قەدىرلىك ئوقۇغۇچىلار!
تىزىملىتىش تورى تۈركچە ۋە ئىنگىلىزچە بولغانلىقى ئۈچۈن بەزى ئوقۇغۇچىلىرىمىز ياخشى چۈشۈنەلمىگەن ئىدى. بۇ سەۋەپتىن سۇبات ئىسىملىك بىر ئوقۇغۇچىمىز سىن فىلىمى تەييارلاپ تورغا چىقىرىپ قوياپتۇ.
http://www.56.com/u64/v_ODc4ODk3MDE.html
http://v.youku.com/v_show/id_XNTI0ODM4MDA0.html
http://www.youtube.com/watch?v=eqfz2K-QpcY&feature=youtu.be
ئوقۇغۇچىلىرىمىزنىڭ بۇ سىن فىلىمىنى تەپسىلى كۆرۈپ چىقىپ، ئۇنىڭدىن كېيىن تىزىملىتىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز. سۇبات قېرىندىشىمىزغا ئالاھىدە رەھمەت ئەيتىمىز.
ھۆرمەت بىلەن: ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ئىشلىرى كومىتېتى.
يوتۇب ئادرىسى: http://www.youtube.com/watch?v=eqfz2K-QpcY&feature=youtu.be
رەخمىەت سىزگە.
assa lammu alay kum
men 2011-yili aliy tihnikum putturgan.[大专].buyil 25yaxta. bu halatta turkeya handaliki bolup okiyalamdim..yaki uz hirajitim bilan okam dim,,ihsadiy ahwalim unqa yahxi amas..turukqa english qa bilmayman..likin man heli tirixqan haha..okup kalsam toluk kurustin baxlap okamdim..okux pulliri..yani uxxak quxxak hirajatlarni koxkanda kanqilik pul keta.. siz ni awara kilidihan boldum tapsili bir jawap basingz.. yahxi bir aliy maktap ni korsetsingz..
ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام،
سىز تولۇق كۇرۇستىن باشالاپ ئوقۇيسىز. يېشىڭىز چوڭ بولغانلىقى ئۈچۈن خەندەلىككە ئىلتىماس قىلسىڭىز، شاللىنىپ كېتىسىز.
ئوقۇش پۇللىرى ھەققىدە تورىمىزدا نۇرغۇنلىغان ئۇچۇرلار بار. تەپسىلى كۆرۈپ بىقىڭ.
مەنمۇ تىزىملاتماقچى پاسپورتۇم بار
92-3-17
ئالى مەكتەپ تەييارلىق سىنىپىدا ئوقۇۋاتىمەن
مىىنڭ پاسپۇرتۇم يۇق،مەن بۇ يىل ئوقۇش پۇتتۇرەتتىم ،تۈركىيەگە چىقىش ئارزۇيۇم باتتى .پاسپۇرت دىگەن يەرگە نىم تۇلدۇرساق بۇلدۇ .پاسپۇرتنى بىجىرىش تەلەپ قىلىنامدۇ يا؟،تۇلۇق ئوتتۇردىكى نەتىجە شۇ ئالىي مەكتەپكە ئۆتكەندىكىلا نەتىجىما؟بۇرۇنقىىلىرى يىزىلمامدۇ ؟ياردەم قىلسىڭز؟
پاسپۇرت دىگەن يەرگە باشقا كىملىك يازسىڭىزمۇ بولىدۇ. ئامما ئوقۇشقا چىقۇش ئۈچۈن چوقۇم پاسپۇرت بولىشى كىرەك.
تولۇق ئۇتتۇرا مەكتەپتە ئالغان نەتىجىلىرىڭىز، 9-10-11- سىنىپ نەتىجىلىرى. بۇنلارنى ئوقۇغان مەكتەپتىن ئالالايسىز. ئالى مەكتەپكە كىرىش نەتىجىڭىز بولسا ئۇنىمۇ يېزىڭ.
مەن ئىلتىماس قىلغاندا ،تولوق ئوتتورا نەتىجەمنى يازىدىغان كۆزنەكنى بىر يەرنى بېسىپ ئىتىپ قويۇپ ،ئەمدى تاپالمىدىم ،ياردەم قلغان بولساڭلار ،قانداق قىلىمەن
زەرەھمەت!
مەنىڭچە سىز، باشتىن باشلاپ قايتا تولدۇرۇپ كىلىڭ. ئەگەر يەنە تۈزۈتەلمىسىڭىز، يىڭىدىن بىر ئېلخەت ئىىلىپ قايتىدىن تىزىملىتىڭ. چۈنكى سىز ئاخىرقى باسقۇچقا كەلمىگىچە رەسمى تىزىملاتقان بولمايسىز. دىمەكچى بولغىنىم، يىرىم قالغان تىزىملىك، ئوقۇغۇچى تاللايدىغانلارغا كەلەيدۇ، ئىناۋەتسىز.
نىمىشقا ماڭا جاۋاپ كەلمەيدۇ؟مەن بەك ئىنتىزار بۇلۇپ كىتىۋاتىمەن .ئاللاھ رازى بولسۇن .بىر جاۋاپ بەرسەڭلار!
سۇئالىڭىزنى قايتا سۇرىسىڭىز بولاپتىكەن.
ھۆرمەتلىك باشقۇرغۇچى خادىم،مەن بۇ تېمىدىن سەل چەتنىگەنرەك سوئالدىن بىرنى سوراي دېگەن،جاۋاپ بېرىش مۈمكىن بولارمۇ.
تۈركىيەدە باشلانغۇچ، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپكە چەتئەللىك ئوقۇغۇچىلارنى قوبۇل قىلىپ ئوقۇتۇش ئىشى يولغا قويۇلغانمۇ(مۇنداق دېگىنىم ئۈرۈمچىدە ئامېرىكا،ياۋروپا،ئاۋسترالىيە،مالايسىيا،سىنگاپور،ياپونىيە،كورېيە…قاتارلىق دۆلەتلەرگە باشلانغۇچ،ئوتتۇرا مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى چىقىرىشنى مەسلىھەت بېرىش ۋە چىقىرىش ۋاستىچىلىك شېركەتلىرى باركەن،ئەمما تۈركىيە توغرلىق تازا ئېنىق بىرنەرسە بىلمەيدىكەن)؟ئەگەر يولغا قويۇلغان بولسا ئالاقىدار مەزمۇن ۋە ئۇچۇرغا قانداق ئېرىشكىلى بولىدۇ؟رەخمەت سىلەرگە.
ياخشىمۇسىز!
بۇ جەھەتتىنمۇ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلغىلى بولىدۇ. ئامما بۇ بالىلارنىڭ ياشلىرى كىچىك بولغانلىقى ئۈچۈن تۈركىيەدە بىرەر بىۋەستە تۇققىنى (كاپالەتچىسى ) بولىشى كىرەك. بولمىسا ئۇتتۇرما رۇخسىتى ئالالمايدۇ.
ئەگەر تۈركىيدە تۈرۈپ بالىلىرىنى ياكى تۇققانلىرىنى ئوقۇتىدىغان كىشىلەر بولسا، بىز بىلەن ئالاقە قىلسا بولىدۇ. بىز يەنە قولىمىزدىن كىلىشىچە يول كۆرسىتىپ ياردەم قىلىمىز. ھىچ قانداق ھەق، مەنپەت تەلەپ قىلمايمىز.
بىز قىلغان خىزمىتىمىزنى تۈركىيەنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئورگانلىرىغا دوكىلات قىلىپ تۇرىمىز ۋە ئاساسى بولمىغان، يالغان نەرسىلەرنى ئىلان قىلمايمىز.
بىلىشىمىزچە، ۋەتەندە بەزى شىركەتلەر چەتئەلگە ئوقۇغۇچى ماڭغۇزىمىز دەپ، ھەددىدىن كۆپ پۈل ئالىدىغان، توغرا بولمىغان ئۈچۇرلانى بىرىپ كىشىلەرنى قىززىقتۇرۇدىغان ، تۈركىيەدىكى 50-70 ئاۋرو، ھەتتا ھەقسىز بولغان چاقرىقىنى ئەكەلدۇرۈپ، قىممەت سىتىپ ھايان كەشلىك قىلىدىغان…. ئىشلار كۆپ ئىكەن. ھازىرمۇ مۇشۇنداق ئالدىنىپ كەلگەن نۇرغان قىز-ئوغال ئوقۇغۇچىلار بار….
نەتىجىدە: بىۋاستە بىز بىلەن ئالاقە قلىسا بولىدۇ. قولىمىزدىن كىلىشىچە، سەمىمى ياردەم قىلىشقا تىرشىمىز.
ياخشىمۇ سىز مەن تۈركىيەدىكى ئوقۇشقا تىزىملىتاي دىسەم بەزى يەرلىرى تۈركچە ئىكەن ،،،قيىلىنىپ قالدىم قانداق قىلسام بولار يا بولمىسا ئۆلچەملىك تولدۇرۇشنىڭ سىن فىلىمىنى ئەۋەتىپ بەرگەن بولساڭلا
ياخشىمۇسىز!
تۈۋەندىكى تودىن كۆرەلەيسىز.
/?p=939
يەنە بولمىسا، تور كۆرگۈچىنى ئالماشتۇرۇپ بىقىڭ. مەىسىلەن: firefox بىلەن سىناپ بىقىڭ.
مەن ھەرقانچە قىلساممۇ كۇرەلمىدىم خۇ؟
تۆۋەندىكى توردىن كۆرەپ بىقىڭ.
http://www.youtube.com/watch?v=eqfz2K-QpcY&feature=youtu.be
ھۆرمەتلىك باشقۇرغۇچى خادىم ياخشىمۇسىز!
مەنمۇ ماگىستىرلىق ئوقۇشقا تىزىملىتاي دىگەن،سۇبات دوستىمىز جاپا چىكىپ ،ئىلتىماس سۇنۇشنىڭ قەدەم -باسقۇچلىرىنى ناھايتى تەپسىلى تۇنۇشتۇرۇپتۇ…..ئەڭ ئايىقىدا پاسپورتنىڭ ‹پ د ف › نۇسقىسىنى ئەۋەتىدىغان يىرى باركەن .مەن بۇيىل ئوقۇش پۈتتۈرىمەن،لىكىن پاسپورتۇم يوق .قانداق قىلسام بۇلا؟ سڭزدىن شۇنى سوراپ باقاي دىگەن ئىلتىماس يوللاش ئۈچۈن چۇقۇم ئاۋال پاسپورتى بۇلۇش شەرتمۇ؟ ئىلتىماسنى يوللاپ قۇيۇپ پاسپورتنى ھەل قىلغاچ تۇرساممۇ بۇلامدۇ ؟ ئاۋارە قىلىدىغان بولدۇم !~! رھمەت !~
ياخشىمۇسىز!
پاسپورت بولمىسىمۇ تىزىملاتالايسىز. پاسپورت سورىغان يەرگە باشقا كىملىك يازسىڭىزمۇ بۇلىدۇ. تاللىنىپ قالسىڭىز، تاللىنىش ئىسپاتى بىلەنمۇ پاسپورت ئىشلىتەلەيسىز.
مېنىڭ ئىنگىلىزچە تەلەپ بار مەكتەبتە ئوقوغۇم بار،لىكىن ھازىرقىTOEFLنەتىجەم تەلەپتىكى نۇمۇردىن توۋەن.ئەگەرمەن تاللىنىپقىلىپ، تۇركىيەدە بىر يىل ئوقۇپ قايتىدىن TOEFLبىرىپ،مەكتەبلەرنى قايتىدىن تاللىسام بولۇمدۇ؟
ئەلۋەتتە تاللىنالىسىڭىز بولىدۇ (تەلەيلىك بولسىڭىز) . تۈركچە ئۈگىنىش جەريانىدا TOEFL قايتا كىرسىڭىز بولىدۇ. ئامما، ئوقۇغۇچى تاللىغاندا، يەتەرلىك نەتىجىڭىز بولمسا ئىلغىنىپ كىتەمسىز، بۇنى بىلەلمەيمىز.
ئەسسالامۇ ئەلەيكوم ،قېرىندىشىمىز سۇباتجان 56.تورىغا چىقىرىپ قويغان تىزىملتىش چۈشەندۈرلىشى چىقررۋېتىلىپتۇ .خاپا بولماي بىر يوۋكۇ ياكى توۇدوۇ تور بېتىگە قايتا چىقىرىپ قويغان بولسىڭىز ھەمدە تور ئادرىسىدىن خەۋەردار قىلىپ قويغان بولسىڭىز سىزدىن تولىمۇ مەمنۇن بولغان بولاتتۇق.
تۆۋەندىكى توردىكى : youtube نى سىاناپ بىقىڭ.
/?p=939
شۇنداق سۇباتجان، بولسا باشاقا تورلارغىمۇ چىقىرىپ قويغان بولساق ياخشى بولاتتى.
ئەدمىنكا مانا يۇكۇ ئادرىسى http://v.youku.com/v_show/id_XNTI0ODM4MDA0.html
كۆپ رەخمەت ىسزگە!.
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم … مەن بۇ سىننى ئۈلۈشكۈن ئاچقاندا تۇلۇق ئېچىلغان ، بىراق ھازىر زادىلا ئېچىلمايۋاتىدۇ…ئەمدى قانداق قىلىشىم كېرەك ؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟
تۆۋەندىكى توردىكى، youtube دىن كۆرۈڭ.
/?p=939
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!
مەنمۇ تىزىملىتىۋاتقان ئىدىم، تىزىملىتىپ Education Details دېگەن بۆلەككە كەلگەندە كېيىنكى بۆلەككە پەقەت ئۆتمەيۋاتىدۇ، نەچچە قېتىم سىناپ كەتتىم. مېنىڭ TOEFL ۋە GRE نەتىجەم بار ئىدى، يۇقارقى نىمە چاتاقتۇ؟ تولۇق تولدۇردۇم بولمىسا.؟
ۋەئەلەيكۇم مېنىڭمۇ شۇ بۆلەكتىن ئۆتمىگەن ،باشقىلارنىڭمۇ شۇنداقكەن ،تور كۆرگۈچنى ئالماشتۇرسا ئۆتۈپتۇ ،گوگۇل ياكى ئوت تۈلكە كۆرگۈچىنى ئىشلىتىپ بېقىڭە
ئەسسالامۇئەلەيكۇم مائارىپ ئارقا كۆرىنىشىنى تولدۇرىدىغان باسقۇچتا تولدۇردىغان يەر خېلى كۆپكەن ،مەسىلەن نۇمۇر قويۇش ئۆلچىمى دېگەندەك ،ۋەتەندە ئاساسەن 100 نۇمۇر ئۆلچەم بولىدۇ ، يان تەرەپكە ئوتتۇرىچە نەتىجىمىزنى يازدىغان يەردىن ئىككى كاتەك باركەن ،سىندا سۇبات بىر كاتەككە 3 يەنە بىرسىگە 50 دەپ تاللىدى ،مەن 100 نۇمۇرلۇق ئۆلچەمدە قانداق تاللاشنى بىلەلمىدىم،بۇنىڭدا سىكەن قىلغان 4 يىللىق نەتىجىمىزدىكىنى ئاساس قىلامدۇق ؟ ئۇنىڭدا 4 يىل جەريانىدا ھەر قايسى پەنلەردا ئالغان ئەينى نۇمۇرلا چىقىدىكەن ، تولۇق ئوتتۇرا قىسمىدىمۇ باركەن ،بۇنىڭغىمۇ تولۇق ئوتتۇرا دىپلۇمنىڭ كەينىدىكى خۇلاسە ئىمتىھان نەتىجىلىرىمىزنى ئۆزىمىز ھېسابلاپ ئوتتۇرىچە نەتىجە چىقىرمىزغۇ ? ياكى بەك مۇھىم بولمىسا خالىغانچە يېزىپ قويساقمۇ بولامدۇ؟
سۇباتجان يوللىغان فىلىمنى كۆرەلمىگەنلەر 38104467 بۇ چ چ توپقا كىرسەڭلار مۇشۇ توپتىكى بالىلاردا بار.بىرەسى ئەۋەتىپ بېرە
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم،ياخشىمىسىلەر؟مەن ئالى مەكتەپنىڭ تولۇق كۇرسى ئىككىنجى يىللىقىدا ئوقۇۋاتىمەن.مېنىڭمۇ تۈركىيەگە چىقىپ ئوقۇش ئارزۇيۇم بار ئىدى،لېكىن ئىلتىماس قىلىش جەريانىدا ئازراق مەسلىگە ئۇچرۇدۇم.تېخى مەكتەپ پۈتتۈرمىگەن سىتودىنتلار سىلەرنىڭ بۇ تۈرگە ئىلتىماس قىلسا بولامدۇ؟مەن بۇ سوئالنىڭ جاۋابىغا تولىمۇ ئېھتىياج،جاۋابىڭلانى تەقەززالىق بىلەن كۈتىمەن.
ۋەئەلەيكۇم سالام!
بۇ دىگەن ئاسپىرانتلىق ۋە دوكتۇرلۇق ئوقۇش بىلەن مۇناسىۋەتلىك تىزىملتىش. شۇڭا، تولۇق كۇرۇسنى ياكى ئاسپىرانتلىقنى پۈتتۇرگەنلەر ياكى بۇ يازدا پۈتتۈردىغانلار تىزىملاتاسا، تاللىناليدۇ.
سىز ئالدى بىلەن تولۇق كۇرۇسنى تاماملاڭ.
سۇبات بۇرادەر .ئۈندىدار نۇمۇرىڭىزنى دەپ بېرەلەمسىز.سىزدىن بەزىبىر .ئشلارنى سوراي دىگەن.
.ئەدمىنكا ئۈندىدار ئشلىتىدئغانسىز ؟ بولسا ئۈندىدار نۇمۇرىىڭىزنى قالدۇرۇپ قويسىڭىز بوپتىكە ، بىلمىگەن يىرىمىز بولسا سوراشقا ئەپلىك بولاكەنتۇخ!
ياخشىمۇسىز،
مەن ئۈندىدار ئشلەتمەيمەن. ئامما سۇئال بولسا، جاۋاپ بىرىشكە تىرشىمەن.
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم! مەن ماتىرياللارنى تەييار قىلىۋاتىمەن ،مىنىڭ پاسپورتىممۇ بار، بۇيىل تولۇق كۇرۇسنى پۇتتىرىمەن. تونۇشتۇرۇش خىتىنى مەكتەپتىكى مۇئەللىملەر يىزىپ بەرگەندە خەنزۇچە بولسىمۇ بولامدۇ ياكى چوقۇم ئىنگىلىزچە يىزىپ بىرىشى كىرەكمۇ ؟؟ يەنە بىر مەسىلە مەن 3-يىللىقتا بىرپەندىن ئۆتەلمەي قالغان ،بىزنىڭ بۇماكتەپتە بۇكاۋ يوق ،بىريىلدىن كىيىن 3-يىللىقنىڭ باللىرى بىلەن قايتا بىرىمىز،لىكىن قاغان نەتىجىلىرىم ياخشى.. ھازىر سەل قورقۇپ قالدىم ، تەسىرى چوقۇم بولدۇ . قانداق قىلسام بولا .
ۋەئەلەيكۇم سالام!
تونۇشتۇرۇش خىتى خەنزۇچە بولسىمۇ بولىۋىرىدۇ.
نەتىجىڭىزدىن ئەنسىرمەڭ. تۇركىيەدىمۇ ئۇنداق ئەھۋاللار بار. مۇھىم بولغىنى ئوقۇشنى تاماملاىش.
ئەسسالامۇ – ئەلەيكۇم ! قېرىنداشلار ! ياخشىمۇسىز ئادمىن بۇرادەر !
مەن ئالدىنقى يىلى مەخسۇس كۇرسنى پۈتتۈرگەن ، نەتىجىلىرىم خېلى يامان ئەمەس ، مېنىڭ تۈركىيەدە داۋاملىق يۇقۇرى ئۆرلەپ ئوقۇغۇم بار ، ئەمما پاسپورتۇم يوق ، سىز بىر قېرىندىشىمىزغا ئىنتىھاندىن ئۆتسىڭىز ئاندىن پاسپورت توشقۇزىدىغان يەرگە توشقۇزسىڭىز بولىدۇ دەپسىز ، بۇنى پاسپورت قىلىپ ئىشلەتكىلى ۋە شۇ ئارقىلىق بىمالال تۈركىيە زېمىنىغا قەدەم باسقىلى بولامدۇ ؟ ئىنتىھان قاچان ئېلىنىدۇ ؟ جاۋابسىز قالدۇرمىغايسىز ! ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن !
ۋەئەليكۇم سالام!
مەخسۇس كۇرۇسنى پۈتتۇرگەن بولسىڭىز، بۇ قىتىملىق ئاسپىرانتلىق ئوقشۇقا تاللىنالمايسىز. چوقۇم تولۇق كۇرۇسنى پۈتتۈرگەن بولىشىڭىز كېرەك.
ئەگەر سىز تولۇق كۇرۇسنى پۈتتۈرگەن بولسىڭىز ۋە تاللىنىپ قالسىڭىز، بۇ تاللانغانلىق ئىسپاتى بىلەن پاسپورت چىقىرالايتىڭىز.
پاسپورت چىقسا ۋە بارىدىغان دۆلەتنىڭ ۋىزىسى بولسا، ئەلۋەتتە بارالايسىز.
تىزىملىتىدىغان يەرنى باسسام ئېچىلمىدى ، بۇ قانداق ئەھۋال ؟
سىن فىلىمىنى ياخشىراق بىرنەچچە قىتىم كۆرەپ چىقىڭ.
ياخشىمۇسىز قېرىندىشىم..مېنىڭ باكلاۋۇرلۇق ئۇنۋانىم ئىختىساد باشقۇرۇش ئىدى..لېكىن ماگىستىرلىقنى باشقا كەسپتە ئوقۇغۇم بار ئىدى،،ئاشۇنداق قىلغىلى بولارمۇ؟
ياخشىمۇسىز!.
ئىقتىساتقا يىقىنراق كەسىپنى تاللاڭ. بەك ئوخشىمايدىغان كەىسپنى تاللىۋاتسىڭىز، شاللىنىپ كىتىشىڭىز مۈمكىن.
يولۇڭىز ئوچۇق بولسۇن!
ئۆزلىكىدىن ئۆگۈنۈپ ئالغان تولۇق قۇرس دىپلوم بولسىمۇ بولامدۇ ؟
بولىدۇ.
ئىنتىھان قاچان ئېلىنىدۇ ؟ ئىنتىھان بېرىشتىن ئاۋۋال چوقۇم ئىنگلىزتىلى ياكى تۈرك تىلىنى بىلىش شەرتمۇ ؟
قايسى ئىمتاھاننى سوراۋاتىسىز؟
مۇشۇ ئوقۇش مۇكاپاتىغا ئېرىشىش ئۈچۈن تاللايدىغان ئىنتىھان ئالار ؟ ھەتتا يۈزتۇرانە ئىنتىھانلىرىمۇ باركەنغۇ !؟ ئۇنداق ئەمەسمۇيا ؟
پەقەتلا يۈزتۇرانە ئىمتاھان ئالىدۇ.
خەنزۇچە ياكى ئىنگىلىزچە پاراڭلىشىسىز.
ئەسسالامۇئەلەيكۇم بارلىق تورداشلارغا! مېنىڭ تۇلۇق ئوتتۇرنى تۈركىيەگە چىقىپ ئوقۇغۇم بارئىدى پاسپورتۇممۇبار.
مەن 1991-يىلى تۇغۇلغان ئوقۇغىلى بولامۇ .تىزىملىتىدىغان توربەتتە yukseklisans,doktora دئىگەن 2تاللاش بار ئىكەن قايسىنى تاللىشىم كېرېك؟
ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام!
سىز ھازىر تىزىملاتالمايسىز. بۇ دىگەن ئاسپىرانتلىق ۋە دوكتورلۇق ئۈچۈن تىزىملىك. تولۇق كۇرۇس ئۈچۈن 5- ئايدا تىزىملىتىش باشلىنىدۇ. ئامما ياش چەكلىمىسى بار. 1992-1-1 دىن كىيىن تۇغۇلغان بولىشى كىرەك.
سىز ئۆز خىرىجىتىڭىز بىلەن ئوقۇشنىڭ ئامالىنى قىلسىڭىز بولغىدەك.
ئۇنداق بولسا ئوزخىراجىتىم بىلەن ئوقۇسام قانداق يول مېڭىشىم كېرەك ؟ ياردەم قىلغان بولسىڭىز بوپتىكەن. ئاللاھ سىزدىن رازى بولسۇن!
سىز، ئالاقىلىشىشى ئادرىسىمىزدكى ئېلىخەتكە تەپسىلى خەت يېزىڭ. بىز قولىمىزدىن كىلىشىچە سىزگە مەسلىھەت بىرەيلى.
ئەسسالامۇ – ئەلەيكۇم !
ئاسپرانتلىققا تىزىملىتىش ئۈچۈن باكلاۋۇرلۇق ئۇنۋانى بولمىسا بولمايدىكەن شۇنداققۇ ؟
مۇشۇ باكلاۋۇرلۇق ئۇنۋانى توغرىسىدا بىر چۈشەندۈرۈش بەرگەن بولسىڭىز ! مېنىڭ بىلىشىمچە ئۇنۋانلارغا ئېرىشىش رەت تەرتىپى : مەخسۇس كۇرس ، تولۇق كۇرس ، باكلاۋۇر ، ئاسپرانت ، ماگېستىر ، دوكتۇر ، دوكتۇر ئاشتى .
توغرىمۇيا ؟
ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام!.
باكالاۋۇرلۇق ئۈنۋانى شەرت ئەمەىس. «باكلاۋۇررلۇق يەنىي، ئۈنىۋىرستىتىنىڭ تولۇق كۇرسىنى » ئوقۇسڭىز ۋە ئوقۇش پۈتتۈرۈش دىپلوماسى ئالسىڭىز كۇپايە. تۈركىيدە، «باكلاۋىرلىق ئۈنۋان بەلگىسىنى» ئىشلەتمەيدۇ. چۇڭگودا، ئۈنىۋىرستىتلارنى پۈتتۈرگەنلەرگە، «باكلاۋىرلىق ئۈنۋان بەلگىسىنى» ۋە « ئوقۇش پۈتتۈرۈش دىپلوماسى» بىرىدۇ. يەنى: «بىيەجىڭ» بولسا بولىدۇ،
مەخسۇس كۇرۇس ، دىگەنىلك، « da juan“ دىگەن گەپ. ئوقۇش تۈگەتسىڭىز، بىۋاستە ئاسپىرانتلىققا ئوقۇيالمايسىز.
تولۇق كۇرس دىگەنلىك. « ben ke» دىگەن گەپ. ئوقۇش تۈگەتسىڭىز، بىۋاستە ئاسپىرانتلىققا ئوقۇيالايسىز. تولۇق كۇرۇستا ئوقۇش بىلەن باكالاۋىرلىقتا ئوقۇش ئوخشاش گەپ. «باكالاۋىر» دىگەن، بىر ئۈنۋان، ئامما تۈركىيىدە بۇ ئۈنۋاننى ئىشلەتمەيدۇ. ئوقشۇ پۈتتۈرش دىپلوماسى بولسىال بولدى.
ئاسپرانت ، ماگېستىر : بۇ ئىككىس ئوخشاش گەپ.
دوكتۇر ، دوكتۇر ئاشتى : شۇنداق بۇ ئىككىسىنىڭ تەرتىپى ئوخشاش.
يەنە سوراپ باقسام ، پاسپورت بىلەن ۋىزىنىڭ رولى ئايرىم – ئايرىم بولىدىكەن . مۇشۇ ھەقتىمۇ بىر چۈشەنچە بەرگەن بولسىڭىز ئادمىن بۇرادەر ! ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن !
شۇنداق.
پاسپورت سىزنىڭ خەلىقارالىق كىملىكىڭىز. «ۋىزا» سىز چىقماقچى بولغان دۆلەتنىڭ، سىزنىڭ چىقىشىڭىزغا رۇخسەت قىلغانلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك رۇخسەت بەلىگسى.
ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن !
ناھايىتى چۈشۈنۈشلۈك بولدى. رەھمەت قېرىندىشىم .
ئەسالامۇ ئەلەيكۇم جاپاكەش ئۇيغۇرئوقۇغۇچلار كومتىتدىكىى قىرنداشلار مەن تۈركىيەدە دوكتۇرلۇكتا ئوقۇشىقا تىزمىلتپ .ئەڭ ئاخىرقى كېنشكا يولايدىغان باسقۇچتىن پەقەت ئۆتمەي تۇرۋالدى ياردەم قىلشڭلارنى سورايمەن.
ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام!.
تور كۆرگۈچىڭىزنى يەنگۈشلەپ بىقىڭ. مەسىلەن: firefox ياكى google chrome
يەنە بولمىسا: support@turkiyeburslari.gov.tr
خەت يېزىپ بىقىڭ، سىزگە چوقۇم جاۋاپ بىرىدۇ. ئەگەر جاۋاپ ئالالمىسىڭىز، بىزگە خەۋەر بەرسىڭىز، بىز ئۇلار بىلەن كۆرشەشكە تىرشىمىز. تىزىملىتىشىڭىز ئوڭۇشلۇق بولسۇن.
firefox google chrome قاتارلىق تور كۆرگۈچنمۇ قاچلاپ ئشلتپ باقتم يەنلا ئۆتمەي تۇرۋا لدى .مۇمكىن بولسا ئىېلخەت ئادىرسم بىلەن شفىر نۇمۇرنى يوللاپ بەرسەم سلە ر ئېچىپ بىر كۆرۇپ باققان بولساڭلار .ياردىملەرگە كۆپ رەخمەت.
support@turkiyeburslari.gov.tr
بىر خەت يېزىپ باقامسىز.
مەن قانچە قىلساممۇ تىزىملىتامىدىم . 5- يولغا كەلگەندە ئېچىلماي تۇرۋېلۋاتىدو … مېنىڭ يېشىم 35 . تولۇق كۇرس پۇتتۇرگەن . كىنو سىتۇدىيىسىدە ئىشلەيمەن .. مېنىڭ شەرتىم تۇشارمۇ ؟ تۇركىيەدە كىنو-تېلىۋىزىيەگە ئائىت كەسىپلەردە ئوقىماقچى ئىدىم ..مەسلىھەت بەرگەن بولسىڭىز !! رەخمەت !!!
ئاسپىرانتلىققا تىزىملاتسىڭىز يېشىڭىز ئېشىپ كېىتپتۇ ،دوكتۇرلۇققا تىزىملاتسىڭىز توشامىكى شەرتىڭىز
ئاسپىرانتلىق تاماملاماي، دوكتورلۇقتا ئوقۇغۇلى بولمايدۇ.
1978.3.16
پاسپورت ھەل قىلىشقا قانچىلىك ۋاقىت ، قانچىلىك چىقىم كېتەر ؟
مەن بۇ يىل تولۇق كۇرسنى پۈتتۈرىمەن.ھازىر دىپلوم چىقمىدى،دىپلوم يوللايدىغان يەرگە نېمە يوللىسام بولىدۇ؟
ئۇ يەرگە، بۇ ئەھۋالنى چۈشۈندۇرۈپ يېزىلغان بىر خەتنى يۈكلەپ قوياڭ.
سىز ئوقۇغان فاكۇلتىتىن ياكى مەكتەپ ئوقۇ ئوقۇتۇش بۆلمىدىن بۇ يىل ئوقۇش پۈتتۈرىدىغانلىق ياكى ئوقۇۋاتقانلىق ئىسپاتى چىقىرىپ بېرىدىكەن ،شۇنى يۈكلەيدىكەنسىز،باشقۇرغۇچىنىڭ ئورنىدا مەن جاۋاپ بېرىۋەتتىم
رەھمەت.
ئاخىرىقى 6 كۈن. بىر-بىرىمزگە ياردەم قلايلى ۋە چاققانراق تاماملايلى.
1.مەن بۇ يىل تولۇق كۇرسنى پۈتتۈرىمەن.ھازىر دىپلوم چىقمىدى،دىپلوم يوللايدىغان يەرگە نېمە يوللىسام بولىدۇ؟
2.نەتىجىنى ئىنگىلىزچىغا تەرجىمە قىلىمىزمۇ؟ياكى خەنزۇچە بولسىمۇ بولامدۇ؟
نەتىجىلەرنى خەنزۇچە يازسىڭىز بولىۋىرىدۇ.
ئالدىراش بولۇپ قالدىڭىزمۇ ؟ ئادمىن بۇرادەر ؟
شۇنداق، ھازىر مەن ئىستانبۇلدا ئەمەس، ۋاقىت بولغانسىرى ئىنكاس يىزىشقا تىرشىۋاتىمەن. دۈشەنبە كۈنى ئىستانبۇلغا قايىتىمەن.
ياخشىمۇسىز ، ئۆزىنى تونۇشتۇرۇش خىتىنى خەنزۇچە يازغان ياخشىمۇ ياكى ئىنگىلىزچە يازغان ياخشىمۇ ؟ دەيمەن ئەمدى خەنزۇچە يىزىپ قويساق چۇشەنمەي قالارمۇ ياكى تاللىنىشقا تەسىر كۆرسىتەمۇ ؟
ياخشىمۇسىز، خالىغان تىلدا يازسىڭىز بولىدۇ. خەنزۇچە بىلىدىغان، تەيۋەندە 7 يىل ئوقۇپ كەلگەن مەخسۇس تۈرك مۇتۇخەسىسى بار.
ۋاھ ، مانداق دەڭ بولىدۇ ئەمسە ئىشلار ئاسانلاشقىدەك ئۇنداقتا. رەھمەت سىزگە!
بىر قانچە Scholarhip Program(ئوقۇش مۇكاپاتى پىروگراممىسى) نى تەڭلا تاللىغىلى بولمامدىكەن؟ چوقۇم بىرنىلا تاللىمىز كېرەكمۇ ياكى مەن بىلەلمىدىممۇ؟ مەن تولۇق كۇرستا قوش دىپلوم ئالغان، بىرى ئىجتىمائىي پەنگە تەۋە يەنە بىرى تەبئىي پەنگە تەۋە ئىدى، پەقەت بىرلا ئوقۇش مۇكاپاتى پىروگراممىسىنى تاللىيالىدىم.
ئۆتكەن يىلقىدەك Anatolia Scholarship, Bosphorous Scholarship دەپ تاللىغىلى بولمايۋاتىدۇ. ياردەم قىلساڭلار بولاتتى.
بۇ قىتىم 4 ئوقۇش مۇكاپاتى پىروگراممىسى بار. سىز دىگەن تولۇق كۇرۇس ئوقۇش مۇكاپاتى پىروگراممىسى بولىشى مۈكىن. ھازىر پەقەتلا ئاسپىرانتلىق ۋە دوكتورلۇق ئوقۇشى بولغالىقى ئۈچۈن، ئازىراق چەكلەنگەن بولىشى مۈمكىن.
سىز قايسى كەسىپلەردە ئوقۇغان ئىدىڭىز؟
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم باشقۇرغۇچى جاچا چەكتىڭىز، ئىلتىماسنىمۇ قىلىپ بولدۇم خۇداغا شۇكىرى ، ئەمدى نەتىجسى قاچان چىقىدۇ؟ ئىلىكتىرونلۇق پوچتا خەت ساندۇقۇمغا كىلەمدۇ ياكى ؟؟ ئەگەر تاللىنالمىساق خەۋەرقىپ قويامدۇ ياكى گەپ قىلمامدۇ ؟
ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام!
ئىلىكتىرونلۇق پوچتا خەت ساندۇقۇڭىزغا كىلىدۇ. ھەر خىل ئەھۋالدا چوقۇم سىزگە بىلگى بىرىلىدۇ. 4- ئاينىڭ ئاخىرلىرى ئۈچۇر كىلىش مۈمكىن. بىزمۇ ۋاقتىدا خەۋەر بىرشكە تىرشىمىز.
ياخشىمۇسىز ، مەن ئىلتىماس قىلىۋاتقان ئامما نىمە ئۇچۇن تۇركىيەدە ئوقۇيسىز سۇئال جاۋاب يىرىگە كەلگەندە توختاپ قالدىم ، بۇيەردىكى سۇئال جاۋابقا خەنزۇچە جاۋاب بەرسەكمۇ بولامدۇ ، ياكى ئىنگىلىزچە يازامدۇق؟؟
ياخشىمۇسىز،
خالىغان تىلدا يازسىڭىز بولىۋىرىدۇ.
ئەسسالامۇئەلەيكۇم! admin ئەپەندىم
ئېلخەت ئادىرسىڭىزلەربىلەن ئالاقەقىلالمىدىم ،خەت قالدۇرسام باردىمۇ بارمىدىمۇ ئۇقالمىدىم . قانداققىلىشىم كېرەك
ياردەمقىلغان بولسىڭىز بوپتىكەن. ئاللاھ سىزدىن رازى بولسۇن!
ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام!
uyguroku@gmail.com
گە خەت يازسىڭىز چوقۇم جاۋاپ بىرىدۇ 1-2 كۈن ئىچىدە.
رەخمەت سىزگە!
ئېلختكە ئۇچۇر يوللاپ قويدۇم `ئاللاھ سىزدىن رازى بولسۇن !
مەكتەپ تاللىغاندا،قايسى مەكتەپنىڭ قايسى شەھەردە ئىكەنلىكىنى قانداق بىلىمىز؟
http://www.google.com گە يېزىپ ئىزدىسڭىز كۆرەلەيسىز.
ياخشىمۇسز؟ سزنى كۆپ ئاۋارە قىلدۇق.
سوراپ باقسام ماتىرياللارنى يوللاپ بولغاندىن كىيىن قانچىلىك ۋاقىتتن كىيىن جاۋابى كىلەر؟ جاۋاپنى ئۇلار بىزنىڭ خەت ساندۇقىمىزغا ئەۋەتەمدۇ؟
ياخشىمۇسىز؟
بەلكىم، بۇ ئاي ئاخىرىلىرىغىچە جاۋاپ كىلىپ قىلىشى مۈمكن. بىزمۇ ۋاقىتدا ئېلاىن بىرىشقا تىرشىمىز.
ئسسالامۇئەلەيكۇم! adminئەپەندىم ` ئاخىرى خوشخەۋەر كەلدى رەخمەتسىزگە ! ئاللاھ سىزلەردىن رازى بولسۇن!!!
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، مەن بۇ يىل ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا قاتنىشىمەن، ئالىي مەكتەپنى تۈركىيەدە ئوقۇشقا يەنى تولۇق ئوتـتۇرا ۋە ئۇندىن بۇرۇنقى نەتىجىلىرىم ناھايىتى كۆرۈنەرلىك شۇڭا ئوقۇش مۇكاپات پۇلى ئېلىپ ئوقۇشقا تىزىملىـتىش ئۇچۇن قانداق ماتىرياللارنى تەييارلىشىم ۋە توردا قاچان قانداق مەشغۇلاتلارنى ئېلىپ بېرىشىم كېرەك؟ رەھمەت.
ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام،
سىز ھازىرچە تولۇق ئۇتتۇرا نەتىجىلىرىڭىز، ئەگەر بولسا پاسپورت لارنى، بۇلاردىن باشاقا ئوقۇشىڭىز بىلەن مۇناسىۋەتىلى باشاقا ماتىرياللارنى (زۆرۈر ئەمەس) تەييارلىسىڭىز بولىدۇ. تەپسىلى تەلەپ قىلغان نەرسىلەرنى، تىزىملاشقا باشلىغاندا ئوقالايمىز.
رەھمەت ، ئۇنداقتا مەن تىزىملاش باشلانغاندا مۇشۇ فىلىمدىكىدەك تىزىملاتساملا بولامدۇ؟
شۇنداق، تىزىملىتىش ئۇسۇلى شۇنداق بولدۇ.
مەن تۈركىيەدە ھەقسىز ئوقۇيدىغان ئالىي مەكتەپتە ئوقىماقچىتىم ،ئېنىق تەپسىلىي ئەھۋلىنى دەپ بەرسىڭىز بوپتىكەن ،نىمىلەرنى تەييارلايمەن؟مەن بۇ يىل تولۇق ئوتتۇرنى پۈتتىرىمەن كەسىپنى قانداق تاللايمەن؟
سىز ئالدى بىلەن 1992-1-1 دىن كېينى تۇغۇلغان بولىشىڭىز كېرەك. تولۇق ئۇتتۇرا دىىپلوما ۋە خۇلاسە نەتىجىڭىز. تىزىملاش 5-ئايدا باشلىندۇ. پاسپورتڭىڭز بولمىسىمۇ تىزىملاتالايسىز. تاللىنپ قالسىڭىز، پاسپورت ئىشەلەتسىڭىز بولىدۇ. قالغان قۇشۇمچە نەرسىلەرنى، تىزىملاشقا باشلىغاندا تەپسىلى ئۇقىسز.
تورىمىزدىكى بىلگىلەرنى ، تەمكىن تۇرۇپ ئالدىرماي تەپسىلى ئوقۇڭ. تىزىملاتقانلارنىڭ ھەممسى تاللىنىدۇ دىگەن گەپ يوق. سىز ئامالى بار، ئالدى بىلەن ۋەتەندىكى ئالىي مەكتەپكە ئۈتەشكە تىرشىڭ.
بۇلىدۇ سىز دىگەن شەرىتلەرگە توشىدىكەنمەن ،مەن مۇشۇ يىل 6-ئايدا ئالىي مەكتەپكە ئىمتاھان بېرىمەن ،دىپلومىم ئۇنىىڭدىن كېيىن چىقىدۇ ،تەسىرى بولماس؟
يوق، تەسىرى بولمايدۇ. ئامما، ئوقۇش نەتىجىلىرىڭىزنى يوللىشىڭىز كېرەك.
پاسپورت6- ئايلار ئېچىدە چىقسىمۇ بولامدۇ؟
بولىدۇ.10-ئايغىچە چىقسىمۇ بولىدۇ.
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم. مىنىڭ ھەممە شەرتىم توشىدىكەن. . .لىكىن پاسپورت يوق.قانداق قىلسام تىزىملىتىپ ئوقۇشقا چىقالايمەن؟
پاسپورت بولىشى شەرت ئەمەس. قوبۇل بولۇپ قالسىڭىز، ئىشلەتسىڭىز بولىدۇ. بۇلتۇرمۇ شۇنداق بولغان.
/?p=1386
مەن ئالى مەكتەپكە ئۆتكەن،لىكىن ئوقۇمىغان. . .مەن تۈركىيىگە ئوقۇشقا تاللىنالىشىم مۇمكىنمۇ؟
مىنىڭ تولۇق ئوتتۇرىدىكى نەتىجەم خېلى ياخشى ئىدى. . . لىكىن مەن خەنزۇتىلىنى قەتئىيلا ئۇقمايمەن.ئىنگىلىز تىلىنىمۇ شۇنداق.. . دىمەك مىنىڭ ئېمتىھاندىن ئۆتەلىشىم مۇمكىن ئەمەسمۇ؟ مىنىڭ ئوقۇش ئارزۇيۇم بەكلا كۈچلىك ئىدى . . . ئالى مەكتەپكىمۇ يامان ئەمەس نەتىجە بىلەن ئۆتكەن. . بايا دىگەندەك. . . خەنزۇتىلىنى بىلمەيمەن. سەل قورقۇپ قالدىم. . .سىزچە قانداق بولا؟ جاۋابسىز قالدۇرمىغايسىز. .
مىنىڭ تولۇق ئوتتۇرىدىكى نەتىجەم خېلى ياخشى ئىدى. . . لىكىن مەن خەنزۇتىلىنى قەتئىيلا ئۇقمايمەن.ئىنگىلىز تىلىنىمۇ شۇنداق.. . دىمەك مىنىڭ ئېمتىھاندىن ئۆتەلىشىم مۇمكىن ئەمەسمۇ؟ مىنىڭ ئوقۇش ئارزۇيۇم بەكلا كۈچلىك ئىدى . . . ئالى مەكتەپكىمۇ يامان ئەمەس نەتىجە بىلەن ئۆتكەن. . بايا دىگەندەك. . . خەنزۇتىلىنى بىلمەيمەن. سەل قورقۇپ قالدىم. . .سىزچە قانداق بولا؟ جاۋابسىز
خەنزۇ تىلى بىلەن مۇناسىۋىتى يوق بۇ ئوقۇشىنىڭ. سىز ئالىي مەكتەپنى تاماملاپ، ئاسىپىرانتلىققا ئىلتىماس قىلسىڭىزمۇ بولىدۇ.
ئەسىلاممۇ -ئەلەيكۇم مەن بۇقېتېمقى پۇرسەتنى كۇتىۋاتقىنى ، خىلى ئۇزاق بولدى ، ئىنشا ئاللا بۇيىل ئوڭۇشلۇق بولار . ئالدىنقى يىلى ئوتتۇرا مەكتەپ پۇتتۇرگەن ئىدىم . نەتىجەممۇ يامان ئەمەس ، بۇ بىر يىل تۇرۇكچە ئىنگىلسچە ئۈگەندىم . خىلى يامان ئەمەس سۆزلەيمەن . ئامما نوپۇسۇتتا ۋە كىملىكتە 1995يىلى دەپ كىرگۈزۇلۇپ قالغان يىساپتا بۇيىل 18ياش تەسىر قىلماس؟
ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام،
پاسپورتتا نىمە بولسا، شۇ ئىناۋەتلىك. ئىشاللا بۇ قىتىم تاللىنىپ قالارسىز
تىلفۇن نۇمۇرىڭزنى قالدۇرۇپ قويسىڭز
م مەن تىزىملىتىش ئۈچۈن تور ئادرىسى بويىچە مەشغۇلات قىلغانتىم ،لىكىن تىزىملىاىشقا كىرىش ئورنى ئېچىلمىد
ئەسىلامۇ ئەلەيكۈم ھەممىڭلار ياخشى تۇردىڭلارمۇ ،،؟
ماڭا بىر ياردەم قىلىپ خەندەكلىڭ ئۇچۈن كىرەكلىك بولغان ماتىرياللار ئىچىدە ئوقۇشتىكى مەقسىدىڭىز ۋە كىيىنكى پىلانلىرىڭىز دىگەن تىمىغا قانداق مەزمۇندا يىزىشنى ھىچ بىلەلمەيۋاتىمەن بولسا ياردەم قىلىپ تۈركچە بىلىدىغانلار قاملاشتۇرۇپ يىزىپ بەرسەڭلار،،،.
ئەسسالامۇئەلەيكۇم،مەن كىلەريىلى تۇلۇق كۇرۇسنى تۈگىتمەن.مەن كىلەر يىلى بىۋاستە دوكتۇرلىققا ئىلتماس قىلالايمەنمۇ؟ياكى ماگىسترلىق ئۇقۇشنى تۈگۈتۈپ ئاندىن دوكتۇرلىقتا ئۇقۇشىم كىرەكمۇ؟
ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام،
دوكوتورلۇق ئوقۇش ئۈچۈن، چوقۇم ئالدى بىلەن ئاسپىرانتلىق ئوقۇشۇنى تاماملاش كېرەك.
مىنڭ بىلشمچە ئامىرىكا قاتارلىق دۆلەتلەردە دوكتۇلۇق ئۇقۇشقا 5~8يىل ۋاقىت كىتىدىكەن،ماگىستىر ئۇقۇشقا 3يىل ئەتىراپدا ۋاقىت كىتىدىكەن.ئۇ دۆلەتلەردە ماگىستىر ئۇقۇغانلارمۇ كەم دىگەندە 5يىلدا دوكتۇرلۇق ئۇقۇشىنى تۈگىتەلەيدىكەن.ئۇلاردا يەنە تۇلۇق كۇرۇسنى پۈتتۈگەنلەرنىمۇ دوكتۇرلۇق ئۇقۇشىغا ئالىدىغان ئەھۋاللارمۇ باركەن.ۋەتەن ئىچىدىكى مۇناسىۋەتلىك تۈزۈملەرمۇ ئۇلارنىڭ تۈزىمگە ئازراق ئوخشمايدۇ.سىز مۇمكن بولسا تۈركىيەنىك مۇناسىۋەتلىك تۈزۈملىرنى بىر چۇشەندۈرۈپ قۇيسىڭز.
بۇ ياخشى پىكىر بولۇپتۇ. تورىمىزدا تەپسىلى بىر ئۇچۇر يوللايلى.
ئامما، قىسىقىچە جاۋپ بەرسەك:
1. تۈركىيەدە تولۇق كۇرۇس ئوقۇشى رەسمى مۇددەت: 4 يىل، بۇ ۋاقىت ئىچىدە ھەقسىز ئوقۇيدۇ تۈركىيە پۇخرالىرى. 4 يىلىدا تاماملىيالماىسا، كېينىكى يىللار ئۈچۈن پۇل تۆلەپ ئوقۇيدۇ…. بەك تىرشىپ ئوقۇپ 3 يىلدا تاماملىسىڭىز، بۇمۇ سىزنىڭ ئىشىڭىز، ئامما بەك ئاز 3 يىلدا ئوقۇش تاماملاش.
2. ئاسپىرانتلىق، رەسىمى 2 يىل، تەلەپ قىلسىڭىز 1 يىل كىچىكىپ تۈگەتسىڭىز بولىدۇ.
3 .دوكتۇرلۇق رەسمى 4 يىل. تەلەپ قىلسىڭىز 2 يىل كىچىكىپ تۈگەتسىڭىز بولىدۇ.
تىل تەييارلىق ياكى كەسپى تەييارلىق ئۈچۈن ئوقۇغان ۋاقىتلار، نورمال ئوقۇش يىلىغا قۇشۇلمايدۇ.
سىز دىگەن، تولۇق كۇرسىنى تاماملىغانلار، «دوكتورلۇق» ئوقشىغا تىزىملىتىدىغان ئىشلار، ئەسلىدە، سىز تولۇق كۇرۇسنى ئوقۇغان مەكتەپ بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ. تولۇق كۇرس ئوقۇش جەريانىدا، «ئاسپىرانتلىق» بىلەن مۇناسىۋەتلىك دەرسلەرنى تاماملىغان بولدۇ. مەسىلەن، تۈركىيدە بەزى مەكتەپلەردە بۇ ئوقۇش شەكلىنى يولغا قويدى . نورمال تولۇق كۇرسنى بەك ياخشى ئوقۇشىڭىز ۋە نەتىجىڭىز تەخمىنەن 80- 85 بولسا، سىز مەكتەپكە ئىلىتماس قىلىسىز ئۆزىڭىز ئوقۇغان بۆلۈم بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئاسپىرانت ئوقۇيمەن دەپ. بۇنداق بولغاندا، سىز نورمال تولۇق كۇرسنىڭ ئاخىرقى يىلى، ئاسپىرانتلىق بىلەن مۇناسىۋەتلىك دەرسلەرنى ئالىسىز. بۇنداق بولغاندا 5 يىل ئەتراپىدا ،ھەم تولۇق كۇرسنى تاماملىغان بولىسىز ھەمدە، ئاسىپرانتلىقنى… شۇڭا، دوكتورلۇققا بىۋاستە ئىلتىماس قىلالايسىز…
نەتىجىدە، سىز ئوقۇش پۇتتۈرگەن مەكتەپنىڭ بەرگەن دىپلومى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. سىز كەلگۈسىدە ئوقۇماقچى بولغان مەكتەپ بىلەن ئالاقسى يوق. دۇنيانىڭ ھەرقانداق يېرىدە، ئاسپىرانت تاماملىمىغان ئوقۇغۇچى، دوكتورلۇققا قوبۇل بولمايدۇ.
يەنە بىر مىسال: ئەزەربەيجاندا، نورمال تولۇق كۇرۇس بۇرۇن 3 يىل ئىكەن. ئۇلار 5 يىللىق ئوقۇشىنى تاماملايدىكەن ۋە بىۋاستە «ئاسپىرانت» ئوقۇشۇنى تاماملىغان بولىدىكەن. بۇ سەۋەپتىن تۈركىيەگە كەلگەنلەر، «دوكتورلۇق» ئوقۇشىغا تىزىملاتاتتى… ياشلىرىرى 22-23 ياشلىق ئوقۇغۇچىلار…
ئەگەر خاتالاشمىسام، ئەنگىلىيەدىمۇ، نورمال تولۇق كۇرس 3 يىل، 4-5 يىل ئوقۇسڭىز، «ئاسپىرانت» لىقنى بىرىدىغۇ دەيمەن… ( ئەنگىلىيەدىكى ئوقۇش سىسىتىمى ئېنىق بىلمەيدىكەنمەن، ئەگەر خاتا بولۇپ قالسا، ئەسكەرتىپ قويۇڭلار)
رەخمەت سىزگە!
بۇ ناھايىتى ياخشى چۈشەندۈرۈش بوپتۇ ،رەھمەت سىزگە
ياخشىمۇسىز!!
مەن تىزىملاتماقچى ئىدىم ، پاسپورتۇم يوق ئىدى ، پاسپۇرت يازىدىغان يەرگە كىملىك نۇمۇرى يازغان ئىدىم ،لېكىن سېستىمىدىن ئىناۋەتسىز دەپ ئاخىرىنى تولدۇراممىدىم، مەن قانداق قىلىشىم كېرەك؟
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم…مەن ئاللاھ خالىسا بۇ يىل (2014) يىلى تۇلۇق ئوتتۇرنى پۈتتۈرىمەن ..
مەن ئالى مەكتەپنى تۈركىيەدە ئۇقۇشنى ئارزۇ قىلاتتىم شۇنڭلاشقا 2014 يىللىق بۇرۇسلارى ئىمتاھانسىنى بىرىپ باقاي دىگەن ئىدىم،ماللاھ خالىسا ئۈتۈشكە ئىشەنچىم بار….شۇڭا قېرىنداشلىرىمنىڭ ماڭا يېقىندىن ياردەمدە بۇلۇشىنى ئۈمۈد قىلىمەن …دىپلۇمام 9 ئايدا چىقىدىكەن شۇڭلاشقا بۇ ئىمتاھانغا تىزىملىتالامدىمەن ياقمۇ ؟؟ماڭا ياردەم قىلساڭلار قېرىنداشلار
ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام،
يېشڭىز توشسا تىزىملاتالايسىز. دىپلۇمنى 9-ئايدا ئالىدىغانلىقىڭىز بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىساپ ئېلىشىڭىز كېرەك.
مەن دىپلۇمىدىن باشقا ھەممە ئىسپاتنى ئالالايمەن….چۈنكى دىپلۇما بۇرۇنقىدەك مەكتەپدىن چىقمايدۇ..ئاپتۇنۇم رايوندىن چىققانلىقى ئۈچۈن 9 ئايلادا ئالالايمەن…باشقا تىزىملىتىشقا تىگىشلىك ئىسپاتلانى ئالالايمەن….
تىزىملىتىشقا قايسى قايسى ئىسپاتلار كىتىدۇ ؟؟
ئەسسالام -ئەلەيكۇم.
مەن ھازىر ئىچكىر ئۆلكىدە كىلىنكا(تىببى)كەسىپتە ئوقۇۋاتىمەن.بۇ يىل ئوقۇش پۈتتۈرىمەن.تۈركىيەدە ھەقسىز ئوقۇش پۇرسىتىگە ئىرىشەلىسەم بەكمۇ ياخشى بولاتتى.بايا قارىسام پەقەت بىرلا مەكتەپ باردەك قىلامدۇ نىمە؟تىببى ئاسپىرانتلىق ئوقۇش ئۈچۈن قانداق ئالاھىدە تەلەپ ۋە شەرتلەر بار؟
رەھمەت،جاپا چەكتىڭىز.
ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام،
سىز بۇ تورنى تەپسىلى كۆرۈپ چىىقىڭ.
/?p=964
你好,我不会打维语,又时间比较急,不得不打中文,希望您能谅解,我有一个妹妹现在是高三的学生,她能申请读本科吗? 她应该六月份左右能毕业,但是高中毕业证好像需要几个月的时间才能拿。有什么其他的办法吗?
ياخشىمۇسىز،
ئۇيغۇرچە يازامىسىڭىزمۇ، ئۇيغۇرچە ئوقۇيالايسىزغۇ دەيمەن…
ئۇكىڭىز ئىلىتىماس قىلالايدۇ. بۇ يىل ئوقۇش پۈتتۇردىغانلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىق ئىسپات بىلەن ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ.
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم! مەن ئاللاھ خالىسا بۇ يىل تولۇق كۇرۇسنى پۈتتۈرىمەن.پاسپورتۇم بىر ئاي ئىچىدە چىقىپ قالا دەيمە، بۇنىڭ تاللاشقا بەك چوڭ تەسىرى بولامۇ؟ ئاندىن ئاسپىرانتلىققا ئىلتىماس قىلىش ئۈچۈن ئوتتۇرىچە نەتىجىسى %75 دىن يۇقىرى بولىشى چوقۇم شەرتمۇ ياكى شۇ دائىرىدە بوسىمۇ بولامدۇ؟ سىلەرنى ئاۋارە قىپقويدۇم ، رەھمەت !
ئىلتىماس قىلىش ئۈچۈن پاسپورت بولمسىمۇ بولىۋىرىدۇ.
نەتىجىڭىىز خىلى ياخشىىكەن. مۇھىم مەسىلە، سىز ئوقۇماقچى بولغان كەسىپ ۋە سىز ئىلتىماس قىلىماقچى بولغان مەكتەپ بىلەنمۇ مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ.
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم! ئاللاھ خالىسا مەن بۇ يىل تۇلۇق كۇرۇسنى پۈتتۈرىمەن.مەن 2يىل تەييالىق(预科) ئۇقۇپ ئاندىن ھازىرقى مەكتىپىمگە تۇلۇق كۇرۇسقا ئۇقۇشقا كەلگەن،شۇنداقتا تۇلۇق كۇرۇستا جەمىئىې 6 يىل ئۇقۇغان بولدۇم..سورايدىغىنىم تىزىملاتقاندا تۇلۇق كۇرۇستىكى ئۇقۇش تارىخىنى 6 يىل دەپ تولدۇرمەنمۇ؟مىنڭ دىپلومۇم 7-ئايدا چىقىدۇ،شۇڭا دىپلوم ماتىرىيالىنى يۈكلەيدىغان ئۇرۇنغا قانداق ئىسپات ياكى ماتېرىيالنى يۈكلسەم بۇلىدۇ؟..ئاللاھ رازى بولسۇن.
مۇرادىل سىز ئاسپىرانتلىققا تىزىملىتاسىز ؟؟؟ئاسپرانتلىقنىڭ تىزىملىتىش ۋاقتى 4-ئاينىڭ 1-كۇنى ئاخىرلاشتى . ھازىر دەل تۇلۇق كۇرسقا تىزىملاۋاتىدۇ !مەنمۇ ئىككى يىللىق تەييارلىق ئوقۇغان ، بۇنى نىيەت مەكتۇبىدا يېزىپ قويغانتىم ، ھازىر شۇ تۆت كۆز بىلەن نەتىجە كۈتىۋاتىمەن ، سىز سەل كېچىكىپ قالغاندەك قىلىسىز
مۇرادىل كۆپ خىجىلمەن ، چىسلاغا ئوبدان قارىمايلا ئىنكاس يېزىپ كېتىپتىمەن ،شۇ قارىسام ئەھۋالىمىز ئوخشايدىكەنتۇق سەل ئالدىراپ كېتىپتىمەن !ھازىرغىچە جاۋاپ يوق سەل تىتىلداپ قالدىم ،سىزلەرگە كەلسە بۇ يەردە بىر ئېلان قىلىۋېتىڭلار ،بولمىسا ساراڭ بۇلىدىغان ئوخشايدۇ كىشى !
ئەسسسالاممۇ ئەلەيكۇم . مەن ھەممە تۈرنى توشقۇزۇپ بولۇپ ئەڭ ئاخىرقى باسقۇچقا ئۆتىدىغان يەردە يەنى 12-بەتكە ئۆتىدىغان يەردە ئازراق قىيىنچىلىققا ئۇچرىدىم . ياردەم ىىلالارسىلەرمۇ ؟ 12-بەتكە ئۆتەلمەي بۇنىڭدەك ئەسكەرتىش چىقىۋالدى . Sorry, an error occurred while processing your request.. تور كۆرگۈچنىڭ مەسىلىسىمىكىن دەپ ھەرخىل تور كۆرگۈچنى ئىشلەتكەن بوساممۇ ينىلا ئوخشاش ئەھۋالغا ئۇچىرىدىم .
不好意思,我不会打维文,第一页上的写密码的地方,我不知道怎么写了,填了好几种密码,多说 最少六个字符,帮个忙,谢谢