تۈركىيەدە تېبابەت ساھەسىدە مۇتۇخەسىسىلىكتە ئوقۇش ۋە دوختۇر بولۇپ ئىشلەش ھەققىدە ئۇچۇر

ئەسسالامۇئەلەيكۇم قەدىرلىك قېرىنداشلار!

تۈركىيەدە دوختۇرلۇق كەسپىدە ئۆرلەپ ئوقۇشقا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ۋە ئوقۇتۇش شەرتلىرى، باشقا كەسىپلەرگە ئوخشاش بولمىغانلىقى ئۈچۈن، توغرا ۋە ئىشەنچلىك مەلۇمات بېرىش مەخسىتىدە، دوختۇرلۇق كەسپىدە ئوقۇش پۈتتۈرۈپ ھازىر تۈركىيە دۆلەتلىك دوختۇرخانىدا ئىشلەش بىلەن بىرگە، مۇتەخەسىسلىك ئېمتىھانغا تەييارلىق قىلىۋاتقان دوختۇر ئەخمەتجاننىڭ تەۋسىيىسىنى سىزلەرگە سۇنماقچىمىز.

ۋەتەندە دوختۇرلۇق كەسپىدە ئوقۇش پۈتتۈرگەن، ئىشلەۋاتقان دوختۇر ۋە چىش دوختۇرى قېرىنداشلاردىن، تۈركىيەدە دوختۇرلۇق ساھەسىدە كەسىپلەر بويىنچە مۇتەخەسىسلىكتە ئوقۇش ياكى تۈركىيەگە كېلىپ ئىشلەشنى ئويلاۋاتقانلارغا پايدىسى بۇلۇشى ئۈچۈن بىلگەنلىرىمنى قىسقىچە يازدىم.
1. تۈركىيەدە دوختۇرلۇق ئوقۇش ئۈچۈن، 1 يىل ئېنگىلىزچە تەييارلىق ۋە 6 يىل كەسىپ جەمىئىي 7 يىل ۋاقىت كېتىدۇ. ئوقۇش پۈتتۈرگەندە مېدىكال دوكتور دىپلومى بېرىدۇ. بۇ دىپلومنىڭ دەرىجىسى ماگىسترلىق بىلەن ئوخشاش بولغانلىقتىن، دوختۇلۇق كەسپىنى پۈتتۈرگەنلەر قايتىدىن ماگىستىرلىق ئوقۇشىنىڭ ھاجىتى يوق.
2. تۈركىيەدە ئالىي مەكتەپتە دوختۇلۇق كەسپىدە ئوقۇپ، مۇۋاپپەقىيەتلىك ھالدا ئوقۇشىنى پۈتتۈرگەنلەر مەكتەپ ھاياتىدىن كېيىن، تۆۋەندىكى ئۈچ خىل يولنى تاللايدۇ.
1. ئوقۇش پۈتتۈرۈپلا مەلۇم بىر دوختۇرخانىدا ئىشلەيدۇ.
2. كلىنكىلىق ياكى ئاساسىي پەنلەردە مۇتەخەسىسلىكتە ئوقۇش ئۈچۈن، مۇتەخەسىسلىك ئېمتىھانىغا قاتنىشىپ ئۆتكەندىن كېيىن، ئۆزى تاللىغان كەسىپلەر بويىنچە مۇتەخەسىسلىكتە ئوقۇيدۇ. ئوقۇش مۇددىتى كەسىپلەرگە قاراپ 4 – 6 يىلغىچە بولىدۇ.
3. ئاساسىي پەنلەردە ( فىزىئولوگىيە، دورىگەرلىك گە ئوخشاش) ئۈچۈن ئېمتىھان بېرىپ ئوقۇيدۇ. ئوقۇش مۇددىتى 4 يىل بولىدۇ.

يۇقىرىدا يېزىلغانلار تۈركىيەدە ئوقۇغان دوختۇرلار ئۈچۈن بولۇپ، ۋەتەندە ئوقۇپ كەلگەنلەر ئۈچۈن ئىشلار تۆۋەندىكىچە بولىدۇ:

1. دوختۇرلۇق كەسپىنى ۋەتەندە ئوقۇپ كەلگەنلەر، تۈركىيەدە ئىشلەش ياكى كەسپىي پەنلەر بويىنچە مۇتەخەسىسلىكتە ئوقۇش ئۈچۈن، ئالدى بىلەن تۈركىيەگە كەلگەن چەتئەللىك دوختۇرلاردىن ئېلىنىدىغان سەۋىيە سىناش ئېمتىھاندىن ئۆتىشى كېرەك. بۇنىڭ ئۈچۈن تۈركىيەگە كېلىپ 7-8 ئاي تۈركچە ئۆگىنىشى؛ بۇ جەريانىدا دىپلوم ۋە ئۇنۋاننى بېيجىڭدىكى مائارىپ مىنىستىرلىكى تەستىقلاش ئورنىدىن تەستىقلىتىشى؛ ( تور ئادرېسى http://www.cdgdc.edu.cn ئۇنىڭدىن كېيىن تۈركىيە پايتەختى ئەنقەرەدىكى ئالىي مائارىپ ئىدارىسىگە ئىلتىماس (www.yok.gov.tr) سەۋىيە سىناش ئىمتىھانىغا كىرىش ئۈچۈن قىلىشى كېرەك. ئىلتىماس نەتىجىسى 1-2 ئاي ئىچىدە چىقىدۇ.
دىققەت قىلدىغان ئىشلار: ئىلتىماس قىلغاندا ئۇنۋان ۋە دىپلوم بىلەن بىرلىكتە سىزنىڭ ئوقۇش نەتىجىڭىزنى تەلەپ قىلىدۇ. ئالغان دەرس سائېتى ۋە پراكتىكا سائېتى توپلام 5500 سائەتنى توشقۇزغان بولىشى كېرەك. بۇنىڭ ئۈچۈن مەكتەپتىن نەتىجىڭىزنى ئالغاندا پراكتىكا سائېتىنىمۇ قۇشۇپ ھېسابلىتىشىڭىز كېرەك.
2. سەۋىيە سىناش ئېمتىھانىغا كەلسەك, بۇ ئېمتىھان 2013-يىلدىن بۇرۇن يىلدا بىر قېتىم ئېلىناتتى (ھەر يىلى 3-ئايدا ئاساسىي پەنلەر. ئەگەر ئاساسىي پەنلەردىن ئۆتەلىسىڭىز 5-ئايدا كلىنكىلىق پەنلەر) ۋە بۇنىڭ ئۈچۈن مەخسۇس سەۋىيە سىناش ئېمتىھان بار ئىدى. لېكىن، 2013 يىلى 1-ئايدا يېڭى بەلگىلىمە چىقىپ، بۇ ئېمتىھاننى تۈركىيەدە دوختۇرلاردىن ئېلىنىدىغان مۇتەخەسىسلىك ئېمتىھانى بىلەن بىرلەشتۈرۈۋەتتى. سەۋىيە سىناش ئېمتىھانىغا كىرىدىغانلار، بۇ يىلدىن باشلاپ مۇتەخەسىسلىك ئېمتىھانىغا كىرىدىغان بولدى.
مۇتەخەسىسلىك ئېمتىھانى 4-ئايدا ۋە 9-ئايدا بولۇپ، يىلدا ئىككى قېتىم ئېلىنىدۇ. ئىمتىھان چۈشتىن بۇرۇن ئاساسىي پەنلەردىن، چۈشتىن كېيىن كلىنكىلىق پەنلەردىن ئېلىنىدۇ. بۇ ئېمتىھاندا ئاساسىي پەنلەر ۋە كلىنكىلىق پەنلەردە 40 نومۇر ئالالىسا سەۋىيە سىناش ئېمتىھانىدىن ئۆتكەن بولىدۇ.
ئەسكەرتېش: ( سەۋىيە سىناش ئېمتىھانىغا ئىلتىماس قىلغاندا، ئالىي مائارىپ ئىدارىسىدىن سىزگە ئېمتىھانغا كىرىش رۇخسىتى چىققاندا، ”پەقەت كلىنكىلىق پەنلەردە كىرسىڭىز بولىدۇ“ دەپ چىقىشى مۇمكىن. ياكى ”ھەم كلىنكىلىق ھەم ئاساسى پەنلەرگە كىرىسىز“ دەپ چىقىشى مۇمكىن. ئەمما، يېقىنقى ئىككى يىلدىن بۇيان ۋەتەندىكى ياكى ئىچكىرىدىكى تىببى ئۇنىۋېرسىتېتلارنى پۈتتۈرۈپ كەلگەنلەرگە ، توپلام دەرس سائېتى 5500 سائىتىنى توشقۇزغان بولسا, ”پەقەت كلىنكىلىق پەنلەر ئېمتىھانىغا قاتناشسىڭىز بولىدۇ“ دەپ قارار چىقماقتا. بۇ قارار دوختۇر قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ئېمتىھان يۈكىنى خېلىلا يەڭگىللەتتى ).
سەۋىيە سىناش ئېمتىھاندىن ئۆتكەندىن كېيىن، شەخسىي دوختۇرخانىلارنىڭ جىددى قۇتقۇزۇش بۆلىمى ياكى جىددى قۇتقۇزۇش مەركەزلىرىدە ئىشلىگىلى بولىدۇ.
3. ئەگەر سىز تۈركىيەدە دوختۇرلۇقنىڭ ھەر قايسى كەسىپلىرىدە مۇتەخەسىسىلىكتە ئوقۇيمەن دېسىڭىز، ئالدى بىلەن تۈركىيەدىكى ئېنگلىزچە سەۋىيە ئېمتىھانىدىن 50 تىن يۇقىرى ئېلىشىڭىز كېرەك ( بۇ ئېمتىھاننىڭ سەۋىيەسى جۇڭگۇدىكى 5-6 دەرجىلىك ئېمتىھان بىلەن ئوخشاش. ئەگەر نۇمۇرىڭىز TOEFL بولسا ئۇنىمۇ ئىتىراپ قىلىشى مۇمكىن ). مۇتەخەسىسلىك ئېمتىھانىدا 45 تىن يۇقىرى نومۇر ئالسىڭىز، سىز ھەم سەۋىيە سىناش ئېمتاھاندىن ۋە مۇتەخەسىسلىك ئېمتىھانىدىنمۇ ئۆتكەن بولىسىز، سىز خالىغان كەسىپتە ( مەسىلەن: ئىچكى كېسەللىكلەر، بالىلار كېسەللىكلىرى، تاشقى كېسەللىك…..دېگەنگە ئوخشاش)
مۇتەخەسىسلىك ئوقۇش جەريانىدا، تۈركىيە دۆلىتى ئوقۇش مۇكاپات پۇلىغا ئېرىشەلىشىڭىزمۇ مۇمكىن. ھەر ئايدا 1000 لىرا ( 550 دوللار ئەتراپىدا) ئەگەر ئۇنىڭغا ئېرىشەلمىسىڭىز مۇتەخەسىسلىكنىڭ 1-يىلىنى تۈگەتكەندىن كېيىن، 2-يىلىدىن باشلاپ بوش ۋاقىتلاردا شەخسىي دوختۇرخانىلاردا ئىشلەش ئارقىلىق ئۆزىڭىزنىڭ تۇرمۇشىنى قامدىيالايسىز.
4. مۇشۇ ئىشلارنى غەلبىلىك قىلىش ئۈچۈن، ئالدى بىلەن سىز ئۆز خىراجىتىڭىز بىلەن تۈركىيەگە كېلىپ تىل ئۆگىنىسىز ۋە بۇ جەرياندا ئالىي مائارىپ مىنىستىرلىكىگە ئىلتىماس قىلىسىز. ئەڭ مۇھىمى سەۋىيە سىناش ئېمتىھانىغا (دىققەت: بۇ يەردىكى سەۋىيە سىناش بىلەن مۇتەخەسىسلىك ئېمتىھانى ئوخشاش ئېمتىھاندۇر) تەييارلىق قىلىش. بۇ ئېمتىھانغا تەييارلىق قىلىش بىراز جاپالىق ۋە ئۇزۇن ۋاقىت ئالدىغان بىر ئىش بولۇپ، تۈركىيەدە دوختۇرلۇقتا قوللانغان ئاتالغۇلارنىڭ ھەممىسى ئېنگىلىزچە ۋە لاتىنچە بولغاچقا، ۋەتەندە ئوقۇپ كەلگەن قېرىنداشلار دوختۇرلۇققا ئائىت ماتېرىياللارنى كۆرگەندە خېلىلا قىينىلىدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن ئېنگىلىزچىڭىز چوقۇم ياخشى بولىشى كېرەك. تۈركىيەدە بۇ ئېمتىھانغا تەييارلىق قىلدىغان پۇللۇق كۇرسلار بولۇپ، ئەگەر ئىمكانىيىتى يار بەرسە ئەڭ ياخشىسى بۇ كۇرسلارغا قاتنىشىپ تەييارلىق قىلىش كېرەك. كۇرس يىلدا ئىككى قېتىم بولۇپ، 5- ۋە 10- ئايدا باشلايدۇ. كۇرس مۇددىتى تەخمىنەن بەش يېرىم ئاي ئەتراپىدا بولۇپ، دەرسلەر ھەر ھەپتە ئاخىرىسىدا شەنبە، يەكشەنبە كۈنى ئۆتىلىدۇ. كۇرس ھەققى تەخمىنەن 4000 دوللار ئەتراپىدا.
5. دىققەت قىلدىغان مۇھىم نۇقتا : مەن يۇقىرىدا دەپ ئۆتكەن سەۋىيە سىناش ئېمتىھانى ياكى مۇتەخەسىسلىكتە ئوقۇش قاتارلىق ئىشلارنى، تۈركىيە دۆلىتىنىڭ ھەر يىلى قوبۇل قىلىدىغان مۇكاپاتلىق ئۇقۇشىغا ئىلتىماس قىلىش ئارقىلىقمۇ ھەل قىلغىلى بولمايدۇ. چۈنكى مۇكاپاتلىق ئوقۇش بۇ ساھەنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ. ئەگەر سىز مۇكاپاتلىق ئوقۇشنىڭ دوختۇرلۇققا ئائىت ماگىستىرلىقتا ئۇقۇشنى تاللاپ ( مەسىلەن: بىيوخېمىيە، فىزىئولوگىيە، دوختۇرخانا باشقۇرۇش دېگەنگە ئوخشاش) بۇ يەرگە كەلگەندىن كېيىن، ئۆزىڭىزنىڭ تاللىغان كەسپىدە ماگىستىرلىقتا ئوقۇش بىلەن بىرگە، سەۋىيە سىناش ئېمتىھانىغا تەييارلىق قىلىپ قاتناشسىڭىزمۇ بولىدۇ.
ئەگەر شۇنداق قىلالىسىڭىز بىر چالمىدا ئىككى پاختەكنى سوققان بولىسىز. سىزگە ھېچقانداق ئىقتىسادى بېسىم بولماي ئېمتىھانغا تەييارلىق قىلالايسىز.

6. ۋەتەندىكى ۋە ئىچكىردىكى چىش دوختۇرلۇق تولۇق كۇرستا ئوقۇش پۈتتۈرگەنلەر ئۈچۈن، بۇ يەردىكى ئىشلەش ۋە مۇتەخەسىسلىكتە ئوقۇش ئىشى، دوختۇرلۇق بىلەن ئاساسەن ئوخشاپ كېتىدۇ. ئوخشىمىغان يەرلەر تۆۋەندىكىچە:
(1). سەۋىيە سىناش ئېمتىھانىغا قاتنىشىش ئۈچۈن ئىلتىماس قىلغاندا، ئوقۇش نەتىجىسىدىكى توپلام ئوقۇش سائىتى 3600 سائەتكە تولغان بولىشى كېرەك.
(2). سەۋىيە سىناش ئېمتىھانى، بۇرۇن چەتئەللەردىن كەلگەن چىش دوختۇرلىرى ئۈچۈن ئايرىم ئىدى. يېڭى چىققان بەلگىلىمە بىلەن، تۈركىيەدە ئوقۇپ ئوقۇش پۈتتۈرگەن چىش دوختۇرلىرىدىن ئالدىغان مۇتەخەسىسلىك ئېمتىھانى بىلەن بىرلەشتۈرۈۋېتىلدى.ئېمتىھاندا 40 تىن يۇقىرى نۇمۇر ئالسا ئۆتكەن بولىدۇ. ئەگەر ئېنگىلىزچە ئېمتىھانىدا 50 نۇمۇر، سەۋىيە ئېمتىھانىدا 45 تىن يۇقىرى نۇمۇر ئالسا، مۇتەخەسىسلىكتە ئوقۇيالايدۇ. ئوقۇش مۇددىتى 5 يىل.

7. ۋەتەندە ھازىر ھەر قايسى كەسىپلەردە ئىشلەۋاتقان دوختۇر قېرىنداشلىرىمىز ، مەسئۇل ۋىراچ دوختۇر ياكى مۇئاۋىن پروفېسسور ياكى پروفېسسورلۇقىنى ئالغان بولسا، بۇ يەرگە كېلىپ ئىشلەش ئۈچۈن:

(1). سەۋىيە سىناش ئېمتىھانىدىن ئۆتىشى ( 40 نومۇر ئېلىشى) كېرەك.
(2). سەۋىيە سىناش ئېمتىھانىدىن ئۆتكەندىن كېيىن، ئۆزى قايسى كەسىپتىكى مۇتەخەسسىس دوختۇرى بولغان بولسا، شۇ كەسىپتىن يېزىقچە ۋە ئېغىزچە ئېمتىھانغا قاتنىشىدۇ، ئەگەر ئۆتەلىسە تۈركىيەدە مۇتەخەسىس دوختۇر بولۇپ ئىشلىيەلەيدۇ.
8. ۋەتەندە ياكى ئىچكىرىدە جوڭگۇچە داۋالاش كەسپىدە ئوقۇغان قېرىنداشلار ئۈچۈن، تۈركىيەدە بۇ كەسىپلەر بولمىغاچقا بۇ يەردىكى ئىشلەش ياكى ئوقۇش ھەققىدە ھازىرچە دۆلەتنىڭ ئېنىق بىر بەلگىلىمىسى يوق. ئەگەر بۇ ھەقتە ئېنىق بەلگىلىمە چىقسا، تور ئارقىلىق سىلەرنى خەۋەردار قىلىمىز.

ئاخىردا تۈركىيەگە كېلىپ ئوقۇماقچى بولغان ھەممە دوختۇر قېرىنداشلارنىڭ ئىشلىرىغا ‘ئاللاھ’ دىن ئاسانلىق ۋە ئۇتۇق تىلەيمەن.
ئەگەر باشقا سورايدىغان سۇئالىڭلار بولسا، ئېلخەت ئادرېسىمغا خەت يازساڭلار بولىدۇ. 7 كۈن ئىچىدە جاۋاب قايتۇرىمەن.
ئېلخەت: dr_ahmetcan@hotmail.com

در.ئەخمەتجان پولات. 2013.03.10 ئىستانبۇل

ئەخمەتجاننىڭ خىزمىتى ئالدىراش ۋە ۋاقتى قىس بولسىمۇ، تەلىپىمىزنى قوبۇل قىلىپ ۋاقىت ئاجىرتىپ تەپسىلى بىلگى بەرگەنلىكى ئۈچۇن رەھمەت ئېيتىمىز.

ھۆرمەت بىلەن: ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ئىشلىرى كومىتېتى