلىقلاردىن خەۋەردار بولۇپ تۇرۇڭ.
ياخشىمۇسىز؟
مەن مەكتەپنى 2012-يىلى 7-ئايدا پۈتتۈرگەن، مەندە چەتئەلگە چىقىپ ئوقۇيدىغانلار ئۈچۈن لازىم بولىدىغان رەسمىي تۈردىكى ئېنگىلىز چە نەتىجە يوق، پەقەت خىزمەت ئىزدەش ئۈچۈن مەكتەپتىن چىقىرىپ بەرگەن A4 قەغەزلىك ئۈستىدە مەكتەمنىڭ تامغىسى بار نەتىجەملا بار، بۇ نەتىجە قەغەز بولارمۇ؟ ئەگەر بۇ ئىناۋەتكە ئىگە بولمىسا، شاڭخەيگە بېرىپ قايتىدىن نەتىجەچىقىرىش كېرەك بولارمۇ؟ نەتىجە قەغىزى ۋە قالغان ماتېرىياللارنى ئېنگىلىز چىغا تەرجىمە قىلامدىم ياكى تۈركچىگىمۇ؟
ياخشى، ئۆزىڭىزمۇ ياخشى تۇرۇۋاتامسىز؟
ئەگەر چەتئەلگە چىقىپ ئوقۇش ئۈچۈن ئامال بار رەسمى تۈردىكى چەتئەل تىلى نەتىجىسى ئېلىشقا تىرىشىڭ. ئۇ نەتىجىلەرنى تەرجىمە قىلدۇرۇشنىڭ ھاجىتى يوق. تۈركىيەگە چىققاندىن كېيىن، بىۋاسىتە تۈركچىگە تەرجىمە قىلدۇرسىڭىز بولىدۇ.
رەھمەت سىزگە،مەن گەپنى ئوچۇق قىلماي ئازراق ئۇقۇشماسلىق بولۇپ قاپتۇ،مەندە ئېنگىلىزچە 4-دەرىجە نەتىجەم بار،مەن ھازىر IELTS ئىمتىھانىغا تەييارلىق قىلىۋاتىمەن،ئەمما مېنىڭ دېمەكچى بولغان رەسمىي تۈردىكى ئېنگىلىزچە نەتىجە دېگىنىم مىنىڭ تۆت يىللىق ھەرقايسى نەتىجەمنىڭ ئېنگىلىزچە نۇسخىسىنى دېمەكچىمەن(چۈنكى مەن باشقىلاردىن بەزى مەكتەپلەرچەت ئەلگە ئوقۇشقا چىقىدىغان ئوقۇغۇچىلىرىغا مەكتەپنىڭ ئېنگىلىزچە نەتىجە چىقىرىپ بېرىدىغىنىنى ئاڭلىغان).مۇشۇنداق قىلىش كېرەكمۇ ؟مەن مەكتەپ پۈتتۈرگىلى يېرىم يىل بولۇپ كەتتى،مەكتەپكە بارسام بۇنداق نەتىجە چىقىرىپ بېرەمدۇ يوق نامەلۇم…مەندە ھازىر مەكتەپتىن چىقىرىپ بەرگەن A4 قەغەزلىك ئۈستىدە مەكتەمنىڭ تامغىسى بار نەتىجەملا بار.
ھە، ياقەي، ئۇنداق قىلىپ كېتىشنىڭ ھاجىتى يوق. IELTS نەتىجىڭىز بولسا، شۇ يېتەرلىك. ھەتتا بەزى مەكتەپلەر ئۇنىڭغىمۇ قارىمايدۇ. مەكتەپتىكى ئىمتىھان نەتىجىلىرىڭىزنىڭ ئىچىدە ئىنگىلىزچە دەرسنىڭ نەتىجىلىرىمۇ يېزىقلىق بولسىلا بولدى. ھەممە يىللىقنىڭ ئىنگىلىزچە ئىمتىھانى ئۈچۈن ئايرىم – ئايرىم ئىسپات چىقىرىپ ئولتۇرۇشنىڭ ھاجىتى يوق. ئاۋارە بولۇپ يۈرمەڭ. IELTS كە ئوبدان تەييارلىق قىلىپ، شۇنىڭدىن يۇقىرى نەتىجە ئېلىۋالسىڭىزلا بولغۇسى. جانابى ئاللاھ سىزگە ئاسانلىق بەرگەي!
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!
مەن 2012 – يىل باكلاۋۇرنىڭ (中药学) كەسپىنى پۈتتۈرگەن. 2013 – يىلنىڭ دورىگەرلىك ئاسپىرانتلىققا ئىلتىماس قىلماقچىدىم . ئېغىر كۆرمەي 2012 – يىلىنىڭ ئىلتىماس جەدۋىلىنى ئەۋەتىپ بەرگەن بولسىڭىز بوپتىكەن. مەن ئالدىنئالا تەييارلىق قىلاي دەپ ئويلىغان. رەھمەت!
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم،جاپاكەش قېرىنداشلىرىم ھارمىغايسىلەر!
مەن كېلەر يىلى 7-ئايدا ئالى مەكتەپنى پۇتتۇرىمەن، چەتئەلدە بەك ئوقۇغۇم بار، قايسى دۆلەت بولسا مەيلى. چاقىرىق ھەل قىلىش ئۈچۈن قانداق نەرسىلەر كېتىدۇ؟؟؟ يول كۆرسەتكەن بولساڭلار؟……
ئاللا رەھمەت قىلسۇن؟
ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام.
ئالدى بىلەن پاسپورت تەييارلايسىز. ئەگەر پاسپورتىڭىز بولمىسا، بىرەر چاقىرىق ئەكەلدۈرۈپ، پاسپورت تەييارلايسىز.
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قېرىنداشلىرىم! ياخشىمۇ سىلەر؟ ئاساسى گەپكە كەلسەك ،مەن بۇيىل 21 ياشقا كىردىم، ئالىي مەكتەپنىڭ 3 – يىللىقىدا ئوقۇيمەن. مۇنتىزىم 6ئاي تۈركچە ئۇگەندىم، سەۋىيەممۇ يامان ئەمەس ھەمدە قازاق، قىرغىز، رۇس تىللىرىنىمۇ بىلىمەن. تۈركىيەگە چىقىپ ئوقۇش ئىرادەم بەك كۇچلۈك ئىدى. تولۇق ئوتتۇرىدىكى نەتىجىلىرىمنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك 90دىن يۇقىرى،ئەپسۇس! كىملىكىمگە 1989 – يىلى تۇغۇلغان دەپ خاتا يېزىلىپ قاپتۇ .ئەگەر ئىلتىماس قىلسام، تەسىرى بولارمۇ؟ ئىلتىماس قىلىش تور بەتلىرى نېمىشقا ئىچىلمايدۇ؟ سوئاللىرىم تۈگىدى .‹اللە›غا ئامانەت قېرىنداشلىرىم، تېنىڭلار سالامەت، تۇرمۇشۇڭلار بەختلىك بولسۇن.
ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام!
توردىن ئىلتىماس قىلالايسىز، ئەلۋەتتە. ئەمما «ياش» مۇناسىۋىتى بىلەن مۇكاپاتلىق ئوقۇشقا تاللىنالماي قېلىشىڭىز مۈمكىن. ئەمما ئۆز خىراجىتىڭىز بىلەن ئوقۇسىڭىز بولىۋېرىدۇ.
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، مەن 2013-يىل 7-ئايدا سەنئەت ئىنىستوتى ئوتتۇرا تېخنىكومىنى پۇتتۇرىمەن ، ئۆرلەپ تۈركىيەدىكى مۇزىكا ئونۋىرىستىتىدا ئوقۇش ئارزۇيۇم بار ، مەن مىڭ تەستە بۇ توربەتنى تاپتىم ، ئەمما بەزى جاۋاپلارغا قاراپ كىچىكىپ قالغىنىمنى ھىس قىلدىم ، چۈنكى مەن تېخى پاسپورىت بىجىرمىگەن ، ھەمدە ئۇ ئىشلارغا قارىتا تەجىربەممۇ يوق ، ماڭا يول كۆرسەتسەڭلار !!!
رەھمەت سىلەرگە …
ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام! بۇ بىر نەچچە كۈندىن بېرى ئادمىن دېگەن ئاداشنىڭ بىردەم ئىشى تۈگىمەي، بىردەم سالامەتلىكى ياخشى بولماي دېگەندەك سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن تور بېتىمىز بىر نەچچە كۈن تاشلىنىپ كېتىپ قالدى. يازغان خەتلىرىڭىزگە ۋاقتىدا جاۋاب قايتۇرالمىغانلىقىمىز ئۈچۈن كەچۈرۈم سورايمىز. تۈركىيەگە چىقىپ ئوقۇش ئۈچۈن چوقۇم پاسپورت لازىم، بۇنى سىزمۇ ئوبدان بىلىسىز. ئەمما پاسپورتنى قەيەردىن ۋە قانداق ھەل قىلىش پۈتۈنلەي ئۆزىڭىزنىڭ مەسىلىسى، بىز بۇ يەردە تۇرۇپ، پالانى يەرگە بېرىپ، پوكۇنى بىلەن كۆرۈشسىڭىز بولىدۇ دەپ بېرەلمەيمىز. ئۇنداق دېيىش سالاھىيىتىمىزمۇ، مەلۇماتىمىزمۇ يوق. شۇڭا پاسپورتنى ئەتراپىڭىزدىكى كىشىلەردىن سوراپ، ئىزدىنىپ ھەل قىلغايسىز. ئۇنىڭدىن كېيىنكى مەسىلىگە كەلسەك، كېلەر يىللىق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىشلىرى 4 – ئاينىڭ ئالدى – كەينىدە باشلىنىشى مۇمكىن. بۇ تىزىملىتىش پۈتۈنلەي توردىن ئېلىپ بېرىلىدۇ، شۇ ۋاقىتتا بىز مەخسۇس ئېلان چىقىرىمىز. قانداق تىزىملىتىش، نېمىلەرنى تەييارلاش… دېگەندەك ئىشلارنى شۇ چاغدا كونكرېت چۈشەندۈرۈپ قويساق بولىدۇ. ئەمما شۇڭغىچە پاسپورت دېگەن كاساپەتنى ھەل قىلىشقا تىرىشىڭ ۋە تور بېتىمىزنى پات – پات زىيارەت قىلىپ، يېڭىلىقلاردىن خەۋەردا بولۇپ تۇرىشىڭىزنى ئالاھىدە تەۋسىيە قىلىمىز ۋە سىزگە ئۇتۇق تىلەيمىز.
http://www.turkiyeburslari.gov.tr بۇ توربەتكە كىرىپ ئېلخەت ئادرسىنى كىرگۈزسەم، خاتا دەپ تۇرۇۋېلىپ بارىدۇ. قانداق قىلىشىم كېرەك؟ بولمىسا توغرا ئىدى.
بۇ تور بەت ھازىر تاقاق، چۈنكى بۇ يىللىق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىزمىتى 6 – ئاينىڭ 1 – كۈنى ئاخىرلاشقان. ئەگەر باشقا مۇناسىۋەت بىلەن خەت يازماقچى بولساڭلار، شۇنىڭغا قارىتا ئېلخەت ئادرىسىنى دەپ بەرسەك بولىدۇ.
Man Ankara university ga utkan ukuguqi , sizga tel kilgan~ biz hazir ankaraga utkan uq kiz billa Bahcelievler(turkqa) metro bikkatnig yinidiki Mamatakif kizlar yurtida turiwatimiz ~biznig sualimiz:
Biz kizlar yurtta turwatimiz ,likin bu yarda tamakni haksiz yiyix uqun qukum maktapka tizimga aldurup maktapnig ID Number ni ilix lazim ikan , xuga biz hazir bu yarda musafer bulup turwatimiz , maktap ka birip tizimga aldurayli dap uzimigznig fakultitiga barsak biz bilmaymiz daydu ,kandak kiliximiz lazim
Ankara va gazi universitynig uhximigan facultiti ohximigan yarda ikan ,
biz zadi facultitka baramduk yaki inistitut ka baramduk yaki university ga baramduk bilalmid ?
Ankara da biz mamlikattin algan telni aqturux uqun 100TL tulaysilar ,andin karta alisilar daydu ..burunmu xunda midi? biz uq kiz turuk tili bilmigaqka , bak kiynalduk , gipimizni bilduralmay , Ankara diki uygurlar bizga bir yardam kilgan bulsa yahxi idi…
Silarni awara kilduk
allah rehmet kilsun
Biznig tel numurimiz yok,ming yatakdiximnig numuri 05…76..94 idi ,bizga kandak kilximizni bulsa muxu tel arkilik dap barsaglar, u turk kiz kaqta yatakta bulidu ,ata duxanba maktapka tizimga alsak bular idi~ kup rehmet
بولىدۇ ئۇكام، سىلەر خاتىرجەم بولۇڭلار، بىز ھازىر ئەنقەرەدىكى قىز ئوقۇغۇچىلار بىلەن جىددى كۆرۈشىۋاتىمىز. ئۇلار سىلەرگە ياردەم قىلىدۇ. بەزى ئىشلار شۇنداق قالايمىقان بولۇپ كېتىپتۇ، تۇنجى يىلى ئەمەسمۇ، بۇلارمۇ كۆپ ئىشلاردا تەجرىبىسىز بولغاچقا، بەزى ئىشلار مۇشۇنداق بولۇپ قالدى. ياتاق، تاماق مەسىلىلىرى ئاز كۈندىن كېيىن ئوڭشىلىدۇ. تېلېفوننىڭ ئىشى شۇلار دېگەندەك تىزىمغا ئالدۇرمىساڭلار بولمايدۇ، بولمىسا، بىر نەچچە كۈن ئىچىدە تېلېفونىڭلار تاقىلىپ قالىدۇ. ئەسلىدە ئاۋۋال كارت ئېلىپ، ئاندىن تېلېفوننى ئاچقۇزساڭلارمۇ بولىۋېرەتتى. ھازىر سىلەرنىڭ قېشىڭلارغا ئەنقەرەدە ئوقۇۋاتقان مەھمۇتجان دېگەن بالا بارماقچى. تېلېفون نومىرى: 05383.8.2 قانداق ئىش بولسا، مۇشۇ بالىغا دېسەڭلار، سىلەرگە ياردەم قىلىدۇ.
مەن تۇلۇق كۇرۇستا ئوقۇشقا تىزىملات قان ئىدىم .
ئەگەر سەلەردە 2012-يىللىق ئىمتاھان سۇئالى بار دوسلار ماڭا يوللاپ بەرسەڭلار..
مىنىڭ خەت ساندۇقۇم:inshad@vip.qq.com
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، دوستلار !
مەن مەكتەپ سۈرۈشتە قىلماقچىدىم، ياردەم قىلساڭلار.
ئەھۋالىم:
مەن ھازىر بېيجىڭدىكى بىر ئالي مەكتەپنىڭ 4-يىللىقىدا ئوقۇۋاتىمەن، كەسپىم ئۇچۇر باشقۇرۇش ۋە ئۇچۇر سىستېمىسى (خاپا بولمايسىلەر ،بەلكىم بۇ تەرجىمەم بەك ”خەنزۇچە“بولۇپ قالدىغۇ دەيمەن.)
(خەنزۇچىسى:信息管理与信息系统). ھەمدە ھازىر بىېيجىڭدىكى باشقا بىر مەكتەپنىڭ يۇمىشاق دېتال ئېنژىنېرلىق كەسپىگە ئاسپىرانتلىق ئىمتىھانىغا تەييارلىق قىلىۋاتىمەن. ئەمما كۆڭلۈمدە جۇڭگودا ئاسپىرانىتلىق ئوقۇشقا ئانچە ئىشەنچ ۋە قىزىقىش يوقتەك سېزىمەن.
ئارزۇيۇم:
مىېنىڭ تېخىمۇ يۇقىرىلاپ ئوقۇپ ،مەلۇم دەرىجىدە ئىقتىدار يېتىلدۈرۈپ، ئاۋۋال شىركەتلەردە ئىشلەپ، ئاندىن ئېگىلىك تىكلەش يولىغا مېڭىش ئارزۇيۇم بار .
تىلىكىم:
كەڭ تورداشلارنىڭ ماڭا ئاسپىراتلىق كەسىپ ۋە مەكتەپ تاللىشىپ بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن. رەخمەت!
ئاللاھ بۇ يەردىكى بارلىق قېرىنداشلارغا خۇشاللىق ئاتا قىلسۇن!
ئەسسىالامۇئەلەيكۇم:
«ئاخبارات كەسپى »نى تۈركچىدە نېمە دەيدۇ؟ بولسا بۇ كەسىپنىڭ تۈركىيەدىكى ئورنى ھەققىدە ئازراق چۈشەنچە بەرسىڭىز…
ئاۋارە قىلدىم. رەھمەت.
ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام! ئاخبارات كەسپىنىڭ تۈركچە ئاتالغۇسى ئىنگىلىزچە بىلەن ئوخشاش، يەنى medya دەيدۇ. بۇ كەسىپ كۆپ تەرەققى قىلغان ھەم بەكمۇ پۇل تاپىدىغان كەسىپ. كېلەچىكىدىن خاتىرجەم ئوقۇشقا تېگىشلىك كەسىپلەردىن بىرى.
رەھمەت…
«خاندەنلىك » نىڭ ئىچىدە بۇ كەسىپمۇ بارمۇ ؟
、ئەسسىالامۇ ئەلەيكۇم… ئاخبارات كەسپىنى تۈركچە نېمە دەيدۇ؟ بولسا مۇشۇ كەسىپنىڭ تۈركىيەدىكى ئورنى ھەققىدە ئازراق چۈشەنچە بەرسەڭلار. ئاۋارە قىلدىم، ئاللاھ ئەجرىڭلارنى بەرسۇن.
ئەسسالامۇئەلەيكۇم:مېنىڭ تۈركىيەدە ئوقۇش ئارزۇيۇم بار ئىدى. ھازىر پۇرسەت بولمىسا، چاقىرىق ئەۋەتىپ بەرسەڭلار، تۈركىيەدە تۈركچە ئۆگەنگەچ تۇرسام، كېلەركى يىللىق خاندەلىككە تۈركچە ئاساس سالغاچ تۇرسام. بۇ مۈمكىن بولارمۇ؟
ئەسسىلام ئەلەيكۇم
بىيجىڭغا 19،20لەردىن ماڭىدىغان قىزلار بولسا، مەن بىلەن ئالاقىلاشساڭلار . بىللە بېلەت ئالايلى دېگەنتىم.
تېل:15199164610
896197447:qq
ئەسسالامۇئەلەيكۇم:مېنىڭ تۈركىيەدە ئوقۇش ئارزۇيۇم بار ئىدى. ھازىر پۇرسەت بولمىسا، چاقىرىق ئەۋەتىپ بەرسەڭلار، تۈركىيەدە تۈركچە ئۆگەنگەچ تۇرسام، كېلەركى يىللىق خاندەلىككە تۈركچە ئاساس سالغاچ تۇرسام. بۇ مۈمكىن بولارمۇ؟
ئەسسالام ئەلەيكۇم،،چەتئەلدە تۇرۇپ ئىلتىماس قىلسام بولارمۇ ؟ كېلەر يىلى 23 ياشقا كىرىمەن .خاندەلىككە كىرەلمىسەم، ئۆز پۇلۇمغا ئوقۇساممۇ مەيلى ئىدى. ۋاقتىڭلارنى ئالىدىغان بولدۇم، رەھمەت.
ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام، بەلكىم بولۇپ قېلىشى مۇمكىن، بۇ ھەقتە يېڭى مەلۇماتلار بولسا، بىز تور بەتتە ئېلان قىلىمىز. شۇڭا تور بېتىمىزنى پات – پات زىيارەت قىلىپ تۇرۇشۇڭلارنى ئالاھىدە ئۇقتۇرىمىز.
ئەسسالام ئەلەيكوم،،بولسا مەخسۇس بىرتىما چىقىرىپ ئوقوش مۇكاپاتى ئالغان جوڭگودىكى باللارنىڭ سانىنى ،ئالاقىلىشىش نومىرىنى سىتاتىكا قىلىپ بەرسڭىز،توختامغا قول قويغىلى بىللە بىرىپ كىلىدىغان بالىلار بولسا ئالاقىلىشىش ئەپلىك بولاتتى.
qq:290905440
ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام! ئۇنداق قىلغىلى بولمايدۇ ھەم ئۇنداق قىلىش بىزنىڭ قولىمىزدىن كەلمەيدۇ، بۇنى ئۆز ئاراڭلاردا بىر ئامال قىلىپ ھەل قىلارسىلەر.
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم سىلەردىن سۇراپ باقسام بۇ كىلۋاتقان خۇش -خەۋەرلەر بۇلتۇرقى تۇركىيەدە ئۇقۇغان باللارغىلا كىلۋاتامدۇ ياكى 7-ئايدا بىز گە ئۇخشاش مۇلاقەتكە قاتناشقانلارغىمۇ بامۇ؟مۇشۇ تۇغرىسىدا ئىنىق جاۋاپ بەرگەن بۇلساڭلار رەخمەت!
ھەممەيلەنگە كېلىۋاتىدۇ.
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم !
ۋاقتلارنى ئورۇنلاشتۇرۇشتا ئېغىر سەۋەنلىك كۆرۈلگەنلىكتىن بەزى ھەل قىلىش تەس بولغان مەسىلىلەرگە يولۇقۇپ قالدىم،كۆپچىلىك ئورتاق پايدىلانساق،ئاددىسى بۇ ھەقتە تەجرىبىسى بارلار قولىدىن كېلىشىچە يول كۆرسەتسىكەن دېگەن مەقسەتتە مەزكۇر تېمىنى يېزىپ ئولتۇرۇپتىمەن،ئىشنىڭ تەپسىلاتى تۆۋەندىكىچە:
ئۆزۈم مالايسىياغا كەلگىنىمگە 9 ئايچە بولۇپ قالدى، ئايالىممۇ يېقىندا پاسپورتىنى ئوڭۇشلۇق بېجىرىپ كېلەر ھەپتە مالايسىياغا ساياھەت ۋىزىسى ئارقىلىق كەلمەكچى ئىدى،بېلەتنىمۇ ئېلىپ بولغان.
دەسلەپ ئايالىم بىلەن مالايسىيادا ئوقۇش مەقسىدىمىز بار ئىدى، مەلۇم سەۋەب تۈپەيلى تۈركىيەگە بېرىپ تىل ئۆگۈنۈپ بولۇپ ھەقسىز مەكتەپلەردە ئوقۇش قارارىغا كەلدۇق، ھازىرقى مەسىلە مېنىڭ پاسپورتىمدا مالايسىيانىڭ ئوقۇش ۋىزىسى بولغاچ بۇ جايدىن تۈركىيەنىڭ ئوقۇش ۋىزىسىنى ئىلتىماس قىلسام ناھايىتى ئوڭايلا بېجىرەلەيمەن ،ئايالىمنىڭ بېلىتىنى ئېلىپ بولغان بولغاچقا ئۇ مالايىسياغا ساياھەت ۋىزىسى ئارقىلىق كەلسە مالايسىيادىن تۈركىيەنىڭ ئوقۇش ۋىزىسىنى ئىلتىماس قىلىش مۇمكىن بولمايدىغان ئىش؛ شۇڭا تۆۋەندىكىدەك بىر پىلاننى ئويلاشتىم،بۇ پىلان ئورۇنلۇق بولامدۇ ياكى بولمامدۇ ئېنىق قارار چىقىرالمىدىم
نەچچە كۈن ئىچىدە بىر دوستۇم تۈركىيەدىن ئىككىمىزگە ئوقۇش چاقىرىقى سېلىپ بەرسە، مەن ئۆزۈمنىڭ تۈركىيەدە ئوقۇش ۋىزامنى مالايسىيادىن بېجىرىمەن،ئايالىم كەلگەندىن كېيىنلا ئۇنىڭ پاسپورتى ۋە دوستۇم تۈركىيەدىن ئەۋەتكەن ئوقۇش چاقىرىقىنى EMS ئارقىلىق گۇاڭجۇدىكى تونۇشقا ئەۋەتىپ بەرسەم ئۇلار تۈركىيەنىڭ ئوقۇش ۋىزىسىنى چاپلاپ بولۇپ EMS تېز يوللانمىسى ئارقىلىق بىزگە قايتۇرۇپ ئەۋەتىپ بەرسە بۇ ئارقىلىق مالايسيادىن ئىككىمىز تەڭ تۈركىيەگە يول ئالساق…
سىلەرچە يۇقارقى پىلان ئورۇنلۇق بولامدۇ؟ ناۋادا بۇنداق قىلغىلى بولسا بىر قېتىملىق ۋەتەنگە قايتىپ قايتا بېلەت ئېلىپ تۈركىيەگە مېڭىش بېلىتىنىڭ پۇلىنى تىجەپ قالغىلى بولاتتى
ئەسسەلامۇ ئەلەيكۇم! رامىزان كۈنلىرىڭلار خەيرىلىك بولسۇن!
بۇ ئۇلۇغ كۈنلەردە قىلىۋاتقان ئەجرىڭلار ھەسىسىلىنىپ مېۋە بەرگەي!
مەن ۋىزا ئىلتىماسى ئۈچۈن كېتىدىغان بارىلىق ماتىرىيالىمنى ئەلچىخانىغا يوللاپ بەرگەن ئىدىم، ئۇلار قۇبۇل قىلىپ ئون كۈندىن كېيىن نەتىجىسىنى كۈتۈڭ دېگەن ئىدى. جۈمە كۈنى يەنى 10-كۈنى ھاۋالە قىلغان ئادىمىمگە تېلفون ئارقىلىق ۋىزا ئىلتىماسىمنىڭ تەستىقلانمىغانلىقىنى ئېيتىپتۇ ۋە بىز يەنە تېلفون قىلىمىز دەپتۇ. ئەمدى قانداق قىلارمەن دەپ بەك بېشىم قاتتى، مۇشۇخىل ئەھۋال ھەققىدە مەسلىھەتىڭلارغا مۇھتاج بولۇپ قالدىم. ۋىزا ئىلتىماسىنىڭ تەستىقلانماسلىقىدىكى سەۋەبلەر قايسى؟ سىلەرگە كۆپ رەھمەت.
ھۆرمەتلىك ئۇيغۇر ئۇقوغۇچىلار ئۇيۇشمىسىدىكىلەر:
بۇلتۇر سىلەرنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىڭلار بىلەن تۈركىيەگە كوللىكتىپ كەلگەن باللارنىڭ تۈركىيە بۇرۇسلىرىغا تىزىملاتقانلارغا ھازىرغىچە خەۋەر يوق، 7-ئاينىڭ ئاخىرى چىقىدۇ دىگەنتىڭلار ،بىراق يەنىلا جىمجىت، بىز زادى قانداق قىلىمىز، بۇ ھەقتە بىزگە ئىنىق جاۋاب بەرگەن بولساڭلار.
ئەسسالامۇئەلەيكۇم!!!!!
ئالى مەكتەپنى پۇتتۈرگەنلەر تۈركىيەگە چىقىپ ئاسپىرانتلىق ئوقۇشقا مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلار بارمۇ؟بولسا خەۋەردار قىلغان بولساڭلار!!! رەخمەت!!!!
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك ئۇيغۇر ئوقۇغۇچى ئىشلىرى كومتېتىدىكى بارلىق مېىھنەتكەش قېرىنداشلىرىم !!!!!مەن ئالدى بىلەن سىلەرنىڭ بىز ئۇچۇن سىڭدۇرگەن جاپالىق ئەجرىڭلەرگە كۆپتىن- كۆپ رەخمەت ئېيتىمەن !رەخمەت سىلەرگە!!! سىلەرنىڭ قايتا -قايتا سورالغان سۇئاللارغىمۇ زېرىكمەي شۇنداق ئەتراپلىق بەرگەن جاۋاپلىرىڭلارنى كۆرۇپ سىلەردىن شۇنداق تەسىرلەندىم !!!ھەم شۇنداق سۇيۇندۇم !!! مەن كېلەر يىلى تۇلۇق ئوتتۇرىنى پۇتتىرىمەن ،مېنىڭ تۇركىيەگە چىقىپ ئوقۇش ئارزۇيۇم بەك كۇچلۇك !ئېڭگىلىس تىلىدا تۇرمۇش ھاجىتىمدىن چىقالايمەن !ئۆگىنىش نەتىجەم ۋە باشقا جەھەتلەردە سىلەرنىڭ شەرتىڭلارغا توشىدىكەنمەن ھەم تىرىشىمەن ! مەن كېلەر يىلى بارلىق رەسمىيەتلەرنى پۇتتۇرۇپ ئوقۇشقا ئىلتىماس قىلىشقا تاييارلىق قىلىۋاتىمەن ! بۇگۇن ئاددى خەت يۇزىدە بولسىمۇ سىلەرنىڭ ئجرىڭلەردىن سۇيۇنۇپ سىلەرگە رەخمەت ئېيتىش ھەمدە سىلەر بىلەن دىدارلىشىش مەخسىتىدە بۇ خەتنى يازدىم رەھمەت سىلەرگە!!!
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم باشقۇرغۇچىلار،
شۇنداق قىلىپ بارلىق ئىلتىماس ماتىرياللىرىنىڭ سۈرەتلىك نۇسخىسىنى شۇنداقلا توشقۇزۇشقا تىگىشلىك ماتىرياللارنى توشقۇزۇپ ئەۋەتىۋەتتۇق. ئەمدىلىكتە مەكتەپ تەرەپنىڭ ئۇقتۇرۇشىنى ساقلىماقتىمىز. تۆۋەندە مەن سىلەردىن سورايدىغان بىر نەچچە تۈرلۈك سۇئاللار بار. تەپسىلىيرەك جاۋاب بەرگەن بولساڭلار :
1. بىز ئەڭ بالدۇر بولغاندا قاچانلاردا ئۇقتۇرۇشنى تاپشۇرۇۋالىمىز؟
2. ئەگەر بىز ئۇلارنىڭ قوبۇل قىلغانلىق خەۋىرىنى تاپشۇرۇۋالساق ، ماتىرياللارنى قايسى خىل ئۇسۇلدا نەگە يوللايمىز؟ ھەممىلا ئالىي مەكتەپتە ئوقۇغانلار ماتىرياللارنى ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقىدىن ئۆتكۈزۈش كىرەكمۇ؟ دىمەكچى بولغىنىم بەزى مەكتەپلەر خىلىلا داڭلىق بولۇپ دۆلەتلىك 211 قۇرۇلۇشىدىن ياكى ئۇنىڭدىنمۇ يۇقۇرى دەرىجسى بار، بۇ خىلدىكى مەكتەپلارنى پۈتكۈزگەنلەرمۇ ئۇنۋان كىنىشكە ۋە نەتىجىلىرىنى گۇۋاھلىقتىن ئۆتكۈزۈشى كىرەكمۇ؟
3. ئەگەردە بىز ئوڭۇشلۇق قوبۇل قىلىندۇق دەپ ئويلايلى، بىز تۈركىيەگە چىقىپ ئوقۇشتا دۆلەت ئىچىدە چوقۇم بىجرىشكە تىگىشلىك رەسمىيەت ياكى ھۆججەتلەر قايسىلار؟
4. سىلەرگە بىرىدىغان دوستانە مەسلىھەتىم شۇكى، تور بىتىڭلاردا كۆپ سورىلىدىغان سۇئاللار ( FAQ) دىگەن سەھىپىدىن بىرنى ئىچىپ قويساڭلار بىر قىسىم سۇئاللارنىڭ تەكرار سورىلىشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولاتتى.
جاۋابىڭلارنىڭ تەپسىلىيرەك بولۇشنى ئۈمۈد قىلىپ ، (يولۇچى) كۆپ رەخمەت …
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، ئىلتىماسىمىزنىڭ نەتىجىسى قاچانلاردا چىقا؟ بۇ يىل قانچىلىك ئادەم تىزىملاتقاندۇ؟
ئەسسلامۇ ئەليكۇم
مىنىڭ سىڭلىم بۇيىل تولۇۆ 2جى يىللقتا ئوقۇيدۇ ھازىر تىزىملاتسا بولامدۇ
ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام،
ئالدى بىلەن تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى تاماملىشى كېرەك.
ئەسسالاممۇ ئەلەيكۇم !! مەن ھازىر ئىچكرىدىكى مەلۇم ئۇنۋىرسىسىتىنڭ مالىيە بۇغالتىرلىق (会计电算化)نى ئالى تىخنىكۇم كەسپىنى پۇتۇردۇم، نۇپۇسۇم ئىچكرىدە ،قۇلۇمدا پاسپورتۇم بار ،تۈرۇكچە، ئىنگىلىزچە سۇزلەشتە تۇرمۇش ھاجىتىمدىن چىقالايمەن، مۇمكىن بولسا ئالى تىخنىكۇم كەسپىدىكىلەرمۇ تۇركىيەدە ئۇقۇشقا ئىلىتىماس قىلالامدۇ، (我是自考生)….
ئەسسالامۇئەلەيكۇم،جەدۋەلنىڭ بىرىنچى بېتىدىكى رەسىم چاپلايدىغان يېرىگە رەسىم چۈشسەم، ئۇتۇقلۇق بولدى دەيدۇ، لېكىن رەسىم كۆرۈنمىدى. ھەممىنى تولۇق تولدۇرۇپ بولۇپ، كېيىنكى بەتنى ئاچسام ئېچىلمىدى ھەم بىرىنچى بەت ساقلانمىدى. قانداق قىلىش توغرىسىدا مەسلىھەت ئالسام بولارمۇ؟
ئەسسالام!
مەكتەپ ئىلتىماس قىلغاندا چوقۇم ئىستانبۇلدىن باشقا شەھەرلەردىكى مەكتەپلەرنىمۇ تاللىشىمىز كېرەكمۇ؟ ئىستانبۇلدىكى مەكتەپلەردىن ئەڭ جىق بولغاندا قانچىنى تاللىيالايمىز؟
رەھمەت!
ئەسسالامۇئەلەيكۇم:جەدۋەل ئچىدە يۇرت توشقىىزدىغان يەردە ئاتۇش دەپ يوقكەن.قانداق قىلسام بولا؟
ئەسسالامۇئلەيكۇم ياخشىمۇسىلەر ، ئۇنداقتا مەن قايسى يول ئارقىلىق پاسپورت بىجىرسەم بۇلىدۇ ؟ مەسلىھەت بەرگەن بولساڭلار
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، سىز كېيىن پاسپورت بېجىرەلىدىڭىزمۇ؟قانداق يوللار بىلەن بېجىردڭىز ماڭا يول كۆرسەتسىڭىز بوپتىكەن.. رەھمەت..
ئەسسالامۇئلەيكۇم ياخشىمۇسىلەر ، ئۇنداقتا مەن قايسى يول ئارقىلىق پاسپورت بىجىرسەم بۇلىدۇ ؟ مەسلىھەت بەرگەن بولساڭلار .
ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم مىنىڭ تىزىملىتىشقا سالاھىتىم توشاتتىكەن .مەن جەدىۋەل بار بەتكە كىرىپ توشقۇزۇش جەريانىدا مەن تۇغۇلغان جاي بىلەن تۇرۇشلۇق ئورۇننىڭ ئىسمىنى تاپالمىدىم …..تۇغۇلغان جايىم _ئاقتۇ(ئاتۇش) تۇرۇشلۇق جاي _داچىڭ شەھىرى (خېيلوڭجڭ ئولكىسى) مۇشۇنىڭغا بىر ئامال كۆرسەتسەڭلا ……رەخمەت ئاۋارە قىلدىم.
ئەسسالامۇئلەيكۇم ياخشىمۇسىلەر ،مىنىڭ تۈركىيەگە چىكىپ ئوقۇش ئارزويۇم بار . لىكىن مەن تېخى پاسپورت بىجىرمىگەن .ماڭا چاقىرىق ئەۋەتىپ بېرەرسىلەرمۇ؟؟ ئەلۋەتتە كېرەكلىك نەرسىلەرنى سىلەرگە ئەۋەتىپ بەرسەم .. رەخمەت ! ھارمىغايسىلەر
ئەسسالام ئەلەيكۈم!
مەن بۇ يىل تۈركىيەدىكى ئۇنۋېرىستېتقا كىرىش ئالدىدا تۇرۋاتقان ئوقۇغۇچى، ھازىر تۈمەردە ئوقۇۋاتىمەن. يۇقاردىكى بۇرۇسقا ۋە مەكتەپلەگە بىز تېزىملاتساق بولامدۇ؟ بىزگىمۇ شۇنداق شەرىتلەر قويۇلامدۇ؟
مەسىلەن: ياش چەكلىمسى ۋە ئوقۇش تارىخى دېگەندەك؟ يەنە بىر ئىش تور بېتىڭلاردا پەقەت كىلش ئالدىدا تۇرۋاتقان ئوقۇغۇچىلارغىلا مۇناسۋەتلىك ئۇچۇرلار بار ئىكەن. بۇ يىلقى ئۇنۋىرسېتېتقا كىرىش ئالدىدا تۇرۋاتقان ئوقۇغۇچىلارغا مۇناسېۋەتلىك ھېچ بىر خەۋەر يۇق. شۇڭا بىزنىڭ ئۈمۈد قىلدىغىنمىز بىزگە مۇناسېۋەتلىكمۇ ئۇچۇرلارنى چىقرىپ قۇيساڭلار. ئېمتېھاننىڭ ۋاقتى ۋە شەكلىنى ئېنىق بىلسەك.
ئەسسىلامۇ ئەلەيلۇم قىرىنداشلار!
مەنمۇ تۇركىيەگە چىقىپ ئوقۇش توغرىسىدىكى بۇ خەۋەرنى ئوقۇپ شۇنداق خۇش بولدۇم، ھەمدە ئەۋەتىپ بەرگەن توربەتنى ئېچىپ تولدۇرىدىغان يەرنى تەلەپ بويىچە تولدۇردۇم، لىكىن ئېلخىتىمگە ھىچقانداق بىر ئۇلىنىش كەلمىدى، بۇنىڭ سەۋەبى نىمىدۇ؟ مىنىڭ بەكمۇ چىقىپ ئوقۇغۇم بار ئىدى……
ئاللاھقا ئامانەت!
ئەسسىلامۇ ئەلەيكۇم~~! مەن يەنە سىناپ باقتىم، لىكىن يەنە مۇۋەپپەقىيەتلىك بولدى، ئەمدى ئېلخەتنى ئېچىپ ئۇلىنىشنى تولدۇرۇڭ دەپ چىقتى،لىكىن ئېلخىتىمنى ئاچسام يەنوىلا ھىچنىمە يوق. مېنىڭ پاسپورتۇم ۋە نەتىجىلىرىم تەييار ئىدى. كەسپىم ئىنگىلىز تىلى ئىدى. ئېلخىتمگە نىمىشقا كەلمەيدىغاندۇ؟
مەسلىھەتىڭىزگە كۆپ رەھمەت، بۇ ماڭا كۆپ مەدەت-ئىلھام بولدى. ئۇلارغا ئىلتىماسنى توردىن بەرمەكچى بولسام ئۇلارغا ئېلخەت يوللىشىم كېرەكمۇ؟ ياكى مەخسۇس ئېلتىماس كۆزنىكى بامۇ؟ رەخمەت سىزگە!
ئەسسالام بۇ توردىكى قىرىنداشلار ھارمىگايسىزلەر!
سىزلەردىن سوراپ باقسام :
1،تۇركىيەدە ماگىستىرلىكتە ئوقۇشقا تەخمىنەن قانچىلىك ئقتىساد كىتەر،،مىنڭ دىمەكچى بولگىنىم خەلىقارا ئتىراپ كىلدىغان مەكتەپلەر،،،بۇ مەكتەپلەرگە ئلتىماس قىلىش تەسمۇ ؟
2.خاندەلىك ڭلتماس قىلەان ئدىم تاللانغان ياكى تاللانمغان نەتىجىسى قاچان ئىلان قىلنار؟
ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام،
1. تۇركىيەدە ماگىستىرلىكتە ئوقۇشقا تەخمىنەن قانچىلىك ئقتىساد كىتەر؟: بۇ سىز ئوقۇماقچى بولغان مەكتەپكە قاراپ ئۆزگىرىدۇ. تۈركىيدىكى مەكتەپلەرنىڭ ھەممىسنى خەلىقارا ئىتىراپ قىلىدۇ.
2. نەتىجىسى 4-ئاينىڭ ئاخىرى ئېنىق بولماقچى.
رەخمەت !
ئلتىماس قىلماقچى بولسام ئالدىن نەچچە ئاي بۇرۇن ئلتىماس قىلىپ نەتىجسىنى ساقلامدىم يە ؟دىمەكچى بولگۇنۇم مەن مۇشۇ 6-ئايدا ئوقۇش پۇتتۇرمەن ھازىر ئلتىماس قىلسام ئولگورەمدىم ،،ھازىر ئلتىماس قىلسام .ئلتىماس ئوڭۇشلۇك بولسا قاچان مەكتەپكە مىڭىش پۇرسۇتۇم كىلدۇ ؟
سىز مۇكاپاتلىق ئوقشقا ئىلتىماس قىلمىغانمۇ؟
ھازىر ئىلتىماس قىلىسڭىز بولىدۇ سىز ئوقۇماقچى كەسىپ بار مەكتەپلەر بولسا. ئەگەر ئېلىتىماس ئوڭۇشلۇق بولسا 9-ئايدا مەكتەپكە ماڭىسىز.