باكۇدا خەلقئارا كىتاب يەرمەنكىسى ئېچىلدى

ئەزەربەيجاننىڭ پايتەختى باكۇ خەلقئارا كىتاب يەرمەنكىسىگە ساھىبخانلىق قىلماقتا. ئەزەربەيجاننىڭ پايتەختى باكۇ خەلقئارا كىتاب يەرمەنكىسىگە ساھىبخانلىق قىلماقتا. ئىككىنچى قېتىملىقى ئۆتكۈزۈلگەن يەرمەنكىگە تۈركىيە قاتارلىق 25 دۆلەت ئىشتىراك قىلدى. تۈركىيە، ئەزەربەيجان، ئۆزبېكىستان، قازاقىستان، تۈركمەنىستان ۋە قىرغىزىستان تۈركچىلىرى… يەنە رۇسچە، ئىنگىلىزچە ۋە ئەرەبچە … قاتارلىق كۆپلىگەن تىللاردىكى ئىقتىساد، تارىخ، سىياسەت ۋە سەنئەت دېگەندەك

ھەر خىل ساھەلەرگە ئائىت مىڭلاچە كىتاب ئورۇن ئالغان باكۇدىكى يەرمەنكە، كىتاب ھەۋەسكارلىرىنىڭ ئالاھىدە قىزىقىشىنى قوزغىدى. يەرمەنكىدە تۈركىيە نەشرىياتلىرىنىڭ ئەسەرلىرى پەۋقۇلئاددە يۇقىرى قىزىقىش قوزغىدى. مەشھۇر يازغۇچىلار ئىمزا قويۇش كۈنى ئۆتكۈزۈشنى پىلانلاۋاتقان يەرمەنكە 3 كۈن داۋام قىلىدۇ.