ئالاھىدە ئۇقتۇرۇش

ئۇيغۇر ئوقۇغۇچى ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ ئالاھىدە ئۇقتۇرۇشى:

تۈركىيەگە كېلىپ ئوقۇماقچى بولغان قېرىنداشلارنىڭ سەمىگە!

ھۆرمەتلىك ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار! يىللاردىن بېرى تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركىي مىللەتلەرگە تەسىس قىلغان خاندەلىك (ئوقۇش مۇكاپات پۇلى) سانى چەكلىك بولغاچقا، تۈركىيەگە ئوقۇشقا كەلگەن ھەممە ئوقۇغۇچى بۇ ساندىن بەھرىمەن بولالمايدۇ. بۇ ساننىڭ ئىچىگە كىرىش ئۈچۈن ھەربىر ئوقۇغۇچىدا مۇنۇ شەرتلەر تېپىلىشى كېرەك:


 

ئۇيغۇر ئوقۇغۇچى ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ ئالاھىدە ئۇقتۇرۇشى:

تۈركىيەگە كېلىپ ئوقۇماقچى بولغان قېرىنداشلارنىڭ سەمىگە!

ھۆرمەتلىك ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار! يىللاردىن بېرى تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركىي مىللەتلەرگە تەسىس قىلغان خاندەلىك (ئوقۇش مۇكاپات پۇلى) سانى چەكلىك بولغاچقا، تۈركىيەگە ئوقۇشقا كەلگەن ھەممە ئوقۇغۇچى بۇ ساندىن بەھرىمەن بولالمايدۇ. بۇ ساننىڭ ئىچىگە كىرىش ئۈچۈن ھەربىر ئوقۇغۇچىدا مۇنۇ شەرتلەر تېپىلىشى كېرەك:

1. تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ، ئالىي مەكتەپنىڭ تولۇق كۇرسىدا ئوقۇماقچى بولغانلار ئۈچۈن:

 

1)   تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ دەرسلىرىنىڭ نەتىجىسى، خۇلاسە ئىمتىھان ۋە ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى نەتىجىلىرى يۇقىرى بولۇشى؛

 

2)   تۈركىيەگە كەلگەندىن كېيىن، تۇنجى يىلىدىكى تۈركچە تىل تەييارلىقىنى ئەلا نەتىجىدە پۈتتۈرۈپ، ئەڭ يۇقىرى دەرىجىدە دىپلوم ئالغان بولۇشى، قېرىنداش تۈركىي مىللەت ئوقۇغۇچىلىرىدىن ئېلىنىدىغان TCS ئېمتىھانىدىن ئەلا نەتىجە بىلەن ئۆتكەن بولۇشى كېرەك؛

3)   يۇقىرىقىلاردىن باشقا، ئالاھىدە نەتىجە ۋە قابىلىيىتى بولغانلارنىڭ سانغا كىرىش نىسبىتى تېخىمۇ يۇقىرى بولىدۇ.

2. ئالىي مەكتەپنىڭ تولۇق كۇرسىنى پۈتتۈرۈپ، ماگىستىرلىق ئوقۇشىغا ياكى ماگىستىرلىقنى پۈتتۈرۈپ دوكتورلۇق ئوقۇشىغا ئىلتىماس قىلغانلار ئۈچۈن:

1)   ئالىي مەكتەپنىڭ تولۇق كۇرس ياكى ماگىستىرلىق سىنىپىنىڭ ئوقۇش نەتىجىلىرى؛

2)   چەتئەل تىلى نەتىجىسى (TOFEL, IELTS, GRE, GMAT) ۋە ئىنگىلىزچە CET – 4 ياكى CET – 6 دەرىجە ئىمتىھان نەتىجىلىرى؛

3)   تۈركىيەگە كەلگەندىن كېيىن، تۇنجى يىلىدىكى تۈركچە تىل تەييارلىقىنى ئەلا نەتىجىدە پۈتتۈرۈپ، ئەڭ يۇقىرى دەرىجىدە دىپلوم ئالغان بولۇشى، قېرىنداش تۈركىي مىللەت ئوقۇغۇچىلىرىدىن ئېلىنىدىغان TCS ئېمتىھانىدىن ئەلا نەتىجە بىلەن ئۆتكەن بولۇشى ۋە ماگىستىر – دوكتورلۇققا ئىلتىماس قىلغۇچىلاردىن ئېلىنىدىغان ALES ئېمتىھانىدىن ياخشى نەتىجە قازانغان بولۇشى كېرەك؛

4)   يۇقىرىقىلاردىن باشقا، ئالاھىدە نەتىجە ۋە قابىلىيىتى بولغانلارنىڭ سانغا كىرىش نىسبىتى تېخىمۇ يۇقىرى بولىدۇ.

……..

ئوقۇغۇچىلار تۈركىيەگە كەلگەندىن كېيىن، ئالدى بىلەن بىر يىللىق تۈركچە تەييارلىق سىنىپلىرىدا ئۆز خىراجىتى بىلەن ياخشى ئوقۇپ، مۇناسىۋەتلىك ئېمتىھانلاردىن ئۆتۈپ، ئاندىن رەسمىي ئالىي مەكتەپلەرگە كىرىپ، ئۆزى تاللىغان كەسىپلەردە ئوقۇيدۇ. دۆلەتتىن بېرىلىدىغان خاندەلىك (ئوقۇش مۇكاپات پۇلى) پۈتۈنلەي دۆلەت قارمىقىدىكى مۇناسىۋەتلىك ئىدارە – ئورگانلارنىڭ قارارى بىلەن بېرىلىدۇ. بۇنىڭغا كومىتېتىمىزنىڭ ئارىلىشىش ياكى پىكىر بايان قىلىش ھوقۇقى يوق. بۇ سانغا كىرەلمىگەن ئوقۇغۇچىلار تامامەن ئۆز خىراجىتى بىلەن ئوقۇيدۇ، ئوقۇش جەريانىدا كومىتېتىمىز تېپىپ بېرەلىگەن ياكى ئۆزى ئىزدىنىپ تاپقان ئالاھىدە ياردەم پۇللىرى بىلەن ئوقۇشىنى داۋاملاشتۇرىدۇ.

شۇنى ئالاھىدە ئەسكەرتىپ قويماقچىمىزكى، تۈركىيەدە خاندەلىككە ئېرىشەلمىگەن ئوقۇغۇچىلار مەكتەپنىڭ بارلىق چىقىمىنى ئۆزى ھەل قىلىدۇ. بۇ يەردە بەزى مەكتەپلەر يىللىق ئوقۇش پۇلى ئۈچۈن 500 دوللار ئالسا، يەنە بەزىلىرى 10000 دوللارغا يېقىن پۇل ئالىدۇ، بىر مەكتەپنىڭ ھەرخىل كەسىپلەر ئۈچۈن ئالىدىغان ئوقۇش پۇلىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ (بۇ خىل ئەھۋال ھەممە يەردە ئوخشاش بولسا كېرەك).

شۇڭا تۈركىيەگە كېلىپ ئوقۇماقچى بولغانلار ئەتراپلىق ئويلىنىشى كېرەك. يۇقىرىدا ئېيتىپ ئۆتكىنىمىزدەك، تۇنجى يىللىق تۈركچە تىل كۇرسىنى ئۆز خىراجىتى بىلەن ئوقۇپ، نەتىجە تۆۋەن بولغانلىقتىن، خاندەلىككە ئېرىشەلمەي قالغانلار، ئالىي مەكتەپ خىراجىتىنى پۈتۈنلەي ئۆزى ھەل قىلىدۇ. بۇ ئىشلاردا ئۇيغۇر ئوقۇغۇچى ئىشلىرى كومىتېتى ھېچقانداق مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالمايدۇ ھەم ئالالمايدۇ. كومىتېتىمىز بىلەن ئالاقىلىشىپ، تۈركىيەگە كەلگەن ھەربىر ئوقۇغۇچى بۇ توختامنامىدىكى شەرتلەرنى قوبۇل قىلغان ھېسابلىنىدۇ. شۇڭا بارلىق قېرىنداشلارنىڭ مۇشۇ شەرتلەرگە قارىتا تەييارلىق قىلىپ كېلىشى لازىم. كومىتېتىمىز بۇ توختامنامىنى تۈركچە تەرجىمە قىلىپ، دۆلەتلىك مائارىپ مېنىستىرلىكى ۋە ئالىي مائارىپ كومىتېتىغا يەتكۈزىدۇ. قالغان رەسمىيەت ۋە ئوقۇشقا مۇناسىۋەتلىك ئىشلىرىڭىزمۇ بۇنىڭدىن كېيىن پۈتۈنلەي ئۇيغۇر ئوقۇغۇچى ئىشلىرى كومىتېتى تەرىپىدىن سىستېمىلىق ھالدا بېجىرىلىدۇ. كومىتېت ئەزالىرىنىڭ ئوقۇش – خىزمەتلىرى ئالدىراش بولغانلىقى ئۈچۈن، كومىتېتىمىز كاتىبى سابىرجان كۆكتۇغ كومىتېتىمىزغا ۋاكالىتەن رەسمىيەت ئىشلىرىڭىزغا ياردەم قىلىدۇ ۋە قىلىنغان ئىشلار ھەققىدە كومىتېت ئەزالىرىغا دوكلات سۇنۇپ تۇرىدۇ. ئالاھىدە ئەھۋال كۆرۈلگەن تەقدىردە، كومىتېت ئەزالىرى ئورتاق قارار ئېلىپ ھەل قىلىشقا تىرىشىدۇ.

شۇڭا تۈركىيەگە كەلگەندە، ئالدى بىلەن كومىتېتىمىز كاتىبى سابىرجان كۆكتۇغ ۋە باشقا كومىتېت ئەزالىرى بىلەن ئالاقىلىشىپ، تىزىمغا ئالدۇرىسىز. قىلىنغان خىزمەت ئۈچۈن ھېچقانداق پۇل – ھەق تەلەپ قىىنمايدۇ. تۈركىيەدە ئوقۇشىڭىزغا ياردەم قىلغانلىقى ئۈچۈن ھەق تەلەپ قىلغان ھەرقانداق كىشى ياكى ئورگاننىڭ بىز بىلەن ھېچقانداق مۇناسىۋىتى يوق ئىكەنلىكىنى، شۇڭا كومىتېتىمىز ئارقىلىق ئىشلىرىڭىزنى بېجىرگەن چاغدا، مەيلى كىم بولۇشىدىن قەتئىينەزەر ھېچكىمگە ھەق تۆلىمەسلىكىڭلارنى ئالاھىدە ئۇقتۇرىمىز. بۇلاردىن سىرت، يەنە قانداق سوئال ياكى پىكىر بولسا، كومىتېتىمىزنىڭ ئېلخېتىگە خەت قالدۇرۇپ قويسىڭىز بولىدۇ.

ھۆرمەت بىلەن:

 ئۇيغۇر ئوقۇغۇچى ئىشلىرى كومىتېتى

2011 – يىل 10 – ئاينىڭ 6 – كۈنى

 

تېلېفون نومۇرى: 6657851 – 212 – 0090

يانفون: 5554331836 – 0090

ئېلخەت: info@uyguroku.com