ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، ھۆرمەتلىك ساۋاقداشلار!
ھەممىمىزگە مەلۇم بولغىنىدەك، ئوقۇشىمىزنىڭ نەتىجىلىك بولۇشى كۆڭلىمىزنىڭ خاتىرجەملىكىگە، كۆڭلىمىزنىڭ خاتىرجەملىكىمۇ ئوقۇش ۋە تۇرمۇش شارائىتىمىزنىڭ ياخشى – يامانلىقى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. مانا مۇشۇ نۇقتىنى كۆزدە تۇتقان كومىتېت رەھبەرلىكىمىز تۈركىيەدە ئوقۇۋاتقان بارلىق ئوقۇغۇچى قېرىنداشلىرىمىزغا خاندەلىك تېپىپ بېرىش ئۈچۈن كۆپ باش قاتتۇردى ۋە ئىزدەندى. جانابى اللەنىڭ ھىممەت – ياردىمى بىلەن بۇ جەھەتتە خېلى كۆپ نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى. بەزى ئورگان – جەمئىيەتلەردىن ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن مەخسۇس خاندەلىك ۋەدىسى ئېلىندى. شۇڭا خاندەلىك ئېلىشنى ئارزۇ قىلىدىغان بارلىق قېرىنداشلارنىڭ مۇشۇ بىر نەچچە كۈن ئىچىدە ئىسىم – تەگ ئىسمى، ئوقۇۋاتقان مەكتىپى، فاكۇلتېتى، يىللىقى، ئوقۇغۇچىلىق ئىسپاتى، ئالاقىلىشىش ئادرىسى ۋە تېلېفونى، مۇمكىن بولسا، ئالدىنقى مەۋسۈملەرنىڭ ئىمتىھان نەتىجىلىرىنى info@uyguroku.com ئادرىسىغا يوللاپ بېرىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.
ئەسكەرتىش: بەزى شىركەت ۋە ئورگانلار ئۆزى شۇغۇللىنىۋاتقان كەسىپلەردە ئالاھىدە نەتىجە بىلەن ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلارغا ئايرىم خاندەلىك بېرىشقا ۋەدە بەرگەنلىكى ئۈچۈن، دۆلەت تەرىپىدىن ياكى باشقا يەرلەردىن خاندەلىك ئېلىۋاتقان ئوقۇغۇچىلارمۇ تىزىملاتسا بولىۋېرىدۇ.
ئالاقىلاشقۇچى:
كومىتېت كاتىبى: سابىرجان كۆكتۇغ
تېلېفون: 05554331836
. ئىقتىسادىي پائالىيەت ئاسپرانتلىق خاندەلىك پروگراممىسى
İKTİSADİ ÇALIŞMA LİSANSÜSTÜ VE ARAŞTIRMA BURSU
ئېتىغۇ ئىقتىسادىي پائالىيەت ئاسپرانتلىق خاندەلىك پروگراممىسىكەن لىكىن ئاستىدىكى تەپسىلى چۈشەندۈرۈشىدە مۇھىت ئېنژىنېرلىقى، بېزەكچىلىك، كومپىيۇتېر ئېنژىنېرلىقى، ئېلىكترونلۇق سايمان ئېنژىنېرلىقى، يېمەك – ئىچمەك ئېنژىنېرلىقى، بىناكارلىق، ماشىنىسازلىق، گىئولوگىيە، سۇ مەھسۇلاتلىرى ئېنژىنېرلىقى فاكۇلتېتلىرى ۋە يېزا ئىگىلىك ئېنستىتۇتلىرىنىڭ چارۋا تېخنىكىسى، ئۆسۈملۈك ئىلمى، يېزا ئىگىلىك قۇرۇلۇشى ۋە سۇغۇرۇش تېخنىكىسى، يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى، تۇپراق، ئۆسۈملۈك قوغداش ۋە باغ ئۆسۈملۈكلىرى فاكۇلتېتلىرىنىڭ ماگىستىر ۋە دوكتورلۇق پروگراممىلىرىدا ئىقتىسادىي پائالىيەت ئاسپرانتلىق خاندەلىكى بىلەن ئوقۇيالايسىز.
دەپتۇ،بۇنى بىرتەپسىلى چۈشەندۈرىۋىتىڭلار ،يەنە. تارىخ ۋە مەدەنىيەت ئاسپرانتلىق خاندەلىك پروگراممىسى دىگەنمۇ ئوخشاشكەن.ئېتىغا قارىسامغۇ مەن مۇشۇنىڭغا چۈشۈدىغاندەك،ئەمما ئاستىدىكى گەپلىرى باشقىچە ،گاڭگىراپ قالدىم.
ھەئە، شۇنداق يېزىپ قويۇپتۇ. شۇڭا ئەسكەرتىش بېرىپ قويغانىدۇق. گەرچە تۆت خىل خاندەلىكنىڭ ئىسمى ئوخشىمىسىمۇ، مەزمۇنى ئاساسەن ئوخشاش ئىكەن. سىلەر مەزمۇنىغا قارىماي، ئۆزەڭلار تاللىماقچى بولغان كەسىپكە چۈشىدىغان خاندەلىكنى تاللاپ، جەدۋەل تولدۇرساڭلار بولىدۇ.
ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام، بۇ يىللىق تىزىملاش خىزمىتى ئەمدى باشلاندى، بۇ ھەقتىكى يېڭى ئۇقتۇرۇشنى ئوقۇپ چىقىپ، شۇنىڭغا قارىتا ئىلتىماس قىلسىڭىز بولىدۇ.