يىڭى كەلگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ دىققىتىگە

قەدىرلىك ساۋاقداشلار!.

ھازىر ئاساسەن تۈرك تىلى كۇرسلىرىدا (TÖMER) تۈركچە ئوقۇۋاتىسىلەر. ئامما ئۆزەڭلار ئارزۇ قىلغان مەكتەپلەردە ۋە كەسىپلەردە ئوقۇش ئۈچۈن، باشقا قوشۇمچە دەرسلەرمۇ ئوقۇش كېرەك. ئەلۋەتتە ھەممە ئوقۇغۇچىلارنىڭ مۇكاپاتلىق ئوقۇشقا تاللىنىشنى ئارزۇ قىلىمىز، بىراق، ناۋادا تاللىنالماي قالساڭلار، چەتئەللىك ئوقۇغۇچى تاللاش ئىمتىھانلىرىدا ياخشى نەتىجە ئالساڭلار، نۇرغۇنلىغان مەكتەپلەرنىڭ ئالاھىدە ئوقۇش ياردەم مۇكاپاتىغا ئىرىشكىلى بولىشى مۇمكىن.

ماتېماتىكا، ئىنگىلىزچە ۋە تۈركچە ( گۈزەل سۆزلىشىش، يېزىش، مانېۋىر ئمتاھانلىرى) دىگەندەك قوشۇمچە ياكى مەخسۇس دەرس بېرىدىغان كۇرسلارغا بېرىشقا توغرا كەلسە، ئوقۇش پۇلى بەك قىممەت ۋە بىزنىڭ ئوقۇغۇچىلىرىمىز قىيلىنىپ قالدۇ. بۇ سەۋەپتىن، ئوقۇغۇچىلار ئىشخانىسى يىڭى كەلگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئېھتىياجىغا ۋە بوش ۋاقىتلىرىغا قاراپ، مەخسۇس تۈركچە، ماتېماتىكا (ALES, YÖS ) ۋە ئىنگىلىزچە كۇرسلار ئورۇنلاشتۇرماقچى.

ئەتە، 12-ئانىڭ 19-كۈنى سائەت 14:00 دىن 18:00 گىچە، تۈركچە ئوقۇۋاتقان ھەممە ئوقۇغۇچىلار، توپكاپىدىكى ئوقۇغۇچىلار ئىشخانىسىغا كېلىپ تىزىملىتىشى كېرەك. بۇ كۇرسلار، پۈتۈنلەي ھەقسىز ئىچىلىدۇ ۋە دەرسلەر سۈپەتلىك تەرتىپلىك بىرىلىدۇ. ئىمتىھانغا كىرىدىغان نۇرغۇنلىغان چەتئەللىك ئوقۇغۇچىلارمۇ بولغانلىقى ئۈچۈن، سىزلەر تېخىمۇ تىرىشىپ ئوقۇشۇڭلار كېرەك ۋە ياخشى نەتىجە ئېلىشىڭلار كېرەك!. بولمىسا، ئالى مەكتەپكە ئورۇنلىشىشتا ھېچكىم ياردەم قىلالمايدۇ.

ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ئىشخانىسى.