تۈركىيەدە ئوقۇش ۋە خاندەلىك ھەققىدە يېڭى بەلگىلىمىلەر

تۈركىيەدە ئوقۇش ۋە خاندەلىك ھەققىدە يېڭى بەلگىلىمىلەر ئېلان قىلىندى

ھازىر تۈركىيەدە 100دىن ئارتۇق دۆلەتتىن كەلگەن ئوقۇغۇچى دۆلىتىمىزدىكى ھەرخىل ئۇنىۋېرسىتېتلاردا خاندەلىك ئېلىپ ئوقۇۋاتىدۇ. بۇ يىلغىچە، ئوقۇغۇچىلار TCS دەپ ئاتىلىدىغان ئىمتىھان ئارقىلىق ياكى ئۆزلىرى تۇرۇشلۇق دۆلەت تەرىپىدىن تاللىنىپ (تۈركىيەدە ئوقۇش ئۈچۈن) ئەۋەتىلىۋاتاتتى. تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تەرىپىدىن چەتئەللىك ئوقۇغۇچىلارغا بېرىلىۋاتقان خاندەلىك پروگراممىسى 2012 – يىل 1 – ئاينىڭ 11 – كۈنى «تۈركىيە خاندەلىكى» نامى بىلەن قايتىدىن تۈزۈپ چىقىلدى. يېڭى سىستېمىدا تۈركىيەدە ئوقۇش ئۈچۈن تىزىملىتىش، تاللاش، سان ۋە كەسىپلەرگە مۇناسىۋەتلىك ماددىلارغىمۇ ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈلدى. يېڭى سىستېمىغا ئاساسەن، 2012 – يىلىدىن باشلاپ ئوقۇغۇچى تىزىملاش پروگراممىسىنىڭ ماددىلىرى تۆۋەندىكىچە:

1. يېڭى خاندەلىك سىستېمىسى ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىز بىلەن ئالاقىلىشىشىنى قولايلاشتۇرۇپ، ھەركىمگە تەڭ پۇرسەت يارىتىپ بېرىش بىلەن بىرگە، رەسمىيەتلەرنى ئازايتىپ، مەدەنىيەت سەۋىيەسى ۋە قابىلىيەتلىرىگە يارىشا ئۇنىۋېرسىتېت ۋە فاكۇلتېت تاللاشتا ئوقۇغۇچىلارغا يېتەكچىلىك قىلىدۇ.

2. تىزىملىتىش: ئوقۇغۇچىلار ئېنتىرنېت تورى ئارقىلىق ئۆزلىرى (بىۋاسىتە) تىزىملىتىدۇ. ئوقۇغۇچىلار ئۆزلىرىدىن تەلەپ قىلىنغان ماتېرىياللارنى سكەن قىلىپ، تور بېتىمىزگە يوللايدۇ. خالىغان ئوقۇغۇچىلار ماتېرىياللىرىنى تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ (ئۆزلىرى تۇرۇشلۇق دۆلەتتىكى) باش ئەلچىخانىسى ياكى كونسۇلخانىسىغا پوچتا ياكى قول ئارقىلىق تاپشۇرۇپ  بەرسە بولىدۇ. بۇ يىلدىن تارتىپ تەلەپ قىلىنىدىغان ماتېرىياللارنىڭ سانى ئۆتكەن يىللاردىكىدىن ئاز بولىدۇ. تىزىملىتىش ۋاقتىغا مۇناسىۋەتلىق ئۇقتۇرۇش 4 – ئاينىڭ بېشىدا ئايرىم ئېلان قىلىنىدۇ.

3. تاللاش: ئوقۇغۇچىلارنى تاللاش شەكلى ئىككى باسقۇچلۇق بولۇپ، بىرىنچى باسقۇچتا ئوقۇغۇچىلارنىڭ نەتىجىلىرى كۆزدىن كەچۈرۈلىدۇ (تولۇق ئوتتۇرا دىپلوم نەتىجىسى ياكى خۇلاسە ئىمتىھان نەتىجىسى، ئۇنىۋېرسىتېت ئىمتىھان نەتىجىسى، خەلقئارالىق ئىمتىھان نەتىجىسى (تىل ئىمتىھانلىرى) ياكى (دىپلومىنى تېخى قولىغا ئالمىغانلار) تىزىملىتىش ۋاقتىغىچە ئېلىنغان بارلىق ئىمتىھان نەتىجىلىرى قاتارلىق نەتىجىلەردىن ئەڭ ئاز دېگەندىمۇ بىرنى كۆرسىتىشى كېرەك). ئوقۇغۇچىلار ئۆزلىرى ئوقۇماقچى بولغان ئۇنىۋېرسىتېت ۋە فاكۇلتېتنىمۇ تىزىملىتىش ۋاقتىدا ئېنىق بىلدۈرۈشى كېرەك. ئەۋەتىلگەن ماتېرىياللار باھالاپ چىقىلغاندىن كېيىن، تۈركىيەگە كېلىپ ئوقۇشقا مۇناسىپ كۆرۈلگەن ئوقۇغۇچىلار يۈزتۇرانە ئىمتىھانغا چاقىرىلىدۇ.

ئىككىنچى باسقۇچ يۈزتۇرانە ئىمتىھان باسقۇچى بولۇپ، ئىمتىھاندا ئوقۇغۇچىنىڭ ئوقۇش تارىخىنىڭ (تۈركىيەدە ئوقۇش ئۈچۈن) تاللىغان كەسپىگە مۇۋاپىق كېلىپ – كەلمەيدىغانلىقى، دۆلىتى ۋە تۈركىيەگە بولغان چۈشەنچىسى ۋە كەلگۈسى (خىزمەت) پىلانى قاتارلىقلار باھالىنىدۇ. ئوقۇغۇچىلار بۇ ئىككى باسقۇچتا ئالغان نومۇرلىرىنىڭ رەت تەرتىپىگە ئاساسەن ئۆزلىرى تاللىغان ئۇنىۋېرسىتېت ۋە فاكۇلتېتلاردىن بىرىگە ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ. يۈزتۇرانە ئىمتىھان ھەر دۆلەتنىڭ ئوقۇ – ئوقۇتۇش كالېندارىغا ئاساسەن 6 -، 7 – ۋە 8 – ئايلارنىڭ ئىچىدە ئېلىپ بېرىلىدۇ. ئىمتىھاندىن ئۆتۈپ، تۈركىيەدە ئوقۇشقا تاللانغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ تىزىملىكى 8 – ئايدا ئېلان قىلىنىدۇ.

4. قوبۇل قىلىنىدىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ سانىدا ئۆزگىرىش بولمايدۇ. ئوقۇش نەتىجىلىرى يۇقىرى بولغان، ئۇنىۋېرسىتېت ۋە فاكۇلتېتنى ئۆزىنىڭ بىلىم ۋە قابىلىيىتىگە كۆرە تاللىغان نامزاتلارغا ئۇنىۋېرسىتېتلارنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا قارىتا خاندەلىك بېرىلىدۇ. ئۇنىڭدىن سىرت مۇۋاپىق ساندا زاپاس نامزات بېكىتىلىپ، ئالدىن تاللانغان نامزاتلاردىن كەلمىگەنلەرنىڭ ئورنىغا تىزىملىكتىكى رەت نومۇرى بويىچە قوبۇل قىلىنىدۇ.

5. ئۇنىۋېرسىتېت ۋە فاكۇلتېت پىلانىدا ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەمنۇنىيىتىنى ئاشۇرىدىغان يېڭى بەلگىلىمىلەر تۈزۈپ چىقىلدى. ئوقۇغۇچىلار تۈركىيەنىڭ ئالدىن قاتاردىكى ۋەقپە ئۇنىۋېرسىتېتلىرىنى تاللىسىمۇ بولىدۇ. ئۇنىڭدىن سىرت، دەرسنى ئىنگىلىزچە بېرىدىغان فاكۇلتېتلارنىڭ سانىمۇ كۆپەيتىلدى.

6. تۈركىيەدە ئوقۇش ئۈچۈن ئىلتىماس قىلغان ئوقۇغۇچىلاردىن نەتىجىلىرىنىڭ (تولۇق ئوتتۇرا دىپلوم نەتىجىسى ياكى خۇلاسە ئىمتىھان نەتىجىسى، ئۇنىۋېرسىتېت ئىمتىھان نەتىجىسى، خەلقئارالىق ئىمتىھان نەتىجىسى (تىل ئىمتىھانلىرى) ياكى (دىپلومىنى تېخى قولىغا ئالمىغانلار) تىزىملىتىش ۋاقتىغىچە ئېلىنغان بارلىق ئىمتىھان نەتىجىلىرى قاتارلىق) 60 تىن تۆۋەن بولماسلىقى تەلەپ قىلىنىدۇ.

7. بۇ يىل يولغا قويۇلغان «تۈركىيە خاندەلىكى»نىڭ تىزىملىتىش شەرتلىرى، تەلەپ قىلىنىدىغان ماتېرىياللار ۋە نامزاتلارنىڭ قانداق تاللىنىدىغانلىقىغا مۇناسىۋەتلىك تەپسىلىي مەلۇمات 4 – ئاينىڭ بېشىدا ئېلان قىلىنىدۇ. يېڭى ئۇقتۇرۇش ۋە تۈركىيەدە ئوقۇش ھەققىدىكى يېڭىلىقلاردىن خەۋەردار بولۇپ تۇرۇش ئۈچۈن تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى باش مېنىستىرلىق قارمىقىدىكى چەتئەلدىكى تۈركلەر ۋە قېرىنداش تۈرك مىللەتلەر ئىدارىسىنىڭ تور بېتى: www.ytb.gov.tr نى زىيارەت قىلىپ تۇرىشىڭىزنى ئالاھىدە تەۋسىيە قىلىمىز.