تۈركىيىدە ئوقۇش ئۈچۈن ئىلتىماس قىلىشنى خالىغۇچىلار، ئىلتىماس جەدىۋىلى، پاسپورت، كىملىك، دىپلوم، ئۇنۋان، دەرىجە كىنىشكىسى، ئۆز-ئۆزىنى تونۇشتۇرۇش خېتى، ئائىلىنى تونۇشتۇرۇش خېتى، كاپالەتنامە، تەۋسىيىنامە دېگەندەك تەلەپ قىلىنغان پۈتۈن ماتېرىياللارنى كومپىيۇتېردا سىكەن قىلىپ كىرگۈزۈپ، رەت تەرتىپ بويىچە ئىسىم قويۇپ (مەسىلەن: ئىلتىماس جەدىۋىلى، پاسپورت، كىملىك، دىپلوم، ئۇنۋان دەرىجە كىنىشكىسى، ئۆز-ئۆزىنى تونۇشتۇرۇش خېتى، ئائىلىنى تونۇشتۇرۇش خېتى، كاپالەتنامە، تەۋسىيىنامە دېگەندەك خاس ئىسىملار) يۇقىرىقى ئېلخەت ساندۇقىغا يوللاپ بېرىڭ. يېزىق شەكلىنى تونۇماسلىقتىن كېلىپ چىققان ئاۋارىچىلىكتىن ساقلىنىش ئۈچۈن، بارلىق كومپيۇتېردا يېزىلغان ماتېياللارنى PDF(ئاكروبات) ھۆججىتى ياكى رەسىم (JPEG) شەكلىدە ئەۋەتىپ بېرىڭ. مۇمكىن بولسا، ئىلتىماس ماتېرىياللىرىنى ئەڭ ياخشىسى كومپيۇتېردا يېزىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمىز. بارلىق ماتېرىياللارنى تولۇق تەييارلاپ بولغاندىن كېيىن، بىرلا ۋاقىتتا تولۇق ئەۋەتىپ بېرىڭ (ئوخشىمىغان ۋاقىتلاردا بىر قانچە قېتىم ئەۋەتىپ بەرگەندە، ماتېرىياللارنىڭ بەزىلىرى يۈتۈپ كېتىدىغان ياكى باشقىسىنىڭكىگە ئارىلىشىپ قالىدىغان ۋەياكى شۇنىڭغا ئوخشاش ئاۋارىگەرچىلىك تۇغۇلۇشى مۇمكىن). تۈركىيە ئۇيغۇر ئوقۇغۇچى ئىشلىرى كومىتېتى خادىملار شەرتى توشقانلارغا كېيىنكى قەدەمدە نېمىلەرنى قىلىش كېرەكلىكى توغرىسىدا ئېنىق يول كۆرسىتىدۇ.
ۋەتەندىكى قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ئېسىدە بولسۇنكى، بۇ يولنى مېڭىپ بېرىمەن دېگۈچىلەرگە پۇل بەرسىڭىز، سىز پۈتۈنلەي ئالدانغان بولىسىز. شۇڭا ئالدى بىلەن تۈركىيە ئۇيغۇر ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىشخانىسىدىكى خادىملار بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئۇلار سىزنىڭ ماتېرىيالىڭىزنى كۆرۈپ، رەسمىي لاياقەتلىك ئىكەنلىكىڭىزگە ھۆكۈم قىلغاندىن كېيىن، سىزنىڭ تۈركىيىگە بېرىپ ئوقۇشىڭىزغا ئىمكانىيەت يارىتىپ بېرىدۇ. تۈركىيە ئۇيغۇر ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىشخانىسىدىكى خادىملار بەك ئالدىراش بولغانلىقى ئۈچۈن، ئوقۇشقا ئىلتىماس قىلغۇچىلارنىڭ ئاڭلىق ۋە سەۋرچان بولۇشىنى ئالاھىدە ئۈمىد قىلىمىز.
س. ئىلتىماس قوبۇل قىلىش مەزگىلى:
تۈركىيىدە ئوقۇشقا ئىلتىماس قوبۇل قىلىش مەزگىلى ھەر يىلى 3-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن 6-ئاينىڭ 1-كۈنىگىچە.
TOEFL IELTE, ۋە GRE نەتىجىلىرى بولمىغان ۋە تۇركىيەدە بىر يىل تۈركچە، ئىنگلىزچە TOEFL IELTS, ۋە GRE ئىمتىھان تەييارلىقىنى ئېلىشقا مەجبۇر بولغان، كەسپىدە بىر قەدەر پىششىق بولغان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن، تۈركچە، TOEFL IELTE, ۋە GRE ئىمتىھان تەييارلىقلىرىغا ئستانبۇلدا ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن مەخسۇس ئېچىلغان ئەڭ تۆۋەن باھادىكى كۇرسلار ئارقىلىق ياردەم بېرىلىدۇ.
د. خاندەلىك (ئوقۇش مۇكاپات پۇلى) توغرىسىدا:
تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى ئالىي مائارىپ كومىتېتىنىڭ بۇ يىلقى بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن، دىيارىمىزدىن كەلگەن ئوقۇغۇچىلارغا بېرىلىدىغان خاندەلىك سانى 50 بولۇپ، بۇنىڭ 40ى تولۇق كۇرس ئوقۇغۇچىلىرىغا، يەتتىسى ماگىستىر ئوقۇغۇچىلارغا، ئۈچى دوكتور ئوقۇغۇچىلارغا بېرىلىدۇ. بۇ 50 نەپەر ئوقۇغۇچىنى تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى باش مېنىستىرلىقىغا قاراشلىق قېرىنداش تۈرك مىللەتلىرى ئىدارىسىنىڭ چەتئەللىك ئوقۇغۇچىلار بۆلۈمىدىكى مەسئۇل خادىملار تاللاپ بېكىتىدۇ. بۇ سانغا كىرەلمىگەن ئوقۇغۇچىلار ئۆز خىراجىتىگە ۋە تۈركىيەدىكى ئىجتىمائىي جەمىئىيەتلەرنىڭ ئوقۇش ياردەم پۇلىغا تايىنىپ ئوقۇيدۇ.
تۈركىيە دۆلەت ئىگىلىكىدىكى ئالىي مەكتەپ تولۇق كۇرس، ماگىستىرلىق ۋە دوكتورلۇق ئوقۇشىدا، تۇركىيەلىك ئوقۇغۇچىلارغا قارىغاندا چەتئەللىك ئوقۇغۇچىلاردىن ئوقۇش پۇلىنى ھەسسىلەپ ئالىدۇ، ئەمما تۈركىيە ئۇيغۇر ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىشخانىسىغا تۈركىيەدە ئوقۇشقا ئىلتىماس قىلغان، لېكىن خاندەلىككە (ئوقۇش مۇكاپاتىغا) ئېرىشەلمىگەن ئوقۇغۇچىلارغا تۇركىيەلىك ئوقۇغۇچىلارغا ئوخشاش ئوقۇش پۇلىنى تۆۋەنلىتىپ بېرىشكە ياردەمدە بولالايمىز. ئوقۇش پۇلى مەكتەپلەر ۋە كەسىپلەرگە قاراپ ئوخشىمايدىغان بولۇپ، بىر يىللىق ئەڭ ئاز 250 دوللاردىن ئەڭ كۆپ 500 دوللارغىچە بولىدۇ. ئالىي مەكتەپ تولۇق كۇرس، ماگىستىرلىق ۋە دوكتورلۇققا كىرەلىگەن ئوقۇغۇچىلار تۇركىيەدىكى فوندى جەمىئىيەتلەردىن تەسىس قىلىنغان ئوقۇش مۇكاپاتى ۋە ئوقۇش ياردەم پۇلى ئالالايدۇ.
ھەر يىلى تۈركىيە دۆلەتلىك ئوقۇش مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن ئوقۇغۇچىلار، ئوقۇش پۇلى تۆلىمەيدۇ ۋە ئايدا ئوقۇش ۋە تۇرمۇشغا يەتكۈدەك ئوقۇش مۇكاپات پۇلىغا ئېرىشىدۇ.
ئى. تۈركىيە ۋىزىسى توغىرىسىدا:
تۈركىيە ئۇيغۇر ئوقۇغۇچى قۇبۇل قىلىش ئىشخانىسىغا تۈركىيەدە ئوقۇشقا ئىلتىماس قىلىپ، قوبۇل قىلىنغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ تىزىملىكى ھەر يىلى 9-ئاينىڭ 1 – كۈنىگىچە تۈركىيەنىڭ بېيجىڭدىكى ئەلچىخانىسىغا ئەۋەتىلىدۇ.
تۈركىيەنىڭ بېيجىڭدىكى ئەلچىخانىسى تور ئادىرىسى:http://beijing.emb.mfa.gov.tr/
ئوقۇغۇچىلار ۋىزىسىغا قويغان تەلەپلەر (تۆۋەندىكى تەلەپ قىلىنغان ماتېرىياللىرىڭىز تۇلۇق بولغان ئەھۋال ئاستىدا بىر ھەپتە ئىچىدە ئوقۇش ۋىزىسىنى ئالالايسىز):
学习签证
http://beijing.emb.mfa.gov.tr/ShowInfoNotes.aspx?ID=1079
外国人只有在土耳其大学,学校或语言培训班注册报名之后方可申请学习签证。学习签证的停留期一般为一年,一次入境
前往土耳其大学学习的学生需要提供的签证材料
第一: 有效护照及护照的复印件
第二:签证申请表
第三:一张申请人的二寸彩色证件照片
第四:土耳其大学的正式录取通知书
第五:学历证书
第六:健康证明
第七:签证费
第八:如果申请人不是中国公民,还需要提供其在中国的有效居留证
تۈركىيە دۆلەتلىك ئوقۇش پۇرسىتىگە ئېرىشەلمەي ئۆز ئىمكانى بىلەن تۈركىيەگە ئوقۇشقا كەلمەكچى بولغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ تۈركىيەدە ئوقۇشى پۇرسىتى توغرىسىدا:
بۇ تۈردىكى ئوقۇغۇچىلار ئالىي مەكتەپنىڭ تىل چاقىرىقى ئۈچۈن 100$ ئەتراپىدا پۇلنى ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىشخانىسىغا ئەۋەتكەندىن كېيىن، تىل مەكتىپىنىڭ چاقىرىقى ئارقىلىق بېيجىڭدىكى تۈركىيە ئەلچىخانىسىغا ۋىزىغا ئىلتىماس قىلىدۇ. ۋىزىنى ئېلىپ تۈركىيەگە كەلگەندىن كىيىن، ئالدى بىلەن مەلۇم بىر ئالىي مەكتەپكە تىل ئۆگىنىش ئۈچۈن تىزىملىتىپ، تۇرۇشلۇق كىنىشكە (ئىقامەت) ئېلىشى كېرەك، بىر يىللىق ئىقامەت ئۈچۈن مەكتەپكە 350 دوللاردىن 700 دوللارغىچە ئوقۇش پۇلى تۆلەپ تۈركچە كۇرستا ئوقۇيدۇ. تۈركچە تەييارلىقنى تۈگىتىپ، ئالىي مەكتەپ تولۇق كۇرس، ماگىستىرلىق ياكى دوكتورلۇق ئوقۇشىغا رەسمىي كىرگەندىن كىيىن، دۆلەتلىك ئوقۇش مۇكاپات پۇلىغا ياكى فوندى جەمئىيەتلەرنىڭ ئوقۇش ياردەم پۇلىغا تايىنىپ ئوقۇشىنى داۋاملاشتۇرىدۇ. ئۆز ئىمكانى بىلەن تۈركىيەدە ئوقۇشقا ئىلتىماس قىلغان ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن ۋىزىغا قويغان تەلەپلەر (تۆۋەندىكى تەلەپ قىلىنغان ماتېرىياللىرىڭىز تولۇق بولغان ئەھۋال ئاستىدا 2-3 ئاي ئىچىدە ۋىزىنى ئالالايسىز):
学习签证
http://beijing.emb.mfa.gov.tr/ShowInfoNotes.aspx?ID=1079
参加土耳其语言培训班的学生需要提供的签证材料
作为先决条件,语言培训班应该被土耳其教育部所认可
第三:语言培训班的录取通知书原件和复印件
第四:学历证书原件和复印件或者公证件
第五:已交过培训班费用的银行回单或培训班报名费收据复印件
第六:申请人或者其父母的银行存款证明原件和复印件
第七:英文经济担保公证书 – 申请人的亲友在中国公证处办理
第八:申请人的无犯罪记录公证书
第九:健康证明原件和复印件
第十:签证费
此类签证允许持有人进入土耳其并申请居留许可证。持学习签证的人必须在抵达土耳其之后30天内到当地的安全局外籍人员处(Emniyet Müdürlügü Yabancilar Subesi)申请居留许可证。一旦取得土耳其居留许可证,该人在居留证有效期内可多次进入土耳其,无需再次申请土耳其的入境签证。如果需要延期居留许可证,应该在到期前及时办理延期或更新手续。如果居留许可证即将到期或已经到期,离开土耳其之前需要延期居留许可证
ئەسكەرتىش:
1. تۇركىيەدە بىر ئوقۇغۇچىنىڭ ئايلىق تۇرمۇش خىراجىتى تەخمىنەن ئوتتۇرا ھېسابتا 150 – 250 دوللار ئەتراپىدا. ھەر ئىھتىمالغا قارشى تۇنجى يىلى تۇرمۇش ۋە ئوقۇشتا قىينىلىپ قالماسلىق ئۈچۈن تۈركىيەدە ئوقۇشنى ئىلتىماس قىلغۇچى ئۇيغۇر، ئۆزبېك، تاتار، قازاق، قىرغىز ۋە سالار ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ تۇنجى يىللىق ئوقۇش ۋە تۇرمۇش چىقىملىرىنى تولۇق تەييارلىشىنى تەۋسىيە قىلىمىز.
2. بۇ ئوقۇشقا مەسلىھەت ئېلىشقا ۋە تاللىنىش ئۈچۈن كېرەكلىك رەسمىيەتلەرگە ھېچقانداق ھەق تەلەپ قىلىنمايدۇ.
بىز پەقەت ئەڭ ياخشى ئوقۇغان ئۇيغۇر، ئۆزبېك، تاتار، قازاق، قىرغىز ۋە سالار ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ماتېرىياللىرىنى كۆرۈپ، ھەقىقەتەن ئوقۇشقا مۇۋاپىق بولسا، تۈركىيە دۆلىتىگە ۋاكالىتەن بۇ ئوقۇش پۇرسىتىگە ئېرىشىشىگە ياردەم قىلىمىز.
تۈركىيە تىل، دىن ۋە مەدەنىيەت جەھەتتە ئۇيغۇر، ئۆزبېك، تاتار، قازاق، قىرغىز، سېرىق ئۇيغۇر ۋە سالار قاتارلىق تۈرك ئىرقىدىكى قېرىنداش خەلقلەر ئۈچۈن يات بىر ماكان ئەمەس. تۈرك تىلى ئۇيغۇر، ئۆزبېك، تاتار، قازاق، قىرغىز ۋە سالار تىللىرىغا 70% ئوخشاش بولۇپ، كۆڭۈل قويۇپ ئۆگەنسىڭىز، ئۈچ ئايدا ھاجىتىڭىزدىن چىقالىغۇدەك، ئالتە ئايدا كىتاب – ماتېرىيالدىن تولۇق پايدىلىنالىغۇدەك، توققۇز ئايدا رەسمىي مەكتەپكە كىرىپ، دەرس ئاڭلىيالىغۇدەك سەۋىيەگە يېتىپ بولالايسىز.
تۈركىيەدە ئوقۇسىڭىز، نۇرغۇن پەننىي بىلىم ئىگىلەپلا قالماستىن، بەلكى تۇرمۇشىڭىزدا سىزگە كېرەكلىك مەدىنىيەت-تۇرمۇش بىلىملىرىگىمۇ ئىگە بولالايسىز.
3. تۈركىيەدە ئوقۇش پۈتۈنلەي قانۇنلۇق بولۇپ، جۇڭگو ھۆكۈمىتى ۋە تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ مائارىپ ھەمكارلىقى ئاستىدا، ئىقتىسادى ۋە مەدەنىيەت جەھەتتە بىرلىكتە گۈللىنىشنى نىشان قىلغان.
تۈركىيەدە ئىش، خىزمەت ۋە تىجارەت پۇرسىتىمۇ كۆپ بولۇپ، ئوقۇشتىن سىرتقى ۋاقىتلاردا ھەرخىل كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىش ئارقىلىق ئوقۇش، تۇرمۇش ۋە يول خىراجەتلىرىنى غەملىۋېلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە بولالايسىز.
تۈركىيە
تۈركىيە ھازىر ياۋروپا ئىتتىپاقىغا كىرىش ئۈچۈن تېز ئىسلاھات قىلىۋاتىدۇ. تۈركىيە ياۋروپا ۋە ئاسىيانىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋە مەدەنىيەت مۇناسىۋەتلىرىدە كۆۋرۈكلۈك رول ئويناۋاتىدۇ. ئىقتىسادىي ۋە مەدەنىيەت جەھەتتە تىز ئۆزگىرىۋاتىدۇ.
تۈركىيە ھۆكۈمىتى ھەر يىلى يۇقىرىدا تىلغا ئېلىپ ئۆتۈلگەن رايون ۋە دۆلەتلەردىكى تۈرك ۋە قېرىنداش خەلقلەردىن نەچچە مىڭلىغان ئوقۇغۇچىنى قوبۇل قىلىپ، ھەرخىل ساھەدە ئوقۇپ يېتىلىشى ئۈچۈن ئالاھىدە پۇرسەت يارىتىپ بېرىۋاتىدۇ. بۇنىڭ ئىچدە ئۇيغۇر، ئۆزبېك، تاتار، قازاق، قىرغىز، سېرىق ئۇيغۇر ۋە سالارلارغىمۇ مەلۇم ساندا ئوقۇش ئىمكانىيىتى بېرىلگەن. شۇڭا بۇ پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇڭ!
تۈركىيە توغرىسىدا ئېنىق چۈشەنچە ۋە بىلىمگە ئىگە بولاي دېسىڭىز، تۆۋەندىكى تور سەھىپىلىرىنى زىيارەت قىلىڭ!
http://en.wikipedia.org/wiki/Turkey
بۇ ئىنگلىزچە تور بېتىدە تۈركىيە توغرىسىدا ناھايىتى مول ئۇچۇرلار بار.http://www.tourismturkey.org/
بۇ ئىنگلىزچە تور بەتتىن تۈركىيە مەدەنىيەت-سەنئىتى، تارىخى ۋە ساياھەت جەھەتلەردىكى مول ئۇچۇرلارغا ئېرىشەلەيسىز!
تۈركىيەدىكى ئەڭ داڭلىق 10 ئالىي مەكتەپ
تۇركىيەدىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ تور ئادرېسلىرى :
http://web.inonu.edu.tr/~hturkay/universite.htm
1.ئوتتۇرا شەرق تېخنىكا بىلىگيۇرتى (Middle East Technical University)، ئەنقەرەدە
http://www.metu.edu.tr/
http://www.odtu.edu.tr/
2. بوغاز ئىچى بىلىگيۇرتى
(Bosphorus University)، ئىستانبۇلدا.
http://www.boun.edu.tr./index_eng.html
http://www.boun.edu.tr./
3.ئىستانبۇل تېخنىكا بىلىگيۇرتى
(Istanbul Technical University)، ئىستانبۇلدا
http://www.itu.edu.tr/e/
http://www.itu.edu.tr/
4.بىلكەنت بىلىگيۇرتى
(Bilkent University، خۇسۇسىي ئالىي مەكتەپ)، ئەنقەردە
http://www.bilkent.edu.tr./
http://www.bilkent.edu.tr/bilkent-tr/index.html
5. ھاجەتتەپە بىلىگيۇرتى
(Hacettepe University)، ئەنقەرەدە . http://www.hun.edu.tr/english/
http://www.hun.edu.tr/
6. يۇلتۇز تېخنىكا بىلىگيۇرتى
(Yildiz Technical University)، ئىستانبۇلدا
http://www.ytu.edu.tr/
http://www.yildiz.edu.tr/english/index2.php
7. ئىستانبۇل بىلىگيۇرتى
(Istanbul University)، ئىستانبۇلدا.
http://www.istanbul.edu.tr/
http://www.istanbul.edu.tr/english/
8. مارمار بىلىگيۇرتى
(Marmara University)، ئىستانبۇلدا.
http://www.marmara.edu.tr/
http://www.marmara.edu.tr/index_en.php
9. ئەنقەرە بىلىگيۇرتى
(Ankara University)، ئەنقەرەدە.
http://www.ankara.edu.tr/english/
http://www.ankara.edu.tr/
10. غازى بىلىگيۇرتى
(Gazi University)، ئەنقەرەدە.
http://www.gazi.edu.tr/english/indexeng.php
http://www.gazi.edu.tr/
يۇقىرىدىكىسى تۈركىيەنىڭ 10 داڭلىق ئالىي مەكتىپى بولۇپ، بۇلاردىن ئالدىنقى بەشىنىڭ ئوقۇتۇشى ئاساسەن ئىنگلىز تىلىدا ئېلىپ بېرىلىدۇ. ئۇلار جۇڭگودىكى ئەڭ داڭلىق ئالىي مەكتەپلەردىن قېلىشمايدۇ. شۇڭا ئەڭ ياخشى ئوقۇغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، تۈركىيەدە ئوقۇشىنى قارشى ئالىمىز، پۇرسەت غەنىمەت. سىزگە ئۇتۇق تىلەيمىز!
ھۆرمەت بىلەن: ئۇيغۇر ئوقۇغۇچى ئىشلىرى كومىتېتى
ئالاقىلاشقۇچى: كومىتېت كاتىپى سابىرجان كۆكتۇغ
ئالاقىلىشىش تېلېفون نومۇرى: 6657851 – 212 – 0090
يانفون: 5554331836 – 0090
ئېلخەت: info@uyguroku.com
uyguroku@uyguroku.com
uyguroku@gmail.com
مەن تۈركىيەگە چىقىپ ئوقۇشنى بەكمۇ خالايتىم، بۇ يىل شىنجاڭ مالىيە-ئىقتىسات ئۇنۋىرسىتىنى پۈتتۈردۇم. نەتىجىلىرىممۇ ياخشى ،پاسپورت بار، تۈركىيەگە چىقىش توغرىسىدا مەسلىھەت بەرسەڭلار.بولسا مۇشۇ يىل چىقالىغان بولسام دەيمەن.
بۇ يىل كېلىپ ئوقۇيدىغان ئوقۇغۇچىلارنى تىزىملاش خىزمىتى ئاللىبۇرۇن تۈگىدى، ئۇ ئوقۇغۇچىلار ھازىر ۋىزا ئېلىش ئالدىدا تۇرىدۇ. يېڭىدىن ئوقۇغۇچى تىزىملاش ئىشلىرى كېلەر يىلى 3 – ئايدىن ئېتىبارەن باشلايدۇ. ئەگەر سىز باشقا تونۇش بولسا، ئالاقىلىشىپ كېلەلىسىڭىز، بىزنىڭ ھېچقانداق ئېتىرازىمىز يوق، ئەمما سىزنىڭ بۇ يەردىكى ئوقۇش ۋە ياتاق ئىشلىرىڭىزغا ئىگە چىقالمايمىز. ياق، ئوقۇغۇچىلار كومىتېتى ئارقىلىق چىقماقچى ئىدىم دېسىڭىز، كېلەر يىلى 3 – ئايدىن تارتىپ بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز بولىدۇ. شۇ چاغدا بىز قولىمىزدىن كېلىشىچە ياردەم قىلالايمىز، رەھمەت!
ھۆرمەت بىلەن: ئۇيغۇر ئوقۇغۇچى ئىشلىرى كومىتېتى
ئالدى بىلەن سىلەرنىڭ بارلىق خىزمەتلىرىڭلارغا كۆپ رەخمەت ئېيتىمەن. ئاللا ھەممىڭلارغا بەخىت بەرسۇن.
مەن بىر ئاددىي ئوقۇغۇچى سىلەرنىڭ بۇ خىزمىتىڭلاردىن ناھايىتى سۆيۈندىم لىكىن سىلەرگە بېرىدىغان ئازىراق تەكلىبىم ، ئۇچۇرلىرىڭلار سەل قالايمىقان بولۇپ قاپتۇ. مەسىلەن : ئوقۇش مۇكاپاتىغا ئېرىشىدىغانلار ئالدىنقى 50 ئوقۇغۇچىمۇ ياكى 30 ئوقۇغۇچىمۇ. ئۇنىڭدىن باشقا زادى قايسى مەكتەپتە ئوقۇشقا ئىلتىماس قىلىشقا بولىدۇ، كەسىپلىرى ۋە ئوقۇش پۇلى قاتارلىق ئۇچۇرلارمۇ ناھايىتى ئابىستىراكىت بولۇپ قاپتۇ.
چەت ئەلدىكى زىيالىلار بىزنىڭ ئۈلگىمىز . شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلارنىڭ قىلغان خىزمىتىنىڭ بىزلەردىن پەرىقلىقراق، ئىلمىيلىكى يۇقىرى بولىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن.
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، ھۆرمەتلىك مەخمۇتجان!
ئالدى بىلەن بىزگە بەرگەن قىممەتلىك پىكرىڭىز ئۈچۈن كۆپتىن كۆپ رەھمەت ئېيتىمىز، مانا مۇشۇنداق پىكىرلەر ئىشلىرىمىزنىڭ ئالغا بېسىشىنىڭ ئەڭ تۈرتكىلىك ئامىللىرى ھېسابلىنىدۇ.
ئەمدى ئىنكاسىڭىزنىڭ جاۋابىغا كەلسەك، بەلكىم سىز بىزنىڭ نېمە دېمەكچى بولغىنىمىزنى چۈشەنمىگەن ئوخشايسىز، چۈنكى بىز سانلارنى پەقەت مىسال ئۈچۈن تەخمىنىي قىلىپ يازدۇق، ھەر يىللىق ئېنىق رەقەمنى دۆلەت ئۆزى بەلگىلەيدۇ. بۇ يىللىق سانلىق مەلۇماتلارنى مىسال قىلىپ ئېيتىدىغان بولساق، بۇ يىل تۈركىيەگە كېلىدىغان ئوقۇغۇچى سانى 166، لېكىن دۆلەتتىن بېرىلىدىغان ئوقۇش مۇكاپاتى 50، شۇڭا نەتىجىسى ئالدىنقى 50 نىڭ ئىچىگە كىرگەنلەر بۇ سانغا ئېرىشەلەيدۇ. بۇ سان كېلەر يىلى 50 تىن ئېشىشى ياكى ئازلىشى مۇمكىن. چۈنكى يىللاردىن بېرى ئاران 20 سان بېرىۋاتاتتى، بۇ يىل كۆپ جېدەللىشىپ يۈرۈپ، 50 كە چىقىرالىدۇق. ئەمدى قايسى مەكتەپكە ئىلتىماس قىلسا بولىدىغانلىقى مەسىلىسىگە كەلسەك، ئوقۇغۇچىلار تۈركىيەگە كېلىپ، بىر يىل تۈركچە ئوقۇش جەريانىدا قايسى مەكتەپتە نېمە كەسىپنىڭ بار ئىكەنلىكىنى تولۇق بىلىپ بولالايدۇ ۋە ئۆزى تاللىغان كەسىپتە قايسى مەكتەپنىڭ ئوقۇتۇش سۈپىتى ئەڭ ياخشى بولسا، شۇنى تاللاش ھوقۇقى بار. ئەمما بەزى شەخسى ئۇنىۋېرسىتېتلار بۇنىڭ سىرتىدا. يەنە بىر مەسىلە، تۈركىيەدە 170 تىن كۆپ ئۇنىۋېرسىتېت بار، ھەر بىر ئۇنىۋېرسىتېتتا 100 دىن ئارتۇق كەسىپ بار دەپ پەرەز قىلساق، ئۇنچىۋالا كۆپ كەسىپنىڭ يىللىق ئوقۇش پۇلىنى بىر – بىرلەپ يېزىپ بولۇشقا ھازىرچە ئىمكانىيىتىمىز يار بەرمىدى، شۇڭا سەل ئابىستىراكىت بولۇپ قالغان بولۇشى مۇمكىن. بىز چەتئەلدىكى زىيالىلار، بولۇپمۇ تۈركىيەدىكىلەر بۇ تۈر خىزمەتلەرنى تېخى ئەمدى قولىمىزغا ئېلىشقا باشلىدۇق، ئىنشائاللاھ ئىشلىرىمىزنى ئاستا- ئاستا رەتكە سېلىۋالىمىز ۋە سىز دېگەندەك ۋەتەن ئىچى ۋە سىرتىدىكى بارلىق قېرىنداشلارغا ئۈلگە بولۇشقا تىرىشىمىز.
ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم،مەن ھازىر ئىچكىرى ئۆلكىدىكى ئالي مەكتەپ 4-يىللىق ئوقۇغۇچىسى، تۈركىيەدە ئوقۇش تەييارلىقىنى باشلىۋەتتىم،ھارمىغايسىلەر! بىر نەچچە سۇئالىم بار ئىدى:
1.ئاسپىرانتلىقتا ئوقۇش ئۈچۈن TOEFLـدا قانچە نومۇر ئېلىش كېرەك؟
2.تۈركچە ۋە ئېنگىلىزچە ئۆتكىلىدىن ۋەتەندە ئۆتۈپ بولالىسا ئالدىنقى بىر يىلنى قىسقارتىپ بىۋاستە كەسپ ئۆگىنىشنى باشلىسا بولامدۇ؟تۈركچىگىمۇ ئىمتىھانغا قاتنىشىش كېرەكمۇ ياكى نورمال ئالاقە قىلالىغۇدەك بولسىلا بولامدۇ؟
3. مۇمكىن بولسا يۇقىرىدا ئېيتىلغان مەكتەپلەرنىڭ كەسپلىرىنىمۇ يېزىپ قويغان بولساڭلار ئىلتىماس يېزىشقا كۆپ ياردىمى تەگكەن بولاتتى مېنىڭ بەكمۇ ئەنقەرەدە ئوقۇغۇم بار ئەمما كەسپ توغرا كەلمەسلىكىدىن ئەنسىرەيمەن….
كۆپ رەھمەت.
ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام، مۇيەسسەر! تۈركىيەدە ئوقۇش ئارزۇيىڭىز بارلىقىنى ئىزھار قىلىپسىز، بەكمۇ سۆيۈندۇق. ئاللاھ ئارزۇيىڭىزغا يەتكۈزگەي – ئىنشائاللاھ!
ئاسپىرانتلىقتا ئوقۇش ئۈچۈن ئىنگىلىزچىدىن قانچە يۇقىرى نومۇر ئالسىڭىز، شۇنچە ياخشى. ئەمما شۇنى ئەسكەرتىپ قوياي، مەيلى تۈركچە ياكى ئىنگىلىزچە بولسۇن، جۇڭگو تەۋەسىدە قاتناشقان ئىمتىھان نەتىجىسىنى تۈركىيەدە قوبۇل قىلمايدۇ، شۇڭا بۇ يەرگە كېلىپ، چوقۇم بۇ ئىككى تىلدىن، ئەڭ بولمىغاندا تۈركچىدىن مۇشۇ يەردە ئېلىنىدىغان ئىمتىھانلاردىن ئۆتۈشىڭىز كېرەك. تۈركىيەدىكى مەكتەپلەرنىڭ كەسىپلىرىنى بىر – بىرلەپ يېزىپ بولۇشقا سەل كۆپرەك ۋاقىت كېتىدىكەن، شۇڭا بىز پات ئارىدا تۈركىيەدىكى بارلىق مەكتەپ ۋە فاكۇلتېتلارنى تونۇشتۇرۇپ، يېڭى يازما يوللايمىز، تۈركىيەدە ئاساسەن دۇنيادا ئوقۇتىلىۋاتقان كەسىپلەرنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك بار.
ئەگەر سىزگە قانائەتلىنەرلىك جاۋاب بېرەلىگەن بولساق، ئۆزىمىزنى بەكمۇ بەختلىك ھېس قىلىمىز. يەنە سورايدىغان مەسىلىلەر بولسا، قىلچە تارتىنماي ئېلخەت ئارقىلىق يوللاپ تۇرسىڭىز، قولىمىزدىن كېلىشىچە ياردەم قىلىشقا تەييارمىز.
دەپ، ھۆرمەت بىلەن: ئۇيغۇر ئوقۇغۇچى ئىشلىرى كومىتېتى
دۇنيا بويىچە ئېتىراپ قىلىنىدىغان ئېنگلىزچە ئىمتىھان نەتىجىلىرىمۇ ئېتىراپ قىلىنمامدۇ؟
ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. ئالدى بىلەن سىلەرنىڭ بارلىق خىزمەتلىرىڭلارغا چەكسىز مىننەتتارلىق بىلدۈرۈش بىلەن بىللە ئالدىنقى خەتتە ئۇقۇشماسلىق بولۇپ قالغان بولسا كەچۈرۈم سورايمەن.
ھەقىقەتەن ۋەتەندىكى ياشلارنىڭ تۈركىيەگە چىقىپ ئۆزىنىڭ گۈزەل ئارزۇلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئىستىكى ئىنتايىن يۇقىرى. شۇنىڭ بىلەن بىللە پۈتۈنلەي ناتونۇش بولغان بىر يەرگە بېرىپ ياشاش ، تەۋەككۇل قىلىش ئادەمنى سەل ئەنسىرتىپ قويۇشى مۇمكىن. بىز ئەلۋەتتە سىلەردەك ئوقۇغۇچىلارغا ئىگە بولىدىغان يول باشلىغۇچىلارغا بەك مۇھتاج. رەخمەت.
يەنە بىر كىچىك تەكلىبىم ، تۈركىيەدىكى سىلەر ئالاقە قىلىدىغان ئىشەنچلىك مەكتەپلەرنىڭ ئۇلانمىللىرىنى باش بەتكە چىقىرىپ قويساڭلار.
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!
ئالدى بىلەن سىلەرنىڭ بارلىق خىزمەتلىرىڭلارغا چەكسىز مىننەتتارلىق بىلدۈرۈمەن، بۇنداخ بىر ئېسىل كومۇتېتنىڭ بارلىقىدىن بەك خوشال بولدۇم…ئىشلىرىڭلارنىڭ كۈندىن-كۈنگە ئوڭۇشلۇخ بولۇشىنى ئۇلۇغ ئاللادىن تىلەيمەن…
مەن 09-يىلىي شىنجاڭ ئۇنىۋىرسىتىنى پىتتۈرگەن، تۈركىەدە ئوقۇش ئارزۇيۇم ئۈچۈن ئىزچىل تىرىشىپ كېلىۋاتقان…لېكىن بۇ كومۇتېتنى پەقەت بىلمەيدىكەنمە…شۇڭا تونۇش ئارقىلىق ئەنقەرەدىكى مەلۇم ئالىي مەكتەپنىڭ چاقىرىق قەغىزىنى ئەكەلدۈرۈپ مۇشۇ يىلى 9-ئاينىڭ 24-كۈنى بېيجىڭ تۈركىيە كونسۇلىغا ماتىريالىمنى ئەۋەتكەن…لېكىن بەخىتكە قارشى مۇشۇ ئاينىڭ 24-كۈنى كۇنسۇلخانىدىن ۋېزامنىڭ رەت قىلىنغانلىق خەۋىرى كەلدى…سەۋەبىنىمۇ دەپ بەرمىدى…شۇڭا بەك گاڭگىراپ قالدىم…شۇڭا سىلەردىن مەسلىھەت ئالاي دەپ ئىنكاس يېزىشىم…رەخمەت!
ئەسىلامۇ ئەلايكۇم. ياخشىمۇ سىلەر، مەن تۇلۇق ئوتتىرانى پۇتتۇرگىلى 10 يىل بۇلدى ، داشۇدە ئوقۇپ باقمىغان، سۇئالىم: تۇركىيەدە ئوقۇشقا ياش چەكلىمىسى قۇيۇلامدۇ؟ ئەگەر مەن سىلەرگە ئىلتىماس قىلسام ئوقۇشقا چىقالايمەنمۇ؟ ئالدى بىلەن پاسپۇرىت بىجىرلەمدۇ ياكى ۋىزىنى ساقلايمەنمۇ؟ تەپسىلى ئۇچۇر بەرسىڭىز، مەن بۇ توغۇرلۇق ھىچ نەرسىنى ئۇقمايدىكەنمەن. ئاللاھ ئىشلىرىڭىزنى ئۇتۇقلۇق قىلسۇن !رەھمەت.
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!
ئۇيغۇر ئوقۇغۇچى ئىشلىرى كومىتېتىدىكى خادىملار ياخشىمۇسىلەر؟
مەن ھازىر «شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى»نىڭ خەنچە تەييارلىق سىنىپىدا ئوقۇۋاتىمەن،مېنىڭ بۇرۇندىن تۈركىيەدە ئوقۇش ئارزۇيۇم بار ئىدى،تولۇق ئوتتۇرىنىڭ ئۈچىنچى يىللىقىدا تۈركىيەدە ئوقۇش توغۇرلۇق ئۇقتۇرۇشنى «ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى» تور بېكىتىدە كۆرگەن ۋە شۇ ۋاقىتلاردا ئىلتىماس قىلىشنى ئويلاپ ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا ئاز قالغان تۇرسىمۇ چېپىپ يۈرۈپ ماتېرياللارنى تەييارلاشقا كىرىشتىم،لېكىن ۋاقىتنىڭ ئاز قېلىشى سەۋەپلىك يەنە نۇرغۇن قۇلايسىزلىقلار تۈپەيلىدىن پاسپورت ئېلىشقا ئامال قىلالمىدىم،شۇنىڭ بىلەن ئىلتىماس قىلىشتىن ۋاز كەچكەن ئىدىم. بۇ يىل ئامال قىلىپ پاسپورت ئېلىپ يەنە بىر ئىلتىماس قىلىپ بېقىشنى ئويلاۋاتىمەن.مېنڭ بۇرۇن تازا ئىتىبار بەرمىگەنلىكىمدىنمۇ ياكى باشقا سەۋەپلەر بارمۇ خۇلاسە ئىمتىھانىدىن نەتىجەم تازا دىگەندەك ياخشى چىقمىغان،ماتىماتىكا،فىزىكا،خىمىيە،بىئولوگىيە،جۇغراپىيە دېگەن پەنلەردىن A چىققان بولسىمۇ باشقا پەنلەردىن B,C لار چىققان ئىدى. بۇ يىل ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىنى يەنە بىر قېتىم بېرىپ باقاي دەۋاتىمەن.ئەگەر ئالىي مەكتەپ ئىمتىھان نەتىجەم ياخشى چىقسا قوبۇل قىلىنىش ئېھتىماللىقىم بارمۇ؟
ئەگەر قوبۇل قىلىنالماي قالسام يەنە ۋاز كەچمەيمەن،ئۆز خىراجىتى بىلەن ئوقۇش دىگەن تۈر بويىچە ئىش كۆرەي دەيمەن،لېكىن مېنىڭ ئائىلەمنىڭ ئىقتىسادى تازا ياخشى ئەمەس شۇڭا بۇ تۈرگە پۇل سەل پۇل كۆپىرەك كېتىدىكەن،شۇڭا پۇل ۋاقىتنىڭ ئىسراپ بولۇپ كېتىشىدىن ئەنسىرەپ قالدىم. ئەگەر مۇمكىن بولسا بۇ يەردىكى ئوقۇشۇمنى تاشلاپ تۈركىيىدە ئوقۇشقا تەييارمەن،چۈنكى ھازىرقى كەسپىم ماڭا ماس كەلمەيدۇ،ھەم مەن ھازىر مەكتەپتە ئۇيغۇرلانىڭ تىلى،مەدەنىيتى ناھايىتى خەتەرلىك ھالدا قالغانلىقىنى ھىس قىلدىم،ھاتتا بەزىلەر ساپ ئۇيغۇر تىلىدا سۆزلىسىڭىز مازاق قىلىدىغان دەرىجىگە بىرىپتۇ،ئۆزلىرى بولسا تىلىدا %50 خەنچە ئىشلىتىدىكەن ،بەزىلەر ھەتتا ئۇنىڭدىنمۇ ئىشىپ چۈشۈپتۇ،بۇ ئەھۋال مېنى قاتتىق ئويغا سېلىپ قويدى.
ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام! خېتىڭىزغا ۋاقتىدا جاۋاب بېرەلمەي قالدۇق، كەچۈرگەيسىز. ئەگەر راستىنلا تۈركىيەگە چىقىپ ئوقۇش ئارزۇيىڭىز بولسا، كېلەر يىلى 3 – ئايدا بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ، بىز شۇ چاغدا ئەھۋالغا قاراپ، قولىمىزدىن كېلىشىچە ياردەم قىلايلى. بەلكىم سىز ئويلىمىغان يەردىن، ئاللاھنىڭ ھىممىتى بىلەن ياخشىلىقلار بولۇپ قېلىشى مۇمكىن.
دەپ: ئۇيغۇر ئوقۇغۇچى ئىشلىرى كومىتېتى
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم
مەن ئىچكىرىدىكى مەلۇم بىرئىمستۇتىنڭ ئوقوغۇچىسى كەسپم دوختۇرلۇق بو يىل مەكتەپنى پۇتتۇرىمەن مەخسۇس كۇرۇس مەخسۇس كۇرۇس ئوقوغان ئوقوغۇچىلارمۇ ئلتماس سۇنسا شەرتى توشامدۇ ئاڭلسام چەتئەلدە مەخسۇس كۇرۇس ئۇقمى يوقكەن
ئەسسالامۇ -ئەلەيكۇم ئەزىز قېرىنداشلىرىم
ئەھۋالىمنى قىسقىچە سۆزلەپ ئۆتەي ئەيىپكە بۇيرىمغايسىلەر. مۇناسۋەتلىك ماتىرياللارنى بىرەرقۇر كۆردۈم ،
ئالدى بىلەن مەن بىر بەندە… ۋە ئۆزلىگىدىن ئۆگەنگۈچى بىر ئاددى پۇخرا ،
مەكتەپتە تۈزۈك ئوقىمىغان ۋە ئوقىيالمىغىنىمغا پۇشايمان قىلمايدىغان ئوقۇغۇچى،
ئۇلۇغۋار پىلانلارنى كۆڭلىگە پۈكۈپ شۇ يولدا مېڭىۋاتقان لېكىن زامان-ماكان چەكلىمىسىگە ئۇچىراپ ۋاقتى زايا بولىنىۋاتقان بىر يولوچى يۇلتۇز . مەنلا ئەمەس نۇرغۇن يۇلتۇزلار بولسا كېرەك،
گەپ ئۆزى
مەندە ھازىر پەقەت 身份证بار. لېكىن كىملىك يوق. ئازدۇر كۆپتۇر بىلىم بار . لېكىن دېپلوم يوق. مېنىڭ ھەقىقەتەن تۈركىيەدە ئىلىم تەھسىل قىلغۇم بار، ئاللا خالىسا بۇ مۇراد مەقسىدىمگە يەتكۈزەر . ھەقىقەت كوزى بىلەن قاراپ ھەقىقى بىلىم ئېلىش كويىدا بولۋاتقان مەندەك بىر قېرىندىشىڭلار غا سەمىمى مەسلەھەت بەر
گەيسىلەر. ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن!
ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام، ئەي ئاددىي پۇخرا، ئوقۇمىغىنىغا پۈشايمان قىلمايدىغان، لېكىن زامان ۋە ماكان چەكلىمىسىگە ئۇچراپ ۋاقتى زايا بولۇپ كېتىۋاتقان ئۈمىدلىك يۇلتۇز! بىزمۇ بىر ئاددى پۇخرا بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، سىز قېرىندىشىمىزنىڭ كۆڭلىگە پۈككەن ئۇلۇغۋار پىلانلىرىدىن ئالاھىدە سۆيۈندۇق. ئەمما سىزدىن بىر نەرسىنى سوراشنى بەكمۇ ئارزۇ قىلدۇق: 身份正 بىلەن كىملىك ئۇقۇملىرىنىڭ ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتنى ئاڭقىرىش ئۈچۈن دىپلوم ئەمەس، ئازغىنە بىلىم بولسا يېتەرلىكقۇ دەيمەن؟ سىز بۇ ئىككىسىنى مەيلى نېمە دەپ چۈشەنسىڭىز چۈشىنىڭ، بىزنىڭ سىزگە ياردەم قىلالىشىمىز ئۈچۈن، بىزگە تۇتىيا بىلىنىدىغان پاسپورت دېگەن نەرسە چوقۇم بولمىسا بولمايدۇ، ئۇنىڭدىن سىرت دىپلوممۇ ھەم زۆرۈر شەرتلەردىن بىرى. بىزنىڭ ھەقىقەت كۆزىمىز مانا بۇ، تۈركىيەگە كېلىپ، ئىلىم ئېلىش كويىدا يۈرۈۋاتقان سىزدەك بىر چولپان قېرىندىشىمىز ئۈچۈن ھازىرچە بېرەلەيدىغان سەمىمىي مەسلىھەتىمىز مانا مۇشۇنىڭدىن ئىبارەت.
ئەسساللامۇ ئەلەيكۇم
بەك سەت بولدى ،بىز بۇيەردە بەزى ئاتالغۇلارنى خەنزۇچە ئشلىتىپ ئاددەتلىنىپ كىتىپتۇق ،شۇڭلاشقا مەنمۇ جىق ئويلانمايلا يېزىۋېرىپتىمەن ، مەن سىلەرنى مەقسىتىمنى چۈشىنىدۇ دەپ يىنگلىك قىلىپتىمەن.لىكىن بۇمۇ ماگا بىرساۋاق بولدى بۇنىڭدىن كىيىن دىققەت قىلىمەن ،رەخمەت سىلەرنىڭ ئەسكەركىنىڭلارغا،مەن بۇ يىل تۇلۇق كۇرسنىنىڭ بىرىنچى يىلىقىدا ئوقۇۋاتقان ئىدىم. پاسپورتۇم چقىپ بولغان ،تۈركىيدىكى مەكتەپلەرگە قۇبۇل قىلىشتا قايسى نەتىجىلەرنى ئاساس قىلىسىلەر ؟ئاللا خالىسا مېنىڭ بۇ ئىشلارنى تىزرەك باشلىغۇم بار ئدى ،ئاللا ئشلىرىڭلارغا رەخمەت قىلسۇن ،بىزدەك بىلىم يولىداھەم ئاللاھ يولىدا
ئىزدىنىۋاتقان قېرىنداش ئوقۇغۇچىلار ئۈچۇن خالىسانە ياردەم قۇلۇڭلارنى سۇنۇشۇڭلارنى ئۈمۈت قىلىمەن .
بۇ يىللىق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ھەققىدە يېڭى ئۇقتۇرۇش ئېلان قىلىندى، شۇ ئۇقتۇرۇشنى ئوقۇپ چىقىپ، ئەھۋالىڭىزغا قارىتا ئىلتىماس قىلسىڭىز بولىدۇ. چۈشەنمىگەن يەرلەر بولسا، يەنە مەسىلىھەت سورىسىڭىز بولىدۇ.
、ئەسسالاممۇئەلەيكۇم ئۇيغۇر ئوقۇغۇچى ئىشخانىسىدىكى ئاكا ھەدىلەر،مەن ھازىر ئالىي مەكتەپنىڭ بىرىنچى يىىللىىىقىدا خىمىيە كەسپىدە ئوقۇۋاتىمەن.سىلەردىن سورىماقچى بولغىنىم بۇ تۇرگە تولۇق كۇرس ئوقۇغۇچىلىرىمۇ ئىلتىماس قىلىشىقا ققاتناشسا بولامدۇ؟مېنىڭ دىمەكچى بولغىنىم گەرچە ئۇز كەسپىمنى سۇيسەممۇ لېكىن مەكتىپىمىزنىڭ ئوقۇتۇش ئۇسۇلى ،ئوقۇتۇش ئۇنۇمىدە نۇرغۇن مەسىلىلەر بار.نۇرغۇن ئىشلارغا شەكىلۋازلىق قىلىنىدۇ،خۇددى ئوقۇغۇچىلار پەقەت ئىمتىھان ئۈچۇن ئۇگنىدىغاندەك ئوقۇتقۇچىلارمۇ بىزگە ئمتىھان ئۈچۇن دەرس ئۇتىدۇ. شۇڭا مەن تۈركىيدد ئوقۇش توغرىسىدا ئويلىشىپ بېقىشنى لايىق تاپتىم. تەتىلدە مەكتىپىمىزگە يىقىن يىۋۇ شەھەرىدە تۇركلەرگە تەرجىمان بولۇش جەريانىدا ئۇلارنىمۇ خېلى چۈشىنىپمۇ قالدىم،ھەم ئۇلاردىنمۇ بۇ ھەقتە سوراپ باقتىم،ئەمما ئۇلار سودىگەرلەر بولغاچقا جۇڭگودىكى مەكتىپلەر بىلەن تۈركىيىدىكى مەكتەپلەرنى سېلىشتۇرۇش ئارقىلىق ماڭا مەسلىھەت بېرىشكە ئامالسىز ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.شۇڭا بۇ ھەقتە سىلەرنىڭ مەسلىھەتىڭلارنى ئاڭلاپ باققۇم بار، سىلەرگە كۇپ رەھمەت!ئىلىيار ئىمىن
بۇ يىللىق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ھەققىدە يېڭى ئۇقتۇرۇش ئېلان قىلىندى، شۇ ئۇقتۇرۇشنى ئوقۇپ چىقىپ، ئەھۋالىڭىزغا قارىتا ئىلتىماس قىلسىڭىز بولىدۇ، بىزچە بولسا، شۇ يەردىكى ئوقۇشىڭىزنى داۋاملاشتۇرسىڭىز تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ.
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم. بارلىق قېرىنداشلار ئۈچۈن مۇھىم بولغان بۇ ئۇچۇرلارنى يەتكۈزگىنىڭلارغا كۆپتىن كۆپ رەھمەت.
مېنىڭمۇ تۈركىيەدە ئوقۇغۇم بار. تولۇق ئوتتۇرا دېپلومۇم ۋە IELTS نەتىجەم بار، پاسپورت ھەم بار، قارىسام يوقۇرىدىكى شەرتلەرنىڭ ھەممىسىگە دېگۈدەك چۈشىدىكەنمەن، لېكىن مەن ئالىي مەكتەپ ئىمتاھانىغا قاتناشمىغان، تۈركىيەدە ئوقۇش پۇرسىتىگە ئېرىشەلىشىم مۇمكىنمۇ؟ ئوقۇش مۇكاپاتىغىچۇ؟
ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام، يالقۇن!
ھازىر تۈركىيەدىكى مەكتەپلەر جۇڭگونىڭ ئالىي مەكتەپ ئىمتىھان نەتىجىسىنى تەلەپ قىلىدىغان بولۇۋالدى. بەزىلىرى 400نى، بەزىلىرى 450نى، يەنە بەزىلىرى 500 نومۇرنى تەلەپ قىلىدۇ. شۇنىڭغا قارىتا ئويلىنارسىز.
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم.
ياخشىمۇ سىلەر. مەن بىر خىزمەت ئىشلەۋاتقان ئايال. بۇ يىل 35 ياش ، لېكىن مىنىڭ تۇركىيەدە ئوقۇش ئارزۇيۇم بەك كۇچلۇك بولغاچقا سىلەگە بۇ خەتنى يېزىۋاتىمەن. يېشىم چوڭ بولسىمۇ بۇ ئارزۇيىمدىن يانغىم كەلمىدى. مەن 2000- يىلى شىنجاڭ سانائەت ئىنىستىتوتىنىڭ قۇرلۇش لايىھىلەش كەسپىنىڭ تۇلۇق كورىس سىنىپىنى تۇگەتكەن. خىزمت قىلغىلى 10يىل بولدى. مۇشۇ ئارزۇيۇمغا يەتكىلى بۇلامۇ؟ ياخشاراق ئامال بامىدۇ؟
ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام، نۇرىمان ھەدە! يازغان خېتىڭىزنى تاپشۇرۇۋالدۇق ۋە تۈركىيەدە ئوقۇشقا بولغان كۈچلۈك ئارزۇيىڭىزدىن خەۋەردار بولدۇق. مىڭ ئەپسۇس، تۈركىيەدە ئوقۇش ئۈچۈن ياش چەكلىمىسى بار. ئۇنىۋېرسىتېتلار ئۈچۈن 21 ياش، ئاسپىرانتلىق ئۈچۈن 30 ياش، دوكتورلۇق ئۈچۈن 35 ياشتىن تۆۋەن بولۇش كېرەك. شۇڭا سىزگە بۇ ئەپسۇسلىنارلىق جاۋابنى بېرىشتىن باشقا ئامالىمىز يوق.
ھۆرمەت بىلەن: ئۇيغۇر ئوقۇغۇچى ئىشلىرى كومىتېتى
ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام! بۇ يىللىق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش سىستېمىسىغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈلدى. بۇ يىلدىن تارتىپ ئۇنىۋېرسىتېتقا كىرىدىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ يېشى 21 دىن ئاشمىغان بولۇشى تەلەپ قىلىنىدۇ. شۇنىڭغا قارىتا ئويلىنىپ كۆرەرسىز.
ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام! بۇ يىللىق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش سىستېمىسى راستىنلا ئۆزگەردى. بۇ ھەقتىكى تەپسىلى مەلۇماتنى پات يېقىندا تور بېتىمىزدە تەپسىلىي چۈشەندۈرىمىز. تور بېتىمىزنى پات – پات زىيارەت قىلىپ تۇرغايسىز.
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم. قوبۇل قىلىش سېستىمىسىدا قانداق ئۆزگىرىشلەر بولدى؟ تەپسىلىي ئەھۋالىدىن خەۋەردار قىلسىڭىز بوپتىكەن. يەنە بىرى، ئالىي مەكتەپ ئىمتاھان نەتىجىسى بولمىسىمۇ قوبۇل قىلىنىش ئېھتىماللىقىمۇ بارمۇ؟ جاۋابىڭىزنى ساقلايمەن. ھەرخىل جايلاردىن ھەرخىل ئۇچۇرلارنى ئاڭلاۋاتىمەن، زادى قايسىسىغا ئىشىنىپ قايسىسىنى قويۇشنى پەقەت بىلەلمەي قالدىم، بولسا تېزراق جاۋابىنى بەرسىڭىز. ئالىي مەكتەپ ئىمتاھان نەتىجەملا يوقكەن، باشقا شەرتلىرىم تولۇق توشىدىكەن، يول كۆرسىتەرسىز.
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، شەرتلىرىم تولۇق توشىدىكەن، يول كۆرسىتەرسىز.
ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام، بۇ يىللىق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ھەققىدە يېڭى ئۇقتۇرۇش ئېلان قىلىندى، شۇنى ئوقۇپ كۆرۈپ، ئەھۋالىڭىزغا قارىتا ئىلتىماس قىلسىڭىز بولىدۇ.
مەن بۇ يىل شىنجاڭ ئۇنۈىرىستىتىنى پۇتتۇرەتتىم تۇركىيەگە چىقىپ ئۇقۇش ئارزۇيۇم بەكلام كۈچلۈك ئىنگىلىز تىلىم ياخشى بىراق تۈرك تىلىنى بىلمەيمەن ،ئۇقۇشتا قىيلىنىپ قالارمەنمۇ؟بولسا تىزىملاش ئۇسۇلىنى تەپسىلىيرەك دەپ بەرگەن بولسىڭىز،جاۋابىڭىزنى ساقلايمەن.
تۈرك تىلىنى بىلىشىڭىزنىڭ ھاجىتى يوق، بۇ يەرگە چىققاندىن كېيىن، چوقۇم بىر يىل تۈركچە ئۆگىنىسىز، ئاندىن كەسىپكە چۈشىسىز. ئەگەر خالىسىڭىز، دەرسلەرنى ئىنگىلىزچە ئۆتىدىغان مەكتەپلەرنى تاللىسىڭىزمۇ بولىدۇ.
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم !
كومېتىتىكى قېرىنداشلار ،، ئەھۋالىڭلار ياخشىمۇ ؟
مەن 2011-يىلى شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتىنى پۈتتۈرگەن ، ھازىر 21 ياشتىن ئاشتىم ، ھەم يۇرتۇمدا ھۆكۈمەت ئورنىدا ئىشلەۋاتىمەن ،ئوقۇغان كەسپىم ئىقتىسادقا مۇناسىۋەتلىك ، چەتئەل تىلى نەتىجەم يوق ، ئەمما كەسپىمنى تېخىمۇ ياخشى ئۈگۈنگىم بار ،
ئوقۇش پۈتتۈرۈش گۇۋاھنامىسىنى ھازىرقى ئىدارەمدىن ئېلىۋالغان بولۇپ، قايتۇرۇپ بېرىشكە قوشۇلمىدى، ئەمما ئۇنىڭ سىكاننىرلانغان نۇسخىسى بار ، سىكاننىرلانغان نۇسخىسى بولسىمۇ بولامدۇ
ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام، دىپلومنىڭ سىكاننىرلانغان نۇسخىسى بىلەن تىزىملاتقىلى بولىدۇ. ئەمما قوبۇل قىلىنىپ قالسىڭىز، بۇ يەرگە كەلگەندە، چوقۇم ئەسلى نۇسخىسىنى كۆرسەتمىسىڭىز بولمايدۇ، مۇشۇلارنى كۆزدە تۇتۇپ تەييارلىق قىلغايسىز.
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ! مەن ھازىر ئىچكىرى ئۆلكىدىكى ئالى مەكتەپنىڭ 4-يىللىقىدا ئوقۇۋاتىمەن ئاللاھ خالىسا بۇ يىل 7-ئايدا ئوقۇش پۈتتۈرىمەن مىنىڭ تۈركىيدەبەكمۇ ئوقۇش ئارزۇيۇم بار ئىدى . ھازىر ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىشلىرىدا ئۆزگۈرۈش بوپتۇ شۇڭا سوراب باقسام ھازىر تۈركىيدە ماگىستىرلىقنى ئوقۇش ئۈچۈن دۆلەت ئىچىدىن بارماقچى بولغان ئوقۇغۇچىلارغا ئاساسلىق نىمە تەلەپ قىلىنىدۇ؟ ئالىي مەكتەپتىكى نەتىقىسىدىن سىرت يەنە تەلەپ قىلىنىدىغان شەرتلەر بارمۇ؟ پاسپورت بىجىرىپ بولغان ئاساسلىق باشقا شەرتلەر بولسا خاپا بولماي بىزلەرنى ئۇچۇر بىلەن تەمىنلىگەن بولساڭلار . ماتىرياللارنى تىز سۈرئەتتە تەييارلاپ سىلەرگە ئەۋەتىپ بەرسەم .
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم،ئۇيغۇر ئوقۇغۇچى ئىشلىرى كومىتېتىدىكى ئاكا-ھەدىلەر، ياخشىمۇسىلەر؟ تولۇقسىزدىكى ۋاقتىمدىن تارتىپ تۈركىيەدە ئوقۇش ئارزۇيۇم بارئىدى،ئەمما تۈرلۈك سەۋەپلەر تۈپەيلى مۇمكىن بولمىغانىدى. مەن بۇ يىل 6-ئايدا دۆلەتلىك ئالىي مەكتەپ ئىمتاھانىغا قاتنىشىمەن. ئۆز مىللىتىم ،ئۆز ۋەتىنىمگە بولغان تەۋرەنمەس ئەقىدەم مېنى بۇ يولغا ئۈندىدى. باشقىلاردىن قابىلىيەتلىك بولغاندىلا روھىمىز ۋە جىسمىمىز دەپسەندە بولمايدۇ. كەلگۈسىدە بۈيۇك ئىشلارنى ۋۇجۇتقا چىقارماقنى كۆڭلۈمگە پۇكۈپ سىلەرگە خەت يازدىم. تۈركىيەدە ئوقۇش ئارزۇيۇم كۈچلۈك. ماڭا ياردەم قىلىشىڭلارنى تۆۋەنچىلىك بىلەن سورايمەن.
ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام، خېتىڭىزنى تاپشۇرۇۋالدۇق ۋە تۈركىيەدە ئوقۇش ئارزۇيىڭىز، شۇنداقلا تەۋرەنمەس غايىڭىزدىن ۋاقىپ بولدۇق. بەزى سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن خېتىڭىزگە ۋاقتىدا جاۋاب قايتۇرالماي قالدۇق، كەچۈرگەيسىز. تۈركىيەگە كېلىپ ئوقۇش ھەققىدە يېڭى ئۇقتۇرۇش ئېلان قىلىندى، شۇ ئۇقتۇرۇشنى ئوقۇپ، ئەھۋالىڭىزغا قارىتا ئىلتىماس قىلسىڭىز بولىدۇ، جانابى ئاللاھتىن بۈيۈك ئارزۇيىڭىزنىڭ ئەمەلگە ئېشىشىنى تىلەيمىز.
.ئەسسالامۇئەلەيكۇم،مەن تىببى ئۇنۋىرىستنىنڭ داۋالاش كەسپىنىڭ تولوق كۇرسىنى پۇتكۇزگەن ،ئىنگىلىزتىلىدا 4-دەرىجىدە 402 ئالغان ،مىنىڭ تۇركىيەدە ئوقوغوم بار ياردەم كىلىپ نىمە ئىشلارنى كىلسام بولىدىغانلىقىنى دەپ بەرگەن بولسىڭىز ،بۇ يىل 27ياشقا كىردىم ،كىلىنىكىلىق داۋالاش خىزمىتىنى قىلغىلى 2يىل بولدى ،ياردەم قىلغىنىڭىزغا رەخمەت .
ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام! بۇ يىللىق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىزمىتى ئەمدى باشلاندى، بۇ ھەقتىكى يېڭى ئۇقتۇرۇشنى ئوقۇپ چىقىپ، ئەھۋالىڭىزغا قارىتا ئىلتىماس قىلسىڭىز بولىدۇ.
ئەسسالام ئەلەيكۇم ، ئوقۇغۇچى قۇبۇل قىلىش سېستىمىسىدا قانداق ئۆزگىرىش بولغانلىقىنى تولىمۇ بىلگۈم بار،شۇ ئۆزگىرىشلەرگە ساقلاپ تا ھازىرغىچە تىزىملىتالماي تۇرۇپ قالدىم، توردا دىيىشىچە مۇشۇ ئاينىڭ بېشىدا ئېلان قىلىناتتى، ئەمما ھازىرغىچە ھېچ خەۋەر يوق، ئالدىنقى يىللاردىكى تەلەپلەرگە ئاساسەن تىزىملىتىۋېرەمدىم ياكى بۇ يىللىق يېڭى ئۆزگىرىشنى ساقلامدىم ھېچ بىلەلمىدىم، تەكلىپ بەرگەن بولسىڭىز ، ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن! رەھمەت سىزگە !
ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. بۇ يىللىق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ھەققىدىكى قارارنامە تېخى تۈنۈگۈن ئېلان قىلىندى. بۇ ھەقتىكى يېڭى ئۇقتۇرۇشنى ئوقۇپ چىقىپ، شۇنىڭغا قارىتا تىزىملاتسىڭىز بولىدۇ.
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم !مەن تۇركىيەگە چىقىپ ئاسپىرانىتلىقتا ئوقۇماقچى ئىدىم. پاسپورتۇم يوق ، قانداق رەسمىيەتلەرنى ئۆتۇسەم بولىدۇ؟بولسا مەسلىھەت كۆرسەتسىڭىز بوپتىكەن. رەھمەت
ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام! پاسپورتسىز ھېچنېمە قىلغىلى بولمايدۇ، شۇڭا پاسپورت، پاسپورت، پاسپورت….
ئەسسالامو ئەلەيكۇم،خىزمىتىڭلاردىن ئىنتايىن خۇرسەن بولدوم،سىلەرگە كوپ رەھمەت !دېمەكچې (دۆلەتنىڭ تور بېتىگە ئىلتىماس قىلىپ بېقىڭ، قوبۇل قىلىپ قالسا، ئەجەب ئەمەس.) دېگەن . ئۇز دولېتېڭېزدە ئوقۇڭ دېگەنلېكمو ؟ تۈركىيەدە سېستېرالق ئوقۇشقا قانداق راسمېيەت لازېم؟ تۈركىيە دە ئوقۇش ئارزويومگا يېتەلمەي قالارمەنمو؟
سىڭلىم، خاپا بولماي، بىز ئېلان قىلغان ئۇقتۇرۇشنى كۆڭۈل قويۇپ، تەپسىلى ئوقۇپ چىقىڭ. دۆلەتنىڭ قارارى شۇ، يەنە قانداق رەسمىيەت كېتىدىغانلىقىنى دۆلەت دېمىسە، بىز قەيەردىن تېپىپ چىقىپ، سىلەرگە يەتكۈزۈپ بېرىمىز. تۈركچىدە نېمىدەپ يازغان بولسا، شۇنى ئەينەن ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىپ قويدۇق. ئەسلى نۇسخسىدا تەرجىمە قىلىنمىغان بىر جۈملە سۆزمۇ يوق. بارى مۇشۇ، ئۆز ئەھۋالىڭىزغا قارىتا ئىش كۆرۈڭ. يەنە بىر گەپ، دۆلەتنىڭ تور بېتىگە ئىلتىماس قىلىپ بېقىڭ دېگىنىم، مۇشۇ تۈركىيەگە كېلىپ ئوقۇش ئۈچۈن تىزىملاۋاتقان دۆلەت تور بېتىگە تىزىملىتىڭ دېگەن گەپ. سىزنى نېمىشقا ئۆز دۆلىتىڭىزدە ئوقۇڭ دېگۈدەكمەن؟!
ئەسسالامو ئەلەيكۇم،خىزمىتىڭلاردىن ئىنتايىن خۇرسەن بولدوم،سىلەرگە كوپ رەھمەت! ئاۋارە قېلېپ قويموم.مەن بەك جېدېلېشېپ قاپتېمەن كەچوروڭلار . تېزېملېتېش تور نې ئاسسساقلا ئېككې خەنزوچە يۇلەن دېگەن سوز چېقېۋېلېپ جەدېۋەلنې تولدوروشقا قولايسېزلېق كەلتورۋالدې بونې قانداق قېلېش كېرەك باشقا توربېكەتلەر بارمو؟
ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام! ھەممىڭلارنىڭ قانچىلىك جىددىيلىشىۋاتقىنىڭلاردىن خەۋىرىمىز بار. ھەقىقەتەن بۇ پۇرسەت ئاسان قولغا كەلمەيدۇ، بولۇپمۇ بىزگە. بىزمۇ ئارتۇقچە گەپ قىلىپ قويغان بولساق، كەچۈرۈۋېتەرسىز. تور بەتنىڭ ئېچىلماسلىقىغا كەلسەك، بەلكىم كومپيۇتېردىكى مەسىلە بولۇشى مۇمكىن. مۇمكىن بولسا، باشقا – باشقا يەرلەردىن كىرىپ بېقىشقا تىرىشىڭ، چۈنكى باشقا بالىلار بۇنداق مەسىلىگە دۇچ كەلمەپتۇ.
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم
كومتىتىكى قېرىنداشلار !
مەن بۇ يىل شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئاسپىرانتلىقىغا قوبۇل قىلىنىپ بولغان. بىراق مىنىڭ بەكمۇ تۈركىيەدە ئۇقۇغۇم بار ئىدى. مەن ئۆزۈمنىڭ شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىغا قۇبۇل قىلنغاندىكى نەتىجەم ۋە مەكتەپتىكى باشقا نەتىجىلىرىم بىلەن ئىلتىماس قىلسام بولامدۇ؟ شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى مىنى قۇبۇل قىلغاندا خەنزۇلارنىڭ نۇمۇر سىزىقىدىن ئۆتكەنلىكىم ئۈچۈن ماڭا نۇمۇر قۇشۇپ بەرگەن، ئىلتىماس قىلغاندا ئاشۇ نەتىجەم بىلەنلا ئىلتىماس قىلساممۇ بولامدۇ؟
ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام! ئۇ نەتىجىڭىز بىلەن بۇ يەردىكى ئۇنىۋېرسىتېتلارغا ئىلتىماس قىلغىلى بولمايدۇ. شۇڭا باكلاۋۇرلۇقتا ئوقۇغان دەرسلىرىڭىزنىڭ نەتىجىلىرىنى ۋە دىپلومىڭىزنى كۆرسىتىپ ئىلتىماس قىلىڭ.
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم !
مەن سىلەر كۆرسەتكەن يول بويىچە تىزىملىتىپ، ئۇچۇرلارنى يوللىسام مىنىڭ ئېلىخېتىمگە بىر ئۇلىنىشنى يوللاپ بەردى. شۇ ئۇلىنىشنى ھەرقانچە قىلىپمۇ ئاچالمىدىم. قايتا – قايتا چىكىپ باقساممۇ ئېچىلمىدى. جەدۋەلنى زادىلا چۈشۈرەلمىدىم، توردا مەسىلە بارمىكىن دىسەم باشقا تور بەتلەر ئېچىلىدۇ، شۇ ئۇلىنىش ئادىرىسى ئېچىلمايۋاتىدۇ.
ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام! جەدۋەلنى چۈشۈرۈۋالغىلى بولمايدۇ. توردىن ئېچىپ شۇ يەردىلا توشتۇرۇپ بېرىسىز. ئەگەر پەقەت ئېچىلمايۋاتقان بولسا، internet explorer دا ئاچماي،
Google Chrom دا ياكى Firefox دا ئېچىپ بېقىڭ.
مەن ۋىزا بىجىرىش ئۇچۇن ئوقۇش چاقىرىقىغا ئېھتىياجلىق ئىدىم ، پۇلنى كىمگە ئەۋەتسەم بولىدۇ ؟ ماڭا ياردەم قىلسىڭىز ؟
ئوقۇش چاقىرىقىنى نېمە قىلىسىز؟ بۇنىڭدىن كېيىن ئۆز ئالدىغا ۋىزا ئېلىپ كەلگەنلەر ئوقۇشقا كىرەلمەيدۇ، بۇنى ئۇنتۇپ قالماڭ. ۋىزا ئېلىپ كەلگەن تەقدىردىمۇ پەقەت تۈركچە كۇرسقىلا پۈل تۆلەپ قاتنىشالايسىز، ئەمما رەسمىي مەكتەپكە كىرىپ ئوقۇيالمايسىز، چۈنكى يېڭى سىستېمىدا شۇنداق بەلگىلەنگەن. شۇڭا ئەڭ ياخشىسى، مۇشۇ سىستېمىغا تىزىملىتىپ، دۆلەت چاقىرىقى بىلەن كېلىڭ.
شىنجاڭدا پاسپورت بىجىرىش ئۇچۇن چاقىرىق لازىم بولدىكەن ، شۇنىڭغا بىر ياردەمدە بولساڭلار .
كەچۈرۈڭ، پاسپورت ئېلىشقا بىز ياردەم قىلالمايمىز، ھەم تۈركىيەدىن ئەۋەتىلگەن چاقىرىققىمۇ پاسپورت ئىشلەپ بەرمەيدۇ.
سىز ئىنگىلىزچە نەتىجە ۋە باشقا ئىمتىھان نەتىجىلىرىڭىزدىن خاتىرجەم بولۇپ، كېلەر يىلى 3 – ئايدا بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ، شۇ چاغدا بىز سىزگە قولىمىزدىن كېلىشىچە ياردەم قىلايلى.
دەپ: ئۇيغۇر ئوقۇغۇچى ئىشلىرى كومىتېتى
ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام، نىساقىز! تۈركىيەدە ئوقۇش ئارزۇيىڭىزدىن ۋاقىپ بولدۇق، جانابى ئاللاھ سىزنىڭ ھەم ئاتا – ئانىڭىزنىڭ بۇ ئارزۇيىغا يەتكۈزگەي. ئەمما سىز ئاۋۋال تولۇق كۇرس بىلەن باكلاۋىرلىقنىڭ نېمىلىكىنى تولۇق چۈشىنىۋېلىڭ، ئاندىن بىز سىزگە بۇ توغرىسىدا جاۋاب بېرەيلى.
تەلەپ قىلىنغان ماتېرىياللار ئىچىدە چوقۇم تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ دىپلومى بولۇشى كېرەك دېيىلىپتۇ. بىزچە تېخنىكوم دىپلومى بىلەن ئىلتىماس قىلسىڭىز، قوبۇل قىلماسلىقى مۇمكىن.
ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام! رەھمەت. ئەپسۇس، بىز چاقىرىق ئەۋەتەلمەيمىز. ھەم بۇندىن كېيىن ئۆزى ۋىزا ئېلىپ كەلگەن ئوقۇغۇچىلار مەكتەپكە ئورۇنلىشالمايدۇ، بۇنى يادىڭىزدىن چىقارماڭ. شۇڭا باشقىلارغىمۇ چاقىرىق ئەۋەتىپ بېرىشى ئۈچۈن پۇل تۆلەپ يۈرمەڭ. ئەگەر تۈركىيەگە چىقىپ ئوقۇماقچى بولسىڭىز، بىۋاسىتە دۆلەتكە تىزىملاتسىڭىز بولىدۇ.
ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام! بۇ ھەقتىكى يېڭى ئۇقتۇرۇشنى ئوقۇپ چىقىپ، شۇنىڭغا قارىتا تىزىملاتسىڭىز بولىدۇ.
ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام! بۇ يىلقى ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىزمىتى ئەمدى باشلاندى، 5 – ئاينىڭ 31 – كۈنىگىچە داۋاملىشىدۇ. ئەگەر ئۈلگۈرگىدەك بولسىڭىز، بۇ يىل ئىلتىماس قىلسىڭىز بولىدۇ. كېلەر يىلى ئىلتىماس قىلسىڭىزمۇ ھېچقانداق يامان تەسىرى بولمايدۇ. تاللانغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھەممىسىگە ئوخشاش خاندەلىك بېرىلىدۇ. نوقۇل نەتىجە جەدىۋىلى(GPA)
ئاساس قىلىنىدۇ، ئۇنىڭدىن باشقا نەتىجىلەرنى كۆرسەتسىڭىزمۇ بولىدۇ. پروففېسسورنىڭ تونۇشتۇرۇش خېتىنى ئىلتىماس قىلىدىغان ۋاقتىڭىزدا ئالسىڭىز بولىدۇ. باشقا خەلقئارالىق نەتىجىلىرىڭىز بولسا، ئۇلارنى كۆرسەتسىڭىزمۇ ئەلۋەتتە سىز ئۈچۈن پايدىسى بولىدۇ.
ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام! يازغان ئىنكاسىڭىزغا ۋاقتىدا جاۋاب قايتۇرالمىغانلىقىمىز ئۈچۈن كەچۈرۈم سورايمىز. تۈركىيەدە ئوقۇش ئۈچۈن تىزىملىتىش ئىشلىرى تېخى ئەمدى باشلاندى. خۇلاسە ئىمتىھانىدىكى نەتىجىسىگە بەك ئېتىۋار بېرىپ كەتمەڭ، بىزچە نەتىجىسى يامان ئەمەس ئىكەن. بۇ يىللىق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ھەققىدىكى يېڭى ئۇقتۇرۇشنى ئوقۇپ چىقىپ، شۇنىڭغا قارىتا ئىلتىماس قىلساڭلار بولىدۇ.
ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام، بۇ ھەقتە يېڭى ئۇقتۇرۇش ئېلان قىلىندى، شۇنى ئوقۇپ چىقىپ، ئەھۋالىڭىزغا قارىتا ئىلتىماس قىلسىڭىز بولىدۇ.
بۇ يىللىق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ھەققىدە يېڭى ئۇقتۇرۇش ئېلان قىلىندى، شۇ ئۇقتۇرۇشنى ئوقۇپ چىقىپ، ئەھۋالىڭىزغا قارىتا ئىلتىماس قىلسىڭىز بولىدۇ. ئوقۇش پۈتتۈرۈپ بىر – ئىككى يىل خىزمەت قىلغاننىڭ ھېچقانداق زىيانلىق تەرىپى يوق.
بۇ يىللىق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ھەققىدە يېڭى ئۇقتۇرۇش ئېلان قىلىندى، شۇ ئۇقتۇرۇشنى ئوقۇپ چىقىپ، ئەھۋالىڭىزغا قارىتا ئىلتىماس قىلسىڭىز بولىدۇ.
ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام! بۇ يىللىق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ھەققىدە يېڭى ئۇقتۇرۇش ئېلان قىلىندى، شۇ ئۇقتۇرۇشنى ئوقۇپ چىقىپ، ئەھۋالىڭىزغا قارىتا ئىلتىماس قىلسىڭىز بولىدۇ.
بۇ يىل دۆلەت ئۆزى بىۋاسىتە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىدۇ. دۆلەت تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنىدىغان ھەرقانداق ئوقۇغۇچى مۇكاپات پۇلىغا ئېرىشەلەيدۇ.